ئابدۇرېھىم زۇنۇ يوللىغان ۋاقتى 2012-12-28 10:17
ئابدۇرېشىت، يېڭى ئۇچۇردىن خەۋەر تاپتىم، رەھمەت!
...
سالام ئۇستاز، ئالدى بىلەن بۇ تېمىنىڭ دىققىتىڭىزنى تارتقىنىدىن سۆيۈندۈم. مەن بۇ تېمىغا خېلى زور ئۈمىد باغلىغان، قەلەمكەشلىرىمىز ئىچىدە تەخىرسىز مەسىلىگە تەخىرسىز پوزىتسىيە تۇتالايدىغانلار يوقنىڭ ئورنىدىكەن. مەن دەيدىغان نەق گەپنى قۇتتېكىن دەپ بولۇپتۇ. تەكرارلىماي!
سىز سورىغان مەسىلىگە كەلسەك، بۇ ۋاقىتلىق ئېتىبار باھا پەقەت يەككە كومپيۇتېر نۇسخىسىنىڭ باھاسى. دېمەكچىمەنكى، سىز Windows8 دىن بىرنى سېتىۋالسىڭىز پەقەت ئۆزىڭىزگە تەۋە بىرلا كومپيۇتېردا مەڭگۈ ئىشلىتەلەيسىز.
مىللەتكە، تىل-يېزىقىمىزنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك بۇنداق مەسىلىگە ئەستايىدىلراق مۇئامىلە قىلساقكەن! ھەي!...