سېغىنىش
مۇختەرجان مەمەتتۇرسۇن
مەن شامالغا ئۆزۈمنى ئاتتىم،
شامال مېنى ئۇچۇردى ئاستا.
چاچلىرىم ۋە يۈزۈمنى سىپاپ،
شۇنچە نەمخۇش سۆيدى يەنىلا.
بەردى يەنە ماڭا ھارارەت،
تەنلىرىمنى ئېلىپ قولىغا.
ھەم ئىتتىردى كەينىمدىن تېخى،
باشلىغاندەك ئۆزىنىڭ يولىغا.
ئەركىلەتتى مېنى قىچىقلاپ،
باستى يۇمران نەمخۇش باغرىغا.
چاچلىرىمنى سىلاپ تېخىمۇ،
غەرق قىلدى مېنى خىيالغا.
ۋە كەلگەندەك باھار تاڭ – سەھەر،
چاچماقتا ھەم خۇشپۇراق ماڭا.
كەتتى شامال كۆڭلۈمنى ئېلىپ،
يىراقتىكى ئانا يۇرتۇمغا.
2016 - يىلى 16 - مارت، لەنجۇ.