يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 531|ئىنكاس: 11

تۇرسۇنجان ھەسەن: «ئەدەبىي چايخانا»

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تۇرسۇنجان ھەسەن
«ئەدەبىي چايخانا»
(ھېكايە)
-سىز چارچىمايدىغان، ھارمايدىغان، تىرىكمەيدىغان، ئىشلەپ زېرىكمەيدىغان ئادەممۇ؟ نەچچە ئادەم قىلىدىغان ئىشنى ئۆزىڭىز يالغۇزلا قىلىدىكەنسىز، ژۇرنال چىقارماق شۇنچە ئاسان ئىشمۇ، ئەسەر ئۇيۇشتۇرۇش، تەھرىرلەش، باستۇرۇش، تارقىتىش مۇشۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قانداق قىلىپ بولىسىز؟
-ئامال يوق، ئادەم يېتىشمەيدۇ، خىزمەت تەقسىماتى مۇشۇنداق، مېنىڭ قولۇمدىن كېلىدىغان ئىشمۇ تايىنلىق، رەھبەرلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلۈپ مۇشۇ ئىشقا قويغىنىغا مىڭ مەرتە تەشەككۈر.
-300 مىڭ نوپۇسى بار مۇشۇ ناھىيەدە ئۆزىڭىز يالغۇز بىر مۇنچە خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن قانداق چىقىپ بولىسىز دەيمەن. نۇرغۇن ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرى، يازغۇچى-شائىرلار بار، شۇلاردىن بىر نەچچە يۆتكەپ ئەكىلىپ ئىشلەتسىڭىز بولمامدۇ؟
-مېنىڭ قولۇمدىن ئادەم يۆتكەش كەلمەيدۇ، ئەسەرلەردە توغرا ئىشلىتىلمىگەن سۆزلەرنى، تىنىش بەلگىلىرىنى، كېسەل جۈملىلەردىكى ئارتۇقچە تەركىبلەرنى ئۇيان-بۇيان يۆتكىيەلەيمەن. ئادەم يۆتكەپ ئىشلىتىش قولۇمدىن كەلمەيدۇ. ئۆزۈمنىڭمۇ مۇشۇ ئورۇندىن يۆتكەلمەي ئىشلىگىنىمگە خۇشلۇقۇم بار.
-ئاڭلىسام، دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە بىر ژۇرنالنى بىر ئادەم يالغۇز تەھرىرلەيدىغان، باستۇرىدىغان، تارقىتىدىغان، ئۆزى بىلگەنچە ئەسەر قوبۇل قىلىدىغان ئىش يوقكەن.
-مەن ئاشۇنداق ھېچكىم قىلىپ باقمىغان ئىشنى قىلغىلى ئامراق. ئاسان ئىش بىلەن خوشام يوق. قىلغىلى بولمايدۇ دەيدىغان ئىشنى قىلغىلى، ئۆتكىلى بولمايدۇ دەيدىغان ئىنتىھانغا قاتنىشىپ ئۆتكىلى، چىققىلى بولمايدۇ دېگەن چوققىغا چىققىلى ئامراق...
-مەن كۆرسەم باش كۆتەرمەي بىر نېمىلەرنى ئۇرىدىكەنسىز، بىر نېمىلەرنى ئۆزگەرتىدىكەنسىز، بىر نېمىلەرنى تەھرىرلەيدىكەنسىز، بىر نېمىلەرنى لاھىيەلەيدىكەنسىز، چاي ئىچىپ، گېزىت ئوقۇپ، باشقىلار بىلەن مۇڭدىشىپ ئولتۇرغىنىڭىزنى پەقەتلا كۆرگىلى بولمايدىكەن...
-سىز بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرىۋاتىمەنغۇ مانا، يەنە قانداق قىلسام بولاتتى؟ سىزگە ئوخشاش كېلىپ-كېتىپ تۇرىدىغان ئاپتۇرلار بەك كۆپ، ئۇلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرىمەن، ئۇلاردىن ئۇچۇر قوبۇل قىلىمەن، ئۇلاردىن ئۆگىنىمەن...
-ھەر سان ژۇرنالغا قارىسام مەن تۇنۇيدىغانلا ئاپتۇرلارنىڭ ئەسەرلىرىنى باسىدىكەنسىز، قارىغاندا سىزگە ئەسەر بېرىدىغان ئاپتۇرلار بەك ئاز ئوخشايدۇ-ھە؟!
-ئۇنداق ئەمەس، كېلىدىغان ئەسەرلەر بەك كۆپ. تۈگمەن ئاز، ئۈگۈت كۆپ، يۇرنالنىڭ سەھىپىسىمۇ چەكلىك. ئۇنىڭ ئۇستىگە باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئىشلەتسىڭىز نۇرغۇن قولايسىزلىقلار بار.
-قانداق قولايسىزلىق دەيسىز؟
-يىراقتىكى ئاپتۇرلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئىشلەتسىڭىز ژۇرنالنى ماڭدۇرۇپ بەرمىسىڭىز بولمايدۇ، بىر ئىككى يىل بولدى قەلەم ھەققىنىمۇ تارقىتىپ بېرەلمەيۋاتىمىز. «ئومىچى يوق مازاردىن شەيىخىم قېچىپتۇ» دېگەندەك، ئەتراپىمىزغا يىغقان ئاپتۇرلارنى قاچۇرۇپ قويساق ئوبدان بولمايدۇ.
-نەچچە مىڭ يۈەن مۇئاش ئالىدىغان كادىر بولغاندىكىن، ئۇششاق ھېسابلارنى قىلىپ يۈرمەي، ئاپتۇرلارغا ژۇرنالنى سېلىپ بەرسىڭىز، بىر نەچچە يۈز يۈەن قەلەم ھەققىنى كارتىسىغا ئۇرۇپ بەرسىڭىز بولمىدىمۇ؟
-بۇنىڭدىن كېيىن شۇنداق قىلاي، كۆرسەتمە بەرگىنىڭىزگە رەھمەت!
-جەمئىيەتتە سىز توغرۇلۇق پاراڭلار ئاۋۇپ قاپتۇ، دىققەت قىلارسىز.
-نېمە پاراڭلاركەن ئۇ؟ مەن ئىشخانامدىن سىرتقا چىقماي ھېچنېمىنى ئاڭلىماپتىمەن.
-سىزنى «ئەدەبىي چايخانا» دەمدۇ، ئىشقىلىپ شۇنداق بىر نېمىنى قۇرۇپ، يۇرتىكى يازغۇچى-شائىرلارنىڭ بىر قىسىنى ئارقىسىغا سېلىۋاپتۇ، «باياۋان» ژۇرنىلىنى شۇلارنىڭ قىلىۋاپتۇ، شۇلارنىڭكىدىن باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى باسمايدىغان بولىۋاپتۇ،-دېيىشىۋاتىدۇ.
-ئۇلار قارىسىغا سۆزلەپ، پىتنە-ئىغۋا تارقىتىپ يۈرگەن ئوخشايدۇ. «ئەدەبىي چايخانا» دېگەن بۇ يۇرتتىكى ئاپتۇرلارنىڭ ئۇچۇر تورىدىن پايدىلىنىپ پىكىر ئالماشتۇرىدىغان سورۇنى. خالىسا تېلىفۇنلىرىغا قاچىلاپ، بۇ توپقا قوشۇلۇپ، ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرگە ئىشتىراك قىلسا قارشى ئالىمىز.
-سىز دېگەن ئۇ «ئەدەبىي چايخانا»غا قاتناشقانلار بىر نەچچە قېتىم ئۆز ئالدىغا پائالىيەت تەشكىللەپتىمىش، ئۆز ئالدىغا زىياپەت بېرىپ، يوقۇرىدىن كەلگەن يازغۇچى-شائىرلارنى كۈتىۋاپتىمىش، ئۆز ئالدىغا ئەسەر توپلاپ كىتاب نەشر قىلىشنى پىلانلاپتىمىش، ئۇلار تېخى يەنە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلارمىش...
-شۇنداقمۇ، چېچىلىپ يۈرگەندىن بىر يەرگە جەم بولۇپ، يالغۇز يۈرگەندىن ئۆزئارا ئەسرا-سىرداش بولۇپ، ئۆزىگە ئۆزى سۆزلەپ يۈرگەندىن ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، يالغۇز يېگەندىن، كۆپچىلىككە داستىخان سېلىپ ياشىغاننىڭ نەرى يامانكەن...
-سىلەرنىڭ «ئەدەبىي چايخانا»ڭلارغا قوشۇلالمىغان بىر نەچچىسىنىڭ سۆزلەپ يۈرگەنلىكىنى ئاڭلاپ قالدىم. سىلەرغۇ يامان ئىش قىلماپسىلەر، يۇرتىمىزدىكى يازغۇچى-شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرىنى يىغىپ كىتاب چىقىرىمىز دېگىنىڭلار بەك ياخشى ئىش بوپتۇ.
-ياخشى ئىشنىڭ يامان ئاتىقى چىقىپ قالىدىغان ئىشلارمۇ بولىدۇ. «ئەدەبىي چايخانا»دىكىلەر نۇرغۇن خەيرلىك ئىشلارنى پىلانلاپ، روياپقا چىقارماقچى. يۇرتىمىزدىكى پىشقەدەملەردىن باشلاپ، يېڭىدىن ئىجادىيەت كوچىسىغا كىرگەنلەرگىچە ھەممىسنى تىزىملاپ، ئەسەرلىرىنى توپلاپ كىتاب چىقىرىپ قويايلى دېيىشتۇق.
-كىتاب دېگەننى ھۆكۈمەت چىقارماي، سىلەر چىقىرامسىلەر؟ كىتاب چىقىرىشقا كېتىدىغان خىراجەتنى قانداق قىلىسىلەر؟
-ئالدى بىلەن ئەسەرلەرنى توپلايمىز، ئاندىن دوكلاد يېزىپ ھۆكۈمەتكە يوللايمىز، خىراجەتنى ھۆكۈمەت چىقىرىپ بەرسە تېخى ياخشى، ھۆكۈمەت چىقىرالماي قالسا، ئاپتۇرلاردىن مۇۋاپپىق توپلايمىز.
-مانا مەسىلە مۇشۇ يەردە، ئاپتۇرلار كىتاب چىقىرىدىغاننىڭ گېپىنى ئاڭلاپ خۇشال بولغان بىلەن، پۇلنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ نارازى بولىۋاتقان گەپ.
-بىر نەچچە يۈز يۈەندىن يىغارمىز، ئۇندىن ئارتۇق يىغقىلىمۇ بولمايدۇ، كىتاب چىقىرىپ ئاپتۇرنىڭ قولىغا بەرسەك بۇ بەكمۇ خۇشاللىنارلىق ئىش بولمامدۇ؟
-سىزگە دېسەم، مۇنداق ئىشلارغا سىز ئارىلاشماڭ، بىر ژۇرنالنىڭ ئىشى ئاز كېلىپ قالغاندەك، مۇنداق ئىشلارغا ئارىلىشىپ نېمە قىلىسىز دەيمەن؟
-ياخشى ئىشقا ئارىلاشماي بىر چەتتە قانداق قاراپ تۇرغىلى بولسۇن؟ «ئەدەبىي چايخانا»دىكى ئەدىبلەرنىڭ ساپاسى ھەقىقەتەن يوقۇرى، بىر نەچچە كىتاب چىقىرىپ شۆھرەت قازانغانلارمۇ بار، يېڭىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىۋاتقان چولپانلارمۇ بار، ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرى تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ھەم مەنىلىك...
-سىزنى گۇرۇھۋازلىق قىلمىسىكەن دەيمەن. «بايۋان» ژۇرنىلى «ئەدەبىي چايخانا»دىكىلەرنىڭ ژۇرنىلى ئەمەس، سىزنىڭ ئۇنداق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ يۈرىشىڭىزمۇ توغرا ئەمەس. سىز لىللا مەيداندا تۇرمىسىڭىز بولمايدۇ.
-مېنىڭ مەيدانىم مۇستەھكەم، شۇ نەرسە ئېسىڭىزدە بولسۇن، بىز ئىنسانلار بۇ دۇنياغا سۇخەنچىلىك قىلغىلى، غەيۋەت-شىكايەت قىلغىلى، پىنتە-باسات تېرىغىلى، كىشىلەرنىڭ دوستلۇقىنى بۇزغىلى، ياخشىلارغا ئورا كولىغىلى كەلمىدۇق. بىز پىكىر، ئىختىرا قىلغىلى، قەلبلەرنى ئۆز ئارا تۇتاشتۇرغىلى، مېھرى-مۇھەببەت ئارقىلىق روھلارغا ئالتۇن كۆۋرۈك سالغىلى كەلدۇق.
-ئەجەپ خاپا بولۇپ كەتتىڭىزا، مەنمۇ ئاڭلىغىنىمنى دەپ قويدۇم. سىزنى ئۆزۈمگە يېقىن كۆرۈپ، سىزگە كۆڭۈل بۆلۈپ، سىزنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويدۇم. «ئەدەبىي چايخانا» پائالىيىتى دېگەن بىلەن تانسا ئوينايدىغان، ناخشا ئېيتىدىغان، ساز چالىدىغان، سېرىق لەتىپە-يۇمۇر سۆزلەيدىغان ئىشكەنغۇ؟
-نەدىن ئاڭلىغانسىز مۇشۇنداق تاينى يوق گەپلەرنى، پائالىيەت بولغاندىكىن مەزمۇنى رەڭدار بولمامدۇ، تانسا ئوينىسا، ناخشا ئېيتسا، ساز چېلىپ كۆڭۈل ئاچسا بولمايدىغان نەرى بار؟
-سىز ئۇنداق دېگەن بىلەن ئېرىدىن ئاجرىشىپ كەتكەنلەر، جانان چېنىسىگە دەز كەتكەنلەر، ئېرىدىن كۆڭلى سۇ ئىچمىگەنگەنلەر، داپ تاراڭلىغان، ئىشەك ھاڭرىغان يەردە يۈرىدىغانلار بىلەن پائالىيەت قىلىپ يۈرسىڭىز ئوبرازىڭىزغا تەسىر يەتمەمدۇ؟
-بىزنىڭ ئارىمىزدا ئەخلاقسىزلار، دىيانەتسىزلەر، ۋىجدانسىزلار، قارا قورساقلار، ئەقلىگە شەيتان مىنىۋالغانلار يوق. قەلەمنى كىم ئۈچۈن، نېمە ئۈچۈن قولىغا ئالغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئىجادىيەت قىلىدىغانلار بار. بىز شۇلار بىلەن «ئەدەبىي چايخانا»نىدا ھەمسۆھبەت بولغانلىقىمىزدىن پەخىرلىنىمىز، ئىپتىخارلىنىمىز.
-جەمئىيەتكە تارقالغان گەپ-سۆزنىڭ بىرەر ئاساسى بولمىسا تارقىلىپ يۈرمەيدۇ، سىزنىڭ بىر ئوبدان بەختلىك ئائىلىڭىز بار، ئىككى بالىلىڭىز ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدۇ، مەن سىزنىڭ ئالىمادىس بىرەر ئىشقا چېتىلىپ قېلىشىڭىزدىن ئەنسىرەيمەن. سىز دېگەن ئادەتتىكى ئادەم ئەمەس، ئوبرازىڭىزغا دىققەت قىلمىسىڭىز بولمايدۇ.
-ۋاي رەھمەت، رەنجىگەنلەرگە ئېيتىپ قۇيۇڭ. بىز «ئەدەبىي چايخانا»دىكىلەر مەڭگۈ ئىناق ياشايمىز، بىر-بىرىمىزنى مەڭگۈ قوللايمىز، يۇرتىمىزنىڭ گۈزەل بولۇشىنى، دىللارنىڭ سۆيگۈ-مۇھەببەتكە تولۇشىنى، ئىنسان بالىلىرىنىڭ خاتىرخەم، باي-باياشاد ياشىشىنى، مەنىۋىي تۇرمۇشىنىڭ تېخىمۇ رەڭدار، تېخىمۇ جەلبكار، تېخىمۇ مەزمۇنلۇق بولۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-17 21:41:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرسۇنجان مۇئەللىمنى شائىر دەپ يۈرسەم، ھېكايىنىمۇ خېلى قاملاشتۇرۇپ يازالايدىكەنغۇ؟.
ھېكايىڭىز شۇنداق تېتىملىق چىقىپتۇ.

ۋاقتى: 2016-3-18 12:18:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ھېكايىنىڭ مەزمۇنىدا خېلى بىر نىمىلەر باردەك قېلىدۇ

ۋاقتى: 2016-3-18 17:49:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەخسۇس دىئالۇگ بىلەنلا ھېكايە يازىدىغان ئۆزگىچە ئۇسلۇبىڭىز باركەن. ئۆزى بىلمەيدىغان ساھەگە بىلەرمەنلىك بىلەن نەسىھەت قىلىدىغانلارنى ئەيىپلەش مەقسىدىڭىزنى سېلىشتۇرما دىئالۇگ ئۇسۇلى بىلەن  يامان ئەمەس ئەكس ئەتتۈرۈپسىز.
خەلقىمىزدە يامان ئىشلار بىلەن كارى يوق، ياخشى ئىشلارغا چات كىرىۋالىدىغان مۇشۇنداق خۇيمۇ بار.

ۋاقتى: 2016-3-21 22:22:49 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆڭلىڭىزدىكىنى تۈكۈپسىز

ۋاقتى: 2016-3-21 22:22:50 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆڭلىڭىزدىكىنى تۈكۈپسىز

ۋاقتى: 2016-3-26 09:40:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹ ئەدەبىي چايخانا ››نىڭ مۇۋاپىقىيىتىگە ئاپىرىن . ھىكايىدە جەمىيىتىمىزدىكى بىر قىسىم ئادەملەر خېلى ئوبدان قامچىلىنىپتۇ .

ۋاقتى: 2016-3-26 12:05:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان ھېكايىكەن . ‹‹زىيارەت ھېكايىسى›› دېسەك بولغىدەك

ۋاقتى: 2016-3-27 17:33:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز دېيەلمەيۋاتقان گەپلەرنى دېيىشكە جۈرئەت قىپسىز. مەنىسى چوڭقۇر ياخشى ھېكايە بوپتۇ. پىروزا ئىجادىيىتىدە يۈكسىلىپ بېرىشىڭىزغا، قەلەم قۇۋۋىتىڭىزنىڭ يەنىمۇ نۇرلىنىشىغا تىلەكداشمەن!

ۋاقتى: 2016-3-28 00:04:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇئەللىم ،دىيالۇگ  بىلەنلا ئاخىرلاشقان بۇ ھېكايىڭىز مىنى ئويغا سالدى،ئىچىگە يەنەجىق گەپلەر يۇشۇرۇنغاندەك قىلىدۇ...

ۋاقتى: 2016-3-30 14:29:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىتىملىق يىزىلغان ئەسەرنى ئوقۇپ بەكمۇ خوش بولدۇم، ئاپرىن! مۇنبىرىمىزدە مۇشۇنداق نادىر ئەسەرلەرنىڭ كۆپىيىشىنى ئۇمۇد قىلىمەن.

ۋاقتى: 2016-3-30 15:46:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مۇشۇ ئۇسۇلىڭىز بىلەن داۋاملىق يېزىڭ...خەنزۇلاردا خېلى مودا بولىۋاتقان يېزىقچىلىق ئۇسۇلى ھازىر مۇشۇنداق...گېزىتلىرىمىزنىڭ  ئەدەبىي بەتلىرىگىمۇ يولاپ تۇرۇڭ!‹‹‹

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش