ئوسمان قاۋۇل
نورۇزنامە
نورۇز كەلدى، دىل كۈلدى، شادلىنىشتى ھەممە جان،
ئادەۋەتلەر يۇيۇلدى، يايراپ گۈل، قۇش بار جاھان.
تەڭرىتاغنىڭ ئېتىكى ئەگىز بىلەن ياشاردى،
ساما سالدى جۇڭغارمۇ كىرسىز بولدى كۆك- ئاسمان.
قاراڭ ئەنە ئەتراپتا بەيگە، ئوغلاق، سارغايدى-
چېلىش، نەغمە، نورۇزلۇق ھەممە نەرسە تەل شۇئان.
كۈندە نورۇز بولسىدى دېيىشتى چوڭ- كىچىكلەر،
بۇ ئارمانلىق كۈن تۇغدى مىڭلاپ قىسسەيۇ داستان.
خاسىيىتى ئۇنىڭكى تۈمەن جاننى شاد ئەتتى،
چاچتى خۇشبۇي ھىدىنى سەبدە بىلەن گۈلرەيھان.
كۈن كۆز قىسىپ بۇ گۈزەل ۋادا ئۈچۈن ھەر باھار،
ئەلۋەك نۇردىن زېمىننى قىلدى چەكسىز پاراۋان.
نەزەر سېلىڭ قايانغا كۈلكە چىراي، شوخ ناۋا،
تەڭكەش بولۇپ ئاۋامغا نەزم پۈتتى بۇ ئوسمان.
2016-يىل 18- مارت
|