كۆرۈش: 728|ئىنكاس: 0

«گۈلەم مومام» نەشىردىن چىقتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
    يېقىندا، شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت نەشرىياتى تەرىپىدىن ياش ئايال يازغۇچى مېھراي مۇھەممەتنىڭ «گۈلەم مومام» ناملىق ھېكايىلار توپلىمى نەشر قىلىندى.
يېقىندىن بۇيان ئۆزىنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغان تالانتى ۋە ئاۋانگارت روھى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تېزلىكتە كۆزگە كۆرۈنگەن ئايال يازغۇچى مېھراي مۇھەممەت 1975-يىلى ئۈرۈمچى شەھرىدە تۇغۇلغان. 1983- يىلىدىن باشلاپ، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۈرۈمچىدە ئوقۇپ، 1994- يىلى ئۈرۈمچى كەسپىي ئۇنىۋېرسىتىنى پۈتتۈرگەن.
   مېھراي مۇھەممەت 2009- يىلىدىن باشلاپ ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، ئۇنىڭ تۇنجى ھېكايىسى تور بەتلەردە ئېلان قىلىنغان «تۇنجى مۇھەببەت ئەسلىمىسى» ناملىق ئەسىرى بولۇپ، ئۇ ئەينى چاغدا تېخى كىتابخانلارغا تولىمۇ ناتونۇش بىر ئاپتور بولسىمۇ، لېكىن ئەسىرىنىڭ ئۇسلۇبىدىكى يېڭىلىق ۋە تەۋەككۈلچىلىك روھى ناھايىتى تېزلا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان. شۇندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئىزچىل تور دۇنياسىدا قىزىق نۇقتا بولۇپ كېلىۋاتىدۇ.
   مېھراي مۇھەممەتنىڭ ئەسەرلىرى ئەنئەنىۋىي مەتبۇئاتلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ، بىر تۈركۈم ھېكايىلىرى «يېڭى قاشتېشى»، «كروران»، «شىنجاڭ ئاياللىرى» قاتارلىق ھەرقايسى گېزىت-ژورناللاردا ئېلان قىلىنىپ تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ پىكىر قىلىشتىكى ئاۋانگارتلىقى ۋە ئىجادىيەتتە ياراتقان خاسلىقى بىلەن يەنىلا ئۆزىنىڭ ئەركىن دۇنياسىنى توردا قۇرۇپ كەلدى. ئۇ بۇ ئارقىلىق ئاساسىي ئېقىم تەرىپىدىن چەتتە قالدۇرۇلغان يازغۇچىلار كۆمۈلۈپ قالىدۇ دەيدىغان ئەپسانىلارغا خاتىمە بەردى.
   مېھراي مۇھەممەت خانىمنىڭ تۇنجى كىتابىنىڭ نەشىر قىلىنغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز. ئۇنىڭ تېخىمۇ يېڭى ۋە خاسلىققا ئىگە ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىشىغا تىلەكداشمىز.

x1.jpg

x2.jpg


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش