كۆرۈش: 158|ئىنكاس: 6

ھۈكەر: ئۆزگىرىدۇ ئىنسان نېمىشقا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۆزگىرىدۇ ئىنسان نېمىشقا؟


شىرزات ئادىلجان ھۈكەر


سوئال كۆپلەپ باسماقتا باشنى،
ئامال بارمۇ جاۋاب تېپىشقا؟
سىلكىنگەندە ۋۇجۇدلىرىمىز،
ئۆزگىرىدۇ ئىنسان نېمىشقا؟

مېنى قىينار نەچچە-نەچچە تۈن،
ئارمانىمغا چۈشتىغۇ سەپكۈن.
ئۆتۈپ كەتسە نەچچە يىل، ئاي، كۈن،
ئۆزگىرىدۇ ئىنسان نېمىشقا؟

بولالمىغاچ ئاققۇ بىلەن جەم،
داۋالغۇيمەن تىنىچ كۆلدە ھەم.
تۇرۇپ قالدىم ئويلىشىپ بىردەم،
ئۆزگىرىدۇ ئىنسان نېمىشقا؟

تار كەلدىممۇ جاھان ۋە يارغا؟
ئامال بارمۇ ئوتنى ياقارغا؟
كەلگىنىمدە ياخشى قارارغا،
ئۆزگىزىدۇ ئىنسان نېمىشقا؟


*            *          *

يوقاپ كەتتى دېمىگىن مېنى،
مەن يوقىغان ناخشامدا سەن بار.
ئۆزگەرتسىمۇ ئىنساننى تۇرمۇش،
لەۋ چىشلىگەن ئاخشامدا سەن بار.
ئۆزگەرمىگەن ھەم يەنە مەن بار!


2016-يىل 17-مارت،      ئۈرۈمچى

باھا سۆز

ماۋزۇ ئاخىرىغا تىنىش بەلگە قويماسلىقنى ئادەت قىلىڭ!  ۋاقتى: 2016-3-17 07:04 PM
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-17 18:06:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارۇزدا لىرىكىغا يېقىنلاشقان ئىدىڭىز، ئەمدى لىرىكىدىن يىراقلاشماقچىمۇ؟

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-17 18:37:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Erchin يوللىغان ۋاقتى  2016-3-17 06:06 PM
ئارۇزدا لىرىكىغا يېقىنلاشقان ئىدىڭىز، ئەمدى لىرىكىدى ...

تېچلىقمۇ ئەرچىنكا؟ كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
بۇ شېئىرىمدىكى خاتالىقلارنى يەنىمۇ ئىنچىكىلەپ كۆرسىتىپ بەرگەن بولسىڭىز!

ۋاقتى: 2016-3-17 18:46:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لىرىكتىن ئېپىكقا ئاتلاپ كېتىۋاتىسىز. ئەسلى ئېپىكتىن لىرىكقا ئۆتۈش كېرەك ئىدى! قاپىيە ئويۇنلىرىغا مەستانە بولىدىغانلارنى دورىماڭ! مەن سىزدە زور ئۈمىدنى كۆرگەچكە، سىزگە ئىنكاس يېزىپ كېلىۋاتىمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-17 18:58:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Erchin يوللىغان ۋاقتى  2016-3-17 06:46 PM
لىرىكتىن ئېپىكقا ئاتلاپ كېتىۋاتىسىز. ئەسلى ئېپىكتىن ل ...

رەھمەت ئەرچىنكا، مەن سىزنىڭ ھەربىر بەرگەن تەكلىپلىرىڭىزنى كېيىنكى ئىجادىيىتىمگە تەدبىقلايمەن.  تەنقىدى پىكىرلىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز!

ۋاقتى: 2016-3-20 00:49:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىرزات! غەيرەت قىل ئاغىنە، ئەسەرلىرىڭ بارغانسىېرى ياخشى چىقىۋاتىدۇ. مېنى دىققەت قىلمىدى دېمە، دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمەن يازغان ئەسەرلىرىڭگە. مۇنبەرگە چىقىۋاتقىنىنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمەن. ئىنكاس يازسامغۇ بولاتتى، لېكىن، يەنە دېسەم يەنە شۇ دوستۇم، مەن سېنى تاكى ئاخىرقى تىنىقىم قالغۇچە قوللايمەن. ئامان بول جانجىگەر دوستۇم!!!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش