ئەتىرگۈل چۈشى
ئىمىرھام ئەمىن
ئابدۇقادىر ھىزىم تەرجىمىسى
***
ئېھتىمال
مەلۇم بىر كۈنى
ئولتۇراقلاشقىنىم
سەندىن باشقا
ھېچكىم بىلمەيدىغان
كەپتەر ئېگىزلىكىدىكى تۇرالغۇ
دۇنيانىڭ ئەڭ ئاخىرقى بېكىتىدۇر...
كۆردۈڭمۇ ،ئەي سۆيۈملۈكۈم
ماكېدونىيە خەلىق ناخشىلىرىدىن
ئابدۇقادىر ھىزىم تەرجىمىسى
***
كۆردۈڭمۇ ،ئەي سۆيۈملۈكۈم
ئاۋۇ تاغ ئارىسىدا
كۆتۈرۈلگەن ئېزىتقۇنى؟
ئۇنى ھەرگىز تەڭرىنىڭ ئېرادىسىدىن دېمە
ئۇ روھى ھالىتىم سەۋەبىدىن
خۇرسىنىشىمدۇر
سېنى ئەسلەش ئۈچۈن بالقىۋاتقان خۇرسىنىش
ئارقا تەرىپىڭدە كۆيۈپ توختىمايۋاتقان