كۆڭۈللەر بېغىغا باھار تىلەيمەن
ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ
ئىنساننىڭ ئىپپىتى ۋىجدان ھەم ۋەتەن،
ۋۇجۇدتا ساپ ئەقىل، يىلتىزى تېرەن،
ۋاپاسىز مال-دۇنيا، نازىنىن، لېۋەن،
كۆڭۈللەر بېغىغا باھار تىلەيمەن.
قېرىغان تەقدىرگە قاخشاش نە ھاجەت،
يۈرەكنى ياشناتقان مېھىر-مۇھەببەت،
سۈزۈك تاڭ ۋەسلىدە كۆيىدۇ نۇسرەت،
كۆڭۈللەر بېغىغا باھار تىلەيمەن.
خۇشبۇي ئىز، قەدەمدىن شادلىنىپ دىللار،
كۆكلەيدۇ باياۋان، تاغۇ-تاش، قىرلار،
جاھاننىڭ زىننىتى خۇشخۇي، ياخشىلار،
كۆڭۈللەر بېغىغا باھار تىلەيمەن.
راستچىللىق، پاك دىللىق ئۆمۈرگە بەركەت،
بەركەتتىن ياغىدۇ ئالەمچە شەپقەت،
رىشتىدىن نۇر-زىيا چاچقانغا رەھمەت،
كۆڭۈللەر بېغىغا باھار تىلەيمەن.
ئۈمىد-شان بېغىشلاپ ئۆتەر ئارمانلار،
مەنزىلدە ئۇلۇغلۇق كۈتەر كارۋانلار،
ۋىسالنى زارلىتىپ كېتەر ھىجرانلار،
كۆڭۈللەر بېغىغا باھار تىلەيمەن.
شامالدەك سۆيىدۇ قىسمىتى رەققاس،
يامغۇردەك ياشنىتىپ مېھنىتى ئىخلاس،
مۇھەببەت جامالى قۇياشقا ئىقباس،
كۆڭۈللەر بېغىغا باھار تىلەيمەن.
ھاياتلىق ھېكمىتى سەھەردەك ئوتلۇق،
ھۇزۇرى، ھىممىتى، ھۆسنىدە ئۇزلۇق،
دەقىقە تىنىقلار جىلۋىسى نۇرلۇق،
كۆڭۈللەر بېغىغا باھار تىلەيمەن.
پاك تىلەك يوللارغا چېچىلسۇن نۇردەك،
مېھرىمىز دالاسى ئاچسۇن گۈل-چېچەك،
ھاياتلىق مەناسى تاپسۇن چىن قىممەت،
كۆڭۈللەر بېغىغا باھار تىلەيمەن.