كۆرۈش: 152|ئىنكاس: 0

ياقۇپجان قۇربان: نورۇز كۈنى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ياقۇپجان قۇربان

نورۇز كۈنى


(1)
ئاق بۇلۇت قۇياشقا كەتتى ئايلىنىپ ،
سۈپ-سۈزۈك ئاسماندەك پۈتكۈل كائىنات.
ياپراقلار نازىدا،گۈللەر بەرگىدە،
ھاياتلىق جىلۋىسى قاقىدۇ قانات.

شامالغا تىنىمسىز كۆكسىنى يېقىپ،
ئۇپۇققا تاشلىنار دەريا دولقۇنى.
چېچەكلەر ھۆسنىدە ئۆتەر كۆز چېقىپ،
زەڭگەرەڭ شەپەقنىڭ كۈمۈش يالقۇنى.

يەر-ئاسمان تۇتاشقان نەۋرۇز ئەۋجىدە،
نۇر ياغار يۈزلەردىن ئايدەك،قۇياشتەك.
قىزارغان غۇنچىدەك گۈلخان رەڭگىدە،
تىترىتەر ۋۇجۇدنى چوغسىمان يۈرەك.
(2)
كۈللى ئالەمگە بولۇپ شاتلىق راۋا،نورۇز كۈنى،
بەخش ئىتىپ رەڭدار تەبىئەت ساپ ھاۋا،نورۇز كۈنى،
بارچە جاندا دەرد-ئېسە تاپتى داۋا،نورۇز كۈنى،
پەيتى بايرام كەيپىدە يىرتىپ ياقا نورۇز كۈنى،
ئەۋجى مەشرەپتە تامام سالدى ساما،نورۇز كۈنى.

سۈپ-سۈزۈك تاڭدا قۇياش چاچاسا سېخىلارچە زىيا،
نەۋقىراندەك بەستىنى كۆككە تىرەپ مەزمۇت قىيا،
باغرىدىن ئىللىق شامالدا يەلپۈتۈپ مېھرىگىيا،
تاغ ئېدىردىن باغ ئېرەمگە سەپ تۈزۈپ غۇنچە زىبا،
كەيدى تويلۇق ياپ-يېشىل توندىن دالا،نورۇز كۈنى.

قوش مېغىزدەك جۈپ بولۇپ پەرۋاز قىلار قۇشلار چېغى،
جۆر بولۇپ بۇلبۇلغا گۈل چۈشكەن ئۇسۇلنىڭ ئۇزلىغى،
ئەۋرىشىم بەللەردە بوستان چاچ،تامار كۆزنىڭ يېغى،
خاسىيەتلىك كۈلكىلەرنىڭ ئەۋجىدە شاتلىق بېغى،
تاڭنى تۈنگە ئۇلىدى نەغمە-ناۋا،نورۇز كۈنى.

كاتتا بايرام،كاتتا توي،ئالەم سائادەتتە بۈگۈن،
قوشتى نورۇز جانغا جان، قۇتلۇق شاپائەتتە بۈگۈن،
يەر بىلەن كۆك ياغدۇرار ھىممەت،ساخاۋەتتە بۈگۈن،
چوغلۇنۇپ ئىزگۈ تىلەك ياندى كامالەتتە بۈگۈن،
يەتكۈزۈپ ئاخىر ۋىسالغا دىلرەبا،نورۇز كۈنى.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش