زادى قانداق قىلاتتىڭ ئەي ئەر
چوغدان
سۈيۈش يامغۇرلىرى شىۋىرلىماقتا
مەجنۇن كېچىلەر نىمىگىدۇر مەجبۇرلانغان ھالدا بىزگە قاراپ كەلمەكتىدۇر
كۈندۈز قۇياشقا پىچىرلىماقتا ،
كۆزى يوق ، سۆزى يوق ھەتتا ئۆزىمۇ يوق شۇ شاماللار ياپراقلار بىلەن بىللە ئۇچۇپ يۈرۈيدۇ
قاغىلارنىڭ قاقىلدىشىدىن كىيىن ھېچقانداق بىر شۇملۇق يۈز بەرمىسىمۇ ھەقىقەتەن بىرەر شۇملۇق بولىدىغاندەك ئاللىكىملەردىن،ئاللىنىمىلەردىن ئەنسىرەپ يۈرۈيمىز
تېنى جىنازىدا ئۆزى ئۆلۈم كوچىلىرىدا سەرگەردان بىر جان قۇيىۋەت مېنى دەپ ئاسمانلارغا نالە قىلىۋاتىدۇ ،
كۆرۈۋاتامسىلەر
شېئىرىنى جېنىدىن ئارتۇق كۆرىدىغان ئەي بەندىلەر
بارچە شائىرلارنىڭ بارچە شېئىرلار ۋە بارچە كىشىلەردىن بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكىنىنى ،
بارچە قاتتىقنىڭ بارچە يۇمشاقتىن بۇرۇن سۇنۇپ كەتكىنىنى .
بەخىت قۇشى بىر دېيىلدى
كۆھىقاپنىڭ ئېغىزى ئىككى دەيدۇ
بىرى رىۋايەتلەردىكى شۇ جايدا
يەنە بىرى ئادەملەرنىڭ نەپسى قارارگاھىدا ،
پۇل ھەققىدە غەم قىلىپ بالامنىڭ تېنىنى ئالتۇندا چايقىدىم ۋە ئىسمىنى بايۋەچچە قويدۇم
نان ھەققىدە غەم قىلىپ ئاخىر بىر نانغا قۇل بولدۇم
جان ھەققىدە غەم قىلىپ دۇئا قىلۋاتىمەن ۋە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ يۈرۋاتىمەن …
ئەندىشىلەر خارامۇشلۇقىدىن كىيىن مەندە نە بىرەر يۈكسىلىش ياكى كۆڭۈل ئازادىلىكى دېگەن نەرسە بوپ باقمىدى
تەقدىر بولسا كېرەك ھەممە نەرسە
تەدبىرمۇ ئۆزگىچە ئاتالغان تەقدىردۇر بەلكىم ،
جاناننىڭ كۆزلىرى قاپقارا ئېدى
كىرپىكلىرىڭدە مارجانلار تەمتىلەيتتى
لەۋلىرىدە قان
يۈرىكىدە ئارمان ياشايتتى
مېنى سۆيەتتى مېنىڭدىن ئارتۇق
ئەمما ھەرگىز مېنىڭ بولمايتتى ،
بىر ئادەمنى دوست تۇتتۇم
ئادەملەر ئۇنى خوجا دەيتتى
شېئىرىيەت مەملىكىتىنىڭ مەشھۇرلۇق قالپىقىنى كىيىۋالغان ئۇ ئادىشىم
شېئىر قەيەردە بولسا شۇ يەرگە كىتىپ قالاتتى ،
پۇل تاپمايتتى پۇلى يوق تۇرۇپ
يول ماڭاتتى يۇلى يوق تۇرۇپ ،
بىر قىز ۋە بىر دوستقا چەمبەرچاس باغلانغان
قىسقىغىنە ئىككى يىل ئىچىدە
قاتتىق زەربە بىرىشتىكى زىيادە سەزگۈرلۈكنىڭ ۋەھىمىلىك سايىسى ئاستىدا
ئاشىقلىق ۋە قاتتىق سىلكىنىش مېڭەمنىڭ قېتىقىنى چىقىرۋەتتى
مۇھەببەت بىر بۈيۈك ئېھتىياج
ئۇنىڭ ئىمتىھانلىرى بەرباتلىق ۋە بەرداشلىقتۇر .
ياشاشنىڭ بارچە كوچىلىرىدا
سەندىن ئازراقلا ئۈستۈنلۈككە ئېگە ۋە ياكى سېنىڭ ھاجەتمەن ئىكەنلىكىڭنى بايقاپ قالغان بارچە ئادەملەر توختىماستىن سەندىن بەدەل تەلەپ قىلىدۇ
ئايال تېنىنى بەدەل قىلىدۇ
ئەركەك جېنىنى بەدەل قىلىدۇ
گاداي چەكسىز ھۆرمىتىنى
باي پۇلىنى ، ھۆكۈمرانلار دۆلىتىنى
بىر نەرسە مەڭگۈ ئايان بولمايدۇ
خۇددى ئۆتمۈشتىكى پادىشاھلار ئۆز قۇللىرى ۋە پۇقرالىرىغا خىتاپ قىلغاندەك
تولىمۇ يۇشۇرۇن ۋە تولىمۇ زەئىپ ھالدا
بەرسەڭ يەنە بەر دەيدۇ ئەمما ئۆزى ھېچنىمە بەرمەيدۇ
چوقۇم شۇنداق بولىشى كېرەكتەك .
بۇ تۈگىمەس قەرزلەرنى نىمىشقا چۆرىۋەتمەيسەن
نىمە بولماقچىسەن نىمىلەرنى نىمە قىلىپ
دائىم خۇداغا شۇكرى قىلىسەن
مېنىڭ قۇلۇم ئارقىلىق بىراۋغا يەتكۈزدۈڭ دەپ
ئەمما ئۇلار شۈكۈر قىلمايدۇ
بىراۋنىڭ قۇلى ئارقىلىق ماڭا يەتكۈزدۈڭ دەپ ،
سۆيگەنلەرگە سۆيگۈ بەردىڭغۇ
كۆيگەنلەرگە كۆڭۈل بەردىڭغۇ
ئۆلگەنلەرگە دۇئا ، تىرىكلەرگە سالام
ئاجىزلارغا ھېسداشلىق ، كۈچلۈكلەرگە ئېھتىرام
يەنە نىمە قىلماقچىسەن ، نىمە قىلىسەن ،نىمە قىلالايسەن
خوش قىلغاننى خوش قىلدىڭ ، يوق قىلغاننى يوق قىلدىڭ
ھەممە دەردنى بىر ئۆزەڭلا تارتىۋىرەمسەن
ھەممە گۇناھنى ئۆزەڭگىلا ئارتىۋىرەمسەن
دېھقان كەتمەن چاپىدۇ شۈكۈر قىلىدۇ
ۋاستىچى تاپان ھەققىگە
سودىگەر ساتقان ھەققىگە تاينىپ ياشايدۇ
قەلەمكەش قەلەم ھەققىگە شۈكۈر قىلسۇن
شۈكۈر قىلمىسا باشقا ئىش قىلسۇن
ھېچكىم ھېچكىمنى مەجبۇرلىماپتۇ
تەقدىردىن باشقا .
ئەگەر يەنە بىر قېتىم ياشاش پۇرسىتى بىرىلسە
زادى قانداق قىلاتتىڭ ئەي ئەر
32يىل …
2016-3-17
|