كۆرۈش: 362|ئىنكاس: 2

تۇردى: «ئەدەبىيات نەزەرىيەسىدىن قىسقىچە بايان» دىكى بىرقانچە ئالا...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
« ئەدەبىيات نەزەرىيەسىدىن قىسقىچە بايان» دىكى بىرقانچە ئالاھىدىلىك

                   تۇردى قەييۇم  ئىمىن

   «ئەدەبىيات نەزەرىيەسىدىن قىسقىچە بايان » نامىلىق بۇ كىتاب ئىمام موللاخۇن ئەپەندىنىڭ ئۈزۈن يىللىق  ئوقۇتۇش ئەمىلىيتى، ئىزدىنىش ۋە تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسىدە روياپقا چىققان ، نەزەرىيەۋى سېستىمىسى بىر قەدەر يېڭى ۋە مۈكەممەل، نەزەرىيە بىلەن ئەمىلىيەت  بىرلەشتۈرۈلگەن قۇرال كىتابلارنىڭ بىرسى. بۇ كىتاب 2015- يىل « شىنجاڭ خەلق باش نەشىرىياتى بىلەن شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى »  تەرپىدىن  نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلغان. پۈتۈن كىتاب ئون باپقا بۆلۈپ تۈزۈلگەن بولۇپ، ئومۇمىي مەزمۇنىدىن قارىغاندا،  تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە ئالاھىدىلىك  كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ.
  بىرىنجى، مەزكۇر كىتابتا ئەدەبىيات نەزەرىيەسىگە ئائىت ئاساسىي بىلىملەر ئەمىلىيەت بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن. چەتئەللەردىكى ئاتاقلىق ئەدەبىيات نەزەرىيەچىلىرى  ۋە  ئۇلارنىڭ ئەدەبىيات نەزەرىيەسى توغرىسىدىكى قاراشلىرى، خەنزۇ ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئاتاقلىق ئالىم ۋە نەزەرىيەچىلەرنىڭ ئەدەبىيات نەزىرىيەسى توغرىسىدىكى قاراشلىرى تۇنۇشتۇرۇلغان ۋە سېلىشتۇرۇلغان. بۇ جەھەتتە يىللاردىن بىرى نەشىر قىلىنغان ئەدەبىيات نەزەرىيەسىگە ئائىت كىتابلارغا سېلىشتۇرغاندا  بىر قەدەر كەڭ ۋە مۇكەممەللىكە  ئىگە قىلىنغان. مەسىلەن : چەتئەلنىڭ ئاتاقلىق ئەدەبىيات نەزەرىيەچىلىرىدىن پىلاتون، ئارىستوتېل، گېگىل، كانت، بېلىنىسكىي، چېرنىشېۋىسكىي، دوبرولىيوبوف قاتارلىقلارنىىڭ ئەدەبىيات نەزىريەسىنىڭ شەكىللىنىش ۋە تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسى، نەزەرىيەۋى قاراشلىرى ئىخچام ھالدا چۈشۈنىشلىك تۇنۇشتۇرۇلغان. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئاتاقلىق ئەدەبىيات نەزىريەچىلىرىدىن فارابىي، مەھمۇد كاشىغەرىي، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، سەككاكىي، نەۋايىلارنىڭ  ئەدەبىيات نەزەرىيەسى ھەققىدىكى قاراشلىرى ئۆزلىرىنىڭ  ئەسەرلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ ئوتتۇرغا قۇيۇلغان.
  ئىككىنجى، « ئەدەبىيات نەزەرىيەسىدىن قىسقىچە بايان» دا ، ئىلىمىز ئەدەبىيات –سەنئەت نەزەرىيەسىنىڭ شەكىللىنىش ۋە تەرەققى قىلشى جەريانى كونكىرت بايان قىلىنغان. بۇ باسقۇچتا ئاساسلىق رول ئوينىغان ئەدەبىيات نەزەرىيەچىلىرى،  يازغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى  ئەينى دەۋردىكى تارىخى شارائىت نوقتىسىدىن چىقىپ تەھلىل قىلىنىغان. ئەدەبىياتنىڭ ماھىيتى، سىنىپىيلىكى، شەكلى، مەزمۇنى، تىلى،تۈرلۈك ئىپادىلەش ۋاستىلىرى شۇ دەۋىرلەردە مەيدانغا كەلگەن ئەسەرلەرگە  بىرلەشتۇرلۇپ   شەرھلەنگەن. ئىلىمىزنىڭ خەنزۇ ئەدەبىياتى ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە باشقا مىللەت ئەدەبىياتىدىكى ۋەكىللىك ئەسەرلەر نەزەرىيەگە تەدبىقلانغان. بۇ ئىلگىركى نەزەرىيەۋى كىتابلارغا سېلىشتۇرغاندا بىرقەدەر سېستىملاشقان ۋە رۈشەنلەشتۈرۈلگەن.
  ئۈچۈنجى، ئەدەبىياتنىڭ مىللىيلىكىدىن ئىبارەت مۇھىم بىر تېما تېخىمۇ رۇشەن كۆرسىتىلگەن. مىللىي تېما دىگەن نېمە؟ ئەدەبىياتنى مىللىلاشتۇرۇش ئۇسۇلى قانداق؟ مىللىي خاراكتېر دېگەن قانداق بولىدۇ؟  مىللىي ئالاھىدىلىك دېگەن نېمە ؟ مىللىي ئالاھىدىلىكنى قانداق شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ؟ مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇشنىڭ شەرتلىرى قايسى ؟ دېگەندەك مەسىللەر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ۋەكىللىك ئەسەرلەرنى مىسال كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئىسپاتلنىپ ئوتتۇرغا قويۇلغان.
تۆتىنجى، ئەدەبىي ئېقىم ، بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر يېڭى ئەدەبىيات ئېقىمىنىڭ شەكىللىنىش جەريانى ئەتىراپلىق ئوتتۇرغا قۇيۇلغان.بولۇپمۇ، ئۇيغۇر يېڭى شېئىرىيتى ۋە  ئۇيغۇر يېڭى پىروزىچىلىقىدىكى دۇنيا ئەدەبىياتىغا يانداشقان تەرەقىياتلار ئوتتۇرغا قويۇلغان ،ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى يازغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ  سېھرىي رېئالىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىنى ۋە مۇدېرنىزمنى  ئۆزىگە سىڭدۈرۈپ   ئۆزگىچە  يېڭىلىق يارتىۋاتقان پىروزا ئەسەرلىرى نەزەرىيە جەھەتتىن بىرقەدەر سېستىمىلىق تۇنۇشتۇرۇلغان.  ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي شېئىرىيتى بىلەن يېڭىچە شېئىرىيەتنىڭ شەيئى ، ھادىسلەرنى تەسۋېرلەشكىتى پەرقى، ئۇسۇلى نەزەرىيە جەھەتتىن ئېنىق چۈشەندۈرۈلگەن.  مىساللار دەل جايىدا ئېلىنغان. كىتابنىڭ ئاخىردا ئەدەبى تەنقىد، ئەدەبى تەنقىدچىلىكنىڭ تارىخى ، ئەدەبىي تەنقىدنىڭ رولى، ئۆلچىمى، چەتئەل ئەدەبىياتى، خەنزۇ ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى مەشھۇر ئەدىپلەر ،ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى ئىخھام شەرھلەنگەن.  
        ئومۇمەن ، « ئەدەبىيات  نەزەرىيەسىدىن قىسقىچە بايان» دا، بۈگۈنكى ئەدەبىيات تەرەققىياتىنىڭ ئەمىلىيتىدىن شەكىللەنگەن يېڭى بىلىم ، يېڭى نەزەرىيەلەر ئوتتۇرغا قويۇلغان بولۇپ، ئەدەبىيات بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ، ئالى مەكتەپلەردىكى ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋە ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرىنىڭ  ئۈنۈملۈك ئۈگۈنىش ۋە تەتقىقات ماتىريالى بولۇشقا مۇناسىپ. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئاپتۇرنىڭ ئەجرىگە تەشەككۈر ، تىنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن.


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-18 10:31:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پايدىلىنىش قىممىتى ۋە تەتقىقات قىممتى خىلىلا يوقۇرى كىتاب قىلىپ يېزىلىپ چىقىپتۇ...

ۋاقتى: 2016-3-18 17:53:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈچۈنجى، ئەدەبىياتنىڭ مىللىيلىكىدىن ئىبارەت مۇھىم بىر تېما تېخىمۇ رۇشەن كۆرسىتىلگەن. مىللىي تېما دىگەن نېمە؟ ئەدەبىياتنى مىللىلاشتۇرۇش ئۇسۇلى قانداق؟ مىللىي خاراكتېر دېگەن قانداق بولىدۇ؟  مىللىي ئالاھىدىلىك دېگەن نېمە ؟ مىللىي ئالاھىدىلىكنى قانداق شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ؟ مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇشنىڭ شەرتلىرى قايسى ؟ دېگەندەك مەسىللەر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ۋەكىللىك ئەسەرلەرنى مىسال كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئىسپاتلنىپ ئوتتۇرغا قويۇلغان.

بۇ جەھەتتىكى چۈشەندۈرۈشلىرى بىر كۆرۈپ چىقىشقا ئەرزىگۈدەك دەپ ئويلىدىم.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش