يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 916|ئىنكاس: 5

ياۋا چېچەكلەر (تەرجىمە)..... ساباھى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
天野花
ياۋا چېچەكلەر
作者:亚森江。萨迪克
翻译:阿布都米吉提。卡依尔
1
你以手心遮住了他的面容,他呼吸揭开了你的蒙纱。
我终于明白了, 原来你称着薄纱藏起来相貌丑陋的面容。
سەن ئۇنىڭ جامالىنى ئالىقانلىرىڭ بىلەن يېپىۋالدىڭ. ئۇ سېنىڭ چۈمپەردەڭنى تىنقى بىلەن ئېچىۋەتتى.
مەن چۈشىنىپ يەتتىم، سەن بەتبەشىرە جامالىڭنى شايى رومال بىلنە يوشۇرغان ئىكەنسەن.
2
宝贝,扔掉脖子上的珍珠,耳朵挂的宝石,手上的金钏吧。我为你擢上了自己的心脏。你把我的心脏装在你的鬈鬈挂着脖子上吧!。。。
زىبۇ-زىننەتلىرىڭنى ئېلىۋەتكىنە جېنىم، بوينۇڭدىكى مەرۋايىت، قۇلقىڭدىكى ياقۇت ھالقا، قولۇڭدىكى ئالتۇن بىلەزۈكلەرنى ئېلىۋەت. ساڭا ئاتاپ يۈرىكىمنى سۇغۇرۇپ ئالدىم. ئۇنى سۇمبۇل چاچلىرىڭدىن باغ بېكىتىپ بوينۇڭغا ئېسىۋال.
3
我埋了你我的心中。 你的墓头长出来了好几个野草。 我用自己的眼泪浇上它了。
سېنى يۈرىكىمگە كۆمۈۋەتكەندىم. قەبرەڭدىن بىر نەچچە تال ياۋا گىياھ ئۈنۈپ چىقتى. مەن ئۇنى كۆز ياشلىرىم بىلەن سۇغاردىم.
4
你看毁灭我身躯的惨火付之一笑了,而没看到了连着那把起火我心的憎恨。
سەن ۋۇجۇدۇمنى كۆيدۈرىۋاتقان ھەسرەت ئوتىنى كۆرۈپ قاقاقلاپ كۈلدۈڭ-يۇ، ئاشۇ ئوتقا ئۇلىشىپ يۈرىكىمگە تۇتاشقان نەپرەت ئوتىنى زىنھار كۆرمىدىڭ.
5
你让我辨认世界上的好人我都认出来。 但你问我坏的一个也不认识。
دۇنيادىكى ياخشلارنى تونۇپ بەر دېسەڭ تىزىملىكى مەندە بار، يامانلارنى سورىساڭ بىرسىنىمۇ بىلمەيمەن.
6
赌气我,也该住我眼前。千万别走隐蔽的地方。
抱怨了就骂我,但绝对不要缄口结舌。
يامانلىساڭمۇ كۆزۈمدە تۇر، ئۆزۈڭنى ھەرگىز پىنھان ئالما!
رەنجىپ قالغان چېغىڭدا تىللىساڭ تىللا، لېكىن زىنھار سۈكۈت قىلما!
7
可怜的女孩,像片别找了男友的影集中, 而找他的眼眶和心里。
ئېھ، بىچارە قىز، سۈرئىتىڭنى يىگىتىڭنى ئالبۇمىدىن ئىزدىمەي، كۆز قارىچۇقىدىن، يۈرىكىدىن ئىزدە.
8
你别想你给我家和路上点燃的灯烛来满意我,这你白日做梦。因为我知道阳光灿烂的这片土地的舒适。
سەن ئۆيۈمگە، يولۇمغا ھەر قانچە چوڭ ھەم كۆپ شام چىراقلارنى يېقىپ، مېنى يورۇقلۇقتىن مەمنۇن قىلىمەن، دەپ خام خىيال قىلما. مەن قوياش يورۇتقان زېمىننىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىمەن.
9
你吻我的那时刻, 我视觉了你眼睛心虚地看着天上的月亮。这瞬间我才知道了你的做爱是假的。
سەن لېۋىمگە لەۋ ياققان دەقىقىدە، كۆزلىرىڭنىڭ كۆكتىكى ئايغا خۈدۈكسىرەپ قاراۋاتقانلىقىنى سەزدىم-دە، مېنى سۆيۈشلىرىڭنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى بىلدىم.
10
人有一个值得需要向着的,需要安慰的,需要成全之美和令人高兴的泪水, 那可不是眼泪而是心脏流出来的一滴滴血。
ئىنسانلاردا ھەقىقى ھېسداشلىق قىلىشقا، تەسەللى بېرىشكە، ھەمدەم بولۇشقا، كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرۇشقا ئەرزىيدىغان شۇنداق بىر يىغا بار، ئۇ بولسىمۇ كۆزنىڭ ئەمەس يۈرەكنىڭ يىغىسى.
11
世界上不存在没有价值和价格的东西。如果人们没有珍惜黄金, 那它不是那么可贵的。我觉得这世界掌上明珠的不是黄金, 而是女人的贞洁。
جاھاندا قىممىتى، نەرخى، باھاسى بولمايدىغان نەرسە مەۋجۇت ئەمەس. كىشىلەر ئالتۇننى شۇنچە ئەتىۋارلىمىغان بولسا، ئۇ بۇنچە قىممەتلىك بولالمايتى. مېنىڭچە دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك ۋە ئەتىۋارلىق نەرسە ئالتۇن ئەمەس بەلكى قىزلارنىڭ ئىپپىتى.
12
世界上没有从事漂亮的东西, 如果有那肯定是你需要的东西。因为你需驴, 那么驴也变成世界上最美的东西。
جاھاندا ھەقىقى چىرايلىق نەرسە يوق. ناۋادا بار دېيىلسە، سەن ھاجەت بولۇپ قالغان نەرسىنىڭ ئۆزى. چۈنكى، سېنىڭ ھاجىتىڭ ئېشەككە چۈشسە، ئۇ ھالدا ئېشەكمۇ ساڭا دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق نەرسە.
13
承认错误是对人低头恶言一样荆丛生的。
ئۆز ئەيبىنى كۆرمەك، تونۇماق، ئېتىراپ قىلماق ئادەمگە خۇددى تۆھمەتكە بويۇن ئەگكەندەكلا بەكمۇ تەس.
14
我问够:
-       理想是什么?
狗说:
-       我希望全部人跟我一样添沟。
مەن ئىتتىن: «ئارزۇيۇڭ نېمە؟» دەپ سورىدىم. ئۇ ماڭا: «ھەممە ئادەم ماڭا ئوخشاش گوداڭ يالىسا ئىكەن» دەپ جاۋاپ بەردى.
15
人们崇拜驴的时候以贤人当成鞋垫, 给驴遮盖金幌子。
ئادەملەر ئېشەككە ئېتىقات قىلغاندا دانىشمەنى ئايىغىغا پېتەك قىلىدۇ، ئېشەككە زەردىن يوپۇق ياپىدۇ.
16
我怕冥人的吵闹捂上了耳朵。 为了躲避朦人的争论封闭了嘴。但绝不能怕对手闭上眼睛。 因我心慌的拳打也要打得准。
نادانلارنىڭ غەلۋىسىدىن قورقۇپ قۇلىقىمنى ئېتىۋالدىم. ئەخمەقلەر بىلەن مۇنازىرلىشىشتىن قېچىپ ئاغزىمنى يۇمۇۋالدىم. بىراق، رەقىبىمدىن قورقۇپ كۆزۈمنى ھەرگىز يۇمۇۋالالمايمەن. چۈنكى قورقۇپراق مۇشت ئاتساممۇ دەل تەگگۈزۈشۈم شەرت.
17
能给无聊的幻想诅骂的人类, 把世界搞成手上的玩具。
مەنىسىز ئوي خىياللارنى لەنەت زىندانىغا مەھكۇم قىلالىغان ئىنسان، دۇنيانى ئالقىنىدا ئويۇنچۇق قىلالايدۇ.

سەۋىيەمنىڭ يېتىشىچە ئۇستازىم چوغلاننىڭ نەسرلىرىدىن تاللاپ تەرجىمە قىلىپ باقتىم. تەرجىمە ئەھلىلىرى تەلىم بەرگەي....

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2012-4-2 12:57:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمىڭىزنىڭ 7- سىدىكى 像片别找了男友的影集中 بۇ سۆزنى (سۈرىتىڭنى يىگىتىڭنىڭ ئالبۇمىدىن ئىزدىمەي.........) دەپ ئالامسىز. بىر ‹ڭ› چۈشۈپ قالغاندەك قىلىدۇ . بولمىسا مەنا ئۆزگۈرەپ كېتىدىكەن .ئەمما تەرجىمە ياخشى چىقىپتۇ . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ماھىرە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-2 12:58  


ۋاقتى: 2012-4-2 17:06:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاھ، ياخشى چىقىپتىغۇ! تىرىشچانلىقىڭغا ئاپىرىن. تىخىمۇ تىرىشقىن،  سىلىشتۇرما ئەسەرلەرنى كۆپرەك كۆرگىن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-4-2 17:14:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورداشلارنىڭ سەمىمى پىكر بەرگنىگە رەھمەت! لېكىن دىلدا دېگەن ئەزانىڭ كىملىكىنى بىلىپ باققۇم بار.

ۋاقتى: 2012-4-3 15:44:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش