سايرىغىن سايرا
ئەنقەر ئەيساجان كۆكيار
ئېھ،سايرا قارلىغاچ سايرىغىن سايرا،
ئەل-يۇرتقا باھاردىن ھېممەت جاكارلا.
ئىللىدى تاغ-ئىدىر،ئىللىدى دالا،
كەل سۆيسۇن يۈزۈڭنى تەبىئەت ئانا.
ئېھ،سايرا قارلىغاچ سايرىغىن سايرا،
ئىشىپ باغ-ئېرەنلەر،چىمەنلەر ئارا.
ئىچىلدى چىچەكلەر،يايرىدى دىللار،
كەل كۆرسۇن جىلۋەڭنى تەبىئەت ئانا.
ئېھ،سايرا قارلىغاچ سايرىغىن سايرا،
قىل تەزىم كۆرگەندە دېھقان ئاتىغا.
ئات شۇڭغۇپ ئۆزۈڭنى ئانام قوينىغا،
كەل ئاچسۇن باغرىنى تەبىئەت ئانا.
...
سالسۇن شوخ سامالار بارچە شادلىقتا،
ئەيلەپ قۇت-مۇبارەك نەۋرۇز تويىغا.
2014-يىل
|