ئىككى نەسر
رەيھانگۈل ئوسمان
ئاخىرقى مەدھىيە
ھاياتتىكى بۇ گۈزەل پىنھانلىق چۈشلەر دۇنياسدىن يىپ يىڭى ،بىر سەھەرنى بەخىش ئەتمەكتە ،تاۋلانغان مەنالاردىن سىنىڭ مىسكىن چۈشلىرىڭ يىنىك پەر قاقماقتا ، قۇياشنىڭ ئالتۇن نۇرلىرى بۇ گۈزەل سەھەرنى خىيالچان ھالدا يىنىك سۆيمەكتە ،.قەلبىمدىكى تەسكىنسىز غىرىپلىق غۇۋا ئازاپ ھەم سىنچى ئۈمۈتلەرگە باغلانغان ئاخىرقى ئىستەكلەرنى چۈش پەسلى تامان ئىلىپ كەتتى ، يوللارنىڭ غۇۋالىقى بەرگى خازان گۈللەرنى باغاشلاپ تۇراتتى ، خىياللىرىم بەرىق ئۇرغان بۇ كوچا ئاخىرقى ھەسرەتلەرنى ۋاقىتنىڭ چۈشلىرىگە ئىلىپ قوياتتى ،ھاياتنىڭ مۇڭ ئەسرالىرى چىغىر يوللارنىڭ غۇۋا كەچمىشىنى خىيالپەرەس قۇشلارغا ھەدىيە قىلدى ،كۆكتىكى ئاي نەم خىياللىرىنى بۇلۇتلار ھوزۇرىغا بەخىش ئەتكەن بۇ كۈنلەر ،سىنىڭ ئىسمىڭدىن باشلانغان خىيالى چۇقانلار يۇلتۇزلار تەزكىرىسگە ،ئەڭ يارقىن باياننامىلەرنى سۇنۇپ تۇرماقتا ئىدى ، سۆيگنىنىڭ گۈزەل مەنالالىرى قىزىل ئىچىلغان گۈللەرنىڭ رەڭگىدە تاۋلىنىپ تۇراتتى ، سەن تامان ئۇچۇپ كىتىۋاتقىنى مىنىڭ روھ قۇشۇم ، سىنىڭ نەمخۇش كۈلكىلىرىڭ مىنىڭ پارلاق بىر ئەتەم بولغىيمىدى .
ئاخىرقى ياش ئاخىرقى چۈش ،مىنىڭ غىرىپلىقىم تۈنىگەن كىچىلەرگە گىرە سالغان مىنۇتلاردا ،سەن پەقەتلا سەن كەلمىدىڭ ،قەلبىمدە ھەسرەتنىڭ چىن مەنالىرى مانا بۈگۈنلا شۇ قەدەر پورەك ئاچتى ،مەن گاھى خىيالدەك گاھى ئازاپتەك ئۈنسىز توزۇۋاتقان يىگانىلىقىمنى ،تۈنلەردىن يوشۇرۇپ ئولتۇرۇپتىمەن ،مەن چۈش پەسلىدە ھاياتنىڭ قايناق ھاياجانلىرىدا ،ساڭا بولغان سېغىنىشىمنى ئۇنتۇپ كەتتىم . سەھەرنىڭ ئاخىرقى سۈكۈناتىدا قۇشلارنىڭ ساڭا بولغان مەدھىيەسىنى ئاڭلاپ خىرامان كۈلكىلىرىمدە ئىزگۈ بىر ئارماننىڭ يىنىككىنە يىلىنجاۋاتقانلىغىنى ،ھىس قىلىپ ئولتۇرۇپتىمەن ، خەيىر مىنىڭ ئوماق قۇشلۇرۇم
چۈش پەسلى
خىيالى يىگانىلىقتىن باشلانغان يوللار ،گۈللەردىكى تەلپۈنۈشلەرنى ۋۇجۇت ئالىمىدە پارلاتماقتا ،
چىغىر يوللار پىنھان كەچمىشلەرنى كىچىك قۇشلارغا ھەدىيە قىلغىنىدا ،قەلبىمدىكى تەلپۈنۈش سەن تامان بەرىق ئۇرغاندى ، مەن خىيال بىلەن تەشۋىش بىلەن سىنىڭ يىراقلاپ كەتكەن سىماھىڭغا ئەڭ ئاخىرقى رەت نەزەر سالغىنىمدا ،دىلىمدىكى ياش قىيانلىرى ئاخىرقى چىداملىرىمنى بىت چىت قىلىۋەتتى ، سەن كەتتىڭ ،چۈنكى بىزنىڭ يولىمىز باشقا ،نىشانىمىز باشقا ئىدى ، دەرەخلەرسۈكۈناتىدا كۆيگەن ياپراقلار ئۈنسىز نالىسىنى شاماللاردىن يوشۇرۇپ ئىزتىراپقا چۆمۈلمەكتە ئىدى ،روھىي ئاشىقلىقتىن مەھرۇم قىلىش ئىنساننى ھەقىقى ئازاپ پاتقىقىغا ئىلىپ بارسىمۇ لىكىن ،دىلدىكى غۇرۇر بۇنىڭغا يول قويمىسا كىرەك ،
چۈش پەسلى كۈلرەڭ يامغۇرلار ،سانسىز ئايازلارنى پەپىلەپ كەلگىنىدەك ،مەن يەنە خىياللىرىمدا ساڭا بولغان ئۈمۈتلىرىمنى پەپىلىلەپ يۈرگەن بولغىيمىدىم ،قەلبىمدىكى بوشلۇق ئازاپ يامغۇرىنىڭ پايانىدا چۈش پەسلىگە قەدەم قويغىنىدا ،مەن يەنە ھەسرەتكە ئىسەنكىرەشكە ئەيتاۋۇر ئاللىقانداقتۇر تۇيغۇلاردا تۈمەنمىڭ خىل ھىسلارغا چۆمۈلگۈنۈم راس ،
تەبىئەتنىڭ رەھمىتىنى زىمىننى تولىمۇ گۈزەل تۈسكە كىرگۈزۋەتكەن مۇشۇ كۈنى ،سۆيگۈدىكى بارلىق ئىسيانكارلىقىمنى ئۆچۈرمەكچى بولغانلىقىم راس ،كۈلرەڭ يامغۇرلاردا يۇيۇنغان ياپراقلار يەنىلا غىرىپ يەنىلا تەسكىن ،كۆز يىشىمدىن رەڭلەنگەن گۈللەر خيابان ھىسلاردا مەمەيۈس چاقنىغان ئۇشبۇ دەملەر ،چۈش پەسلىدە جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرگەن مىنۇتلارغا ئۈنسىز سىڭمەكتىمەن
قىزىلسۇ ئەدىبىياتى 2015-يىللىق 3-سانىدا ئىلا قىلىنغان
|