كۆرۈش: 148|ئىنكاس: 0

ئازادجان ئىبراھىم: نورۇز كەلسە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
نورۇز كەلسە

ئازادجان ئىبراھىم

كۈنلەر خوشال ئۆتىدىكەن نورۇز كەلسە،
كۆڭۈلسىزلىك كېتىدىكەن نورۇز كەلسە.
نى-نى ئىشلار پۈتىدىكەن نورز كەلسە،
كۆپنى خۇرسەن قىلىدىكەن نورۇز كەلسە.

مۇبارەكلەپ ھە رئائىلە  زور غەلبىنى،
بىلدۈرىشىپ ،تىلىكىنى،چىن قەلبىنى،
ئاۋات قىلىپ جانلاندۇرۇپ مەھەللىنى،
نورۇز ئېشى ئېتىدىكەن نورۇز كەلسە.

مەھەللىدە قولۇم قوشنا ئەل جامائەت،
قىلىشماستىن بىر-بىرىگە ھەم ئاداۋەت.
تىلەپ تېخى زور خوشاللىق بەخىت ئامەت،
بىر-بىرىنى كۈتىدىكەن نورۇز كەلسە.

پەرزەنىتلەر بارچە ئۇلۇغ ئاتىلاغا،
باغرى يۇمشاق مىھرى ئاتەش ئانىلارغا،
ئاتىلارمۇ  ئوماق سەبى بالىلاغا،
بارلىقىنى تۆكىدىكەن نورۇز كەلسە.

كېسەل بولۇپ ئورۇن تۇتۇپ ياتقانلارنىڭ،
ياخشىلىقتىن زور خوشاللىق تاپقانلارنىڭ،
مىھنىتىدىن ئاۋامغا كۈچ قاتقانلارنىڭ،
ھالىغا ئەل يىتىدىكەن نورۇز كەلسە.

چىقىرىشىپ  سەنئەتكارلار ھۆنىرىنى ،
جانلاندۇرۇپ سورۇنلارنى سەھنىلەرنى،
مەدىھىلەپ ساخاۋەتچى ئەل سۆيەرنى،
مۇڭلۇق كۈيلەر چالىدىكەن نورۇز كەلسە.

دوست يارەنلەر جەم بولىشىپ كۆرۈشسىلا،
بىر -بىرىنىڭ ھال مۇڭىنى بىلىشسىلا،
ھەم سۆھبىتى  قەلىپلەرنى يۇرۇتسىلا،
كۆڭلى  يايراپ قالىدىكەن نورۇز كەلسە.

تىلەپ ئەلنىڭ ئامان ئېسەن تۇرىشىنى،
ئۈمۈت قىلىپ ئېناق-ئېجىل بولۇشىنى،
ئارزۇقىلىپ كۈندە خوشال يۈرىشىنى،
ئاۋام ساما سالىدىكەن نورۇز كەلسە.
2016-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى  كۈنەس


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش