يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 324|ئىنكاس: 3

قىيان: رەزىل چۈشلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                                     رەزىل چۈشلەر

                                                       ( ھeكايە )
                                               
                                                 ئابلىمىت ئىبراھىم قىيان

                                                               1

  ئىيۇلدىكى كۆيۈك ئاپتاپ ئادەملەرنى كاۋاپ قىلىۋەتكۈدەك قورقۇنۇچلۇق ئىدى ، قۇمتاغ كەنتى چۈشلۈك ئۇيقۇغا چۆكۈش ھالېتىدە تۇراتتى ،بۇ دەل تەتىل ۋاقتى ئىدى .
  يېقىن قوشنېلارنىڭ قىزلىرى - توققۇز ياشلىق ئاينۇر قىز ، 11 ياشلىق دىلارە ، 12ياشلىق ئائىشە ئۈستۈن مەھەللېدىكى موللامنىڭ يەر ئاستى قارىخانىسىدا دىنى ساۋاتىنى چىقىرىش ئۈچۈن ئوقۇيتى ، ھەر كۈنى ئەتىگەندە بېرىپ چۈشتە ئۆيلىرىگە قايتاتتى . چۈش ۋاقتى ئىدى ، ئاينۇر قىز بىلەن دىلارە ۋېلسىپىت بىلەن ئۆيلىرىگە ماڭدى . موللام ئائىشەنى ئۆيگە كەتكىلى قويمىدى ، ئۇنىڭ ۋېلسىپىتىنىڭ كامىرىغا تىكەن سانجىپ قويغانىدى .
  موللامنىڭ ئۇيقۇسى كەلدى ، ئۇ ئايۋاننىڭ ئىچكىرسىدىكى قازناقتا نىپىز ئاق كۆينەك ، ئاق ئىشتان كېيىپ سوزۇلوپ ياتاتتى . قازناقتا بەدبۇي نېشە پۇرىقى بار ئىدى ، ئۇنىڭ قولتۇقىدىن تاپتەك سېسىق پۇراق تارقىلاتتى . قازناقتىكى چوغدەك ھاۋا بۇلغانغان ، ئېچىغان ، ئادەم چىداپ تۇرغىلى بولمايدىغان ئەۋرەز قۇدۇقىغا ئوخشايتى .
  موللام 60 ياشلاردىكى پاكار ، چاڭگا ساقال ، ئوغرى چىراي ، مايمۇن كۆز ئادەم ئىدى .
  موللام ئائىشەنى چاقىردى :
- قىزچاق بۇياققا كېلىڭ ، پۇت - قولۇمنى تۇتۇپ قويۇڭ ، - دېدى كېكەشلەپ .
ئائىشە ھۇدۇقۇش ھالېتىدە موللامنىڭ ئايالىغا :
- خەدىچە ئانا ، موللام مېنى چاقىرىۋاتىدۇ ، ئۆزلىرى بىللە كىرگەن بولسىلا ، - دىدى .
- كىرىۋىرىڭ قىزىم كەينىڭىز دىنلا كىرىمەن ، - دىدى خەدىچە بۈۋۈم .
  ئائىشە پۇتى كۆيگەن چۆجېدەك دەسسەپ قازناققا كىردى ، تىترەپ تۇرغان يۇمران قوللىرى بىلەن موللامنىڭ ئاشلانغان ئۆچكە تېرىسىدەك دۈمبېسىنى ۋە چوشقېنىڭ پۇتىدەك پاچاقلىرىنى تۇتتى . ئۇ سىم - سىم يامغۇردەك تەرلەپ ، توغاچتەك قىزىرىپ كەتكەنىدى . كۆڭلى ئېلىشىپ بېشى قايغاندەك بولدى ، مۈگدەپ - مۈگدەپ موللامنىڭ يېنىغىلا يېقىلدى .
موللام يەل قويىۋاتقان كامىردەك پۇشۇلداپ ، تۇغماس ئايال بالا قورچاقنى يېنىغا قويۇپ ياتقاندەك كۆزىنى  چىڭ يۇمۇپ يېتىۋالغانىدى . خەدىچە بۈۋۈم قازناقتا شىپپىدە پەيدا بولدى ، موللامنىڭ ئائىشەگە يېقىن يېتىۋالغىنىنى كۆرۈپ ‹‹ توخۇ يىگەن ئىت يەنە چۆجىنى كۆرسە ... ›› دىگەنلەرنى ئويلاپ غەزەپلىنىپ :
-ھۇي ، ئالجىغان قېرى ، بېر پۇتلىرى گۆرگە ساڭگېلېغاندا ... قىلىقىنىڭ سەتلىكىنى ، ھەي سىلىگە گەپ قېلىۋاتىمەن ، قىچىشمىغان يەرنى قاشلىماي تۇرسىلىيە بۇياققا ! ، - دېدى .
- ئائىشە ئۇخلاۋاتىدۇ ، ئۇنى ئويغۇتىۋەتمە . پېشىنگە ۋاقتى بار ، مەن سەل تۇرۇپ چىقىمەن ، -دېدى موللام شىۋىرلاپ .
خەدىچە ئالىيىپ قويۇپ چىقىپ كېتىۋىدى ، ئۇ ئىشىكنى ئىچىدىن تاقىۋالدى ...


                                                          2

ئائىشەنىڭ ئانىسى ئانارخان ئۇنى ساقلاپ ئولتۇرۇپ ئۇخلاپ قالغانىدى .
قاپقاراڭغۇ ئورمان ، ناھايىتى يېراقتا بۆرە ھۇۋلېماقتا . ئائىشە بىر توپ ياۋا توڭگۇزلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ قېلىپ چىقالمايۋاتاتتى ، توڭگۇزلار دەھشەتلىك چېرقىراپ ئۇنى پارە - پارە قىلىپ يەۋاتاتتى  . ئۇنىڭ چىرايلىق بېشى دۇمىلاپ - دۇمىلاپ تۇراتتى ، كىيىكنىڭ كۆزىدەك كۆزلىرى ئانېسىغا چەكچىيىپ قارايتى . ‹‹ ئانا ، مېنى قۇتقۇزىۋال ! ›› دەپ نىدا قىلاتتى ...
ئانارخان تولغۇنۇپ كۈچەپ قانچە تىرىشسىمۇ كۆزىنى ئاچالمىدى .
‹‹ تاس ›› قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ چۈچۈپ ئويغاندى ، يۈرېكى گۈپۈلدەپ سوقۇپ ھاسىراپ كەتتى . يەتتە بوغۇملۇق چايان ئۇنىڭ ئوڭ قولىنى چېقىۋىلىپ يورغىلاپ كېتىۋاتاتتى . ئانارخان يامغۇردا قالغان چار بازارچىدەك موللامنىڭ ئۆيى تەرەپكە قاراپ يۈگۈردى . ئائىشە يولنىڭ چېتى بىلەن كېلىۋاتاتتى ، چىرايى سۇلغۇن ئىدى ، كۆزلىرىدىن ياش تامچېلىرى سىرغىپ تۇراتتى .
ئانارخان قىزىنىڭ بىماردەك بىچچارە ھالېتىنى كۆرۈپ قورققىنىدىن ئۇنى باغرىغا بېسىپ :
- نېمە بولدۇڭ جېنىم قىزىم ، - دەپ سورىدى . ئائىشە يۇم - يۇم يىغلاپ :
-موللام ماڭا ... ، - دېدى زەئىپ ئاۋازدا ئانىسىغا ئېسىلىپ .
ئانارخان تۇيۇقسىز زەربىگە بەرداشلىق بېرەلمەي ئوقيا تەككەن ئانا قۇشتەك پالاققىدە يىقىلدى ...
ئۇ ئەمدى ئائىشەنىڭ دادىسىغا نېمە دەپ جاۋاپ بەرسۇن ؟
مۇساجان ‹‹ قىزىمىز قارىخانىدا ئوقۇسا بولمايدۇ ! ›› دەپ توسقان قايتا - قايتا ئەسكەرتىش بەرگەن ئەمەسمىدى ، ئائىشەمۇ ‹‹ قارىخانىدا ئوقۇمايمەن ، ئەدەبىيات كۇرسىغا قاتنىشىمەن دەپ چىڭ تۇرغان ئەمەسمىدى .
كەچتە مۇساجان شەھەردىن قايتىپ كەلدى . ئۇنىڭ ئانېسى ئوتتۇرانچى قىزىنىڭ ئۆيىدىن ئىككى نەۋرىسىنى ئېلىپ كەلگەنىدى ، ئانارخان بۈگۈن يۈز بەرگەن  زالالەتنى يىغلاپ تۇرۇپ ئېيىتتى . مۇساجاننىڭ ۋۇجۇدى غەزەپتىن تىترېدى ، ئۆز -ئۆزىنى كاچاتلاپ ھۆركىرەپ يىغلىدى ...
دۇنيادا ئەڭ دەھشەتلىك نەرسە - ئەركەكلەرنىڭ كۆز يېشى ئىدى .
موماي پالۋان قامەتلىك ئوغلېنىڭ بۈگۈن ئاجىز ، بىچچارە ھالغا چۈشۈپ قالغىنىنى كۆرۈپ چىداپ بولالماي ئۈن سېلىپ يىغلىۋەتتى . مۇساجان ئامبار ئۆيگە كىرىپ تىزلا يېنىپ چىقتى ، ئۇ بېلىگە پالتا قىستۇرۇۋالغانىدى .
-جېنىم ئوغلۇم ، - دېدى موماي يالۋۇرۇپ ، - ئۇ مۇناپىقنى ئۆلتۈرۋەتسەڭ ئائىلىمىز ۋەيران بولىدۇ . قانۇن جازاسىنى بەرسۇن !
ئىككى كىچىك نەۋرېلەر قورقۇپ مومېسىغا ئېسىلىپ تۇرغانىدى ، موماي :
-بالىلارنى ئارزۇلاپ باقامدىغان ، نېمە ئۈچۈن ياخشى ئادەملەرگىلا دەرد- ئەلەم ، دۇشۋارچىلىق بۇ ...، - دەپ يىغلىغىنىچە نەۋرېلەرنى دۈشكۈشلەپ سىلكىۋەتتى .
- ساقچىغا مەلۇم قىلايلى دادىسى ، - دېدى ئانارخان كۆينىكىنىڭ يەڭلىرى بىلەن يېشىنى سۈرتۈپ .
- ياق باللىرىم ھازىرچە ساقچىغا مەلۇم قىلماڭلار ‹‹ باش يېرىلسا بۆك ئىچىدە ، قول سۇنسا يەڭ ئىچىدە ›› ئەمەسمۇ . نۇمۇس - نۇمۇس ، - دېدى موماي .


                                                           3

ئائىشە قەسىتكە ئۇچراپ ئۈچ كۈندىن كىيىن موللام بىلەن خەدىچە سوقۇشۇپ قالغانىدى . خەدىچە ئېرىنىڭ دىنى ئەسەبىيلىكنى تارقىتىپ ئۆسمۈرلەرنى زەھەرلىگەن ، نارسىدە قىزلارغا باسقۇنچىلىق قىلغان جىنايەتلىرىنى ئېنىق بىلەتتى ، ئۇ گۇناھكار جۆرىسىدىن دەرھال ئاجىرشىپ كەتمىسە خاتىرجەم ، تىنىچ تۇرمۇشى كۆپۈككە ئايلىناتتى . ئۇ موللامدىن 20 ياش كىچىك ئىدى . موللام ئۇنى سەت گەپلەر بىلەن ھاقارەتلىگەنىدى ، خەدىچە چىداپ بولالماي :
-ھەي ئىنسان قىلىپىدىن چىققان مەلئۇن ، ئاڭلىدىڭمۇ سېنىڭ سەۋەبىڭدىن ئائىشە تۈنۈگۈن چۈشتە بىر پارچە خەت قالدۇرۇپ ئۆزىنى دەرياغا تاشلىۋاپتۇ ...
ئەمدى ئۇنىڭ دادىسى سېنى ئۆلتۈرۋىتىدۇ ، ئەگەر تىرىك قالساڭمۇ ساقچىلار سېنى تۇتۇپ كېتىدۇ ، - دېدى .
موللام ئېتىلىپ بېرىپ خەدىچەنىڭ يۈزىگە ئىككى مۇشت ئاتتى ، ئۇنىڭ بىر كۆزى پولتېيىپ چانېقىدىن چىقتى . نازۇك لەۋلىرى يېرىلدى ، 32 چىشىدىن ئىككىسى سۇنۇپ ئاغزىدىن بىر توختىماي قان ئېقىۋاتاتتى ...
‹‹ خوتۇن كىشىنىڭ دۈشمىنى - خوتۇنىنىڭ يۈزىگە ئۇرغان ئەر كىشى ›› دېگەن گەپ بار ئىدى .
خەدىچە غەزەپلىنىپ بېشىدىكى ياغلىقى بىلەن يۈزىنى توسۇپ يالاڭباش تالاغا ئوقتەك ئېتىلدى ، دىلو مەلۇم قىلىش ئۈچۈن ساقچىخانىغا قاراپ يۈگۈردى ...

                                                          4

موللام ئەتىگەندە نامازدىن يېنىپ قازناقتىكى ئۇۋېسىغا كىرىپ ئۇيقۇغا كەتتى .
موللام قاراڭغۇ ئۆيدە بالىلارغا ‹‹ دەرس ›› بېرىۋاتاتتى ...
تۇيۇقسىز قاتتىق بوران چىقىپ ھويلىدىكى ياڭاق شاخلىرى قاراسلاپ سۇنغان ئاۋاز ئاڭلاندى ، بوران ئۇنىڭ ئۇچىسىدىكى كۆينەك - ئىشتانلىرنى ئۇچۇرۇپ كەتتى . ئۇ شەھەر ئىچىدە ماشىنا ماڭىدىغان يولدا قىپيالىڭاچ كېتىۋاتاتتى ، يانپاشلىرىنى قولى بىلەن توسىۋالغان ئىدى . ئىگىز بويلۇق لۈكچەك ئايال يۈگۈرۈپ كېلىپ بىر مۇشت بىلەن ئۇنى يەر چىشلەتتى ، بىر چەتكە ئۆتۈپ ئېڭىشىپ تۇرۇپ ساغرېدىقىنىڭ ئارىسىدىن لاتېنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ ئۇنىڭ بوينىغا ئارتىپ قويۇپ كېتىپ قالدى . تازىلىق ئىشچىسى ئۇزۇن چىغ سۈپۈرگە بىلەن ئۇنىڭ كاللىسىغا ئۇردى ...
موللام چۈچۈپ ئويغاندى ، ھويلىدىكى قارا قانجۇق قاۋاپ توختىغانىدى . ئۇ ‹‹ يالىڭاچ يۈرۈپ چۈش كۆرۈپتىمەن ، ھېچكىم بىلمەيدىغان ئەيىبىم ئاشكارە بولۇپ قالدىمۇ ، نېمە؟ ›› دەپ ئويلىدى .لېكىن چۈشىگە تەبىر بېرىشكە ئۈلگۈرەلمىدى . ساقچىلار ئۇنى تۇتۇش ئۈچۈن كەلگەنىدى . ئۇ جىنايىتىدىن قورقۇپ قېچىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ قويۇق تىكەن - چاتقاللار ئارىسىدىن چىقالماي قانۇننىڭ تورىغا چۈشتى ...


                2016-يىلى 29- فېۋرال قايتا تۈزىتىلدى .

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-17 21:16:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
80-يىللاردا تۇلا يېزىلىپ جۇلىقى چىقىپ كەتكەن،ئەمەلىيەتچانلىقىدىن تۆھمەت خارەكتىرى كۈچلۇك بۇ تىمىدا قەلەم تەۋرىتىپ ئاۋەرە بولغىچە ئاتا-بۇۋىللىرىڭىزنىڭ تۇپراق بېشىنى يوقلاپ دۇئا قىپ قويسڭىزچۇ!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-18 00:28:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسمەت يوللىغان ۋاقتى  2016-3-17 09:16 PM
80-يىللاردا تۇلا يېزىلىپ جۇلىقى چىقىپ كەتكەن،ئەمەلىيەت ...

بۇ ھىكايە رىئال تىما تۆھمەت ئەمەس مەيلى قايسى دەۋىرە بولسۇن ، رىئاللىقنى بۇرمىلاشقا ھەققىمىز يوققۇ دەيمەن .

ۋاقتى: 2016-3-18 20:24:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكايىدىكى تېما رىئاللىققا ئۇيغۇن بولغان. ئىپادىلەش ماھارىتى جەھەتتە يەنىمۇ ئىزدىنىپ باقارسىز.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش