ھافىز شىرازى شېئىرلىرىدىن يەنە ئىككى پارچە
ئابدۇمىجىت مۇھەممەت (ت)
مەيخانا يولى
گەر بولسام سەرخۇشلۇق يۈزىدىن ھالاك،
سەرخۇشدەك ئۈستۈمگە تاشلاڭلار تۇپراق.
ئاسما تاختىدىن ياساپ تاۋۇتنى،
مەيخانا يولىغا كۆمۈڭلار مېنى.
مەيخانا سۈيىدە غۇسلە ئېتىپ مېنى،
سەرخۇشنىڭ مۆرىسىگە قۇيۇڭلار مېنى.
تۆكمەڭلار مازىرىمغا شاراپتىن باشقا،
كەلتۈرمەڭ ماتەمگە راۋابتىن باشقا .
پەقەت بىر شەرتىم بار : ئۆلۈپ كەتسەم مەن
مۇڭلانسۇن سازەندە ۋە پەقەت سازەن.
ھەي ھافىز، كۆتۈرمە باشنى مەستلىكتىن،
تىلىمەس چۈنكى سۇلتان تۆلەم خاكزاردىن.
ئەمەل كاسىرى
كەل! تىزبول،
ئەمەل كاسىرىنىڭ ئاساسى بەك بوش.
شاراپ كەلتۈر، شاراپ؛
ئۆمرۈم ئاساسى ھاۋا ئۈستىدە،
تۇمارى مەن، ئۇنىڭ ھېممىتىنىڭ.
نېمە بولسا شۇ كۆك قۇببە ئاستىدا،
خالىدۇر ھەر شەيئىدىن.
نېمەدەي ساڭا، ھېچ بىلمەيمەنكى،
سەرخۇش ئىدىم تۈن كېچە مەيخانىدە،
بۇلۇت كەبى،
بىلەمسەن؟
نە خۇش خەۋەر بەردى ماڭا
غايپ ئالەمنىڭ پەرىشتىسى؟
ئەي كۆك يۈزىنىڭ مەركىزىدە ئولتۇرغان
ئىلاھى يۈزلۈك
شاھلاردىن تۇغۇلغان!
سېنىڭ ماكانىڭ ئەمەستۇر شۇ مېھنەتلەر ئۆلكىسى.
كۈيلەر قاتماقتا ساڭا،
تا ئەرشى سەپىرىدىن كەلگۈچە سەن.
بىلمەيمەن،
نەلەر كەلدى شۇ تۇزاقتا بېشىڭغا؟
بىر نەسىھىتىم باردۇر ساڭا؛
ئاڭلا
ۋە ئەمەل قىل!
ئۈگەندىم بۇ سۆزنى مەن تەرىقەت پىرىمدىن.
-يېمە دۇنيانىڭ غىمىنى
چىقارما نەسىھىتىمنى ئىسىڭدىن
ھەرگىز.
بۇ ئىشق ئىكسىرىنى ئۈگەندىم بىر يولدىشىمدىن.
بولىۋەرگىن رازى بېرىلگەنلەرگە
يىشىۋەرگىن ئالدىڭدىكى شۇ تۈگۈنلەرنى
ئېچىلمىدى چۈنكى تاللاش ئىشىكى
نە ماڭا،
نە ساڭا.
ۋەدىسىدە تۇرۇش ئىمىش،
ئىزدېمە ھەرگىز ئاساسنى بوم-بوش دۇنيادىن.
بىلمەمسەنكى دۇنيانىڭ
مىڭ كۈي ئوغۇلغا كېلىن بولغىنىنى؟
ۋاپا ئىزى كۆرۈنمەس گۈلنىڭ تەبەسسۇمىدا.
ئۈنلە مېنىڭ ئىشىق بۇلبۇلۇم ئۈنلە!
زامانىدۇر فەريادنىڭ.
خەير! شائىر بۇزۇنتۇسى
نە قىزغانۇرسەن ھافىزدىن؟
قۇل ئەيلىدى ئۇ كۆڭۈللەرنى
ئىگەم تۇرغۇسىدۇر ۋەدىسىدە.
مەنبە: مەخمەت كانار: "ئىران شېئىرلىرىدىن تاللانما"، ياپى كرەدى نەشرىياتى، 2014-يىل، ئىستانبۇل