ھەريىلى 3-ئاي كىلىدۇ ۋە ئۇزاق ئۆتمەي 5-ئايمۇ كىلىدۇ ، ئىككى ئاي ئارلىقىدا ئىككى مىڭ خىل خىيال سۈرۈپ قايتىلانمايدىغىنى ۋە مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدىغىنىمۇ ئېنىق بولغان ئاشۇ ئەسلىمىلەر قوينىغا كۆز ياشلىرىم بىلەن قوشۇلۇپ ئۈنسىز غەرق بولىمەن .
---- ئاشىق ئەھەدى
ئۈچتە يىگىرمە بەش ، بەشتە يىگىرمە ئۈچ
ئەھەت مامۇت چوغدان
كەلدىم كوچاڭغا سەرسان بولغىلى
دەردىگە دەردنىڭ دەرمان بولغىلى .
ئۆلدۈم ئۆزۈمدە ،قالدىم كۆزۈڭدە
كىرپىكلىرىڭدە مارجان بولغىلى .
ئايۋاندا ياتماي ئاسماندا ياتتىم
ئالەمگە پاتماي كۆڭلۈڭگە پاتتىم .
بىر جان بولۇشقا مىڭ جان تەسەددۇق
ئاشىق بولۇشقا ھىجراندا ياتتىم .
سەن سەن مەردانە، مەن مەن ئاۋارە
ئىشقىڭ كويىدا بولدۇم بىچارە .
تۇرسام يارالغان مەغلۇپ بولغىلى
مەغرۇر بولماققا مەندە نەچارە .
ھەيران مۇھەببەت، ۋەيران مۇھەببەت
بىزگە شۇ ئوتنى سالغان مۇھەببەت .
ئۈچتە يىگىرمە بەش، بەشتە يىگىرمە ئۈچ
يارنى يىگانە قىلغان مۇھەببەت !
ھەريىلى شۇنداق ئەسلەپ ئۆتەرمەن
يارنىڭ كۆڭلىگە پەسلەپ ئۆتەرمەن .
يالغۇزلۇقۇمدا يالغۇزدۇر خۇدا
جاننى پىراقتا قەستلەپ ئۆتەرمەن .
2016-3-16