كۆرۈش: 309|ئىنكاس: 9

ئادىلجان ھەسەن: ئۈرۈمچىدىكى ئىككى ئوغلۇم (نەسىر)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۈرۈمچىدىكى ئىككى ئوغلۇم

(نەسىر)

ئادىلجان ھەسەن

ھايات بىزگە سوۋغا قىلىنغان بىر دەستە گۈل دەپ ئويلايمەن، ئەنە شۇ گۈلدەستىنى قانداق پەرۋىش قىلىش ئۈچۈن ،ھەر قايسىمىز ھەرخىل يوللار بىلەن ئىزدىنىمىز ،ھەرىكەت قىلىمىز ، تىرىشىمىز .ئۆزگىلەردىن يول سورايمىز ھەم نۆۋىتىدە يول كۆرسۈتىمىز. تېرەن مەنىسىدىن قارىغاندا بۇ سوۋغا قەلىپتىكى مېھرىۋانلىقنىڭ ، ئادىمىلىكنىڭ ، ئاقكۆڭۈللۈكنىڭ نۇرلىرى بىلەن يۇغۇرىلسا ئادەم ئۆزى كۈتمىگەن ئىزگۈلۈككە ئىگە بولۇپ، بەخىتتىن ئىبارەت بۇ ھەممە ئىنتىلىدىغان روھىي يۈكسەكلىككە ئىگە بولالايدىكەن.
مەن ،ھاياتىمدا 33يىل ئوقۇتقۇچىلىقتىن ئىبارەت مۇھىم بىر كەسىپكە  ئۆزۈمنى بېغىشلاپ ، مۇنبەردە نەچچە يۈزلىگەن قارا كۆزلەرگە يۈرەك قېنىمنى سەرىپ قىلدىم . ئەمما بانكىغا قويغان ئونتىيىن ئامانەت پۇلۇم يوق.مېنى خوشال قىلىدىغىنى بۇ 33 يىلدا ئاغرىپ قېلىپ بىرەر تال دورا يەپ باقماپتىمەن. بىرەر بوتۇلكا ئاسما ئاسقۇزۇپ باقماپتىمەن. مەن بۇنى ئائىلەمدىكىلەرگە ، ئەتراپىمدىكىلەرگە ، تەربىلەپ قاتارغا قوشۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان سەبىلىرىمگە قىلغان ھالال خىزمەتلىرىم ئۈچۈن بېرىلگەن مۇكاپات بولىشى مۈمكىن دەپ ئويلايمەن. گەپكە كەلسەك ماڭا بۇ ئۆمرۈمدە ئۈچ نۆۋەت ئۈرۈمچىگە بېرىش نېسىپ بولۇپتۇ . بىر مۇئاش بىلەن چاپاننى دولغا سېلىپ يۇرتۇمدىن شۇنچە يىراق ئۈرۈمچىگە مۇنداقلا بېرىپ كېلىش مەن ئۈچۈن ئۇنچىلىك ئوڭايغا چۈشمەيدۇ ، ئەمما ئىككى ئوغلۇمنىڭ بىرىنىڭ كەينىدىن بىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپكە ئۆتىشى ، مەندەك بىر دادا ئۈچۈن تەسۋىرلىگۈسىز خوشاللىق ئىدى، ئۇلارنىڭ سەپىرى مېنىڭ سەپىرىم ئىدى. ئۇلار ئۈرۈمچىگە كەتتى. ئەر –ئايال ئىككىمىز دەماللىقتا خوشاللىقىمىزدىن نىمە قىلارىمىزنى بىلەلمەي قالدۇق. ۋاقىتنىڭ ئۇزۇرىشىغا ئەگىشىپ ، ئىككىمىز ئوغۇللىرىمىزنىڭ ھوجرىسىغا كىرىپ ئۇلارنىڭ تاملارغا ، يوتقانلارغا ، كىيىملىرىگە سىڭىپ قالغان ھىدلىرىنى بىر بىرىمىزدىن يوشۇرۇن ھېدلايدىغان بولۇپ قالدۇق.
بۇ سېغىنىش ئىدى، بۇ زارىقىپ كۈتۈش ئىدى. ئەمدى مەن ھەر ئايلىق مۇئاشىمنى بىر سىنىت ئۇياق ، بۇ ياق قىلماي ئايالىمغا تۇتقۇزىدىغان بولدۇم. ئىلگىرى تۇتمىغان ئايلىق ھېساۋات دەپتىرىنى ئەمدى تۇتۇشنى قارار قىلدۇق . چۈنكى بىر خىزمەتدىشىم« ئادىلكا ، بىر مۇئاش بىلەن ئىككى بالىنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇش ئوڭاي ئەمەس ›› دىگەن ئىدى. شۇنداق ، بىز ئوغۇللىرىمىزنىڭ ئايلىق خىراجىتى ئۈچۈن پۇل سېلىۋېتىپ مەلۇم مەزگىلگە كەلگەندە ئايالىم دەيتى:
ـــــ كىچىك ئوغلۇمىزنىڭ ئاۋازى بوش چىقىۋاتىدۇ يېنىدا پۇل قالمىدىمۇ نىمە؟ بۇ چاغدا يۈرىكىم شۇررىدە قىلىپ قالاتتى. چۈنكى ئوغۇللىرىم شۇ چاققىچە « دادا ، ئاپا يېنىمىزدا پۇل قالمىدى ›› دەپ باققان بالىلار ئەمەس ئىدى. بىز ئۇلارنىڭ ئاۋازىدىكى شەرتلىك بەلگىگە قاراپ ئۇلارنىڭ بانكا كارتىسىغا پۇل ئۇراتتۇق ، بىراق ئىككىمىزنىڭ تەقەززاسى بىر قېتىم بولسىمۇ ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپ زادى قانداق ياشاۋاتىدۇ؟ بىر كۆرۈپ بېقىش ئىدى. ئەپسۇس بۇنى كۆڭلىمىزدە ئويلىساقمۇ ، بىر –بىرىمىزگە دىيەلمەيتۇق . بۇنى ئېغىز ئېچىپ ئەر-ئايال ئىككىمىزنىڭ بىر-بىرىمىزگە دىيىشىمىز ئاسمانغا چىققاندىنمۇ تەس ئىدى. شۇنداق تەقەززالىق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ماڭا خىزمەت ئىشى بىلەن ئۈرۈمچىگە بېرىش پۇرسىتى كېلىپ قالدى. بۇ ماڭا ئادەتتىكى پۇرسەت ئەمەس ئىدى، بۇ پۇرسەتنىڭ مەن ئۈچۈن قىممىتىنى ھېساپلىغىلى بولمايتى.
ئاپتوبۇستىن چۈشۈپ ، ئۈرۈمچىگە يېلىڭ كېلىۋالغىنىمدىن مىڭبىر پۇشايمان قىلدىم. يۇرتۇمدا دىماقلارغا باھارنىڭ ھىدى پۇراپ، بىدە كۆكىدىن بىر قېتىم چۆچىرە ئېتىپ يەپ بولغان ئىدۇق . مەن ئۈرۈمچىمۇ ئىسسىپ كەتتى دەپ ئويلاپ ، ئەتىيازغا تەۋە ئېگىن بىلەن يولغا چىققان ئىدىم. بېكەتتىن چىقىپ بولغىچە بەدەننى چاياندەك چېقىۋالىدىغان ئىزغىرىن سوغاق دەستىدىن ئۈرۈمچىمۇ كۆزۈمگە بەكلا سۆرۈن ۋە سوغاق كۆرۈنىپ كەتتى.قولۇمغا ئەمدىلا تېلىفۇننى ئېلىپ ئوغۇللىرىمغا تېلفۇن قىلاي دەپ تۇرۇشۇمغا :
ـــــــ دادا دىگەن تولىمۇ يېقىملىق ، ئەر-ئايال ئىككىمىز بەكمۇ زارىققان ئاۋاز ئاڭلاندى. ئىككى ئوغلۇم ، ئىككى تۈپ شەمشاد دەرەختەك يولنىڭ يەنە بىر قاسنىقىدا قول پۇلاڭلىتىۋاتاتتى .  ئارىمىزدا سانسىزلىغان ماشىنىلار شۇنچىلىك ئاستا قەدەمدە لۆمشۈپ ئۆز يۆنىلىشىگە قاراپ سىلجىماقتا ئىدى. ئۈرۈمچى بەئەينى ماشىنا ئۈستىدىكى دۇنيادەك تۇيغۇ بەردى ماڭا. ئۈرۈمچىدە مېترۇ قۇرلۇشى جىددى ئېلىپ بېرىلىۋاتقاچقا مەن بارغان كۈنى قاتناش قىستاڭچىلىقى كۆرۈلگەن ئىدى.
مەن بۇ قاسناقتا ، ئوغۇللىرىم ئۇ قاسناقتا  ، ئۇلارنىڭمۇ بۇ ياققا ئۆتكۈسى بار ، مېنىڭمۇ ئۇ قاتقا ئۇچۇپلا ئۆتكۈم بار ، ئەمما قائىدىگە خىلاپلىق قىلماسلىق ھەر بىرىمىزنىڭ ئېڭىغا چوڭقۇر ئورناشقان ئىكەن . مەن بۇنىڭدىن خوش بولدۇم. ئىككى ئوغلۇمغا قارىدىم ، ئۇلار كۆزۈمگە ئەنقادەك چىرايلىق ، پالۋانلاردەك زەبەردەست كۆرۈنىپ كەتتى. مەن بايىقى سوغاقنى تامامەن ئۇنتۇغان ئىدىم. ئىككى ئوغلۇمنى ئارىغا ئېلىپ ، بوي تارتقان، روھلانغان ئىككى ئەركەكنى يېتىشتۈرگەن ئۈرۈمچى ئەمدى ماڭا سوغاق ئەمەس ،بەلكى ماڭا بەكمۇ ئىللىق ۋە مېھىرلىك سېزىم بەرمەكتە ئىدى. ماشىنىلار تۇرۇپ-تۇرۇپ سېگنال بېرىپ قۇرۇتتەك لۆمشۈپ ماڭماقتا ئىدى. ئوغۇللىرىم قول پۇلاڭلاتماقتا مەن ئۇلارغا تىكىلمەكتە ئىدىم. تۇرۇپلا چوڭ ئوغلۇمنىڭ بالىلىقى ئېسىمگە كېلىپ قالدى. ئۇ 3-4 ياش ۋاقىتلىرىدا كارامەت ئىدى. ئۆيدىن غىپلا چىقىپ كېتىپ ئۆيىمىزنىڭ كەينىدىكى ئۆستەڭ سۈيىنىڭ ئۆركىشىگە ئۇزاقتىن –ئۇزاق تىكىلەتتى ، بىز ئۇنى كەينىدىن شەپە چىقارماي ئاستا بېرىپ كاپ قىلىپ تۇتاتتۇقتە كۆتىرىپ ئۆيگە ئېلىپ ماڭاتتۇق ، ئۇ يىغلىمايتى ، بىراق ئۆيگە كىرىپ كەتكۈچە ئۆستەڭ سۈيىنىڭ ئۆركىشىدىن كۆزىنى ئۈزمەيتى.مەن ئويلىماقتا ئىدىم ، ماشىنىلار كارۋىنى يولدىن ئۆتۈپ بولالماي ئاۋارە ئىدى.بۇمۇ ماڭا پۇرسەتتۇر ، ئىككى ئوغلۇم بىر بىرىنىڭ مۈرىسىگە قولىنى قويغۇنىچە ماڭا تىكىلمەكتە ئىدى. ئۇلارمۇ مەن توغرىسىدا ئويلىنىۋاتقان بولىشى مۈمكىن يەنە ئازراق خىيال سۈرۈش ئىمكانىيىتى تۇغۇلدى.بىر كۈنى ئايالىم ئۆڭسۆلى ئۆچكەن ھالدا ئۆيگە كىرىپ كەلدى .
ـــــــ شېرزاد كۆۋرۈك ئورنىدا توغرىسىغا قويۇقلۇق قارغاينىڭ ئوتتۇرىسىغا بېرىۋاپتۇ دىدى ، مەن قىلىۋاتقان ئىشىمنى تاشلاپ كوچىغا يۈگۈردۈم ، ئۆستەڭ بويىغا بېرىپ يۈرۈكىم ئاغزىمغا كەپلىشىپ قالدى. بىر تال قارىغاينى ئۆستەڭگە توغرىسىغا قويۇپ كۆۋرۈك ئورنىدا ئىشلىتىۋاتقان ياغاچنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدا چوڭ ئوغلۇم پاقىدەك چاپلىشىۋېلىپ ئۆستەڭ سۈيىنىڭ ئۆركىشىگە پۈتۈن زېھنى بىلەن قاراۋاتاتتى. بەش ياشلىق بالىنىڭ بۇ ھالىتى مېنى ھەقىقەتەن ھەيران قالدۇردى، ئەگەر سەللا بىخەستەلىك كۆرۈلسە بالا سۇغا چۈشۈپ ئېقىپ كېتەتتى . مەن ئاۋايلاپ بېرىپ ئۇنى ياتقان يېرىدىن قايتۇرۇپ كەلدىم ، ئۇنىڭ كۆزى يەنىلا سۇنىڭ ئۆركىشىدە ئىدى، كۆزۈم كىچىك ئوغلۇمغا چۈشتى . ئۇ بالىلىقىدا دۆۋىلەپ قويۇلغان تاشنىڭ ئۈستىگە يامىشىپ چىقىشقا ئامراق ئىدى. بىر قېتىم دۆۋىلەنگەن تاش ئۈستىدىن دومىلاپ چۈشۈپ ئۈستىنكى كالپۇكى يېرىلىپ ، سۈت چىشى چۈشۈپ كەتكەن ھالەتتە ئاغزى بۇرنى قان ئۆيگە كىرگەن ئىدى. مەن ئۇنى ئەمدى ئىككىنچى ئۇنداق تاش دۆۋىسىگە چىقمايدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم. بىراق ئۇ بۇ ئادىتىنى تاشلىمىدى مەنمۇ ئۇنى توسۇمىدىم ، مانا قارىسام ئوغۇللىرىم قاملاشقان ، ئۇستىخىنى چىرايلىق يىگىتلەردىن بولۇپ قاپتۇ. بىز ئارىلىقى 15مېتىرغىمۇ يەتمەيدىغان مۇساپىدە بىر بىرىمىزنى زارىقىش بىلەن كۈتۈپ ، ئاخىرى ئۇچراشتۇق ، مەن ئۇلارنى باغرىمغا بېسىپ قۇچاقلاپ كۆرۈشۈشنى ئويلىغان ئىدىم ، ئۇلارمۇ ھەم شۇنداق ئويدا ئىدى. ئەمما بىز ئۇنداق قىلمىدۇق ، قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەن بولساقمۇ ،يۈرىكىمىز قۇچاقلاشماقتا ئىدى.
ـــ- ئۈرۈمچى يېقىپتۇ بالىلىرىم ، مەن كىچىكلەپ كەتتىممۇ ۋە ياكىي سىلەر بوي تارىتتىڭلارمۇ بىلەلمىدىم. دىدىم .
ــــــ ئۈرۈمچى ياقتى ، بىز بوي تارىتتۇق ، سەنمۇ ياخشى تۇرۇپسەن دادا ، دىدى چوڭ ئوغلۇم ، ئوغلۇم مېنىڭ كۆڭلۈمنى ئايىغان ئىدى ،مەن كىچىكلەۋاتاتتىم .
ـــــ ئۈرۈمچىنى سۆيۈڭلار بالىلىرىم ، ئۈرۈمچى سىلەرگە سۇمبات ۋە ئەقىل ئاتا قىلىپتۇ .
ـــــ شۇنداق دادا ، بىز ئۈرۈمچىنىمۇ سۆيىمىز ، سىلەرنىمۇ ،يۇرتنىمۇ سۆيىمىز دىدى چوڭ ئوغلۇم .ئۇ ھازىر شائىرلىق كوچىسىدا ئىدى.
ـــــ خوش بالىلىرىم ئۈرۈمچى سىلەرگە بەش قولۇڭلاردەك تونۇش ، ياخشىراق بىر ئاشپۇزۇلنى كۆرسۈتىڭلار مەن سىلەرنى ئوبدان مېھمان قىلىۋالاي
ــــ دادا ، بىز ئاپامنىڭ ئەتكەن چېيىنى بەك سېغىندۇق ، كونسۇل كوچىسىدا بىر يەر ئاستى ئاشخانىسى بار ، شۇ يەردە ئەتكەن چاي ئىچەيلى دىدى كىچىك ئوغلۇم ، ئاكىسىمۇ ئىنىسىنىڭ پىكرىنى قوللىدى ، ئۇلار مېنى ۋە ئائىلىنى ئاياۋاتاتتى ،يۈرىكىمنىڭ بىر يەرلىرى «پىژ›› قىلغاندەك بولدى . ئۇلارنىڭ قانائەتچانلىقى ،يۈرەك تىۋىشى قۇلىقىمغا كىرگەندەك بولدى ،ئەمىلىيەتتە يېنىمدا ئۇلارغا ئايرىم ئاتىغان پۇل بار ئىدى.
ــــــــ ياق مېنى ئايىماڭلار بالىلىرىم ،ياخشىراق ئاشپۇزۇل بولسا دەۋېرىڭلار ،ئوبدانراق غىزالىنايلى ئوغۇللىرىم ئىككىلىنىپ قالدى ،بىز يەنىلا كوچا ئاپتوبۇسىغا چۈشۈپ دۆڭكۆۋرۈككە قاراپ يول ئالدۇق ،بىز كوچا ئاپتوبۇسىدىن چۈشۈپ بىرەر ئاشخانىنى نىشانلاپ تۇرۇشۇمىزغا تېلفۇنىم سىگنال بەردى .
ــــ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز ،سىز ئۈرۈمچىگە كەلگەنمىتىڭىز ؟ مەن جاۋاپ بەردىم .
ــ ئۇنداق بولسا ئىككى يىگىت بىلەن تۇرغان سىزمۇ؟ مەن ھەيران قالدىم .«ھەئە ›› دىگەن جاۋاپنى بەردىم .
ـــــ  ئۇنداقتا  ئۇستاز جىندەك تەخىر قىلىپ تۇرۇڭ ،مەن ھازىرلا يېنىڭىزدا ئۈنىمەن ،مەن سىزنى كۆردۈم.قارشى تەرەپ شۇنداق دىدى. دىگەندەك ھايالشىمايلا ئالدىمدا چىرايىدىن نۇر يېغىپ تۇرىدىغان بىر يىگىت پەيدا بولدى. ئۇ مەن بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى ،بۇ يىگىت مېنىڭ تولۇقسىزدا ئوقۇتقان ئوقۇغۇچىم  شەپقەت ئىدى.
ــ-- سوغۇقتا تۇرىۋەرمەيلى ئۇستاز ،ماشىنىغا چىقايلى دىدى شەپقەت .
ــــ بالىلار ئەتكەن چاي سېغىنىپتىكەن .دىدىم مەن.
ـ ئەتكەن چاينى مەن قىلىپ بېرەي ،ماشىنىغا چىقايلى بىز ئارتۇقچە تارتىشمىدۇق ،ماشىنا شۇنچىلىك راھەت ئىدى خۇددىي قىش كۈنلىرى ئاستىمغا تېرە كۆرپە سېلىپ گۈرۈلدەپ كۆيىۋاتقان مەش يېنىدا ئولتۇرغاندەك ھوزۇر ھېس قىلدىم .
ــ  دىدار غەنىمەت ئۇستاز ، سىز بىلەن تېلىفۇندىلا سۆزلىشىپ تۇرغان بىلەن ،بىر قېتىم يوقلاپ بارالمىغىنىمدىن ئۆكىنىشتە ئىدىم . شۇنچىلىك چوڭ شەھەردە سىزنى ئۇچرىتىپ قالارمەنمۇ دىيىش ئۇخلاپ چۈشۈمگىمۇ كىرمەيتى.
ـــ دۇنيادا ئۈچ غايىپنىڭ بىرى بۇ يەردە ئىسپاتلاندى. شۇنداق قىلىپ ئاشخاناڭ يۈرۈشىپ كەتتىمۇ ؟ سورىدىم مەن.
ــ--- ئۇنى ئاشخانامغا بارغاندا بىلىسىز ، ئەمما سىزنىڭ «ئىرادىنى يىگىلى بولمايدۇ، ئەمما ئىرادىسىزلىك ھەممە نەرسىنى يىگۈزىۋېتىدۇ ›› دىگەن سۆزىڭىز ماڭا بەكمۇ تەسىر قىلغان چېغى ئاشپەزلىك كەسپىنى تاماملىغاندىن بېرى ،مەيلى قانچىلىك قىيىنچىلىققا ئۇچراي ئىرادىنى يۆلەنچۈك قىلىشنى ، ئىزچىللىقنى ساقلاشنى ئۆزۈمگە ھەمرا قىلىشنى ئۇنتۇمىدىم ، مانا ھازىر كۈچلۈك رىقابەتكە تولغان بۇ شەھەردە بىر كىشىلىك ئورنۇمنى تاپتىم دىسەم بولىدۇ. بىز ئۇ يەر بۇ يەردىن پاراڭلىشىپ داۋەندىكى « جاھانگىر›› دىگەن ۋېۋىسكا ئېسىلغان بىر ئاشپۇزۇلنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدۇق . ئاشپۇزۇل ئىچىگە كىرىپ كۆزۈمگە ئىشەنمەيلا قالدىم. ئۇيغۇر مىمارچىلىقىنىڭ گۈلتاجى ئىپادىلەنگەن ئاشپۇزۇلنىڭ بېزىلىشى مېنىمۇ ،ئىككى ئوغلۇمنىمۇ ھەيرەتتە قالدۇرغان ئىدى. ئىككى ئوغلۇم ھەربىر نەقىشكە ، ئۇسلۇپقا تويماي قارىشىدىن ئۇلارنىڭ بۇنداق ئاشپۇزۇلغا كىرىپ باقمىغانلىقىنى جەزىملەشتۈردۈم. شەپقەت قولۇمغا رەڭدار بېسىلغان تاماق تىزىملىكىنى ئۇزاتتى. مەن ئۆزرە سورىدىم. چۈنكى مەن تاماق تىزىملىكىگە قاراپ تاماق بۇيرۇتۇشنى بىلمەيتىم. ئوغۇللىرىمغا تەڭلىدى ، ئۇلارمۇ چىرايلىق قوللىرىنى كۆكسىگە قويۇپ ئۆزرە سورىدى.
ــــــ بوپتۇ ،ئۇستاز ،مەن بۈگۈن ئۆز قولۇم بىلەن سىلەرگە تاماق قىلاي ، بولسا قوي سويسام بولاتتى دىدى شەپقەت .
ــ- بەك كايىما شەپقەت ،ئىسراپچىلىق بولمىسۇن ،شەپقەت ئۈندىمىدى مۇلازىمغا پۇراقلىق چاي قۇيۇشنى تاپىلاپ كېتىپ قالدى. كىرىسلۇدا ئولتۇرىمەن ،يەنە خىياللار قاينىمىغا چۆكتۈم. « شەپقەت كېتىۋەرسە بولاتتىغۇ، مەندەك بىر ئوقۇتقۇچىنى ئالدىغا ئۇچراپ قالغان ھالەتتىمۇ كۆرمەسكە سېلىپ ئۆتۈپ كەتسە بولىۋېرەتتىغۇ؟ ›› چوڭ ئوغلۇم خىيالىمنى بىلىپ قالغاندەكلا:
ــ- دادا بىز سىلەرنىڭ پەرزەنتىڭلار بولۇپ قالغىنىمىزدىن پەخىرلىنىمىز ، سېنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىڭ ئۈچۈن يۈرىكىڭنىمۇ سۇغۇرۇپ بېرىشكە رازى بولىدىغان خىسلىتىڭ سېنى ھەرقانداق يەردە خار قىلمايدۇ دىدى .مەن سوئالىمغا جاۋاپ تاپقاندەك بولدۇم.شىرە بىز كۆرگەن ۋە كۆرمىگەن غىزالار بىلەن رەڭگارەڭ خۇش پۇراق گۈللەر ئېچىلغان باغچىغىلا ئوخشاپ قالغان ئىدى. غىزالىنىش جەريانىدا شەپقەتنىڭ ئاشپەزلىك ساھاسىدە دۆلەتلىك ۋە ئاپتونۇم رايۇنلۇق تېخنىكىلىق ئاشپەز ئۇنۋانىغا ئېرىشكەنلىكىدىن خەۋەر تاپتىم ، ئۇ ئىجات قىلغان مەخپى رېتسىپلىق بىرنەچچە تاماق ۋە قورىما تۈرى شىنجاڭنىڭ كۈندۈلۈك قورىما تائاملار قامۇسىغا كىرگۈزۈلۈپتۇ ،مەن ئۇنىڭ پەخىرلىنىش ئىلكىدە ماڭا سۇنغان بۇ گۇۋاھنامىلىرىنى كۆرۈپ ئىختىيارسىز مىڭ كىلۇمېتىردىن ئوشۇق مۇساپىنى بېسىپ بۇ مەركىزى شەھەردە شۇنچىلىك نەتىجە قازانغان ئوقۇغۇچىمغا بولغان پەخىرلىنىش ھېسسىياتىم ھەسسىلەپ ئاشتى.
مەن ئىككى ئوغلۇمنى شەپقەت بىلەن پىكىرلىشىشى ئۈچۈن ،ئەپچىللىك بىلەن ئۇلارنىڭ پاراڭ تېمىسىغا ئېرىق ئېچىپ بەردىم . ئۈچەيلەن بۇ ئېرىقتا زىلال چەشمە ئاققۇزۇپ قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى. ئىككى ئوغلۇم روھلانماقتا ئىدى. شەپقەت ئىرادىنى ئۆزىگە كەمەر قىلىپ ،توختاۋسىز ئالغا ئىلگىرلەش نەتىجىسىدە كۈنلۈك ئىجارە ھەققى مىڭ يۈئەن بولىدىغان بۇ ئاشخانىنى خاتىرجەم ئىزغا سېلىپ ، مەركىزى شەھەرنىڭ كەسكىن رىقابەت بىلەن تولغان قايناق بازىرىدا پۇت تىرەپ تۇرالىشى ،ئاستىدا ماشىنا ،ياتىدىغانغا ئۆي ئالالىشى ئىككى ئوغلۇمنىڭ قەلبىدە قايىللىق ۋە ھاياجان قوزغىغان ئىدى. ئۇلار تۇرۇپ ، تۇرۇپ ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ شەپقەت بىلەن ئورتاقلىشاتتى. ، دىمەك بۇ ئاشپۇزۇلدىكى بىر سائەتتىن ئوشۇق پاراڭلىشىش ماڭىمۇ ،ئىككى ئوغلۇمغىمۇ گۈلى گۈلىگە كەلگەن ئەھمىيەتلىك سورۇن بولغان ئىدى.
شۇ كۈنى مەن ئۇلارنىڭ ھەمراھلىقىدا ،ئۈگىنىشكە تىزىملىتىش ئورنىغا باردىم. ئەمدىكى مەقسىدىم ئۈگىنىش ۋاقتىدىن پايدىلانغاچ ئىككى ئوغلۇمنىڭ مەكتىۋىنى كۆرۈپ ،سىنىپ مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئىدى. بۇ ئويۇمنى ئوغۇللىرىمغا دىمىدىم ،ئەمما ئۇلارنىڭ مەكتىپىنى تەپسىلىي خاتىرىلىۋېلىپ ، ئۇلارنىڭ ئوقۇشىغا تەسىر يەتكۈزۈپ قويماسلىق ئۈچۈن يولغا سېلىپ قويدۇم. ئىككى ئوغلۇم سالماق قەدەملەر بىلەن كېتىپ بارماقتا ئىدى. يۈرىكىم تاتلىق سېزىم بىلەن يەڭگىل سوقماقتا ئىدى، ئەتىسى چوڭ ئوغلۇمنىڭ مەكتىپىگە باردىم. سۈرۈشتە قىلىپ ئۇنىڭ سىنىپ مۇدىرىنى تاپتىم ،دەسلەپتە ئانچە قىزغىن بولمىغان سىنىپ مۇدىرى ئوغلۇمنىڭ ئىسمىنى ئېغىزىمدىن چىقىرىشىمغا ماڭا باشقىدىن تەكەللۇپ قىلىپ كەتتى. پاراڭ ئارىلىقىدا سىنىپ مەسئۇلى:
ـــــ ئوغلىڭىزنىڭ ئەخلاقى ۋە ئەقلىگە مەن شۇنچە قايىل ،بۇ بالىنى قانداق تەربىلىگەن بولغىيتىڭلار ،تەجىربىڭىزنى بىر دەپ بەرسىڭىز بوپتىكەن، دەپ سوراپ قالدى. مۇشۇنىڭ ئۆزىلا كۇپايە ئىدى ماڭا.مەن بۇنىڭغا نىمە دىيەلەيمەن .خوشاللىقىم مېڭەمگە تەپتى ، يۈرىكىم كىچىك بالىنىڭ يۈرىكى خوشاللىقتىن ئويناپ كەتكەندەك ئويناپ كەتتى. ئىختىيارسىز ئۆيدە قالغان ئايالىمنى ئويلاپ قالدىم. ئەنە شۇ ئانىدىكى ئەجدادىمىزدىن قالغان تەۋەرۇك ئەنئەنە تەربىيىسى، ئانىلىق مېھىر بىلەن ھويلىدىكى گۈلنى پەرۋىش قىلغاندەك ئىككى ئوغلۇمنى بىر قوللۇق پەرۋىش قىلغانلىقىنىڭ جەريانىنى بىرمۇ-بىر دەپ كەلسەم گەپ بەكمۇ ئۇزۇراپ كېتىدۇ. ئەنە شۇ تولۇقسىزنىمۇ تولۇق ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن بىر ئانىنىڭ بىر قوشۇق ،بىر قوشۇقتىن ئىككى ئوغلۇمنىڭ ۋۇجىدىغا ئادەم بولۇشنىڭ ، غۇرۇر بىلەن ياشاشنىڭ ،ئۆزىمىزگە خاس ئەندىزىنىڭ ،ئەخلاخنىڭ زەم-زەم سۈيىنى تېمىتىپ ، مانا بۈگۈن ئۈرۈمچىدە ئۇستازىنى ھەيران قالدۇرغىدەك ئادەم قىلغانلىقىغا غايىۋانە رەھمىتىمنى بىلدۈردۈم. ئەتىگەندىن تا كەچكىچە تىنىم تاپماي مېنىڭ ، ئىككى ئوغلۇمنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ ،سۈيىدە ئاققان ئانا ئۈچۈن ،ئەلۋەتتە مىڭلاپ،مىڭلاپ رەھمەت ئېيتىشقا ئەرزىيتى.
مەن كىچىك ئوغلۇمنىڭ مەكتىپىگىمۇ باردىم. گەرچە ئۇ فىزىكا كەسپىدە ئوقۇۋاتقان بولسىمۇ ئۇنىڭغا قوشۇپ يۈگرەش ۋە پۇتبۇلدا ئالاھىدە تالانتى باركەن ،بەلكىم بۇ تالانىت ئۇنىڭ كىچىكىدە تاش دۆۋىسىگە يامىشىدىغان ئادىتىدىن يېتىلگەن بولىشى مۈمكىن ،مەن ئىككى ئوغلۇمدىن ئۆزۈم رازى بولغىدەك ئۇچۇرغا ئېرىشتىم . دەسلەپتە سوغۇق بىلىنگەن ئۈرۈمچى ،ئەمدى ماڭا بەكمۇ سۆيۈملۈك بىلىنمەكتە ئىدى. ئۇزاقراق تۇرۇپ كېتىشنى ئويلىغان بولساممۇ ،ماڭا تەلمۈرۈپ تۇرغان قىرىق جۈپ كۆز بار ئىدى. مېنىڭ ئامانلىقىمنى ، ئىشىكتىن خوشال كىرىپ كېلىشىمنى زارىقىپ كۈتۈپ ئولتۇرغان مەزلۇمىم بار ئىدى. شۇڭا ئوغۇللىرىم بىلەن يەنە بىر قېتىم كۆرۈشۈپ ، ئۇلارنى ساتىراچخانىغا ئاپىرىپ چېچىنى ياساتتىم ، ساتراچقا بۇ ئىككى ئوغلۇمنىڭ چېچىنى باشقا چاچلارغا قوشۇۋەتمەي ،ئايرىم بىر خالتىغا سېلىپ بېرىشنى ئۆتۈندۈم .
ساتراچ باشتا تەئەججۈپلەندى ،كېيىن گەپ سۆز قىلماي ئۆتىنىشىمگە قوشۇلدى ۋە مەن دىگەندەك ئىككى ئوغلۇمنىڭ قۇندۇزدەك قاپقارا چېچىنى يالتىراق خالتىغا سېلىپ قولۇمغا تۇتقۇزۇپ قويدى. بۇنىڭغا ئىككى ئوغلۇم ھەيران قالمىدى ،چۈنكى ئۇلار چاچنى باشقىلارنىڭ دەسسىۋېتىشىدىن ساقلىنىپ خالتىغا سېلىپ ئىگىز يەرگە ئېسىپ قويىدىغانلىقىمزنى بىلەتتى. مەن ئۈرۈمچىدىن يۇرتۇمغا قاراپ يولغا چىقتىم. ئىككى ئوغلۇم قول پۇلاڭلىتىپ مېنى ئۇزۇتۇپ قويدى. ئۇلارنىڭ چېھرىدە بىرخىل خاتىرجەملىك بالقىپ تۇراتتى . مەن ئۇلارغا يەنە بىر رەت قارىدىم. ئىككى ئوغلۇم ئۈرۈمچىگە ياراشقان ئىدى. كۆك بىلەن بوي تالاشقان ئىگىز بىنالارنىڭ ئالدىدا ئۇلارنىڭ نۇرلۇق سىماسى قالدى. ھەر قېتىمقى سەپىرىمدە ژورنال ئېلىۋالىدىغان ئادىتىم بار ئىدى. ئاشۇ ئۇزاق سەپەردە كىتاپ بىلەن مۇڭدۇشۇپ ماڭاتتىم . بۇ قېتىم قەلبىمنى راھەتلىك بىر سېزىم چۇلغىۋالدى. شۇڭا كىتاپ ئوقۇيالمىدىم .
ئۈرۈمچىدىكى ئىككى ئوغلۇم، شەپقەت، داڭلىق كىنۇ ئارتىسى  رىجىسور فېرداۋىس ئابدۇلھەق ئەزىزى ، داڭلىق بالىلار شائىرى ئابلىكىم ھەسەنلەرنىڭ ماڭا قىلغان چوڭقۇر ھۆرمىتى ماڭا شادلىق ئاتا قىلماقتا ئىدى. بۇنداق شادلىقنى نۇرغۇن پۇلى بار ئادەملەرمۇ ئالدىراپ ھېس قىلالمايتى.  بۇ قېتىمقى سەپەر ماڭا ئۇزۇن بىلىنمىدى. ئۆيگە كېلىپ ئايالىمغا ئالغان بازارلىقىم بىلەن ئوغۇللىرىمنىڭ چېچى سېلىنغان خالتىنى تۇتقۇزدۇم. ئايالىم چاچنى كۆرۈپ خۇددىي ئوغۇللىرىنى كۆرگەندەك ئۇنى باغرىغا باستى . پۇرىدى. ئۈرۈمچىدىكى ئىككى ئوغلۇمنى كۆرگەندەك بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ كۆز جىيەكلىرى پارقىراپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ يالغۇز قويۇپ ئاستا تالاغا چىقىپ كەتتىم . كۆز ئالدىمدا ئاپپاق قار بىلەن قاپلانغان تەڭرىتېغىنىڭ كۈمۈش چوققىلىرى ،زۇمرەتتەك سۈزۈك ئاسمان نامايەن بولدى، ئەنە شۇ گۈزەللىك ئارىسىدىن ئۈرۈمچىدە قالغان ئىككى ئوغلۇم ماڭا كۈلۈمسىرەپ قاراۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى.


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-17 17:59:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تۇرىۋاتقان ناھىيەگە تەبىئىي شارائىتى ئەڭ ئوخشايدىغان، بىرلا تاغ تىزمىسى ئايرىپ تۇرغان قوشنا ناھىيەدە ياشاۋاتقان ئادىلجاننىڭ بۇ خاتىرىسى سەمىمىيلىك بىلەن يېزىلغان خاتىرە بوپتۇ. قۇتلۇق بولسۇن!
بۈگۈنكى خەنزۇ ئەدەبىياتىدا مۇشۇنداق خاتىرە شەكلىدە يېزىلغان نەسرلەر ئەڭ كۆپ، ۋە ئەڭ قارشى ئېلىنىۋاتىدۇ.

ۋاقتى: 2016-3-17 18:41:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋاملاشما دىيالوگ ئارىلىقىدىكى سىزىقنى قويۇشنى ئۆگىنىۋالسىڭىز بولاتتى. بىرەر ئىملاچىنى ياردەمگە چاقىرىپ، داۋاملاشما دىيالوگ ئارىلىقىدىكى سىزىقنى قويۇۋېتىشىڭىزنى تەلەپ قىلىمەن!

ۋاقتى: 2016-3-17 19:04:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالاممۇ  ئەلەيكۇم!   
نەسىرنى ئوقۇپ  بولغىچە كۆز جىيەكلىرىم   نەملەندى. نېمە  دېيىشنى  بىلمىدىم!  رەھمەت.

ۋاقتى: 2016-3-17 23:58:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



        راست ئىشلار خاتىرىسى تولىمۇ ياخشى چىقىپتۇ،بىر نەپەستە ئوقۇپ چىقتىم...
        قارىماققا مەن بىلەن قۇرداشتەك كۆرۈنىدىغان ئادىلجان ھەسەن ‹‹33 يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلدىم›› دەيدۇيا!؟

ۋاقتى: 2016-3-18 11:37:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەردىكى ئاددى ئەمما چىن تىل ئادەمنى ئۆزىگە تارتىدىكەن.قويۇق يەرلىك پۇراق تېخىمۇ يۈكسەلدۈرۈپتۇ.قەلىمىڭ تېخىمۇ زىيادە بولسۇن ئاكا!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-18 13:04:45 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت 1983+يىلى ئىشقا چىققان

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-18 13:04:47 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت 1983+يىلى ئىشقا چىققان

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-18 13:09:11 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىملاغا دىققەت قىلاي .ئەرچىن .ئەپەندىم،

ۋاقتى: 2016-3-18 13:32:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام ئادىلجان موئەللىم !!!
بو نەسىرنى ئوقۇغاچ گاڭدوڭ ئۆلكىسىنىڭ دوڭگۇئەن شەھرىدىكى ئىككى يۇرەك پارەمنى كۆز ئالدىمغا كەلتۇرۇپ كۆزۇمدىن ياش توختىمىدى ، ئىلاھىم بالىلىرىمىزغا سالامەتلىك ئاتا قىلغاي !!!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش