كۆرۈش: 75|ئىنكاس: 0

تۇردى: كەلدى مېنىڭ نورۇزۇم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كەلدى مېنىڭ نورۇزۇم

تۇردى قەييۇم ئىمىن


خەۋەر كىلىپ يۈرەككە ، ئوتتەك سىزىم ئوخچىدى،
شەپە بېرىپ باھاردىن ، دىلدا ھوزۇر قوزغىدى،
تال گوستاڭنى چاچ ئېتىپ قىزىم ئۇسۇل ئوينىدى،
دېمەك، باھار كەلدى شوخ، كەلدى مېنىڭ نورۇزۇم.
سالام بېرىپ تەبىئەتكە كۆكلەم قىزى چاي ئالدى،
ئۇچۇپ كىلىپ خۇشپۇراق، دىماقلاردىن جاي ئالدى،
ئوغلاق ئۈچۈن يېگىتلەر ئۇچقۇر تۇلپار، تاي ئالدى.
دېمەك، باھار كەلدى شوخ، كەلدى مېنىڭ نورۇزۇم.
باھار بىلەن كائىنات سالاملىشىپ ئويغۇنار،
بۇغا-مارال،كىيىكلەر ئەركىن چېپىپ ئوينىشار،
باغدا كاككۇك، بۇلبۇللار ناخشا ئېيتىپ توۋلىشار،
دېمەك، باھار كەلدى شوخ، كەلدى مېنىڭ نورۇزۇم
ئىبەرتىپتۇ قوياشمۇ نۇردىن سالام – ئىسەنلىك ،
قىز-يىگىتلەر ماكانى ، باغۇ-بوستان، چىمەنلىك،
كەڭ دۇنياغا يېيىلدى ، جانغا ھۇزۇر گۈزەللىك،
دېمەك، باھار كەلدى شوخ ، كەلدى مېنىڭ نورۇزۇم.



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش