كۆرۈش: 440|ئىنكاس: 9

ئالىپ ئوغۇز: رىمبونىڭ شېئىر سەنئىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئارتۇر رىمبونىڭ شېئىر سەنئىتى     

نۇرمۇھەممەد تۇرسۇن ئالىپ ئوغۇز

       ئارتور رىمبو قىسقىغىنا ھاياتىدا ئۆزىگە خاس  تالانتى بىلەن كىشىلەرنى تاڭ قالدۇرىدىغان شائىرىدۇر   . كېيىنكىلەر ئۇنى  ‹‹كۆيۈۋاتقان تىكەنلىك ››، ‹‹سەرگەردان پەرىشتە ››،.‹ئوت ئوغۇرلىغۇچى ،››‹‹ئۇ ئىلاھ ياكى پەرىشتە ئەمەس ،بەلكى تولىمۇ ئالاھىدە تۇيغۇ ۋە سېھرلىك  تىلغا ئىگە بولغان بۈيۈك شائىر .›› قاتارلىق سۆزلەر بىلەن سۈپەتلەپ ئۇنىڭ  قابىلىيىتىگە بولغان قايىللىقىنى بىلدۈرۈشكەن  . ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئىزچىل ئەدەبىيات – سەنئەت نەزەرىيچىلىرىنى   جەلىپ قىلىدىغان    قىزىق نۇقتا  بولۇپ كەلمەكتە . چۈنكى : ‹‹‹ئارتور.  رىمبو پەقەت ھالقىما رېئالىزمچىلارنىڭ چوقۇنىدىغان  مەبۇدى بولۇپ قالماي ، ئۇ يەنە گۈللىنىپ ئالغا قاراپ كېتىپ بارغان ھازىرقى زاماندىكى بارلىق ئەدەبىيات- سەنئەت  ئېقىملىرى ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان شائىرنىڭ بىرىدۇر . ››يىغىپ ئېيتقاندا ئارتور . رىمبو ھازىرقى زامان شېئىرىلرىنىڭ  تەرەققىياتىغا ئىنتايىن كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن  . بىز ھازىرقى زامان شېئىرلىرنىڭ يولىنى ئېچىپ بەرگەن   ئارتور .رىمبودەك ئاۋانگارتلارنى چۈشەنگەندىلا شېئىرىيەت دالىسىغا تېخىمۇ مەزمۇت قەدەم تاشلىيالايمىز   .
تۆۋەندە مەن ئارتور . رىمبونىڭ شېئىر سەنئىتى ھەققىدە ئۆزەم ھېس قىلغانلىرىمنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتىمەن  . بۇ قىسىقا يازمام ئارقىلىق ئۇنىڭ كۆپ قاتلاملىق ۋە مۈرەككەپ  شېئىر سەنئىتىنى    تەپىسىلىي چۈشەندۈرۈپ   بېرەلىشىم ناتايىن . چۈنكى بۇ  ئۇرنۇشۇم ئۇنىڭ   شېئىرىيەت دۇنياسىغا كىرىشكە بولغان تۇنجى قەدەم   ،خالاس.
1، شېئىرنى خۇسىيسىزلاشتۈرۈش(توقۇلما ئۆزلۈك)

       رومانتىزم شائىرلىرى   شېئىرلىرىدا مۇكەممەل بىر دۇنياغا  يېتىشكە بولغان  ئىستىكىنى ئاجايىپ ھاياجان ئىچىدە تەسۋىرلىگەن . ئۇلار قەلبى تەلپۈنگەن  خىيالى دۇنيا ئارقىلىق روھىي ئازابتىن ۋە رېئاللىقنىڭ كەلتۈرگەن بېسىمدىن قۇتۇلماقچى بولغان .ئۇلار ئۆزلىرىنى  رېئاللىقنىڭ  قەپەسنىڭ ئىچىدە  تۇرۇپ يىراقتىكى سېھرلىك ئورمانلقىنى  ئارمان قىلىۋاتقان قۇشلار  دەپ قارىغان . ئۇلار شېئىرلىرى ئارقىلىق  ئاڭلىغۇچىلارغا قەلبىنى چۈشەندۈرۇشكە ئۇرۇنۇپ كەلگەن بولۇپ .بۇ خىل شېئىرلارنىڭ باش قەھرىمانى دەل شائىر ئۆزى بولۇپ چىقاتتى .چۈنكى ئۇلار شېئىرلىرىدا ئۆزىنى ئىپادىلەشنى مەركەز قىلىۋالغان ئىدى .  ئەمما بىز ئارتور . رىمبو  شېئىرلىرىنى ئوقۇغاندا  ‹‹شېئىر چوقۇم كىشلەرگە خوشاللىق تۇيغۇسى ئاتا قىلىش كېرەك! ››(1)دېگەن قاراشتىن گۈمانلىنىمىز .  ئۇنىڭ  شېئىرلىرىدا يارىتىلغان دۇنيا  رومانتىزم شائىرلىرى تەسۋىرلىگەن غايىۋى دۇنياغا تۇپتۇن ئوخشىمايدىغان ناتونۇش دۇنيا بولۇپ ، ئۇ يەرنى  پۈتۈنلەي خاتىرجەمسىزلىك ئۆز قوينىغا  ئالغان ، ھەتتا شائىر ئۆزنى ئاشكارلىغۇچىدىن  مۇرەككەپ تۇيغۇلىرىنى   خاتىرلىگىچىگە  ، كۆزەتكىچىگە ، ئۇنىڭدىكى ئاجايىباتلاردىن ساراسىمگە چۈشكىچىگە ئايلانغان ھالەتتە ئىدى   . ئۇنىڭ خاتىرلىگىنى باشقىلار ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان ئاۋازلار،  كۆرۈپ باقمىغان شىئەلەر ئىدى . ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇغاندا ماسلقنى ئەمەس  بەلكى پۈتۈنلەي گارمىنىيسى بۇزۇلغان شەكىل ، ئاۋاز ، رەڭ ، ھەرىكەتلەرنى ھېس قىلىمىز  .   
          ئارتور . رىمبونىڭ شېئىرلىرىدىكى ‹‹مەن››  ‹‹رەزىللىك گۈللىرى›دىكى ‹‹مەن›گە زادى ئوخشىمايدۇ .‹‹رەزىللىك گۈللىرى››دىكى ‹‹مەن››ئانچە شەكىل ئۆزگەرتىپ كەتمىگەن بولۇپ ، ئۇنىڭ شەكلى  ئۇنىڭدىكى ھەر بىر شېئىردا غۇۋا ئەكىس ئېتەتتى  . لېكىن  ئارتور . رىبونىڭ شېئىرلىرىدىكى ‹‹مەن››نى بىز ئېنىق ۋە تۇرغۇن  بىر شەكىلگە كەلتۈرۈپ تەسەۋۋۇر قىلالمايمىز  .  ئارتور . رىمبو :‹‹مەن بارلىق نىقاپلارنى يۈزىگە تاقىۋالغان  ھەم  ئۆزنى بارلىق مەۋجۇتلۇق ، بارلىق دەۋر   ، بارلىق  مىللەتتە  نامايان قىلالايدىغان مەندۈر. ››(2) دەپ ئېيتقىنىدەك،  ئۇنىڭ شېئىرلىردىكى ‹‹مەن  ›› پۈتۈنلەي شەكىل ئۆزگەرتكەن ئىدى . ئۇ ئۆزى :‹‹مەن ھەممە يەردە ياشاپ باققان، تونۇمايدىغان مىللىتىم يوق.  ››(3) دېگەندەك ،  ‹‹مەن››نى       پارچە –پارچە  قىلىپ شېئىردا نۇرغۇن  توقۇلما مەنگە ئايلاندۇرۇۋەتكەن  ئىدى . ھازىرقى زامان شېئىرلىردىكى سوبېيكىتپنىڭ ۋە ئۆزلۈك تەجرىبىلىرىنىڭ خەيرى ھالەتتە پارچىلىنىشى  دەل  رىمبودىن باشلانغان .  شېئىردىكى ‹‹مەن››نىڭ  ھەم پەرىشتە ھەم ئالۋاستى  بولىشىمۇ  دەل رىبودىن باشلانغان .
           ئۇ :‹‹مەندىكى ئەۋزەللىك : مەندە قەلب يوق. ››(4)دېيىش ئارقىلىق  رومانتىزمچىلارنىڭ  ئۆزلۈكىنىڭ   تەرجىھمالىنى يېزش ئادىتىنى تەنقىتلەيدۇ ، يەنى ئۆزىنىڭ قەلبىنى ئىپادىلەشنى مەركەز قىلىۋالىدىغان ئىجادىيەت ئۇسۇلغا  بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرىدۇ . ئۇ يەنە : ‹‹سەن ئۆزۈڭنى ئىنسانىيەتكە ئالقىش ئېيتىشتىن ،  تۆۋەن تەلەپلەر ئۈستىدە ئىزدىنىشتىن ئازات قىلىپ يۇقىرىغا پەرۋاز قىل .››(5) دېيىش ئارقىلىق ،  ئاڭلىغۇچىلارنىڭ  تەلەپ – ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىدىغان شېئىر ۋە ئىجادىيەت ئۇسۇلىنى رەت قىلىدۇ .  ئەمەلىيەتتە شېئىر خۇسىسىيزلاشقان بولىدۇ .ئۇ بىرەر نەرسىنى كىشىلەرگە دەپ بېرىشنى ياكى شائىرنىڭ قەلبىنى  چۈشەندۈرۈشنى    ئۆزىگە ۋەزىپە  قىلمىغان بولىدۇ . بىز ئارتور . رىمبونىڭ  :‹‹تارىخىدىن بېرى شېئىرنىڭ مەزمۇنىنى  يوچۈن مېھمان ياكى نىقابلانغان چىرايلار ئىپادىلەپ  كەلگەن. ››(6) دېگەن سۆزدىن ،  ئۇنىڭ  ئىجادىيەت جەريانىدا  ئۆزلۇكنىڭ ئۆزدىن ۋاز كېچىش ھوقۇقىنى  كاپالەتكە ئىگە قىلغانلىقىنى   ،  يەنى ئۈزلۈكسىز  شەخسىيىتىنى ھالاك قىلىش بەدىلىگە شېئىرلىرىنى پۈتۈنلەي  خۇسىيسىزلاشتۇرش مەقسىتىگە يەتكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز  . مەسىلەن ئۇنىڭ : ،‹‹قاراڭغۇ جىلغىدا ئۇخلىغۇچى››(7)ناملىق شېئىرى دەل بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر . شېئىردا ئوق تېگىپ يارىلانغان  بىر ئەسكەر تەسۋىرلەنگەن بولۇپ . جىلغىدا ئۇخلاۋاتقان ئەسكەرنىڭ چېھرىدىن قايغۇ ،ئەپسۇسلىنىشنى ئەمەس ، بەلكى  بالىلارچە تاتلىق تەبەسسۇم ، بىر خىل خاتىرجەملىكنى ھېس قىلىمىز  . ئۇ نېمە ئۈچۈن بۇنچە خاتىرجەم ئۇخلايدۇ ؟  شېئىردىكى خاتىرجەملىك ياكى جىمجىتلىق  ئۆلۈم سەۋەبىدىن پەيدا بولمىغان  . ئۇنى  بىر خىل كۆرۈنمەس ھەركەت پەيدا قىلغان . بۇ  ھەركەت بولسا :كۈندۈزنىڭ كېچىگە قاراپ مېڭىشى ،  روھنىڭ يەنە بىر ماكانغا كىرشى . شېئىردا  بىر ئادەم  ئۆلۈمنى يەنە بىر چەكسىز جىمجىتلىققا  كىرىشنىڭ سەكرەش تاختىسى قىلغان . شېئىردا ئۆلۈم ۋەھىمىسى يوق ،  پەقەت  جىمجىتلىق ئىچىدىكى كۆرۈنمەس ھەركەت بار . شېئىردىن بىز شائىرنىڭ  خۇسۇسي  ھېسسىياتنىڭ كۆلەڭگۈسىنى زادى تاپالمايمىز . بۇ يەردە شائىر پەقەت تۇيغۇدىكى مەنزىرىنى  خاتىرلىگۈچى ، سوغۇققان كۆزەتكۈچى  ياكى  قۇراشتۇرغۇچى رولىنى ئۆتىگەن.

2،   رېئاللىقنىڭ چېگرىسىنى پۈتۈنلەي پاچاقلاپ تاشلاش

       ئۇنىڭ   شېئىرلىرىدىن  رېئاللىقنىڭ  ئۆزىنى ئەمەس   بەلكى   باشقا بىر يېڭى رېئاللىقنى  بايقايمىز .  بۇ ئۇنىڭ ئىجادىيەت جەريانىدا  رېئاللىقنىڭ چېگرىسىنى پاچاقلاپ  تاشلاش ئۇسۇلىنى قوللانغانلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك . ئۇنىڭ شېئىرلىردىكى  جەلپكارلىق دەل  چەكلىك ۋە يېقىندىكى شەيئىلەرنى چەكسىزلىك (يىراقلىققا )ئىچىگە ئېلىپ كىرىش ئارقىلىق ئۇنىڭ قىممىتىنى يوقىرى كۆتۈرۈشتۇر  .  ئۇنىڭ ‹ئاممىباپ كېچە كۈيى  ››(8)دېگەن شېئىردىكى  :‹‹ بىر پەستە چىققان بوران تاملاردىن تۆشۈك ئېچىپ ، بۇزۇۋەتتى   ئۆينىڭ چېگرىسىنى .››دېگەن  مىسرالارغا   رىمبونىڭ شېئىرىيەت قارىشىنىڭ  ۋە ئىجادىيەت ئۇسۇلىنىڭ  پۇرىگىرامىسى   جەملەنگەن . ئۇنىڭ ‹‹سۇ تامچىسى ››(9)دېگەن شېئىرى مەنىسى  غۇۋا ۋە  خۇددى تېپىشماقتەك يېزىلغان شېئىر بولۇپ . تېما بىلەن شېئىر مۇناسىۋەتسىز بولغاچقا ، بىز  ھەرقانچە قىلىپمۇ  ئۇنىڭدىن  ئومۇمى بىر مەنىنى  چىقىرالمايمىز  . پەقەت بىز  بۇ خىل شېئىرلارنى چۈشىنىش  ئۈچۈن باشقا يولنى تاللاشقا مەجبۇر بولىمىز.  شېئىر بىر كىشىنىڭ دەريا بويىدا يالغۇز ئولتۇرۇپ   مەي    ئىچىۋاتقانلىقى بىلەن باشلىنىدۇ . بۇ جەرياندا ئۇنىڭ كۆڭلى ئېلىشىشقا باشلايدۇ .  ئارقىدىن شېئىردىكى مەنزىرىدە بىر خىل زور سوقۇلۇش يۈز بېرىپ ،  توساتتىن ھاۋانى يامغۇرلۇق بوران قاپلاپ ،  ئاسماندا قارا رەڭلىك دالا ، كۆل ، ماشىنا ، تۈرۈك ، نۇرغۇن ۋوگزال زاھىر بولىدۇ . دولقۇن ئورمانلىققا بېسىپ كىرىپ  مۇز پارچىلىرىنى  كۆلچەكلەرگە ئېقىتىدۇ  . بۇ يەردە زادى نېمە ئىش يۈز بەرگەن  ؟  ئەمىلەيتتە يۈز بەرگىنى چەكلىك مەنزىرە توساتتىن ئاسماننى تۇپان باسقان چەكسىز ۋە ئۆزگىرىشچان مەنزىرىگە ئايلانغان ھەم  كەڭ زېمىنمۇ بۇ ئۆزگىرىشكە قاتناشقان  .  ئاخىرىدا شېئىر مەي ئىچكۈچىنىڭ قالايمىقان جۆيلىشىلىرى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ . رىمبونىڭ تېپىشماقتەك سۆزلەردىن تەشكىل تاپقان  يوقىرقى شېئىردا بىر خىل پارتىلاش خاراكتېرلىك   كۈچ رېئاللىقنىڭ  چېگرىسىنى پاچاقلاپ تاشلاپ  ئۆتۈپ چەكسىزلىككە بېسىپ كىرگەن.  ئۇ دوستى ۋېرلىننىڭ   تىلىدا :‹‹ نۇرغۇن كېچىلەردە  ئۇ (ئۆزىنى دېمەكچى ) قاتتىق  ئۇيقىغا كەتكەندە ،  مەن ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن  توسقىلى بولمايدىغان بىر كۈچنىڭ  تۈرتكىسىدە رېئاللىقنى پۈتۈنلەي پاچاقلاپ تاشلايدىغانلىقىنى  مۇلاھىزە قىلىمەن .››(10) دەپ ئېيتقان بولۇپ .    ئۇ  بۇ سۆزى  ئارقىلىق  ئۆزىدىكى  رېئاللىقنى پاچاقلاپ تاشلاش كۈچىنىڭ زادى نەدىن كەلگەنلىكىنى  چۈشەندۈرۇشكە   ئامالسىز قالغانلىقىنى  ئىپادىلىگەن . رېئاللىقنى  پاچاقلاپ تاشلاش ئارقىلىق مۇرەككەپ ھەم غۇۋا بەلگىلەردىن نا رېئاللىقنى ياساپ چىقىش ھەم  رېئاللىقنىڭ كەمتۈكلىكىنى   ۋە يوچۇن ماكانغا مەڭگۈ يېتىپ بېرىشنىڭ مەڭگۈ مۇمكىن  ئەمەسلىكىنى ئىپادىلەش دەل رىمبوغا  خاس ئۇسۇل  .   بۇ خىل  ئۇسۇل ، يەنى نا رېئاللىقنى ياساپ چىقىش ئارقىلىق  كەمتۈك رېئاللىق بىلەن يوچۇن ماكان ئوتتۇرسىدىكى دىيالىكتىك مۇناسىۋەتنى  ئىپادىلەش كېيىنكى غەرب ئەدەبىيات – سەنئىتىگە  كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن .  بۇنى  بىز  پىكاسونىڭ تۆۋەندىكى سۆزىدىن ئېنىق بىلىۋالالايمىز : ‹‹ بىر پارچە رەسىم پاچاقلانغان  ھالەتلەرنىڭ يىغىندىسى. ››(11)
خۇلاسىلاپ  ئېيتقاندا ،  رېئاللىقنى  پاچاقلاپ تاشلاش ئارقىلىق زامان – ماكان تەرتىپنى بۇزۇپ تاشلاپ،  باشقا بىر نا رېئاللىقنى پەيدا قىلىش  رىمبونىڭ شېئىر يېزىش ئۇسۇلى ۋە شېئىرلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىنىڭ  بىرىدۇر .
3، مەخسۇس خام خىيال  ياساپ چىقىش

       غەرب  شېئىرىيىتىدە   خام خىيال  ياكى چۈشنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق  رېئاللىقتىن قۇتۇلۇشقا ئۇرۇنۇش  رومانتىزم  ئۈچۈن بىر ئەنئەنە بولسىمۇ . لېكىن  ھازىرقى زامان شائىرلىرى ئۈچۈن خام خىيال ياكى چۈش ھەرگىزمۇ نوقۇل غايىپ ئالەمنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق  رېئاللىقتىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغان ۋاسىتە ئەمەس  . بەلكى  ئۇ ھېچقانداق چەكلىمىسى بولمىغان ئىجادى ئەركىنلىككە ئېرىشىشنىڭ يولىدۇر .  رىمبو  بىر قېتىم دوستلىرى بىلەن پاراڭلاشقاندا:‹‹بىز  رەسىمچىلىكىنى تىرىشىپ ئەنئەنۋى تەقلىد  قىلىش ئادەتلىرىنىڭ   ئاسارىتىدىن قۇتۇلدۇرۇپ ، ئۇنىڭغا مۇستەقىللىق ئاتا قىلىشىمىز كېرەك .  رەسىمچىلىك  ئوبېيكتىپ دۇنيانى كۆچۈرۈش ئەمەس ،بەلكى ئۇنى سىزىق ، رەڭ  ئارقىلىق بوي سۇندۇرۇش ھەم  ئۇنىڭغا ئالاھىدە   تەسرىمىزنى يۈكلەش  . مانا بۇ ھەقىقى سېھىرىگەرلىكتۇر .›› (12) دېگەن بولۇپ ،  رىمبو يۇقىرىدىكى  سۆزى ئارقىلىق ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن غەرب رەسىمچىلىكىنىڭ  كەلگۈسىدىكى يۈزلىنىشىنى كۆرسىتىپ  قالماي  ھەم مەخسۇس خام خىيال ياساپ چىقىش  ئارقىلىق  شېئىر يازىدىغان  ئادەت –ئۇسۇلىنى ئاشكارىلىغان . ئۇنىڭ نەزەرىيەلەشكەن ھەم تەسەۋۋۇرغا باي  قاراشلىرى غەربنىڭ كېيىنكى شېئىرىيىتىنىڭ  ۋە باشقا سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن.   
        رۇسسو  ۋە بودلېر  ‹‹ئىجادى خاراكتېرلىك خام خىيال  ››نىڭ ئەھمىيىتى  ھەققىدە خېلى كۆپ ئىزدەنگەن .بولۇپمۇ بودلېر ئۇنىڭ شېئىر ئىجادىيىتىدىكى  مۇھىم رولىنى ئېتىراپ قىلغان . رىمبو  ئۇلارنىڭ قاراشلىرىنى  شېئىرىيەت ئېستېتىكىسىنىڭ  ئاساسى قىلىش بىلەن بىللە ئۇنى  ‹‹ئىجادى خاراكتېرلىك رىتىملىق ھەرىكەتكە ››كە تەرقىي قىلدۇرغان . رىمبونىڭ  كۆزدە تۈتىۋاتقىنى  بىر خىل ‹‹پارتلاش  خاراكتېرلىك رىتىم ›› ئاساسىدا تەشكىللەنگەن ‹‹ناتونۇش چىراي –شەكىللەر  ››ئىدى . ئۇ كۆپلىگەن شېئىرلىرىنىڭ  مىسرالىرىنى  ئىجادى  خاراكتېرلىق خام خىيال  ئاساسىدا تەشكىللەش ئارقىلىق ،  زامان – ماكاننىڭ  تەرتىپىنى پۈتۈنلەي ئاستىن – ئۈستۈن قىلىۋەتكەن . مەسىلەن : ‹‹ئات ھارۋىسى كۆكتە ئۇچقاندەك كېتىپ بارماقتا ،كۆلنىڭ تەھتىدە بىر يىغىلىش مۇراسىمى ئۆتۈزۈلمەكتە ، ئېگىز چوققىلاردىن  دېڭىز لەيلەپ چىقماقتا ، گۇۋاھلىق بەرگۈچى ئۇنىڭ سائەتنىڭ  زەنجىرىگە ئېسىلغان ، رېلىس بىر مېھمانخانىنىڭ ئىچىدىن ئۇچقاندەك كېسىپ ئۆتى..... ››(13) يۇقىرىقى  مىسرالاردىن بىز  رىمبونىڭ شېئىر يازغاندا ئىجادى خام خىيال  ئارقىلىق  شەيئىلەر ئوتتۇرسىدىكى نورمال مۇناسىۋەتنى مەقسەتلىك بۇزۇپ ،  ئالاھىدە رىتىم ۋە ئوبرازلارنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى  كۆرۈۋالالايمىز .

4، شېئىرنى ئابستىراكتلاشتۈرۈش

       غۇۋالىق ھازىرقى زامان شېئىرلىرنىڭ ئالاھىدىلىكى . ھازىرقى زامان شېئىرلىرنىڭ تۇنجى يولىنى ئاچقان  بودلېر :‹‹باشقىلارنىڭ چۈشەنمەسلىكى   بىز  ئىگە بولۇشقا تېگىشلىك شەرەپ .››(14)دەپ ئېيتقان بولۇپ .  ئۇ  ئادەتتىكى  شەيئىلەرنى  چۈشىنىش ئىنتايىن تەس بولغان تىل ئىچىگە ئېلىپ كىرىپ ، بۇ ئارقىلىق شېئىرلىرىنى  بىر خىل  مەنە بىلدۈرۈشتىن  قۇتۇلدۇرۇشقا  تىرىشىپ كەلگەن  . ئەمەلىيەتتە شېئىر ئۆزگەرمەس رېئاللىق بىلەن ئۆزنى ئۆلچىمەيدۇ  . شېئىرنىڭ يېزىلىش باسقۇچى تويۇش ، كۆزىتىش  ، قايتا  ئۆزگەرتىش( قايتا يارىتىش )  قاتارلىق ئۇچ ھەرىكەتتىن تەركىپ تاپقان بولسىمۇ ، ئەمما ھازىرقى زامان       شېئىرلىرىدا  ھالقىلىق  ئورۇندا تۇرىۋاتقىنى دەل قايتا ئۆزگەرتىش (قايتا يارىتىش ) ھەركىتىدۇر. دېمەك بۇنىڭدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدىكى ھازىرقى  زامان شائىرلىرى تەقلىت قىش ۋە ئۆزىنىڭ ھېسسىياتىنى بىۋاستە ئىپادىلەشتىن ھالقىپ ئۆتۈپ ، سوغققانلىق بىلەن ئەقىل – پاراسىتىنى   ئىشقا سېلىپ  شېئىر ئىجات قىلىشقا ،  تىلى مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىشقا ئاتلانغان .  ئۇلار ئۆزىنى بايان قىلغۇچىلار ياكى تاشقى دۇنيانى تەقلىد قىلغۇچىلا ئەمەس ، بەلكى كۆرۈمسىز بىر تاش ئالدىدا بولقا بىلەن ئىسكىنىنى تۇتۇپ تۇرغان ھەقىقى بىر سەنئەتكار ، يەنى قايتا  ياراتقۇچىلار دەپ قارىغان  . شۇ سەۋەپتىن ئۇلارنىڭ كۆپلىگەن شېئىرلىرى  كىتابخانلارنىڭ ئاسلىماتسىيە  قىلىشىغا ئانچە ئۇچرىمىغان ، ھەتتا بىر قىسىم شېئىرلىرى كىتابخانلارنى پۈتۈنلەي رەت قىلغان   ھالەتتە يېزىلغان  .
بودلېر بىر خېتىدە :‹‹شائىرلار پەۋقىلادا  ئەقىل –پاراسەتكە ئىگە بولغان كىشىلەردۇر ، ئۇلارنىڭ خام  خىيالى ھەقىقى ئىلمىيلىككە ياتىدىغان   ھەركەت  . ››(15) دېيىش  ئارقىلىق نا رېئالقىنى  ئىجات قىلىش ھەركەت – قابىلىيىتىنىڭ  توغرىلىقىنى ، ئەقىل- پاراسەتنى تەلەپ قىلىدىغان ئەمگەك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ  .  دېمەك ھەرقانداق نەزەرىيە ياكى  ئىدىيە   ئادەتلەنگەن  بىلىشىمىزگە ئوخشىمىغان يولنى تۇتقانلىقى ئۈچۈن   ئۇنى بىز يېڭى نەزىريە ياكى ئىدىيە  دەپ قارايمىز .  ئۇلارنىڭ پەيدا بولىشى نۇرغۇنلىغان تەسەۋۋۇر ، خام – خىيال ، ئويلۇنىشلارنى ئۆزىگە مەنبە قىلغان بولىدۇ . بىرەر نەرسىنى  خام خىيال قىلىش( بۇ يەردە دېيىلىۋاتقىنى ئەھمىيەتسىز قۇرۇق خام خىيال ئەمەس بەلكى ئىجادى خام خىيال )  ، تەسەۋۋۇر قىلىش ، ئويلاش ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئەقىل – پاراسەت كېتىدۇ . بودلېرنىڭ   سۆزىگە ئاساسلانغاندا ھازىرقى زامان شائىرلىرى    ‹‹قىسقا ھاياجان ››،‹‹ئېلھام ››، ‹‹ھېسسىيات ››دېگەنلەرنى شېئىر ئىجادىيىتىدىكى ھەل قىلغۇچ  ئامىل دەپ قارىمايدۇ   .   ئۇنىڭ ئەكسىچە ئابستىراكىتلاشقان ئىجادىي خام  خىيالنى ۋە  سەنئەتكارغا خاس ئەقىل – پاراسەتنى ئىشقا سېلىشنى شېئىر ئىجادىيىتىدىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل دەپ قارايدۇ  .
           ئارتور . رىمبو ئالدىنقىلارنىڭ  شېئىرىيەت ئىستېتكىسىدىن   ئىجادى  پايدىلىنىپ شېئىرلىرىنى  ئابستىراكىتلاشتۈرۈش  يولىدا بوشاشماي تىرىشقان . بۇ  سەۋەپتىن  ئۇنىڭ  بىر قىسىم شېئىرلىرىنى باشقا تىلىغا تەرجىمە قىلىش بىر قىيىن ئىش بولۇپ قالغان .  ئۇنىڭ  ‹‹رەڭلىك رەسىملەر توپلىمى ››ناملىق  كىتابىدىكى  نۇرغۇنلىغان شېئىرلار  خام  خىيال ئاساسىدا يېزىلغان بولغاچقا كىشىگە تولىمۇ  بىمەنە ۋە ئابستىراكىت  تۇيغۇ ئاتا قىلىدۇ . بۇ توپلامدىكى ‹‹تۇپاندىن كېيىن ››(16)ناملىق شېئىردىكى   :‹‹ئۈچ قۇلاق ئوت ۋە گۈللەر ئارىسىدا تۇرغان بىر توشقان   توساتتىن  ئۆمۈچۈك توردىن بۆسۈپ ئۆتۈپ  ھەسەن – ھۈسەنگە ئىلتىجا قىلدى  ،  ...خانىم  رىيالنى   ئالپىس تېغىنىڭ  چوققىسىغا قويۇپ قۇيۇڭ  ...››دېگەن  تەسۋىرلەرنى ئوقۇغان ۋاقتىمىزدا بودلېرنىڭ : ‹‹خام خىيالنىڭ ئۆزى ئابستىراكىتلاشقان روھىي پائالىيەت ››(17)دېگەن شېئىرىيەت قارىشىنى دەرھال ئېسىمىزگە ئالىمىز   ھەم   بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ  ھازىرقى زامان شېئىرلىرىنى  ئىجات قىلىشنىڭ مۇقەررەر  يولى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغاندەك بولىمىز  . بۇ  مىسرالاردا  رىمبو رېئاللىقنىڭ ئۆزىنى تەسۋىرلىمەي   بەلكى  ئۇنى    قايتىدىن ئابستىراكىتلاشتۈرۈپ ئالاھىدە مەنىلەرنى ئىپادىلىگەن .. يۇقىرقىلارنى خۇلاسىلىغاندا  شېئىرنى  ئابىستىراكىتلاشتۈرۈش  رىمبونىڭ  شېئىر يېزىش  ئۇسۇلىنىڭ  بىرىدۇر  .

5 ، تىلغا سېھىر ئىشلىتىش
       دىننى كىتابلاردىكى بايانلارغا  ئاساسلانغاندا ، ئادەم ئاتىغا شەيىئلەرنىڭ نامى ۋەھىي ئارقىلىق بىلدۈرۈلگەن . بۇ ئارقىلىق ئىنساننىڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى مەۋجۇتلۇق ئىكەنلىكى تېخىمۇ  روشەنلەشكەن . دۇنيا تىل بەلگىلىرىدىن تەركىپ تاپقان  . تىل دۇنيا ۋە بىزنى ئاشكارىلىدى .شۇڭا كېسىپ ئېيتساق بولىدىكى  ‹‹بىز تىلغا ئەمەس ئۇ بىزگە سۆزلەيدۇ. ››(18 )
       مەيلى ئەڭ قەدىمقى  زامانغا تەۋە شېئىرلار بولسۇن ياكى  ھازىرقى زامانغا تەۋە  شېئىرلىرى بولسۇن بۇ شېئىرلاردا تىلنىڭ ئاۋاز ئامىلى بىلەن  رىتىمى ئامىلى ئارقىلىق مەزمۇن گەۋدىلەندۈرگەنلىكىنى  بايقايمىز .  مەسىلەن ئىپتىدائى  ئىنسانلارنىڭ  ئوتنى چۆرىدەپ تۇرۇپ ئېيتقان ناخشىلىرى ۋە ئۇسۇلىرىدا مەزمۇن ئەمەس ، بەلكى بىر خىل  تەلۋىلەرچە ھاياجان ئاساسىدىكى  تەرتىپسىز  ئاۋاز ۋە ھەرىكەتلەر ئاساسلىق ئورۇندا تۇرغان .بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ دىننى پائالىيەتلىرىنى  تەشكىللىگۈچى  پىرىخونلارنىڭ     غەلىتە ئاۋاز  ۋە ھەرىكەتلىرى تولىمۇ سىرلىق ،  جەلىبكار بولۇپ ، ئۇ ئاۋاز ۋە ھەرىكەتلەرگە   قانداق مەزمۇنلارنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى باشقىلار ئاسانلىقچە ئاڭقىرالمايتى . ئۇلار پەقەت پىرىخوننىڭ   غەلىتە ئاۋاز  ۋە ھەرىكەتلىرىگە  مەستخۇش بولۇپ ئاللا قانداق خىياللارغا غەرق بولاتتى   .  بولۇپمۇ  رومنتىزىمدىن باشلاپ تىلنىڭ ئاۋاز ئامىلى  بىلەن رىتىم ئامىلغا ئېتىبار بېرىش ئۈزلۈكسىز گەۋدىلىنىشكە  باشلىدى .شائىرلار شېئىرلىرىدا تىل ماتېرىياللىرىنى  (ئاۋاز ئامىلى بىلەن  رىتىم ئامىلىنى ) بىرخىل ئالاھىدە ئۇلانما  ئوي ئارقىلىق بىرلەشتۈرۈپ   خۇددى چۈشكە ئوخشاپ كېتىدىغان ئېنىقسىزلىقىنى ۋە  چەكسىزلىكىنى نامايان قىلىشقا باشلىدى  . بۇ جەرياندا تىلنىڭ مەنە بىلدۈرۈش ياكى يەتكۈزۈش ئىقتىدار پۈتۈنلەي تىلنىڭ ئاۋاز ئامىلى ۋە رىتىم ئامىلى  تەرىپىدىن پۈتۈنلەي ئايرىپ تاشلاندى . ‹‹تىل شېئىر يېزىش  جەرياننىڭ ئاساسى. ››(19)دەپ قارالسىمۇ ، لېكىن ھازىرقى   زامان شائىرلىرى  تىلىنى باشقىچە شەكىلدە بىرلەشتۈرۈشنىڭ  شېئىرنى  تېخىمۇ  ھاياتى كۈچكە ۋە سېھرگە ئىگە قىلىدىغانلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يېتىشكە  باشلىدى . بۇ ئۇسۇل دەل تىلىنىڭ ئاۋاز ئامىلى بىلەن رىتىم ئامىلىنى سېھرىگەردەك ئالاھىدە بىر خىل ئۇسۇلدا بىرلەشتۈرشتۇر . يۇقىرىقى ئۇسۇلدا يېزىلغان شېئىرلاردىكى  مەنە   ئالدىن پىلانلىغۇچى تەرىپىدىن ئەمەس ، بەلكى تىلنىڭ ئاۋاز ئامىلى بىلەن رىتىم ئامىلىنىڭ ئالاھىدە ئۇسۇلدا بىرلىشىشىدىن پەيدا بولىدۇ . باشقىلارنىڭ :‹‹لىرىك شېئىر يازىدىغان شائىرلار ئاۋاز سېھرىگەرلىرىگە  ئايلاندى ››(20)دەپ ئېيتقىنى بىكار ئەمەس . بۇ خىل شېئىرلاردىكى  مەنە ئېنىقسىزلىق ۋە ئۆزگىرىشچانلىققا ئىگە بولۇپ  .  بۇ دەل ئازرقى زامان شېئىرلىرنىڭ ئالاھدىلىگىدۇر .
        18– ئەسەرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئۆتكەن  ئامېرىكىلىق شېئىرىيەت ئىستېتىكچىسى ئالان . پوۋ ئۆزىنىڭ ئۇزاق يىللىق ئىجادىيەت  تەجرىبىلىرىنى  خۇلاسىلاش ئارقىلىق يازغان ‹‹ئىجادى پەلسەپە ››ۋە ‹‹شېئىرنىڭ پرىنسىپلىرى ››دېگەن ماقالىسى مەشھۇر بولۇپ . بۇ ماقالىلاردا شېئىرىيەت ئىستېتىكىسى توغرىسىدا : شېئىرنىڭ مەنبەسى  مەزمۇن  ئەمەس شەكىل ئىكەنلىكى  .   شېئىردىكى مەزمۇننىڭ (مەنىنىڭ)    ئاۋاز بىلەن رىتمنىڭ ئالاھىدە شەكىلدە بىرلىشىشىدىن پەيدا بولىدىغانلىقى  .   بىر پارچە شېئىردا مەزمۇن يېتەكچى ئورۇندا تۇرسا  ئۇ ھالدا ئۇنىڭ شېئىرلىق  رولىنى يوقىتىدىغانلىقىنى  . شېئىر ماھىيىتىدىن  ئېلىپ  ئېيتقاندا ئۆزى تەرىپىدىن قامال قىلىنغان  (يېپىق ھالەتتىكى ) ئىجادى  مەۋجۇتلۇق ئىكەنلىكى  .  ئۇنىڭ ھېچقاچان چىنلىقنى   ، قەلبىنىڭ مەستخۇشلىقىنى  ئىپادىلەپ بېرىشنى  ئۆزىگە  ۋەزىپە قىلمىغانلىقى  .  يىغىپ ئېيتقاندا ئۇنىڭ ھېچقانداق شەيئى  ۋە ھادىسىنى باشقىلارغا بىلدۈرۈش ياكى يەتكۈزۈشنى   مەخسۇت قىلمىغان ھەم  ئۆزى ئۈچۈن مەۋجۇت بولغان نەرسە ئىكەنلىكى  ...قاتارلىق قىممەتلىك قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان .   ئالان .پوۋنىڭ  ماقالىسى بودلېر تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغاندىن كېيىن فرانسىيە ۋە    ئەنگلىيە ئەدەبىيات – سەنئەت ساھەسىدە زىلزىلە پەيدا قىلىغان ھەم  ئۇنىڭ ئېستېتىك قاراشلىرى 20- ئەسەردىكى غەرب شېئىرىيىتىنىڭ ئۇل تېشى بولۇپ قالغان .
      بودلېر ، ماللامېر ،  ئارتور . رىمبو قاتارلىق نۇرغۇنلىغان داڭلىق  شائىرلار ئالان . پوۋنىڭ ئېستېتىك قاراشلىرىدىن  ئوزۇق ئېلىپ ، ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت ئۇسۇلىنى ۋە نەزەرىيە قاراشلىرىنى بېيىتقان .  ماللامېر :‹‹تىل  ئىچىدە مۇقەددەس بىر نەرسە بار ،  ئۇ  دائىم بىزنىڭ ئاندا – ساندا ئويۇن ئوينىشمىزنى چەكلەپ تۇرىدۇ . تىلنى بىر خىل  سەنئەت ئۇسۇلى ئارقىلىق بىر تەرەپ  قىلىشىمىز    سېھرى ئويغىتىش  ھەرىكتى قىلىۋاتقانلىقىزدىن دېرەك بېرىدۇ   .››(21) دەپ،  شېئىر ئىجات قىلىشنىڭ ماھىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا تىلغا سېھرى قىلىش ئىكەنلىكىنى  ئوتتۇرىغا قويىدۇ  .  بودلېر  سېھرى كەبى ئاۋاز ئۈنۈمىگە ئېرىشىش ئۈچۈن شېئىرلىرىدا رېئاللىق ئامىلىرىدىن  ۋاز كەچكەن  .  ھەتتا  لوگىكىغا  مۇناسۋەتلىك ، ھېسسىياتقا مۇناسۋەتلىك ، گرامماتىكىغا  مۇناسىۋەتلىك  ئۆلچەم – قېلىپلارنى  چۆرۈپ تاشلاپ  ، سۆزلەرنىڭ ھەركەت رىتىمى ئارقىلىق مەلۇم مەنىلەرنى پەيدا قىلغان .  بۇ مەنىلەر  ئالدىن پىلانلانغان  تەپەككۈر  ئۇسۇلى ئارقىلىق چۈشەنگىلى بولمايدىغان مەنىلەر ئىدى .   ئارتور . رىمبو‹‹ سۆز مەدەنلىرىنى تاۋلاش  سەنئىتى ››دېگەن  سۆزنى ئوتتۇرىغا قويغان  . ئۇنىڭ شېئىرلىرى     خۇددى قەدىمقى مېتال تاۋلۇغۇچلارنىڭ مەلۇم سىرلىق نەرسىنى ئىشلىتىپ مەدەنلەرنى ئالتۇنغا ئايلاندۇرغانغا ئوخشاپ كەتكەن ھالەتتىكى تىلدا يېزىلغان بولۇپ   ،   ئادەتتە ئۇنىڭ مەنىسىنى ئاسانلىقچە چۈشەنگىلى بولمىغان .  بەزى  شېئىرلىردىكى مىسرالار ھېچقانداق مەنىنى بىلدۈرمىگەن ، بىلدۈرگەن تەقدىردىمۇ ئۇلار پۈتۈنلەي بىمەنە مەنىلەرنى بىلدۈرگەن . ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى تەتقىق قىلىپ كۆرگەن بىر قىسىم كىشىلەر : ‹‹رىمبونى تەرجىمە قىلغىلى بولمايدۇ››(22) دەپ ھۆكۈم چىقارغان . بۇنداق بولىشىدىكى سەۋەپ  ئۇ ئۆزى :‹‹سېنىڭ قۇللىرىڭ  دۇمباقنى چېكىشى بىلەن  بارلىق سادالارنى قويۇپ بېرىپ ، يېڭى بىر ئىناقلىقنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدۇ .›› (23)  دېگەندەك      شېئىرلىرىدا باشقىلار ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان ئاۋاز  ۋە رىتملارنى پەيدا قىلغان ئىدى .  ئۇ  شېئىر تىلى ھەققىدە:‹‹مەن ھەر بىر  تاۋۇشلارنىڭ شەكلى ۋە ھەرىكىتىنى ھېسابلاپ چىقىمەن  ھەم خام خىياللىرىم  ئاساسىدا شەكىللەنگەن  رىتمدىن پايدىلىنىپ شېئىردا  بىرخىل  ئەڭ دەسلەپكى (ئىپتىدائى دېسەكمۇ بولىدۇ ) سۆزلەرنى كەشىپ قىلىمەن . بۇ سۆزلەر  مەيلى بالدۇر ياكى  كېيىن بولسۇن پەقەت بارلىق سەزگۈ  ئەزالارنى ئىشقا سالغاندىلا ئاندىن ھېس قىلغىلى بولىدۇ . ››(24)دېگەن.   بۇلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكى رىمبو  ئىجادىيەت جەريانىدا  يېڭى تىل يارىتىشقا كۈچىگەن ھەم تىلنى لوگىكىسزلاشتۈرغان . بۇ ئارقىلىق گارمىنىيسى بۇزۇلغان ئاۋازلارنى پەيدا قىلغان . بولۇپمۇ  ئۇ شېئىرلىرىدا  ئاۋاز  ۋە رىتملارنى ئالاھىدە شەكىلدە  بىرلەشتۈرۈپ بىز ئويلاپ باقمىغان ھەتتا چۈشەنگىلى بولمايدىغان مەنىلەرنى ئىپادىلىگەن . مەسىلەن ئۇنىڭ شېئىرلىردىكى ‹‹بىر خىل ياش لاۋالاردىن  تەڭشەپ ياسالغان دورا، ››(25)، ‹‹مېنىڭ ھەسرەتلىك قەلبىم كېمنىڭ قۇيرۇقىدا پۇلاڭلاپ تۇرماقتا ...   ››(26) قاتارلىق مىسرالاردىن  بىرەر مەنىنى چىقىرىشىمىز تەس . ئۇلارنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئۇ ئۆزى دېگەندەك بارلىق سەزگۈ ئەزالىرىمىزنى ئىشقا سېلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ . يىغىپ ئېيتقاندا رىمبو شېئىرلىرىنىڭ  تىلىغا سېھر ئىشلەتكەن . .بۇ دەل رىمبونىڭ شېئىرلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيەت ئۇسۇللىرىنىڭ بىرىدۇر .
6، سەتلىكىنى ئىپادىلەش
    بىز غەرب ھازىرقى زامان شائىرلىرىنىڭ گۈزەللىك قاراشلىرىغا قارايدىغان بولساق  ، ئۇلارنىڭ  پۈتۈنلەي  ئەنئەنىۋى گۈزەللىك قاراشلىرىغا قارشى   يولنى تۇتقانلىقىنى بايقايمىز . بولۇپمۇ ئۇلار شېئىرلىرىدا  كىشلەر سەتلىك  ۋە  يامانلىقنىڭ بەلگىسى  دەپ قارىغان    شەيئىلەرنى  قېزىپ چىقىپ ئۇلارغا  يېڭى قىممەت ئاتا قىلغان . ھەتتا ئۇلار ئەنئەنىگە  زىت بولغان  بىنورمالىقىنى  ئىپادىلەشنى ۋە  ئۇنى يارىتىشنى  ئىجادىيىتىنىڭ بۇلىقى دەپ قارىغان . مەسىلەن  بودلېر :‹‹شائىرلار سەتلىكتىن يېڭى  بىر سېھرى كۈچنى ئويغىتىدۇ ،››(27)دەپ ئېيتقان ھەم ئۇ بىمەنىلىك ۋە سەتلىك ئارقىلىق   نا رېئاللىقنى  يارىتىش ئارقىلىق  روھنى ئەركىن پەرۋازىغا ئىگە قىلىش شۇنداقلا ئەنئەنىدىن ئۈزۈل-كېسىل قۇتۇلۇش  ئارمىنىنى  ئىپادىلەش ئۈچۈن     :  ‹‹بىمەنىلىكىنى ھىمايە قىلغۇچىلار چۈشكە مەدىھىيە ئوقۇيدۇ  . چۈنكى ئۇلار ئۇ  ئارقىلىق رېئاللىقتا  ئېرىشكىلى بولمايدىغان  ۋە  قورقۇنىشلىق بولغان بىمەنىلىك   لوگىكىسىغا   ئېرىشەلەيدۇ ، › (28) دېگەن .
        ئارتور . رىمبو ھازىرقى زامان شائىر بولۇش سۈپىتى بىلەن بودلېر قاتارلىق ئاۋانگارت شائىرلارنىڭ ئېستېتىك  قاراشلىرىغا ئىجادى ۋارىسلىق قىلغان . ئەمەلىيەتتە رىمبونىڭ شېئىرلىرىدىكى سەتلىك  رېئاللىقنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىش ياكى بۇرمىلاشتۈر . مەسىلەن ئۇ ئۆزىنى بىھارام قىلغان  شەھەرلىك كۈتۈپخانا باشقۇرغۇچىسىغا ئاتاپ يازغان ‹‹ئولتۇرغۇچى ››(29)ناملىق شېئىرىدا  بىزگە پۈتۈنلەي ناتونۇش بولغان سەتلىكىنى نامايان قىلىپ بەرگەن .  شېئىردىن بىز  كۈتۈبخانا خادىملىرىغا  ، كۈتۈبخانا باشقۇرغۇچىلىرىغا  شۇنداقلا كىتابقا  مۇناسىۋەتلىك  بىرەر تەسۋىرنى كۆرمەيمىز  . ئۇنىڭدىن تىلى كېكەچ ، چىشلىرى تىزىغا ساڭگىلاپ تۇرغان ، بەدىنىنى غەلىتە  ئۆسمە باسقان ، يەردە قۇرتلاردەك ئۆمۈلەپ يۈرگەن قورقۇنۇچلۇق  مەخلۇققا   ئوخشايدىغان بىر بوۋاي تەسۋىرىنى   كۆرىمىز .  ئۇنىڭ ‹‹قاغا ››(30)ناملىق شېئىردا  كىشلەر تەرىپىدىن يامانلىقنىڭ ۋە شۇملۇقنىڭ ، ئۆلۈمنىڭ بەلگىسى قىلىنغان قاغىنى،  ئۇرۇشتا قىرىلىپ جەسەتلىرى دالىدا ياتقان ئەسكەرلەر ئۈچۈن تەڭرى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ھەم دىلى پەرىشانلىققا تولغان سۆيۈملۈك  قۇش قىلىپ تەسۋىرلەيدۇ . يۇقىرقىلارنى خۇلاسىلىغاندا سەتلىكىنى يارىتىش ۋە مۇبالىغىلەشتۈرۈش رىمبونىڭ ئىجادىيەت ئۇسۇلى ۋە شېئىرلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىنىڭ بىرىدۇر . ئۇ بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق  قاراڭغۇ رېئاللىققا بولغان غالىبلارچە مەسخىرىسىنى ۋە كىشىلەرنىڭ  روھىي غېرىبلىقىنى بىمالال ئىپادىلەپ بەرگەن  .

7،شېئىر بىلەن نەسرنىڭ پەرقىنى يوق قىلىش ۋە ئوخشىمىغان ئوبېيكتلارنى گىرەلەشتۈرۈش
        شېئىردىكى قاپىيىگە  قاتتىق  ئەمەل قىلىنىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىدىن ۋاز كېچىشنىڭ يولىنى دەل فرانسىيە  شائىرلىرى ئېچىپ بەردى . رومانتىزملىق شائىرلار  شېئىردىكى قاپىيە ،تۇراقلارغا ئالاھىدە ئېتىبار  بېرىپ كەلگەن بولۇپ  . ئۇلار شېئىرنى رىتمچانلىقى كۈچلۈك بولغان ھەم شائىرنىڭ قايناق ھېسسىياتى گەۋدىلىك ئىپادىلەنگەن ژانىر  دەپ قارىغان بولسا ،  نەسىرنى ئەقلىي ھۆكۈملەرنى ۋە باياننى ئاساس قىلغان ھەم  رىتمچانلىقى تۆۋەن بولغان ژانىر  دەپ قارىغان  . ئۇلار بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق شېئىر بىلەن نەسىرنىڭ چېگىرىسنى ئايرىپ تاشلىغان . ئەمما رىمبونىڭ 1872- يىلى يازغان ‹‹رەڭلىك رەسىملەر توپلىمىغا ››كىرگۈزۈلگەن  ‹‹دېڭىز ساھىلى››(31) ناملىق شېئىرى  نەسىر بىلەن شېئىرنىڭ  ئوتتۇرسىدىكى بىر شەكىلدە يېزىلغان بولۇپ . بۇ شېئىر فىرانىسيە تارىخدا تۇنجى قېتىم ئەركىن شەكىلدە يېزىلغان ھەم  تۇنجى قېتىم ئۇزۇن مىسرانى ئىشلەتكەن  شېئىر ئىدى .  شېئىرنىڭ مىسراسى ئۈزۈن بولۇپ قالماي ئاخىرىدىكى سۆزلەر يا  ئاچ قاپىيىدە  يا توق قاپىيە بولۇپ كەلمىگەن .  بۇ بىر پارچە شېئىرلار ئەمەس ئۇنىڭ مەزكۇر توپلامدىكى نۇرغۇن شېئىرلار  نەسىر بىلەن شېئىرنىڭ پاسىلى  پۈتۈنلەي  بۇزۇپ تاشلانغان ھالەتتە يېزىلغان. بۇ جەھەتتە  ئۇ  بودلېرغا قارىغاندا ئالدىغا يوغان  بىر قەدەم تاشلىغان .  رىمبو يۇقىرىقىدەك ھەم  ئۈزۈن ھەم قىسقا مىسرالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەركىن شېئىر شەكىلنى دادىللىق بىلەن ئىجات قىلغاندىن كېيىن . ئۇ ئىجات قىلغان ئەركىن شېئىر  شەكلى فىرانىسىيەدە  تازا  مودا بولۇشقا باشلىغان . شۇنىڭ ئۈچۈن شېئىر تەتقىقاتچىلىرى  : ‹‹ئەركىن شېئىر  ھازىرقى زامان لىرىك شېئىر شەكلىنىڭ تىپىك بەلگىسى .   بۇ خىل شېئىر شەكلى مەيلى ئاڭسىز ياكى ئاڭلىق ھالدا  چۈشۈنىلسۇن  ئۇنىڭ يىلتىزى يەنىلا ئارتور رىمبوغا تۇتاشقان .››(32) دەپ خۇلاسە چىقىرىشقا .
رىمبو شېئىرلىرىنى ئۆزى ئىجات قىلغان ئەركىن شەكلىدە يېزىپ قالماي ھەم شېئىرلىرىدا دادىلىق بىلەن گىرەلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنىمۇ قوللانغان . بۇ ئۇسۇل ئوخشىمىغان ۋە بىر - بىرىگە زىت بولغان ئوبېيكتلارنى گىرەلەشتۈرۈش  ئارقىلىق ئۇلار  ئوتتۇرىسىدا ئالاھىدە مۇناسىۋەت قۇرۇشقا  قارىتىلغان بولۇپ . گىرەلەشتۈرۈش ئۇسۇلى ئۇنىڭ ‹‹دېڭىز ساھىلى ››ناملىق شېئىردا ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن ئىشلىتىلگەن. شېئىردا ئىپادىلەنگىنى  ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل ساھا ( رايون )بولۇپ .  ئۇلارنىڭ بىرى دېڭىز قاتناش ساھەسى (دېڭىز ، كېمە ) ، يەنە بىرى يەر – زىمىن (ماشىنا ، باياۋان  ) . شېئىردا   ئىككى ئوخشىمىغان ساھە (رايون )   شۇنداق ماھىرلىق  بىلەن گىرەلەشتۈرىۋېتىلگەن . بۇ سەۋەپلىك  ئوخشىمىغان ئوبېيكتلار ئوتتۇرسىدىكى رېئال مۇناسىۋەت شېئىردا پۈتۈنلەي يوقالغان . مەسىلەن شېئىردا : ‹‹ كېمە دېڭىزغا ساپان  سالغان ، باياۋاندا توپان يۈز بەرگەن ››  . كىتابخانلار  بۇ شېئىرنى ئۇقۇش جەرياندا ئۇنىڭدا زادى قانداق  مەنە ئىپادىلەنگەندۇ  دەپ  ئويلىشى مۇمكىن .  شېئىردا ئوخشىمىغان ئوبېيكتلارنى گىرەلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئۇلار ئارىسىدكى پەرقنى يوق قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلغان . ئۇنىڭدىكى  مەنە توغرىسىدا بىز  ھەرخىل جاۋابقا ئېرىشىشىمىز مۇمكىن ياكا ھېچقانداق جاۋابقا ئېرشەلمەسلىكىمىز مۇمكىن .  شېئىردا  ئوخشىمىغان ئوبېيىكتلارنى  گىرەلەشتۈرۈش  ئارقىلىق  ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى  پەرىقنى يوق قىلىش بىزگە بىر خىل ئەركىنلىك تۇيغۇسى ئاتا قىلىدۇ .  بۇمۇ رىمبونىڭ شېئىرلىرنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئىجادىيەت ئۇسۇلىنىڭ بىرىدۇر .
يۇقىردا بايان  قىلغانلىرىم  دۇنياۋى شائىر ۋە  ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا  زور تەسىر كۆرسەتكەن  ئارتور . رىمبونىڭ شېئىر سەنئىتى ھەققىدىكى   دەسلەپكى ئىزدىنىشىم بولۇپ  . مەن بۇ  دەسلەپكى ئىزدىنىشىم ئارقىلىق  ئۇنىڭ شېئىر سەنئىتىنى ئەتراپلىق بايان قىلىپ بېرەلىدىم دەپ قارىمايمەن . بۇ پەقەت  مېنىڭ  ئۇنىڭ شېئىرىيەت دېڭىزدىن ئالغان بىر تامچەم ،  خالاس .  ئارتور .  رىمبو شېئىرىيەت دۇنياسىدىكى گىگانت شەخس  .ئۇنىڭ شېئىرلىرى ھەققىدىكى ئىزدىنىش ھېلىغىچە داۋام قىلماقتا ...
پايدىلانمىلار  :
(1)ئابۇلاموس : ‹‹ئەينەك ۋە چىراق – رومانتىزم نەزىريىسى ... ››(خەنزۈچە ) ،2015- يىل 11- ئاي ،بېيجىڭ داشۆ نەشرياتى ، 124- بەت .
(2)خوبى .فردولمان :‹‹ھازىرقى زامان شېئىرلىرىنىڭ قۇرۇلمىسى   ››( خەنزۇچە )،2014 - يىل ،ئەنقا نەشرىياتى .
(3 )<<ئارتور .رىمبو شېىرلىردىن تاللانما >>


باھا سۆز

تىلەكلىرىڭىزگە رەخمەت  ۋاقتى: 2016-3-20 12:58 PM
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-17 10:26:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇم   شائىر  باتۇر  روزى  تەرجىمە قىلغان "مەس  كېمە" داستانىنى  ئوقۇغاندا  فرانسىيە  شائىرى  رىمبونىڭ ئاجايىپ  شېئىرىي  تالانتىغا  ئاپرىن ئېيتقان ئىدىم.  يۇقۇرىقى ماقالىدە  ئالىپ  ئوغۇز  رىمبونىڭ  شېئىريەت  سەنئىتىگە خېلى  چوڭقۇر  چۆكۈپ،يۈزەكى نۇقتىلارنى ئەمەس،ئىزدىنىپ  تەپەككۈر قىلىشنىڭ   مەھسۇلى  بولغان ئىنچىكە نۇقتىلارنى يەنى ئىپادىلەش  جەھەتتىكى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلەرنى يەكۈنلەپ  ئوتتۇرغا قويۇپتۇ.
     يەنە  بىر  ياخشى  يېرى :بىز ئەدەبىيات  تىل  سەنئىتى،شېئىر  تىل  سەنئىتى دەپ ئادەتلىنىپ كەلگەن. شېئىريەت  سەنئىتى  دېگەن گەپ تولىمۇ  ئاز  ئۇچرايدۇ.
ئالىپ  ئوغۇز  ئوتتۇرغا  قويغاندەك  "شېئىريەت"ياكى "شېئىر" دېمەي "شېئىريەت سەنئىتى" دېگەن ئاتالغۇنى قوللىنىپ،ئومۇملاشتۇرساق ئىنتايىن كاتتا ئىش بولاتتى.. ئۇنداق ئاتاشنىڭ ئەھمىيىتى شۇكى : ئادەتتىكى پاخپاق يازمىلارنىڭ شېئىرىي  سەنئەت بولماي قالغانلىقى كونتېكستىنلا سېزىلىپ قالىدۇ. يەنە بىرى: شېئىريەتكە بولغان مۇئامىلە كەسپىي نۇقتىغا  بۇرۇلۇپ، كىشىلەر شېئىرنى ئادەم تەربىيلەيدىغان  ئۈگۈت، جەگڭگىۋارلىققا ئىلھاملاندۇردىغان  خور،نۇتۇق دەپ چۈشىنىۋېلىشتىن ئازات بولۇپ،ھەم شېئىريەتنىمۇ  ئازات قىلىپ، شېئىرىيەتكە مۇزىكا سەنئىتى،رەسساملىق سەنئىتى....قاتارلىق  سەنئەتلەرگە مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىدىغان بولىدۇ. شۇنداقلا  شېئىريەتنىڭ پەنگە ياكى پەلسەپەگە مەنسۇپ بولماستىن ئىستىتېكىغا مەنسۇپ بىر سەنئەت تۈرى  ئىكەنلىكى جەزملىشىدۇ، سۈزۈك سۇدەك كىشىلەر قەلبىدە ئايدىڭلىشىدۇ.

ۋاقتى: 2016-3-18 11:01:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىر ھەققىدىكى بىلىمىزنى چوقۇرلاشتۇرشقا پايدىلىق بولغان يازما ئىكەن ...

ۋاقتى: 2016-3-18 12:17:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

...‹‹يازما››بولماستىن،تەتقىقاتلىق قىممىتى بار. شېئىرىيەت سەنئىتىنىڭ تىلى ھەققىدىكى چوڭقۇر مۇلاھىزە...

ۋاقتى: 2016-3-18 20:55:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنىم نۇرمەمە يامان ئەمەس ئىزدىنىپسىز.شېئىر ئوبزۇرىغا قارىتا كۈزىتىشىڭىز رىياللىققا يېقىن،ئۆزگىچە چىقىپتۇ.قەلىمىڭىزگە تېخىمۇ چوڭ مەدەت تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2016-3-19 21:56:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىبنۇر ‹‹يازما ››دېگەن سۆز گاھىدا ئەسەرلەرگىمۇ قولىنىلىدۇ ،

ۋاقتى: 2016-3-20 14:42:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كاپتان؛ ئەسەر بىلەن تەتقىقات تىپىدىكى بايلىقلار ئوخشاش بولمايدۇ...‹‹يازما››دېگەن مۇنداقلا بىرخىل ھۆججەت شەكلىدىكى قەغەز كۇرۇپكا ئىچىدىكى بولۇپمۇ ئۈستەل ئۈستىدىكى ماتېريال توپڭغا قارىتىلىدۇ...!

ۋاقتى: 2016-3-27 18:53:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     بۇ ياخشى بىر ئىزدىنىش بولۇپتۇ.مۇدىرنىزىم دىسە چۇچۇپ "غەلەت"دەپ كوتۇلداپ كەتمەي، مانا مۇشۇنداق ئىچكىرلەپ كىرىپ تەتقىق قىلساقلا،سۇپەت ئڭېمىزنى ئۆستۇرۇپ،ئەدەبىيات ھەقىقىتىگە بىر قەدەم -بىر قەدەمدىن يېقىنلىشالايمىز.

ۋاقتى: 2016-3-27 18:54:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     بۇ ياخشى بىر ئىزدىنىش بولۇپتۇ.مۇدىرنىزىم دىسە چۇچۇپ "غەلەت"دەپ كوتۇلداپ كەتمەي، مانا مۇشۇنداق ئىچكىرلەپ كىرىپ تەتقىق قىلساقلا،سۇپەت ئڭېمىزنى ئۆستۇرۇپ،ئەدەبىيات ھەقىقىتىگە بىر قەدەم -بىر قەدەمدىن يېقىنلىشالايمىز.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش