كۆرۈش: 117|ئىنكاس: 2

تۇرسۇنجان ھەسەن: كۈنلەرنىڭ بەتلىرىنى ۋاراقلاپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۈنلەرنىڭ بەتلىرىنى ۋاراقلاپ   


تۇرسۇنجان ھەسەن


                                                                 (نەسىر)

كۈنلەرنىڭ بەتلىرىنى ۋاراقلاپ ئۆزۈمگە تەسەللى بولغۇدەك بىر نەرسە تاپالمىدىم. قاغجىرىغان قەلبىمدىن ياڭراۋاتقان سادالار نېمىشقا پۈتۈلمىگەندۇ؟
كۈنلەرنىڭ بەتلىرىنى ۋاراقلاپ تۇنجى مۇھەببەتنىڭ ئازابلىق قىسسىلىرىنى ئوقۇپ يۈرىكىم ئۆرتىنىپ، ۋۇجۇدۇم سىلكىنىپ كەتتى.
كۈنلەرنىڭ بەتلىرىنى ۋاراقلاپ يۈكسەك ئارمانلارنى كۆڭلىگە پۈككەن بىر سەھرا بالىسىنىڭ ئاچچىق ھايات قىسمەتلىرىدىن ئۈكۈنۈپ كەتتىم.
كۈنلەرنىڭ بەتلىرىنى ۋاراقلاپ ئۇيۇنغا قانمىغان، بالىلىقتىلا ھاياتنىڭ جاپا-مۇشەققەتلىرىگە، تۇرمۇشنىڭ قىيىنچىلىقلىرىغا مۇپتىلا بولغان بىر ناتىۋان بالىنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىنى ئوقۇپ بوقۇلداپ يىغلاپ كەتتىم. ئادەم نامراتلىقتىن ئۆلمەيدىكەن، ئەمما روھى جەھەتتىكى بېسىملارغا بەرداشلىق بېرەلمەي تۈگىشىپ كېتىدىكەن،
كۈنلەرنىڭ بەتلىرىنى ۋاراقلاپ قەلبى ئىلىمگە شەيدا بولغان، ئىلىم ئۆگىنىش يولىدا تۈرلۈك جاپا-مۇشەققەتلەرنى ئۈنۈملۈك يەڭگەن، ئۇستازلىرىنىڭ تەربىيەسىنى كۆڭۈل قۇيۇپ ئاڭلىغان، تىرىشىپ ئۆگىنىپ ئۆزىنىڭ مەنىۋى ئابىدىسىنى تىكلىگەن بىر مۇنەۋۋەر زاتنىڭ تەسىرلىك ئىش-ئىزلىرىدىن قەلبىم لەرزىگە كەلدى.
كۈنلەرنىڭ بەتلىرىنى ۋاراقلاپ ئۆزىنىڭ كىشىلىك قەدىر-قىممىتىنى تىكلەش يولىدا تىنىمسىز ئىزدىنىۋاتقان، مەنىۋىيىتىنى پەزىلەت چېچەكلىرى بىلەن بېزەۋاتقان، روھى دۇنياسىنى ئىلىم ھېكمەتلىرى بىلەن نۇرلاندۇرىۋاتقان، باسقان ھەر بىر قەدەملىرىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئېلىۋاتقان، كىشىلەرگە ئىللىق تەبەسسۇم بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتقان، ئۆزىنىڭ غەملىرىنى ئۇنتۇپ بەختسىزلەر ئۈچۈن غەم يەۋاتقان، سېخى ئالقانلىرىنى كەڭ ئېچىپ، ساخاۋەت داستىخىنى سېلىۋاتقان، يىتىم-يېسىرلار، قېرى-چۈرىلەر، ئىگە-چاقىسىزلارغا باشپاناھ بولىۋاتقان، ھاياتنىڭ گۈزەللىكىنى، دۇنيانىڭ ئىللىقلىقىنى، مېھرى مۇھەببەتلىك كىشىلەرنىڭ كۆپلۈكىنى تۇنۇتىۋاتقانلارغا ئالەمچە ھۆرمەت بىلەن سالام يوللىدىم.
كۈنلەرنىڭ بەتلىرىنى ۋاراقلاپ ھەقىقەتنىڭ سىرىنى ئېچىش، ئىلىم مەرىپەتنىڭ نۇرىنى چېچىش، قاراڭغۇ دىللارنى يۇرۇتۇش، نادانلىقنى تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتۇش، ئىنسانلار ئارا چوڭقۇر مۇھەببەت ئورنۇتۇش، ئالەمنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش، ئادىمىيلىك بۇرچىنى ئاقلاش، ۋىجدان، غۇرۇرنى نۇرلاندۇرۇش، ئەقىلنى جانلاندۇرۇش، بۈگۈندىن ئەتىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىش يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىۋاتقانلارنىڭ قەيسەر روھىغا چەكسىز ئاپىرىن ئوقۇدۇم.
كۈنلەرنىڭ بەتلىرىنى ۋاراقلاپ خام خىياللارنى ئۆزىگە يار قىلغان، بار نەرسىدىن يوقنى بار قىلغان، ئەقىل شاملىرىنى سۈكۈت ئاخشاملىرىدا خار قىلغان، ھىجران تۈنلىرىنى ئۆزلىرىگە دار قىلغان، قەلبى ئۇيغاق، ئىمانى پاكىز، ۋىجدانى يۇرۇق، غايىسى يۈكسەك ئادەملەر توپىنىڭ تىرىشچانلىقىدىن بەھرە ئېلىپ ئولتۇرۇپ شېرىن دەملەرنىڭ ھەقلىق گۇۋاھچىسى بولۇپ قالدىم.
كۈنلەرنىڭ بەتلىرىنى ۋاراقلاپ چۈشكۈنلۈك، ئۈمىدسىزلىك، غايىسىزلىك تۇمانلىرى ئىچىدىن نۇرلۇق قۇياشنىڭ جامالىنى كۆرەلىگەن؛ شەبىستان كېچىلىرى مىليۇنلىغان يۇلتۇزلار بىلەن سىردىشىپ باقى ئالەمنىڭ ئىلھامبەخىش تۇيغۇلىرىغا چۆمۈلەلىگەن، تاڭ ساباسىنىڭ لەرزان ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ھاياجانلىق قەلبىنى ئاۋۇندۇرغانلاردىن چەكسىز ئىپتىخارلاندىم.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-18 11:50:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسىرىڭىزدىن شۇنداق ئېسىل ھۇزۇر ئالدىم.قەلىمىڭىزگە تېخىمۇ كۆپ مول ھۇسۇل تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2016-3-18 13:15:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاگورنىڭ نەسىرلىرىدەك  تىلى نەپىس،ئوقۇرمەنگە ئۆزگۈچە ھۇزۇر ئاتا قىلىدىغان ،ئىخچام چىقىپتۇ  چىقىپتۇ.ئاپۇرنىڭ مىھنىتىگە  تەشەككۈر.ئىجادىيتىڭىز تېخىمۇ يۇقۇرى ئۆرلىگەي!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش