بۇ نورۇز
ئۆمەرجان ئولمايىت
ئاتام كەبى قۇدرەتلىك كۈچ،پاسىبان بۇ نورۇز،
ئانام كەبى تولۇنئاي،بەك مېھرىبان بۇ نورۇز.
مىڭ قۇياشنىڭ تەپتى بار،بەكمۇ ئىللىق مېھرى بار،
مىڭ گۈزەلنىڭ چېھرىدىن،ھەسسە ئارتقان بۇ نورۇز.
<<نورۇز ئېشى>،بەرىكەتلىك،يادلاندۇرغان بۇ نورۇز،
دىلدا قوزغاپ ئىشتىياق ئاتلاندۇرغان بۇ نورۇز.
قوغلاپ سوغنى دىياردىن،ئېتىز-قىردا ھەممىنى،
مېھنەت كۈيى ياڭرىتىپ، شادلاندۇرغان بۇ نورۇز.
تەبىئەتمۇ ئۆزگىچە پەردازلانغان بۇ نورۇز،
شائىرلارنىڭ ئىلھامى پەرۋازلانغان بۇ نورۇز.
چوڭ-كىچىك،قېرى-ياش،چۈشسە رەت-رەت ساماغا،
ناغرا-سۇناي چالغۇلار، شوخ سازلانغان بۇ نورۇز.
تەبىئەتنىڭ يېشىللىق ئەلچىسىدۇر بۇ نورۇز،
كەڭ دالا-تۈز ۋادىنىڭ زەرچىسىدۇر بۇ نورۇز.
قاقاس كەبى كۆرۈنگەن،گىياھ ئۈنەر ھەر جاينىڭ،
رەسساملاردىن مىڭ ئۈستۈن،ھەلچىسىدۇر بۇ نورۇز.
بىزگە مىراس ئەجدادتىن،قۇتلۇق بايرام بۇ نورۇز،
مىڭ تەنتەنە ئاز كېلەر،دىلدا قاينام بۇ نورۇز.
كىيىپ يېشىل تونلارنى،باشقىچىلار ياشاردى،
بوغدا ،تارىم،تەڭرىتاغ،قاراڭ سايرام بۇ نورۇز.
|