يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1391|ئىنكاس: 3

روداكىزادە: نەۋرۇز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مۇھەممەدباي بادۇر شاۋگۈنى

                                                 نەۋرۇز
                                                (نەسىر)

نەۋرۇز سەن گۈزەللىكنىڭ ئەلچىسى، بارلىق گۈزەللىك سەن بىلەنلا ئۆز قىممىتىنى تاپالايدۇ.
سەن-يېشىللىق، كائېناتتىكى بارلىق يېشىللىق سەن بىلەنلا ئاپىرىدە بولىدۇ. سەن گۈزەللىك بابىدا تاش ئۈستىدىمۇ رەڭگارەڭ گۈللەردىن پايانداز سالالايسەن!
سەن-يېڭى ھاياتلىق: كائېناتتىكى ئۈمىدگە تولغان بارلىق يېڭى-يېڭى ھاياتلىقلار سېنىڭ قۇدرىتىڭ بىلەنلا باشلنىدۇ. شۇڭا ھۆسنى-جامالىڭ مەڭگۈلۈك ساپ ۋە شۇ قەدەر جىلۋىگەر.
سەن بارلىق ئىنسانلارغا يېڭى-يېڭى ئۈمىد قىلىشى بىلەن بىرگە بارلىق جانۇ-جانىۋارلەرگىمۇ ھاياتلىق بەخىش ئىتەلەيسەن.
نەۋرۇز-سەن ئېلھام بۇلىقى.
ھۆسنۈڭ تەقدىۋارلىق زىننەتلىرى بىلەن ، ئىچىڭ ھاياتلىق بىخىرىلرى بىلەن تولغان دۇنيا بولۇپ، ئۇ مۇزلىغان يۈرەكلەرنى ئېرىتىپ، ھەر بىر قەلىبلەرگە ئۆزىنىڭ نازاكەتلىگى بىلەن ئىلھام ئۇرۇقىنى چاچقۇچى پەرىشتە!
دەل بۇ چاغدا كۈن ۋە تۈنمۇ تەڭلىشىپ، تولۇن ئايمۇ، سان-ساناقسىز يۇلتۇزلارمۇ ھۆسنۈڭگە ھۆسىن قوشۇپ، سېنى كۈيلەش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ. لېكىن، سەن يەنىلا گۈزەللىك ئۇرۇقىنى سېلىش بىلەن ئاۋارە.
سەن-ئۈمىد ۋە غەيرەت، بارلىق ئۈمىدلەر ۋە ئېشەنىچلەر ساڭىلا مەنسۇپ. سەن ئاجىز تەنلەرگىمۇ ئۈمىد ئاتا قىلىش ئارقىلىق  بۇ ئالەمنى شۇنچىلىك گۈزەل كۆرسۈتۈىشكە قادىرسەن!
«كۈننىڭ بېشى سەھەردىن، ئىشنىڭ بېشى باھاردىن» دېگىنىدەك، سەن ھاياتلىقنىڭ باشلىنىش نوقتىسى، سېنىڭ باشلىنىشى شۇنچىلىك ئۈمىدلىككى-ئۇنىڭ ھەر بىر دەقىقىلىرى ئۈمىدگە تولغان ھاياتلىقتۇر.
سەن-گۈل شىرنىسى بىلەن يېزىلغان گۈللۈك كىتابسەنكى، ھەر بىر بەرگىلىرىڭدىن گۈزەللىك ئۇرغۇپ تۇرسا، يېلتىزىڭ كۈلكىنىڭ ساخاۋەتلىك مېھىر-مۇھەببەت بىلەن سۇغىرىلغان.
سەن-گۈزەللىك، سەن-ھاياتلىق.
سەن-ئۈمىد، سەن-ئېنتىلىش.
بارلىق گۈزەللىكلەر پەقەت ۋە پەقەت ساڭىلا تەسسىن ئوقىسۇن، گۈزەللىك ساڭا مەنسۇپ!

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-17 17:57:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزىز تورداشلارنىڭ يىتىپ كىلىش ئالدىدا تۇرغان نەۋرۇز بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-18 13:24:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەدباي بادۇر شاۋگۈنى

نەۋرۇز
(نەسىر)

نەۋرۇز سەن گۈزەللىكنىڭ ئەلچىسى، بارلىق گۈزەللىك سەن بىلەنلا ئۆز قىممىتىنى تاپالايدۇ.
سەن-يېشىللىق، كائېناتتىكى بارلىق يېشىللىق سەن بىلەنلا ئاپىرىدە بولىدۇ. سەن گۈزەللىك بابىدا تاش ئۈستىدىمۇ رەڭگارەڭ گۈللەردىن پايانداز سالالايسەن!
سەن-يېڭى ھاياتلىق: كائېناتتىكى ئۈمىدگە تولغان بارلىق يېڭى-يېڭى ھاياتلىقلار سېنىڭ قۇدرىتىڭ بىلەنلا باشلنىدۇ. شۇڭا ھۆسنى-جامالىڭ مەڭگۈلۈك ساپ ۋە شۇ قەدەر جىلۋىگەر.
سەن بارلىق ئىنسانلارغا يېڭى-يېڭى ئۈمىد ئاتا قىلىشى بىلەن بىرگە بارلىق جانۇ-جانىۋارلەرگىمۇ ھاياتلىق بەخىش ئىتەلەيسەن.
نەۋرۇز-سەن ئېلھام بۇلىقى.
ھۆسنۈڭ تەقدىۋارلىق زىننەتلىرى بىلەن ئىچىڭ ھاياتلىق بىخىلىرى بىلەن تولغان دۇنيا بولۇپ، ئۇ مۇزلىغان يۈرەكلەرنى ئېرىتىپ، ھەر بىر قەلىبلەرگە ئۆزىنىڭ نازاكەتلىگى بىلەن ئىلھام ئۇرۇقىنى چاچقۇچى پەرىشتە!
دەل بۇ چاغدا كۈن ۋە تۈنمۇ تەڭلىشىپ، تولۇن ئايمۇ، سان-ساناقسىز يۇلتۇزلارمۇ ھۆسنۈڭگە ھۆسىن قوشۇپ، سېنى كۈيلەش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ. لېكىن، سەن يەنىلا گۈزەللىك ئۇرۇقىنى سېلىش بىلەن ئاۋارە.
سەن-ئۈمىد ۋە غەيرەت، بارلىق ئۈمىدلەر ۋە ئېشەنىچلەر ساڭىلا مەنسۇپ. سەن ئاجىز تەنلەرگىمۇ ئۈمىد ئاتا قىلىش ئارقىلىق  بۇ ئالەمنى شۇنچىلىك گۈزەل كۆرسۈتۈىشكە قادىرسەن!
«كۈننىڭ بېشى سەھەردىن، ئىشنىڭ بېشى باھاردىن» دېگىنىدەك، سەن ھاياتلىقنىڭ باشلىنىش نوقتىسى، سېنىڭ باشلىنىشى شۇنچىلىك ئۈمىدلىككى-ئۇنىڭ ھەر بىر دەقىقىلىرى ئۈمىدگە تولغان ھاياتلىقتۇر.
سەن-گۈل شىرنىسى بىلەن يېزىلغان گۈللۈك كىتابسەنكى، ھەر بىر بەرگىلىرىڭدىن گۈزەللىك ئۇرغۇپ تۇرسا، يېلتىزىڭ كۈلكىنىڭ ساخاۋەتلىك مېھىر-مۇھەببەت بىلەن سۇغىرىلغان.
سەن-گۈزەللىك، سەن-ھاياتلىق.
سەن-ئۈمىد، سەن-ئېنتىلىش.
بارلىق گۈزەللىكلەر پەقەت ۋە پەقەت ساڭىلا تەسسىن ئوقىسۇن، گۈزەللىك ساڭا مەنسۇپ!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-18 13:27:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككى يەردە خەت خاتالىق تۇپەيلى قايتىدىن يولدۇم، تۈرداشلارنىڭ تۇغرا چۈشنىشنى ئۈمىد قىلىمەن. يەنى ...ئۈمىد قىلىشى —ئۈمىد ئاتا قىلىشى بىلەن دېگەن جۇملە بىلەن بىخلىرى -بىخىرلىرى  دەپ خاتا يېزىلىپتۇ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش