نورۇزدا رەڭگارەڭ گۈزەل تەبىئەت
ئابلا ئابلەت
نورۇزدا شاتلىنار قەلبلەر شۇنچە ،
ئۇيقىدىن كۆز ئېچىپ كۈلەر تەبىئەت.
ۋادىلار پۈركەندى يېشىل رەڭ كۆككە،
قىز-يىگىت ساماسى ئاجايىپ ھەيۋەت.
چوغدەك ھاياجان باھار كۆزىدە،
ياڭرايدۇ ناخشا ئارمانلار ئويغاق.
گۈلنىڭ بەرگىدە سۆزلەيدۇ نورۇز،
ئېچىلغان غۇنچىلار چېچىپ خۇشپۇراق.
نورۇزدا رەڭگارەڭ گۈزەل تەبىئەت ،
باشلاندى ئېتىزدا ئىش ئەمگەك تويى.
مەجنۇنتال ئۇچىدا ئوينايدۇ باھار،
ئېيتىلىپ دوستلۇقنىڭ يېقىملىق كۈيى.
تاڭ نۇرى قۇياشتىن يوللايدۇ سالام،
باشلىنار باھاردا يېڭىچە ھايات.
خوشاللىق سەل بولۇپ ئاقسا نورۇزدا،
بۇلبۇلار سايرىشار قېقىشىپ قانات .
|