كۆكلەمدىكى ئىلھاملار
ئۈمىدجان قادىرى
كۆكلەم نەزمىسى
شوخلىنىپ ئاقتى سۇلار،تەپتى تومۇزدىن جانلىنىپ،
باشلىدى قۇشلار ناۋا،پەيتى نورۇزدىن جانلىنىپ.
شوخ سابا كەلدى ئېلىپ ھەر دىلغا مەلھەم دورىنى،
جىلۋىگە تولدى زىناق،رۇخسارى ئۇزدىن جانلىنىپ.
ياپ-يېشىل ئارمان جۇلا ئەيلەر سۆگەتلەر تالىدا،
پۇررىدە قۇشقاچ ئۇچار،كۈيلۈك قوۋۇزدىن جانلىنپ.
قاڭقىدى روھلار خۇشال پەرۋازى كۆكنىڭ قەرىدە،
ئانىلار بەرگەن كەبى دەسلەپ ئوغۇزدىن جانلىنىپ.
قىش يېتىپ تۈزگەن پىلان،ئىزدەپ مۇرادنىڭ ھاسىلىن،
تۈردى يەڭ دېھقان يىگىت،مېھنەت نوپۇزدىن جانلىنىپ.
تاشلىدى باغۋەن نەزەر گۈلگۈن چېچەكلەر مەڭزىگە،
سەزگىنى سەرخىل ھوسۇل،تۇردى ئۇجۇزدىن جانلىنىپ.
جانلىنىپ بارچە خۇشال،كۈلگەچ ئۈمىدجان ۋەسلىمۇ،
پۈتتى كۈي كۆكلەم ئاڭا بەرگەن شۇ تۇزدىن جانلىنىپ.
تەركى ماكان
ھالۇ-ئەھۋالىم يامان،ئىشقىڭغا تۇتقۇن بولدۇما،
ئوت نىگاھىڭدا كۆيۈپ،ھەر ياندا ئۇچقۇن بولدۇما.
ئايلىنىپ كۈندە بېغىڭنى ھەم كېتەلمەستىن نېرى،
تۈندە ئۇيقۇمدىن بىدارى شۈنچە مەھزۇن بولدۇما.
كۆرگىنىم پۇشتى پەرىزات،يا شاياتۇنمۇ نېمە؟!
ھېسلىرىم مەندىن يىراقلاپ جادۇ-ئەپسۇن بولدۇما.
يۈرىكىم ئاتەش تونۇردا چۆكتى تەلقىنگە يەنە،
بىر مۇغەننىنىڭ قولىدا تارغا ناخۇن بولدۇما.
يامرىتىپ ھىجران يېشىنى چۆلگە تۆككەيمەن قىيان،
سەن ئۈچۈن تەركى ماكان،يات يەردە قاچقۇن بولدۇما.
كىرسە ئوتلارىم دىلىڭغا،قاينىسا مۇزلار شۇ ئان،
كۇللىنىڭ سايلاملىرىدا ئەھلى گەردۇن بولدۇما.
قوللىرىڭ تەگسە قولۇمغا قايتىدىن دۇنيا بىنا،
سۆيگۈلەر مەۋجى ئۈمىدجان دەيدۇ جۇشقۇن بولدۇما.