كۆرۈش: 95|ئىنكاس: 0

تامچە(ئىزگۈگە): تامچەدىن تامچىغان ھىسلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                «ئىزگۈ تور ئەدەبىيات مۇكاپاتى»سەھىپىسىگە تەۋسىيە

                                تامچەدىن تامچىغان ھىسلار

                                            (نەسىرلەر)

                     زۇلپىيە ئىمام مۇھەممەد تامچە

                                       
                                              ئەللەي

كېچە جىمجىتلىقىدا خوشنا ئۆيدىن ئاڭلىنىۋاتقان بۇۋاقنىڭ يىغا ئاۋازىدىن ئويغۇنۇپ كەتتىم. ئارقىدىنلا ياش ئانىنىڭ بالىسىنى پەپىلىگەن ئۇيقۇ ئارىلاش ئاۋازى ئاڭلاندى. بۇۋاق ئىمىۋاتقان بولسا كېرەك، ئەتراپنى بىردەملىك جىمجىتلىق قاپلىدى. بېشىمدىكى سائەت كۇنۇپكىسىنى بېسىۋىدىم سائەتنىڭ ئەمدىلا ئۈچ بولغانلىقى مەلۇم بولدى، بۇۋاق يەنە يىغلاشقاباشلىدى. بۇقېتىم ئانا بۇۋىقىنى لەرزان ناخشا بىلەن پەپىلەيتى. بۇۋاق يىغىدىن ھىچ توختايدىغاندەك ئەمەس، تۇيۇقسىز قۇلۇقۇمغا تۇلىمۇ يېقىملىق تۇنۇش بىركۈي، ئەللەي ناخشىسى ئاڭلىنىشقا باشلىدى. بۇۋاقنىڭ مۇمىسى بولسا كېرەك، ئازراق بۇغۇلغان لېكىن تۇلىمۇ تەمكىن ئاۋازدا بۇۋاقنى ئەللەي ناخشىسى بىلەن پەپىلەۋاتاتتى.

                                  ئەللەي بالام ئەللەي،
                                  ئۇماق قۇزام ئەللەي.
                                   يۈرەك پارەم ئەللەي،
                                   تايچاق بالام ئەللەي.

بۇۋاقنىڭ يىغىسى توختاپ كېچە يەنە سۈكۈتكە چۆمدى. دەل مۇشۇ چاغدا ئۇقۇۋاتقان چاغلىرىمدا قايسىدۇر بىر كىتابتىن ئۇقۇغان كىچىككىنە بىر ھىكايە ئىسىمگە چۈشتى. بىر قىزچاق بۇلۇپ ئۆز ئانىسىدىن خېلىلا كىچىك ئايرىلىپ قالغان ئىكەن. ئۇ بىرەر ئىشلارنى ئويلىغىدەك بولغان چاغلىرىدا ئۆز ئانىسىنىڭ سىماسىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرمەكچى بوپتۇ، بىراق ئۇ ھەرقانچە قىلىپمۇ،  ئۇ چىراينى ئېنىق ئەسكە ئالالماپتۇ، لېكىن ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدىن ئانىسىنىڭ ئۇنى پەپىلەپ مىھىرلىك ئاۋازدا ئېيتىقان ئەللەي ناخشىسى بىرمىنۇتمۇ نېرى كەتمەي، ئازار يەپ كۆڭلى يېرىم بولغان ۋاقىتلاردا جىسمىغا كۈچ بېغىشلاپ، روھى ئۇزۇق بۇلۇپ كەپتۇ. قىيىنچىلىققا يۇلۇققان چاغلىرىدا ئۇنى يىڭىشكە مەدەت، ئىلھام بۇلۇپ ئۇنىڭغا ئۈمۈد بېغىشلاپتۇ. ئاخىرى قىز چوڭ بۇلۇپ تۇرمۇشلۇق بوپتۇ. شۇنداقلا تۇنجى پەرزەنتىگە ئانىمۇ بوپتۇ. ئۇ ئانا بۇلۇش شادلىقىدىن بەھرىمان بۇلۇپ سۈيۈنۈپ يۈرگەن كۈنلەردە بۇۋىقى تۇيۇقسىزلا قاتتىق ئاغرىپ غەلىتە كېسەلگە مۇپتىلا بوپتۇ، ياش ئاتا- ئانا بارچە دوختۇرلارغا، تىۋىپلارغا كۆرسىتىپ داۋا ئىزدەپ كۆرگەن بولسىمۇ بۇۋاقنىڭ كىسەللىك مەنبەسى ئېنىقلانماي ئاتا- ئانىسىنى ھەسرەتتە قۇيۇپ يۇرۇق دۇنيا بىلەن خوشلۇشۇپتۇ. قىز ھىجران ئازابىدا ياش تۈكۈپ يۈرۈپ بىرەر يىلدىن كېيىن يەنە بىر بالىغا ئانا بۇلۇپتۇ. ئۇلار بۇۋاقنى قانچىلىك ئاسراپ، قانچىلىك پەپىلىگەن بولسىمۇ بۇ بۇۋاقمۇ تەقدىرنىڭ سىنىقىغا دۇچ كىلىپ دەل ئالدىنقىسىغا ئوخشاش كىسەلگە گىرىپتار بوپتۇ، ئانا ئەمدى نېمە قىلارىنى بىلمەي خۇدىنى يۇقۇتۇپتۇ. بۇۋاق ھايات- ماماتلىق بۇسۇغىسىدا جان تالىشىۋاتقان پەيىتتە قىزنىڭ قۇلىقىغا ئۆز ئانىسىنىڭ ئەللەي ناخشىسى قايتا جاراڭلىغاندەك، ئانىسى ئۇنىڭغا:- قىزىم، بالاڭنى قۇلۇڭغا ئال، ئۇنى باغرىڭغا بېسىپ پۈتۈن مىھرىڭ بىلەن ئەللەي ناخشىسى ئېيتىپ پەپىلە، دەۋاتقاندەك تۇيغۇدا بوپتۇ. دەرھاللا بالىسىنى قۇلىغا ئېلىپ باغرىغا تېڭىپتۇ-دە چىن مىھرى بىلەن ئەللەي ناخشىسى ئېيتىشقا باشلاپتۇ. مۆجىزە، ئاخىرى راستىنلا مۆجىزە يۈز بىرىپ بۇۋاق ئانا باغرىدا تىپىرلاشقا باشلاپتۇ، دوختۇرلار ۋە ئەتراپتىكىلەرنى ھەيران قالدۇرۇپ ھاياتلىق ئالىمىگە كۈلۈپ بېقىپتۇ. خىيال ساباھلىرىم مانا مۇشۇ قۇرلارنى سۈيۈپ ئۈتىۋاتقاندا مېنىڭ قۇلاق تۈۋىمدىمۇ ئانامنىڭ يېقىملىق ئەللەي ناخشىسى ئاڭلانغاندەك، ئۇ باش- كۆزلىرىمنى سىلاپ پەپىلەۋاتقاندەك، ھاياجاندىن پۈتۈن ۋۇجۇدۇم تىترەپ، يۈرۈكۈم لەرزىگە كەلدى. ئاھ ئەللەي، جاھاندىكى بارلىق ناخشىلار تەڭلىشەلمەيدىغان يېقىملىق ناخشا. ئىنسان تۇنجى ئاڭلايدىغان ئەڭ گۈزەل مىلودىيە، ئىنسان جىسمىغا كۈچ- قۇۋەت، مادار بېغىشلايدىغان روھى ئۇزۇق. قەلىبلەرگە مىھرى- مۇھەببەت ئۇرىقىنى چېچىپ، چىچەك ئاچقۇزغۇچى ئىللىق باھار. ئانىلارنىڭ پەرزەنتكە بولغان پاك قەلبى ۋە مېھرى مۇجەسسەملەنگەن يېقىملىق كۈي. ئاھ ئەللەي ناخشىسى!!!!!!!!!!!.

                                            بوۋاق

ئاتا- ئاناڭ، قەۋىم- قېرىنداشلىرىڭنى شاتلاندۇرۇپ، كۈلدۈرۈپ يۇرۇق دۇنياغا كۆز ئاچتىڭ بۇۋاق. سەن بىلەن ئۇلارنىڭ دىللىرى سۆيۈندى، كۆزلىرى تېخىمۇ نۇرلاندى. ھاياتلىق قايتا يېڭىلانغاندەك، پاكلانغاندەك تۇيغۇغا كىلىشتى. سېنىڭ ھەربىر تىنىق ئېلىشلىرىڭ، ھەربىر يۈرەك سۇقۇشلىرىڭ ئانا ۋۇجۇدىنى لەرزىگە كەلتۈرسە، ئۇماققىنە مەسۇم كۆزلىرىڭدە تەلپۈنۈشلىرىڭ، ئاتاڭغا ئەقىل ۋە غەيرەت بېغىشلايتتى، بۇۋا- مومىلىرىڭچۇ تېخى، خۇددى ياشىرىپ قالغاندەك تىتىكلىشىپ سېنى قولدىن- قولغا ئېلىپ ھېلىدىن- ھېلىغا چىرايلىق يۈزلىرىڭگە، مەسۇم كۆزلىرىڭگە، بۇيۇنلىرىڭغىچە لەۋلىرىنى يېقىپ سۆيسە، تاتلىق پۇراقلىرىڭنى قانماي- قانماي ھىدلايتتى. سەن ئۇلارنىڭ پەپىلىشىدە، پەرۋىشلىشىدە ئايانماي مېھرى- مۇھەببەت ئاتا قىلىشىدا بارغانسىرى چۇڭايماقتا سەن. سېنىڭ چۈچۈك- چۈچۈك گۇڭراشلىرىڭ ئۇلارنى لەززەت ئالىمىگە باشلىسا، ۋىلىق- ۋىلىق كۈلكىلىرىڭ تەشنا قەلىبلەرگە، چاڭقىغان لەۋلەرگەسۇنۇلغان زەم- زەمدەك راھەت بەخىش ئىتەتتى. يىغىلىرىڭچۇ تېخى، گاھ ئۇلارغا يېقىملىق كۈيدەك گۈزەللىك بېغىشلىسا، گاھ ئۇلارنى ئىزتىراپقا سالاتتى. سەن ئۇلارنىڭ كۆز- قارىچۇقى، يۈرەك پارىسى، ئۈمىد يۇلتۇزىسەن بۇۋاق. بىراق، ئۇلارنىڭ ئارزۇ- ئارمانلىرى سەن بىلەن قاناتلىنارمۇ؟ ئۈمۈدلىرى سەن بىلەن چىچەك ئاچارمۇ؟ مەنزىل تاپارمۇ؟

                                        بالىلىق

ئوغلۇمنىڭ قۇزىچاقلاردەك تاقلاپ، تايچاقلاردەك قىيغىتىپ شوخلۇق قىلىشلىرى، ئېكران يۈزىدىكى ئاللاقانداق كۆرۈنۈشلەرنى دوراپ چىڭىغا چىققۇچە كەپسىزلىك قىلىشلىرى، مېنىڭ ئاتامنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ، دۈمبىسىگە ھاپاش بۇلىۋېلىپ، ئانامنىڭ ئېتەكلىرىگە يۆگۈشۈپ باغرىلىرىغا سىڭىشىپ، ئەركىلەپ يۈرگەن تۇلىمۇ غەمسىز، بېغۇبار بالىلىق چاغلىرىمنى ئەسكە سالدى.

                   كىتىپ قالسا كەلمەيدىكەن بالىلىق،
                     بالىلىق چاغ نىمىدىگەن تاتلىق.

نىمىدىگەن توغرا يېزىلغان مىسرالار بولغۇيتى –ھە، ئىنسان  ھاياتىدا بالىلىقلا ئەمەس، ئۆتۈپ كىتىۋاتقان ھەرقانداق بىركۈن، ھەرقانداق بىر دەۋىر، قايتىلانمايدىغان ئېقىن سۇدەك بىر مەنزىرە. بالىلىق چېغىمنىڭ ئۇيۇن- كۈلكىلەر ئىچىدە قانداقلارچە تېز ئۈتۈپ كەتكىنىنى ئەسلىيەلمەيمەن،بەلكىم مەنلا ئەمەس، بارچە كىشىلەرئاشۇ سەبىي بالىلىق چاغلىرىدىكى تاتلىق ئەسلىمىلىرىنى تۇلۇق ئەسكە ئالالمىسا كېرەك. بالىلىق ئەنە شۇنداق بىر سىپاپلا ئۈتۈپ كىتىدىغان تاڭ ساباسىدەك، كۆز ئالدىڭدىن چۇرۇقلاپ لەپپىدە ئۇچۇپ كىتىدىغان قۇش بالىسىدەك، ناھايىتى تېزلا ئۈتۈپ كىتىدىغان بىر مەزگىل. ئۇ گويا باھاردا، ئانا تۇپراق باغرىنى يېرىپ چىقىپ قۇياش نۇرىغا تەلپۈنگەن يۇمران بىر گىياھ. بۇلاقلاردىكى ئوخچۇپ- ئوخچۇپ تىنمايۋاتقان زىلال سۇ. ھىچقانداق رەڭ، ھىچقانداق بۇياق بىرىلمىگەن سىدام بىر سىزما. ئېھ!!!،،، ھاياتلىق مانا مۇشۇنداق پاك، مانا مۇشۇنداق سەبىي ھالەتتە داۋاملاشسا قانداق ياخشى بۇلار ئىدى،- ھە؟

                                              ياشلىق

« سىز بۈگۈندىن باشلاپ بالىلىق، ئۆسمۈرلۈك ھاياتىڭىزنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ياشلىق دەۋرىڭىزگە قەدەم قويدىڭىز. ئەمدى ھەرقانداق بىر ئىشلارغا بالىلىق نەزەرىڭىز بىلەن ئەمەس، ئوتتەك قىزغىنلىقىڭىز بىلەن ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىڭىزنى، قىسقىغىنە ياشلىق دەملىرىڭىزنى تۇلىمۇ ئەرزىمەس چاكىنا ھەۋەسلەر قاينىمىغا ئەمەس بەلكى، يۈكسەك ئارزۇ- ئارمانلارغا يىتىش ئۈچۈن سەرىپ ئىتىشىڭىزنى، گۈزەل ياشلىق گۈلىڭىزنى ئازاب، پۇشايمان، ھەسرەت يامغۇرلىرى بىلەن قۇرۇتماي، مەمنۇنىيەت ۋە پەخىرلىنىش بۇلاقلىرىنىڭ زىلال سۇلىرىدا سۇغۇرۇپ پورەكلىتىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن قىزىم» دىگەن ئىدى ئانام، ئون سەككىز ياشقا تولغان كۈنۈم، مىھىرلىك قوللىرى بىلەن چاچلىرىمنى سىلاپ تۇرۇپ.
ئانامنىڭ ياشلىق ھاياتىم توغرۇلۇق قىلغان ئاشۇ سۆزلىرى، ئاللىقاچان ياشلىق مەۋسۈمۈمنى ئاخىرلاشتۇرۇپ قىرانلىق دەۋرىمدە كىتىپ بارغان بولساممۇ، يەنىلا ئۆز ئارزۇلىرىمغا يىتىش يۇلىدا تىنماي ئىزدىنىشكە، تىرىشىشقا ئۈندەيدىغان سىگنال بۇلۇپ كەلمەكتە. كېيىنچە يەنە كىتابلاردىن دانالىرىمىز پۈتكەن ياشلىق توغرىسىدىكى ھېكمەتلەرنى، قەلەم ساھىبلىرى يازغان ياشلىق توغرىسىدىكى گۈزەل مىسرالارنى ئۇقۇغان ئىدىم. ھەقىقەتەنمۇ ياشلىق ھەممە ئېيتىقاندەك گۈزەل بىر دەۋىر. مەيلى قايسى ھەۋەسلەر قاينىمىدا ئۆتكۈزسۇن، ئىنسان ھامان ياشلىق ھاياتىنى بېسىپ ئۈتىدۇ. شۇڭا ھەركىمنىڭ ياشلىق ھەققىدىكى قاراشلىرى، ھىسىياتلىرى ئوخشاش بولمايدۇ ئەلۋەتتە.
ياشلىق- ئۇ لاۋۇلداپ تۇرغان بىر ئوت. ئۆز ھارارىتى بىلەن مۇزلىغان قەلىبلەرنى ئىللىتالايدىغان. ياشلىق ئۇ- يېقىملىق بىر سىمغونىيە. ۋۇجۇدلارنى تىتىرىتىپ يۈرەكلەرنى لەرزىگە كەلتۈرەلەيدىغان. ياشلىق ئۇ- چايقىلىپ تۇرغان بىر دېڭىز. دەھشەتلىك بوران- چاپقۇنلىرىمۇ، قۇياش كۈلگەن سەھىرىمۇ، بولغان، ھەم تالاي ئارمان كېمىلىرىنى دولقۇنلىرىدا چايقىتىپ بەيگىگە سالالايدىغان. ياشلىق ئۇ- جۇلالىنىپ تۇرغان يۇلغۇن چىچىكى، قاغجىرىغان دەشتىلەرگە، مۇڭسىرىغان تىمتاسلىقلارغا گۈزەللىك بەخىش ئىتەلەيدىغان،ھەم ھاياتى كۈچ بېغىشلىيالايدىغان. ئۇ شۇنداق بىر دەۋىركى ــــ تۇلىمۇ قىسقا، بىراق ئەڭ گۈزەل خاتىرىلەر بىلەن تولغان ھەم مەڭگۈ ئۇنتۇلماس ئەسلىمىلەرگە تۇيۇنغان…….  

                                                كارۋان

سەن مېنىڭ قەلبىمگە جاراڭلىق كولدورمىلىرى ، شاۋقۇن- سۈرەنلىرى بىلەن جىمجىت جىرالارنى، چەكسىز دالىلارنى، قاغجىرىغان دەشتىلەرنى زىل-زىلىگە سېلىپ  ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرۇپ، يەنە مۇڭسىرىتىپ قۇيۇپ ئۆتۈپ كەتكەن كارۋانلاردەك بىر ئۆتكۈنچى كارۋانسەن. نە مەنزىلىڭنى، نە ئارمانىڭنى، ئۆزۈڭمۇ بىلمەيسەن. ئېيتىقىغا ئەي مىھىرسىز.
بىۋاپا ئاياقلىرىڭ، ساختا سۆلىتىڭ بىلەن يەنە قانچىلىغان قەلىبلەرنى بىردەملىك لەرزىگە سېلىپ قۇيۇپ، قارا بۇلۇتلىرىڭ ئارقىلىق ئازاب يامغۇرلىرىغا چىلاشتۇرۇپ كىتىپ قالدىڭ؟ . قاچان، قەيەردە توختايسەن؟.

                                            ھىجران

ئاتا- ئانامنىڭ، ئۇستازلىرىمنىڭ ئۈمۈدلىرىنى، ئۆزۈمنىڭ يۈكسەك ئارمانلىرىمنى، قەلبىمگە مەھكەم تېڭىپ دادىل قەدەملەر بىلەن سەپەرگە ئاتلاندىم. يوللىرىمدا مېنى تۇسىغان تالاي داۋانلارنى، تىك چۇققىلارنى بۇيۇن ئەگدۈردۈم. مەن گۈل- چېچەكلەر بىلەن تولغان قۇياش قەسىرىگە قاراپ كىتىۋاتىمەن. ئەنە قەسىر پەشتاخلىرىدىن ئۈتۈپ مەمنۇنىيەتلىك چىرايلار، مېھىرلىك قوللار بىلەن سۇنۇلغان ئالتۇن ئاچقۇچنى قۇلۇمغا ئالدىم. پاھ !! نىمىدىگەن گۈزەل، نىمىدىگەن يېقىملىق مەنزىرىلەر بۇ. مەن كىچىك كىپىنەكلەردەك رەڭدارلىقلار ئۈستىدە پەرۋاز قىلسام، كەپسىز بۇغۇنلاردەك تاتلىق شىرنىلەرنى لەۋلىرىمنى چىڭڭىدە يېقىپ تۇرۇپ قانماي- قانماي شورايتىم. ئاخىرى ئۈزۈمگە ئەڭ لايىق كىلىدىغان، ئۆزۈم ئەڭ ياقتۇرىدىغان خۇشبۇي گۈللەردىن، رەڭدار چىچەكلەردىن، دەستىلەرنى تىزدىم. ئەمدى مەن كەينىمگە قايتىپ مەمنۇنىيەت تۇيغۇسى بىلەن سۇغۇرۇلغان گۈل- دەستىلىرىمنى ئېلىپ، مېنى كۈتۈپ تۇرغان، مەن ئۈچۈن يۈرەك- قانلىرىنى سەرىپ ئەتكەن ئەزىزلىرىمگە،  سۈيۈملۈك كىشىلىرىمگە سۇنماقچى. ئۇلارنىڭ بۇيۇنلىرىغا چەمبىرەكلەرنى ئاسماقچى. يۈرەك پارىلىرىمىز بولغان ئۇماق سەبىلىرىمىزگە، گۈللەرنىڭ خۇشبۇي ھىدلىرىنى پۇراتماقچى. ئۇلارنىڭ ئۇرۇقلىرىنى ئۈمىدلىك قەلىبلەرگە چاچماقچى بولدۇم. بىراق دەل ئاشۇ چاغدا، تەقدىرنىڭ دەھشەتلىك قارا بورىنى مېنى يىقىتىپ گۈل- دەستىلىرىمنى ئاللا قاياقلارغىدۇ ئېلىپ كەتتى. مەن ئورنۇمدىن تۇرۇشقا تىرىشاتتىم، تىرەجەيتىم، بىراق تۇرالمايتىم، كۆزۈمنىمۇ ئاچالمايتىم. دەھشەتلىك بوران مېنى ھېلىلا يۇتىۋىتىدىغاندەك ئەلپازدا ئىدى. ياق،،،ياق، مەن ياشىشىم كېرەك. مەن ھاياتلىقنى سۆيىمەن. يۈرۈكۈم توختىماي شۇنداق دەپ نىدا قىلاتتى. ھاياتلىق ئۈچۈن توختىماي سۇقاتتى. ئەزىزلىرىمنىڭ قۇياشتەك ھارارىتى، يۈرۈكۈمنىڭ ھاياتقا بولغان ئوتتەك تەلپۈنۈشلىرىدىن بولسا كېرەك، بوران دەھشىتى ئاخىرلىشىپ ھاياتلىق ئالىمىگە كۈلۈپ باقتىم. ئەپسۇس،،،، تەقدىر ماڭا بىر جۇدالىق، بىر ھىجراننى سوۋغا قىلغان ئىدى. مەن كۈلۈپ تۇرغان قۇياشنى، كۆزلىرىنى گاھ قىسىپ، گاھ ئېچىپ مەن بىلەن ئوينىشىدىغان يۇلتۇزلارنى، تۇلىمۇ تەمكىن تەبەسسۇمى بىلەن تۈن زۇلمىتىنى نەلەرگىدۇر قوغلايدىغان تۇلۇن ئاينى، بەكمۇ ياخشى كۈرەتتىم ھەم ئۇلارغا ئۆزۈمنى ئەڭ يېقىن ھىساپلايتىم. ئەمدى ئۇلارمۇ ماڭا دىدارىنى كۆرسەتمەيتى. ماڭا قۇياش گۇيا نىقاپ ئىچىگە يۇشۇرۇنغاندەك، تۇلۇن ئايمۇ مۇڭلىنىپ بۇلۇت كەينىگە ئۈتىۋالغاندەك، جىمىر- جىمىر جىلۋە قىلىپ، كۆز قىسىدىغان يۇلتۇزلارمۇ ئالتۇن كىرپىكلىرىنى يۇمىۋالغاندەك تۇيۇلاتتى. بۇ جۇدالىق، بۇ ھىجران بەلكىم ئاخىرغىچە داۋاملىشار. يەنە قانچە- قانچە ھىجرانلار ماڭا تەقدىر تەرىپىدىن سوۋغا قىلىنار. لېكىن ھاياتلىق مەن ئۈچۈن ئىنتايىن قىممەتلىك، ھەم ئىنتايىن گۈزەل.  

                                            ئىرادە

تەقدىرنىڭ جۇدۇن- چاپقۇنلىرىدىن يىقىلدىم. بىراق، ئىرادەم يىقىلماپتۇ، ئېغىر سىناقلاردىن پۈكۈلدۈم، بىراق ئىرادەم يەنىلا پۈكۈلمەپتۇ. ئۇ ماڭا شۇنداق خىتاپ قىلىدۇ، ئورنۇڭدىن تۇر،،، بۇشاڭلىق قىلما، بۇ سېنىڭ نىشانىڭ، مەنزىلىڭ ئەمەس. تىك چۇققىلاردىكى جۇدۇن- چاپقۇنلارغا باش ئەگمەي ياشىرىپ تۇرىدىغان قارىغايلارنى ئەسكە ئال. باياۋان قۇملۇقلاردىكى پىژغىرىم ئاپتاپتا، دەھشەتلىك ھۆركىرىگەن بورانلاردا، تېمىم سۇسىز قاغجىراپ كەتكەن بولسىمۇ، يىقىلماي ياشاۋاتقان توغراقلارنى، تىمتاس چۆللىكلەرگە گۈزەللىك بېغىشلاۋاتقان، چوغلىنىپ تۇرغان يۇلغۇنلارنى ئويلا. ئۇلار مېنىڭ سىمۋولىم ئەمەسمۇ؟ يېشىڭنى سۈرت. ئازاب ياشلىرى پەقەت بىچارىلىقنى ئىپادە قىلىپ ئۈمىدسىزلىك قايناملىرىغا دۇچار قىلىدۇ خالاس.... ئىرادە كەمىرىڭنى بىلىڭگە چىڭ باغلا- دە، ئىشەنچ بىلەن ئالغا ئىلگىرلە. سەنمۇ ئۆز نۆۋىتىڭدە، ئۆز يۇلىڭدا، ئۆز خارەكتىرىڭدە بەخىت بۇسۇغىسىغا قەدەم قۇيۇپ، پارلاق مەنزىلىڭگە يىتەلەيسەن.

                                              ئۈمىد ۋە سۆيگۈ

قەلبىم بىلەن گۈللەرنى تاماشا قىلىۋاتاتتىم، ئۇ نازۇك لەۋلىرىنى مىدىرلىتىپ تۇلىمۇ مۇڭلۇق ئاھاڭدا شۇنداق شىۋىرلىدى.
- مەن نۇرغۇن باغلاردا بولدۇم، مېنى تاماشا قىلىۋاتقان جۈپ- جۈپ كۆزلەرنى كۆردۈم. ئۇلار مېنىڭ گۈزەللىكىمدىن تۇلۇق بەھرىمان بولغان بولسىمۇ، قىسمەن كۆزلەردىن رازىمەنلىك، مەمنۇنىيەت جىلۋىسىنى ئەمەس، ئىزتىراپلىق، ئازابلىق قاراشلارنى كۆردۈم. ھەم ئۇلارغا ئۆزگىچە ھۇزۇر بىرەلمىگەندىمەنمۇ؟ دەپ، كۆڭلۈم يېرىم بولدى. ئەكسىچە، سېنى ھەر كۆرگىنىمدە ساڭا خۇش ھىدىمدىن باشقا، ئاتا قىلغىنىم بولمىسىمۇ، چېھرىڭدىن قايغۇ بۇلۇتلىرىنى ئەمەس گۈزەل باھارنىڭ قۇياشلىق سەھىرىنى كۆرۈپ مەمنۇن بۇلىمەن. بۇ نېمەئۈچۈن؟ مەھرۇم بولغانلىرىڭ شۇنچە كۆپ بولسىمۇ بەخىت تۇيغۇسىدا ياشاۋېتىپسەن. سېنى بۇنداق ياشاشقا ئۈندىگەن زادى نېمە؟.
- ئۈمىد ۋە سۆيگۈ دىدىم مەن، ئۇنىڭغا جاۋابەن.
- ئۈمىد ۋە سۆيگۈنىڭ كۈچى شۇنچە زورمۇ؟گۈل يەنە شىۋىرلىدى.
- ئاڭلا گۈلۈم. گۈزەللىك، گۈزەللىكنى قەلبى ئارقىلىق كۆرەلەيدىغانلار ئۈچۈن تېخىمۇ قىممەتلىك ۋە گۈزەل.
ئۈمىد ئۇ- بەخىت ئىىشكىگە باشلايدىغان نۇرلۇق يول. بىرەر شەيئىنىڭ كۆز ئالدىڭدا ئۇچۇق ئىپادىلىنىشى، دەماللىققا شۇ نەرسىنىڭ قىممىتىنى بىرئاز تۈۋەنلىتىپ، قەلىبلەردىكى ئۈمىد چىرىقىنى سۇسلاشتۇرۇپ، رېئاللىقتىن چەتنىگەن مەۋھۇم بوشلۇقنى پەيدا قىلىپ قويغان بۇلىشى مۇمكىن.  سەن كۆرگەن ئىزتىراپلىق ۋە ئازاپلىق قاراشلارنىڭ مەنبەسى شۇ بولسا كېرەك.
- ئەتراپىڭدا قۇشلارنىڭ يىنىككىنە قانات قېقىپ ئۇچۇشلىرىنى، چىرايلىق نەغمە قىلىشلىرىنى، ئادەملەرنىڭ ۋاڭ- چۇڭ قىلىپ ئەركىن يۈرۈشلىرىنى سەزگىنىڭدە قەلبىڭنى ئازاب تۇمانلىرى قاپلىمامدۇ؟
- ياق گۈلۈم. دەل مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈنلا دۇنيا بەكمۇ گۈزەل، ناۋادا ھەممە زۇلمەتتە قالغان بولسىدى، ئۇ چاغدا ھاياتنىڭ ھىچقانداق قىممىتى قالمىغان بۇلاتتى. بىلەمسەن گۈلۈم ئۆزگىلەرنىڭ شاتلىقى ۋە بەختىنى كۆرۈشمۇ، تېپىلغۇسىز بەخىت. مانا بۇ ھەقىقى سۆيگۈ.

                                               يول

ماڭدىم يوللاردا، ئاياقلىرىم يېڭىلا چىققاندا، تەمتىلەپ ھەم تەمتىرەپ. يوللار ماڭا مېڭىشنى ئۈگەتتى گاھ يىقىتىپ، گاھى پەپىلەپ.
ماڭدىم، بالىلىق شوخلۇقۇم بىلەن تايچاقتەك سەكرەپ، كەپسىزلەرچە يۈگىرەپ. مۈدۈرۈپ يىقىلىۋىدىم، يوللار كۈلدى ھەم لەۋلىرىمگە سۆيدى ئەركىلەپ.
ماڭدىم، ياشلىق جۇشقۇنلۇقۇم بىلەن، قانات- قۇيرۇقلىرىمنى پەرلەپ. يوللار مېنى تاۋلىدى، تايماسلىقىم ئۈچۈن نىشانلارنى بەلگىلەپ. مېڭىۋاتىمەن، سالماق قەدەملىرىم بىلەن، تەۋەرۈك ئىزلارنى دەسسەپ. ئېدىرلارنى تولدۇرۇپ، داۋانلارنى تۈزلەپ. بۇ يول بوۋام بىلەن مۇمام، ئاتا- ئانام ئۈچۈن ئاچقان. ئاتا- ئانام مەن ئۈچۈن باسقان. مەنمۇ ئوغلۇم ئۈچۈن ماڭىدىغان، ئۇلاردىمۇ يەنە داۋاملىشىدىغان، ئەجدادتىن- ئەۋلاتقىچە، تۇغۇلغاندىن تاكى قايىتقىچە ئۈزۈلمەيدىغان مۇقەددەس يول. مانا بۇ ھاياتلىق يولى.

                                      بەخىت ۋە مەنزىل

بەخىتنىڭ مەنىسى نېمە؟مەنزىلنىڭچۇ؟ ئۇنىڭغا ئىرىشكىلى بۇلامدۇ؟ دەپ سوراۋاتامسەن ئوغلۇم، ئۇنداقتا، سۆزۈمگە قۇلاق سال. بەخىتنىڭ، ئەزەلدىن مۇنداق بۇلىدۇ دىگەن ئۆلچىمى ياكى قېلىپى بولغان ئەمەس، ھەم بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بولمايدۇ.ئۇ ئېغىزدىلا ئېيتىلىدىغان، ئەمما ئىرىشكىلى بولمايدىغان مەۋھۇم نەرسىمۇ ئەمەس. ھەر ئادەمنىڭ تۇرمۇش ئۆرىپ- ئادىتى ۋە ئۇنىڭغا بولغان كۆزقارىشى ئوخشاش بولمىغىنىدەك، بەخىتكە بولغان كۆزقارىشى، تۇيغۇسى ۋە ئۇنىڭغا ئىرىشىش يوللىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بەزى كىشىلەر بەخىتنى ئىقتىسادى ئەۋزەللىككە باغلانغان تۇرمۇش مەئىشەتلىرىدىن، ماددىيەتتىن ئىزدىسە، يەنە بەزى كىشىلەر بەخىتنى ئۆز ئەتراپىدىكى ئەڭ ئاددىلىقتىن ھەم مەنىۋىيەتتىن ئىزدەيدۇ. بەزىلەر بەخىتكە ئۆزگىلەرنى ئالداش، ئازاپلاش ۋە قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئىرىشسە، يەنە بەزىلەر ئۆزىنى ئاتاش، ئۆزگىلەرگە مېھرى بىرىش ۋە سۆيگۈ ئاتا قىلىش، ئۆزىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە مەنىۋى بەخىتكە ئىرىشىدۇ. مېنىڭچە − باشقىلارنى ئورىغا ئىتتىرىش بەدىلىگە ئىرىشكەن ماددى بەخىت ھەرگىزمۇ مەڭگۈلۈك بەخىت ئەمەس. ئۇ، ئاشۇ كىشىنى كەچۈرۈپ بولماس نەپرەتكە ۋە ئەبەدىيلىك ئازاپقا دۇچار قىلىدىغان روھى كىشەندۇر خالاس. دۇنيادىكى ھەقىقى بەخىت ئۆزىنى بېغىشلاشتۇر. پاك ۋە ھالاللىق بىلەن ئىرىشكەن بەخىت مەڭگۈلۈك بەخىتتۇر.
مەنزىل− نىشان دىمەكتۇر. غايىسىز، نىشانسىز ئادەم تۇرىدىغان ۋە چۈشىدىغان يېرىنىڭ تايىنى يوق، شامال ئۇچۇرۇپ يۈرىدىغان قامغاققا، سۇ ئۈستىدە لەيلەپ قالغان كۆپۈككە ئوخشايدۇ ھەم  ئۆمرى مەنىسىزلىك ئىچىدە بىھۇدە ئۈتۈپ كېتىدۇ، ئۇنداق ئادەمنىڭ كىشىلەر ئالدىدا ئىززەت- ھۆرمىتى ۋە قەدىر- قىممىتى بۇلمايدۇ. مەيلى قانچىلىك بۈيۈك غايىگە، ئۇلۇغۋار نىشانغا يىتىشنى ئارزۇ قىلغان ياكى ئاشۇ نىشانىغا يىتىپ زور مۇۋاپىقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن كىشى بۇلۇشتىن قەتئىينەزەر، ئادىمىيلىك مەنزىلىگە يىتەلمىگەن ھەرقانداق ئادەمنىڭ، تۆت ئاياقلىقلاردىن ھىچقانداق پەرقى بولمايدۇ. ئوغلۇم : مەن سېنىڭ ئەڭ بىرىنجى ھەم ئەڭ بۈيۈك پەللەڭنىڭ ئادىمىيلىك مەنزىلى بۇلۇشىنى، ئادىمىيلىك پەزىلەتنى بىرىنجى ئۇرۇنغا قۇيۇشىڭنى چىن قەلبىمدىن خالايمەن. ئېسىڭدە شۇنى چىڭ تۇتقىنكى، ئەجداتلىرىمىزنىڭ «ئالىم بولماق ئۇڭاي، ئادەم بولماق قىيىن.» دىگەن ھېكمىتى ھەقىقەتتۇر. سەن ئادىمىيلىك مەنزىلىگە يەتكەن چېغىڭدىلا ئاندىن ھەقىقى بەخىت ساڭا قۇچاق ئاچىدۇ.


                       2016-يىلى 3-ئاينىڭ 11- كۈنى     ئۇچتۇرپان

                            «ئىزگۈ تور ئەدەبىيات مۇكاپاتى» سەھىپىسىگە


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش