يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 409|ئىنكاس: 10

ۋاپايى(ت): لاڭستۇن ھيۇز ــــــ شاراپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
لاڭستۇن ھيۇز
ئامېرىكىلىق مەشھۇر نېگىر شائىر، نېگىرلارنىڭ تاجدار شائىرى دەپ تەرىپلەنگەن. ئۇ يەنە ھېكايە، دراما، نەسىر، تەزكىرە تارىخ ئەسەرلىرىنىمۇ يازغان. ئىسپان تىلى ۋە فرانسۇز تىلىدىن نۇرغۇن شېئىرلارنى ئېنگلىزچىگە تەرجىمە قىلغان، نېگىرلارنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرىنى رەتلەپ نەشىر قىلدۇرغان. مارتىن لۇتىرنىڭ مەشھۇر نوتۇقى «مېنىڭ ئارزۇيۇم» ئۇنىڭ ئەسەرلىرىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن.

Bouquet

Gather quickly
Out of darkness
All the songs you know
And throw them at the sun
Before they melt
Like snow

--- Langston Hughes

美酒

赶紧集合
从黑暗走出
把所有你们会的歌曲
往太阳投掷
它们像雪花
融化之前

兰斯顿.休斯
阿卜杜外力·艾萨(忠诚之子)译


شاراپ

دەرھال يىغىلىڭلار
قاراڭغۇلۇقتىن چىقىپ كېتىڭلار
بىلىدىغان بارلىق ناخشاڭلارنى
قۇياشقا قارىتىپ ئېتىڭلار
ئۇلار قار گۈللىرى كەبى
ئېرىپ كېتىشتىن بۇرۇن

لاڭستۇن ھيۇز

ئابدۇۋەلى ئەيسا ۋاپايى تەرجىمىسى

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-17 15:07:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2016-3-17 19:01:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Bouquet
نى نېمىشقا 美酒 دەپ ئاغدۇرغاندۇ؟
خەنزۇ تەرجىمان خاتالاشتىمۇ نېمە!؟
Bouquet «گۈلدەستە» بولاتتىكەنغۇ!؟

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-17 19:16:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەنزۇچىگىمۇ مەن قىلغان, ئۇنىڭ شاراپسىمان پۇراق، ھىد دېگەن مەنىسىمۇ بار، شۇڭا شۇنداق ئالغان. بۇ يەردە دېيىلـمەكچى بولغىنى گۈلدىن تارىغان مەستخۇش پۇراق. لېكىن ئەرچىن ئەپەندىمگە رەھمەت، بۇنىمۇ ئويلىشىپ باقاي، گۈلدەستە ياكى گۈل دەپ ئالساممۇ ياخشى بولىدىغاندەك تۇرىدۇ.

ۋاقتى: 2016-3-18 10:24:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرادەر ، چوڭ - چوڭ ئەسەرلەر يوقمۇ؟ ئەسەر بولسا بىزمۇ بەھىرلىنەيلى.

ۋاقتى: 2016-3-18 12:30:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتورنىڭ ئىسمىنى ئۇنداق ئالسا تازا توغرا بولماسمىكىن. نېمىگە ئاساسلىنىپ لاڭستۇن ھاڭىس دەپ ئالغانلىقىڭىزنى بىلەلمىدىم.
لەڭستىن ھيۇز دەپ ئالمىغان تەقدىردىمۇ لاڭىستون ھيۇز دەپ ئالسىڭىز ئۆز ئىسمىغا يېقىن كېلەتتى مېنىڭ قارىشىمچە.



 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-18 14:35:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالام پەرھاتكا، ئېيتقىنىڭىزنى مەن يەنە بىر ئويلىشاي، تەنقىدى پىكرىڭىزگە تەشەككۈر. مەن بىر ئۆگەنگۈچى، پىكىر بولسا بەرسىڭىز. تۈزىتىش ئارقىلىق مۇكەممەل نۇسخا تەييارلانسا ياخشى بولغىنى، مەن ئۇنىڭ ئىسمىنى شۇنداق تەلەپپۇز قىلىۋاپتىمەن. مەن يەنە قاراپ باقاي.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-18 14:40:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپچىلىك، ئاپتورنىڭ ئىسمى پەرھاتكام ئېيتقاندەك: لاڭستۇن ھيۇز  بولسا توغرا بولغۇدەك، تۈزىتىپ ئوقارسىلەر.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-18 14:42:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەررىرلەر مۇمكىن بولسا تۈزىتىپ قويسا....

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-18 14:43:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىبىرجان، چوڭ ئەسەرلەر يوق، بىزدە چوڭ ئەسەر نېمىش قىلىدۇ. سىلىنىڭ بولسا يوللاڭلار.

ۋاقتى: 2016-3-20 00:43:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنى چەتئەل شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرى بىلەن ئۇچراشتۇرغىنىڭىزغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش