سېغىنىشنىڭ يەنە بىر ئۇچى
ئەنۋەرجان ساۋۇت
سەن سۆيمىگەن كېچىلىرىمنىڭ،
يۇلتۇزلىرى ساقىپ تۈگەيدۇ.
سەن كۈلمىگەن مىسرالىرىمنىڭ،
تىنىقىدا ئۆلۈم تۈنەيدۇ.
نىمىشقىدۇر
شېرىن ھېسلارغا بەنىت قىلىپ
يىلىنجاپ تۇرىسەن قەلبىمدە چوغدەك.
سېنى خىيال قىلماسلىققا تىرىشساممۇ،
قەلبىم بىلەن توختاۋسىز قېرىشساممۇ،
ھالاك قىلار كېچىلىرىمنى
ساڭا بولغان سۆيگۈنىڭ كۈچى.
بىلسەڭ نىگار
ساڭا بېغىشلانغان سىغىنىشىمنىڭ
يۈرېكىمدىن باشلىنىپ
ماگما كەبى ئېقىپ بۇلدۇقلاپ
يۈرېكىڭدە توختار بىر ئۇچى.
2016-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى، سەيشەنبە كېچە.
|