ئادەم ئېقىن سۇغا ئوخشايدۇ
ئەنۋەر جۇلا
ئادەم ئېقىن سۇغا ئوخشايدۇ. بۈگۈنكى دەريا سۈيى تۆنۈگۈنكىدىن ئۇزاپ كەتكەندەك،سېنىڭ بۈگۈنگىچە بولغان كەچۈرمىشىڭ، مەلۇماتىڭ ۋە ئۇنىڭدىن چىقارغان خۇلاسەڭمۇ تۆنۈگۈنكىدىن مول بولىدۇ،مەيلى قانچىلىك ئۇنتىغاق بول ۋە قانچىلىك ئەگرى-توقاي ماڭ.
يولۇڭنىڭ ئەگرى-توقىيىنى سېنى ئورىغان جەمئىيەت بەلگىلەيدۇ، خۇددى ئېقىن سۇنىڭ قانداق ئېقىشىنى دەريا-ئۆستەڭ(جۇغراپىيە)بەلگىلىگەندەك. بىلگەنلىرىڭنى ئۇنتۇپ تۇرىسەن، خۇددى سۇ پارغا ئايلىنىپ كەتكەندەك. لېكىن كېرەك يوق، پارغا ئايلانغان سۇ يامغۇر بولۇپ قايتىپ چۈشىدۇ، مەيلى ئۇ قەيەرگە ياغسۇن يەر شارىغا ياغىدۇ، شۇڭا يەر شارىدىكى سۇ بىر تېمىممۇ كېمىيىپ كەتمەيدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش سېنىڭ ئۇنتىغانلىرىڭمۇ يوشۇرۇن ئېڭىڭدا ساقلىنىپ قالىدۇ ياكى باشقا ھاسىلاتلىرىڭغا قوشۇلۇپ كېتىدۇ.
يەر شارىدا شۇنداق بىر تەبىئىي قانۇنىيەت بار: يەر شارىدىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى تەبىئىي دەريالار غەرپتىن شەرققە قاراپ ئاقىدۇ! نىل دەرياسى غەرپتىن شەرققە قاراپ ئاقىدۇ،ئامازون دەرياسى غەرپتىن شەرققە قاراپ ئاقىدۇ،خۇاڭخى ۋە چاڭجياڭ دەرياسى غەرپتىن شەرققە قاراپ ئاقىدۇ، تارىم،زەرەپشان دەرياسىمۇ غەرپتىن شەرققە قاراپ ئاقىدۇ،ھەتتا، نۇرغۇن غول ئېرىق- ئۆستەڭلەرمۇ. پەقەت ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق دەريالىرىلا تەبىئىي توسۇقلار ياكى ئىنشائاتلىنىپ «بويسۇندۇرۇلغان» ھالىتى بويىچە باشقا يۆلىنىشتە ئاقىدۇ... بۇ قانۇنىيەتنىڭ سەۋەپكارى يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا شەرقىي يۆلىنىشتە ئايلانغانلىقىدۇر.
دەريا- ئېقىنلار بويسۇندۇرۇلمىغان ھالىتىدە ھەرگىز ئارقىغا قايتمايدۇ...
تەبىئىي ئادەملەرنىڭمۇ خۇددى تەبىئىي دەريالاردەك ئارقىغا قايتماس بىر ئېقىش يۆلىنىشى بولىدۇ. ئۇ بىلىش ئىستىكىنىڭ مەڭگۈ ئالغا قاراپ يۆتكۈلىشىدۇر. شۇڭا بۈگۈنكى ئادەملەرنىڭ ئاڭ سەۋىيىسى ئۆتمۈشتىكى ئادەملەرنىڭ ئاڭ سەۋىيىسىدىن ئۈستۈن بولىدۇ، كەلگۈسىدىكى ئادەملەرنىڭ ئاڭ سەۋىيىسى ئەلۋەتتە ھازىرقى ئادەملەرنىڭ ئاڭ سەۋىيىسىدىن ئۈستۈن بولىدۇ. پىسخولوگلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە، ھەر 10 يىلدىكى ئوخشاش ياشتىكى ئادەملەرنىڭ ئاڭ سەۋىيىسىدە مەلۇم دەرىجىدە پەرقلەر بولىدىكەن. بۇنى ئىنسانىيەت بىلىم جۇغلانمىسىنىڭ ئاڭنى ئىتتىرىپ مېڭىشى دەپ چۈشىنىش مۈمكىن. دېمىسىمۇ، ئىنسانىيەتنىڭ بىلىش تارىخى تەبىئەت ھادىسىلىرىنى ئەپسانىۋىي چۈشىنىشتىن ھازىرقى ئىلىم-پەن ئارقىلىق چۈشىنىشكە كەلگۈچە نۇرغۇن باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتكەن. شۇڭا تەبىئىي ئادەملەر بىلىش بوشلۇقلىرىغا قاراپ مەڭگۈ ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ، ھەرگىز ئارقىغا چېكىنمەيدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇ ئۆزىدىن ھالقىيدىغان «نىشان».
لېكىن، ئادەم ئىجتىمائىيلىققا ئىگە بولغاچقا ئىجتىمائىي مۇھىتلار ئۇنىڭ ئەركىن ھالقىشىغا چەك قويىدۇ، مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇنىڭ «ئېقىشى»نى «ئىنشائاتلايدۇ». تەبىئىي شارائىت قانچە مۇرەككەپ بولسا دەريانىڭ يۆلىنىشىنى بەلگىلەيدىغان توسۇقلار شۇنچە كۆپىيىپ كەتكەندەك، ئىجتىمائىي شارائىت قانچە مۇرەككەپ بولسا ئۇنىڭغا قويۇلىدىغان چەكمۇ شۇنچە كۆپ ۋە شۇنچە زۇلۇمكار بولىدۇ، ھەتتا ئۇ سېنى كىچىككىنىمۇ مىدىرلىيالماس قىلىپ قويىشى مۈمكىن! ئەكسىچە، ئىجتىمائىي شارائىت قانچە ئاددى بولسا بۇ ئۇنىڭ ئىلغارلىقىنى بەلگۈلەيدۇ-دە، بۇنداق ئىلغارلىق ئادەمنىڭ ئۆزىدىن ھالقىش خۇسۇسىيىتىگە شۇنچە ھۆرمەت قىلىدۇ.
ئادەمنىڭ ئۆزلىگى ئۇنىڭ ھايۋاندىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان جىسمانىيىتى ۋە ئېڭىدۇر. ئادەم ئۆزىنىڭ جىسمانىيىتىنىڭ تېخىمۇ ساغلام، تېخىمۇ چىرايلىق ۋە تېخىمۇ راھەتلىك بولىشىنى ئۈمىت قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىزدىنىدۇ. مۇھىمى، روھىنىڭ تېخىمۇ سىغىمچان، تېخىمۇ مول ۋە تېخىمۇ ئىجاتچان بولىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. پەقەت مۇشۇنداق بولغاندىلا ئاندىن ئادەم ئۆزىنى بىر ئىزدا توختاپ قالمىغاندەك، گويا ئېقىن سۇ ئۆركەشلەۋاتقاندەك ھىس قىلىدۇ.
ئادەمنىڭ ئۆزدىن ھالقىش خۇسۇسىيىتىنىڭ جارى بولىۋاتقانلىقى ياكى بوغۇلىۋاتقانلىقى ماھىئىيەت جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇنىڭ ئىنسانىي خۇسۇسىيىتىنىڭ جارى بولىۋاتقانلىقى ياكى نابۇت بولىۋاتقانلىقىدۇر. ئۇنىڭ ئۆزىدىن ھالقىش خۇسۇسىيىتى جارى بولىۋاتقاندا بۇ خىل ئېنېرگىيەدىن تارىلىۋاتقان ھارارەت ئۇنىڭ ئۆزىنى بەختلىك ھىس قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەكسىچە بوغۇلىۋاتقاندا بولسا ئۇنىڭ ئېنېرگىيەسى توسۇلۇپ، بارا-بارا رودىمېنتلىشىپ، پەقەت ئۇنىڭ ھايۋاندىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان جىسمىنىلا ئۇنىڭ ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدىكى روھى ئىپادىلىنىشلىرى بىلەن بىللە قالدۇرۇپ قويىدۇ. ئادەمنىڭ جىسمانىي ۋە روھى جەھەتتىكى بۇ خىل خۇسۇسىيىتىدە روھ بىرلەمچى، جىسمانىيەت ئىككىلەمچىدۇر. چۈنكى،جىسمانىيەت پۈتۈن جانلىقلاردا بار، روھ پەقەت ئادەملەردىلا بار. شۇڭا، ئادەم ھەرخىل ئاڭ شەكىللىرىنىڭ جۈملىدىن، ئۆزىنى ئىپادىلەيدىغان ئەڭ تۈپكى خۇسۇسىيىتىنىڭ جارى بولغان ياكى بولمىغىنىغا ئاساسەن ئۆزىنى ئەڭ تېرەن ھالدا بەختلىك ياكى بەختسىز ھىس قىلىدۇ. شۇڭا، «ئويلىنىۋاتىمەن، مەن مەۋجۇت» دەيدۇ دېكارت. «ئادەم گويا شېئىردەك مۇھىت ئىچىدە ياشىشى كېرەك» دەيدۇ ھايدىگېر.
مۇھەببەتنى مىسالغا ئالايلى، مۇھەببەتنى بىز بىر خىل گۈزەل تۇيغۇ دېسەك، ئەمما مۇھەببەتلىشىشنى بىز نوقۇللا ساپ تۇيغۇ دېيەلمەيمىز. ئۇنىڭغا بەزى جىسمانىي ئامىللار ئارىلىشىپ كەتكەن بولىدۇ،بىز روھى تەجرىبە ئارقىلىق جىسمانىي ئامىللارنى قۇرۇقداپ ئىنتايىن ساپ ھالەتتىكى روھى ئامىلنى قالدۇرغاندا مۇھەببەتنىڭ ئەڭ چىن مەنىسىگە يېتەلەيمىز، يەنى جىسمانىيەتتىن قۇرۇقدالغان بۇنداق مۇھەببەتنى بىز ھەرقانداق شەيئىگە تەدبىقلىيالايمىز.مەسىلەن، ئاتا-ئانىغا بولغان مۇھەببەت، ئۇرۇق-تۇققان، قەۋم-قېرىنداشلارغا بولغان مۇھەببەت، ۋەتەن ۋە مىللەتكە بولغان مۇھەببەت، كەسپكە بولغان مۇھەببەت...دېگەندەك. شۇڭا روھنىڭ ئەڭ ساپ ھالىتىدىكى نەرسىلەرلا ئەڭ چىن ۋە تۈپكى بولىدۇ.
ئادەتتە، نۇرغۇن كىشىلەر بۇنداق تۈپكى مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ ئولتۇرمايدۇ. شۇڭا، بەختلىك ۋە بەختسىزلىگىنىڭ مەنبەسىنىڭ قاياقتىن كېلىۋاتقىنىنى بىلمەيدۇ-دە، ئۇنى قانداقتۇ ئەپسانىۋىي ئۇسۇللار ئارقىلىق ھەل قىلماقچى بولىدۇ. ئىنساننىڭ ئۆزدىن ھالقىش خۇسۇسىيىتىگە ھۆرمەت قىلمايدىغان بەزى تۈزۈملەر ۋە ئادەملەر بولىدۇ. بۇ دەل مۇستەبىت تۈزۈم ۋە مۇستەبىتلەردۇر. بۇ خىل تۈزۈم شەخسنى ئىلاھلاشتۇرۇپ ئەقىلنى مونوپول قىلىدۇ ھەمدە مەلۇم خىل ئوتوپىيەنى بېكىتىپ باشقا پىكىر-ئېقىملارنى سىغدۇرمايدۇ ياكى ئۇنىڭغا چىش-تىرنىقىغىچە دۈشمەنلىك قىلىدۇ. ئىنساننىڭ بارلىق مەدھىيەسى ۋە بارلىق ئېنېرگىيىسىنى ئۆزىگە مەركەزلەشتۈرىۋېلىش بۇ خىل مۇستەبىتلىكنىڭ ئۆزگەرمەس ماھىيىتى! ئۇلار كۈللى شەيئىلەرنىڭ ئۆزگىرىش ھالىتىدە تۇرىدىغان قانۇنىيىتىگە خىلاپ يول تۇتىدۇ. ئۇلارنىڭ غايىسىدە تۇراقلىق بىر دېكراتسىيەلا باركى، ئېكرانىغا ھەرىكەتلىنىپ تۇرىدىغان كۆرۈنۈشلەرنىڭ قىسىلىپ قېلىشىنى مەڭگۈ خالىمايدۇ. مانا بۇ دوگمىلىقتۇر. دوگمىلار ھامان شەيئىلەرنىڭ يېڭى يۈزلىنىشلىرىگە پايپاققا ناھەل قېقىشتەك بىمەنىلىك بىلەن يېپىشىۋالىدۇ...
بۈگۈنكى تۈپكى مەسىلىلەرنى پەقەت بۈگۈنكى ئاڭ سەۋىيە، بۈگۈنكى ئەقىل-پاراسەتلەر ئەڭ ئوبېكتىپ ھالدا ھەل قىلىدۇ، ناۋادا ھەممىگە قادىر بىر ئىلاھىي كۈچ بار دېيىشكە توغرا كەلسە دەۋرنىڭ بۇنداق ئارقىغا چېكىنمەس يۆنىلىشىنى ئىتتىرگۈچى كۈچ دەل ئەشۇ ئىلاھىي كۈچتۇركى، ھەرگىزمۇ، ئارقىغا چېكىندۈرۈشكە ئىتتىرىدىغان كۈچ ئەمەس. شۇڭىمۇ، ئوخشىمىغان ۋاقىتتىكى قۇياش ئوخشىمىغان ھالەتتە چاقنىغاندەك، ھەرقانداق بىر «مۇتلەق ھەقىقەت»نىڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرىمۇ ئۇنىڭ سۇبىستانسىيىلىرى ۋە مەزمۇنلىرىنىڭ زامانغا ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ تۇرىشى بىلەن باشقىچە مەنادا چاقنايدۇ. بۈگۈنكى زامان فورماتسىيىسىسى نوپۇسنىڭ شىددەت بىلەن كۆپىيىشى، تەبىئىي بايلىقلارنىڭ ئازىيىشى ۋە يەر شارىلىشىشنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ ئىنسانلار ئارا مۇھەببەتنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئۆزىگە قايتىپ كېلىشىدۇر. شۇڭا ئىنسان ئۆزىنىڭ تۈپكى مەسىلىسىنى ئۆزىنىڭ تەبىئىي ھالىتىدىكى روھىنىڭ ماھىئىيەتلىك خۇسۇسىيىتى، يەنى ئاڭ پائالىيىتىنىڭ ھەرخىل شەكىللىرىنىڭ تاشقى تەسىر تۈپەيلىدىن رىغبەتلەندۈرۈلگەن ياكى بوغۇلغىنىغا قاراپ ھۆكۈم قىلىش كېرەك. نېمىگىدۇر خۇشال بولىسەن، بۇ خۇشاللىقىڭ بىردەمگىنە بولسا ئۇ چوقۇم جىسمانىيەتكە بەكرەك مۇناسىۋەتلىك. ناھىيىتى ئۇزۇن ۋاقىتقىچە، ھەتتا بىر ئۆمۈر بىر خىل مەمنۇنىيەت تۇيغۇسى ئىچىدە ياشايسەن، ئۇ چوقۇم ساپ روھىڭ بىلەن، مۇنداقچە ئېيتقاندا، بىلىش، ئىجات قىلىش ۋە ئىپادىلەش ھوقۇقۇڭنىڭ، تېخىمۇ كونكىرىتنى ئېيتقاندا، ئەركىنلىگىڭنىڭ قېنىۋاتقانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. سەن مەلۇم بىر نەرسىنىڭ ھەمىشە سېنىڭ بۇ خىل ئۆزدىن ھالقىش خۇسۇسىيىتىڭنى بوغۇۋاتقانلىقى، بۇ تۈپەيلى قانداقتۇر ئىچىڭنىڭ سىقىلىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلامسەن؟ كېرەك يوق! بۇ سېنىڭ مەنىۋىي غەليانلىرىڭدىن كەلگەن نەرسە. يەنى، ئېڭىڭدىكى مەنپەئەتدارلىق تۇيغۇڭدىن كېلىپ چىققان ياخشىلىق ۋە يامانلىق چۈشەنچىلىرى ساڭا چەك قويىۋاتىدۇ... بۇ يەردىكى مەنپەئەتدارلىق تۇيغۇڭ دەل سېنىڭ ئىجتىمائىي كىملىكىڭدىن كەلگەن. ناۋادا، سېنىڭ ئىجتىمائىي كىملىكىڭ بولمىغىنىدا ئىدى، سەن خالىغىنىڭنى قىلغان بولاتتىڭ، يېنىڭدا سەندىن باشقا يەنە بىر ئادەم بولسىلا بۇ چاغدا سېنىڭ ئىجتىمائىي كىملىگىڭ بەلگىلىنىدۇ، سەن ئۆزۈڭدىن باشقا يەنە بىر ئادەم بىلەن مۇناسىۋەتلىشىش جەريانىدا ئورتاق بولغان قىممەت تۇيغۇسىنى شەكىللەندۈرىسەن. يەنى، ئورتاق پايدىلىق بولغانلىرى ياخشىلىق، ئورتاق زىيانلىق بولغانلىرى يامانلىقتۇر. سەن ئۆزۈڭدىن باشقا يەنە بىر ئادەم بىلەن ئەمەس نۇرغۇن ئادەم بىلەن ياشايسەن، ھازىردىلا ئەمەس، ئۆتمۈشتە ياشىغان، كەلگۈسىدە ھەم ياشىغۇچى بولىسەن، شۇنىڭ بىلەن سېنى ئوراپ تۇرغان قىممەتلەر بارغانسېرى كۆپىيىدۇ. بۇ خىل ئىجتىمائىي كىملىكتە ياخشىلىق قانچە ئازاتلىققا چىقىپ، يامانلىق قانچىلىك چەكلەنسە بۇ سېنىڭ راھىتىڭ، ئەكسىچە ياخشىلىق بىلەن يامانلىق تەڭلا چەكلەنسە ياكى ياخشىلىق بېسىلىپ يامانلىق ئازاتلىققا چىقسا بۇ ساڭا كەلگەن زۇلۇمدۇر. ئىچىڭدىكى سىقىلىش دەل روھىڭدىكى ئەشۇ تەڭپۇڭسىزلىقتىن كېلىدۇ. مىسالكى، سەن جىسمانىي تەلىپىڭنىڭ بەكرەك ئورۇنلىنىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىۋاتقان بولىشىڭ مۈمكىن. يەنى يىيىش، ئىچىش ۋە باشقا جىسمانىي تەلىپىڭ قاندۇرۇلغان بولىشى مۈمكىن. لېكىن، سەن نىمىشقا يەنىلا خۇشال بولالمايسەن؟ نىمىشقا ھەمىشە سىقىلىسەن، نىمىشقا ھامان بىر يېرىڭنى كەمتۈكتەك ھىس قىلىسەن؟ بۇ دەل ھەقىقىي ئۆزلىگىڭ --روھىڭنىڭ قاندۇرۇلمىغانلىقى سەۋەپلىك كەلگەن غەلياندۇر! ناۋادا سەندە بۇنچىلىك غەليانمۇ بولمىسا سەن پۈتۈنلەي تۈگەشكەن بىر ئىنسان سەن! بۇ ھالدا سېنىڭ خىزمەت قىلىش ۋە ھايات كەچۈرۈشتىكى مەقسىدىڭمۇ ئۆزەڭنىڭ جىسمانىي تەلىپىڭدىن ئۇزىيالمايدۇ. يەنى، سېنى كونتروللۇققا ئالغان سىستېمىغا ناھىيىتى ئاددىي ھالدا لاھىيىلەنگىنىڭ بويىچە خىزمەت قىلىپ بېرىش بەدىلىگە ئەڭ تۆۋەن مەۋجۇتلۇق قىممىتىڭنى يارىتىپ بېرىش بىلەنلا كۇپايە قىلىسەن. قىسقىسى،ياخشىراق ماددىي شارائىتقا ئېرىشىش تەلىۋىڭ قانسىلا ئۆزۈڭنى كىشىلىك ھاياتنىڭ يۇقۇرى پەللىسىگە چىقتىم دەپ ئويلايسەن. ئەمىلىيەتتە، بۇ ئىنساننىڭ ئىككىلەمچى كىملىكىنىڭ قېنىشى بىلەن توختاپ قېلىشىدۇر. ئىنساننىڭ بىرلەمچى كىملىكى، يەنى ئۇنىڭ ھەقىقىي چىن كىملىكى مەن قايتا-قايتا تەكىتلىگەندەك ئۇنىڭ روھىدا تەجەللى ئېتىدۇ. روھ قانداقمۇ چەكلىك مىخاينىزمنىڭ قاتمۇ-قات ئىسكەنجىسىگە بەرداشلىق بېرەلىسۇن؟!
شۇڭا، ئىنسانىيەت تارىخىدا بۈگۈنگە ئۆرنەك بولغۇدەك ئۆتكەن گىگانت،چىن ئادەملەر ئۆزىنىڭ ھەقىقىي كىملىگى--- ياخشىلىققا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئاڭ ھۆرلىكىنى تونۇپ ياشىيالىغاچقىلا ئەشۇنداق گىگانتلارغا ئايلىنىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە زور تۆھپىلەرنى قوشالىغان، ئۇلار ئىككىلەمچى كىملىكىنى مۇھىم دەپ بىلمىگەن، شۇڭا جىسمى غورىگۇل قالسىمۇ لېكىن روھىنىڭ غورىگول قېلىشىغا يول قويمىغان.
ئېقىن سۇنى كۆلگە سولاپ ئۇنىڭغا لىققىدە ئالتۇن بېلىق قاچىلاپ قويسىمۇ ئۇ سۇنىڭ بەختى ئەمەس،مەلۇم مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن سۇ سېسىپ باشقا خىمىيىۋېلىك سۇيۇقلۇققا ئايلىنىپ كېتىدۇ-دە، ئالتۇن بېلىقمۇ تىرىك تۇرىۋەرمەيدۇ. مۇبادا سۇنىڭ تىلى بولغىنىدا ئىدى،ئۇ چوقۇم ئۆزىنىڭ تەبىئىي ئېقىشىنى چەكلىگەن ئىنشائات ئۈستىدىن لەنەت ئوقىغان بولاتتى.
|