تۇنجى مۇھەببەت
نۇرشات ئەنۋەر
سەن بىمەزگىل توزۇپ كەتكەن ياز،
ئاۋازىڭدىن ئويغانمايلا قۇش.
ئۈششۈك تەگكەن ياپراقلىرىڭنى،
سىيلاۋېتىپ بولىمەن بىھۇش.
سەن ئىچىمدە بىر تامچە ھەسرەت،
سۈزۈكلىكىڭ تۈنگە قامالغان.
دەرەخلەرنىڭ مىسكىن كۈيىدەك،
ئىزلىرىڭدا سارغىيىش قالغان.
سەن روجەكتە سۇسقىنە ئۈمىد،
ئەسكە يېقىن لەۋلەرگە يىراق.
مەن يولىدىن ئېزىققان شامال،
تىنىقىڭدىن ئىزدەپ تۆت قۇلاق.
سەن ئۆتمۈشنىڭ قاراڭغۇسىدا،
قان–ياشلاردىن پۈتكەن سالام خەت.
كۈتۈشلىرىم ئۇزۇندىن ئۇزۇن،
كەلمەسلىكىڭ ئۈچۈن نىھايەت...
2016–يىل،15—مارت.
قاراڭغۇنامە
سۈيلەپ كەلسە ھىدىمنى باھار،
گۈللىرىڭدەك ئۆستۈم پۇراقسىز.
پەرۋازىغا چىللىسا ساما،
قۇشلىرىمغا باقتىم:قاناتسىز…
كاچكۇللاردا قاتتى مۇز بولۇپ،
دەرەخلەرنىڭ سەلكىن ئاپتىپى.
سۆزلىرىمدە يېشىل يۇپۇرماق،
تىنىقىمدا فېۋرالنىڭ يۇقى…
سەھەردىكى زۇلمەت شېخىدا،
مېۋىلىدى جىمجىتلىقىمىز.
باياۋانغا قايتتى مۇڭسىراپ،
لەۋلەر ئارا ئۇسسىغان دېڭىز.
كىرپىكىڭدە يالتىرار قىلىچ،
توختىمىدى قەلبىم قاناشتىن.
ئاۋازىڭدا سۈكۈتكە تولۇپ،
كۈندۈزۈڭدەك قاراڭغۇلاشتىم.
2016-يىل،15-فېۋرال.