كۆرۈش: 248|ئىنكاس: 3

ئەدىھەم ئىبراھىم: بالىلار شېئىرلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كۈچۈك بىلەن مىكىيان

بىر ھويلىدا
كۈچۈك بىلەن مىكىيان،
بىللە ئويناپ ھەر زامان
دوست بولۇشتى بىر ئۇبدان.

مىكىيانغا ئېسىلىپ
ھەم ئەركىلەپ چىش سېلىپ.
ئويناۋېتىپ كۈچۈكجان
چوڭ بوپقالدى بىر پاخلان.

يۈزلىرىنى مىكىيان،
كۈچۈكجانغا يالىتىپ،
ئويناۋېتىپ بىردىنلا
قالدى باشتىن ئايرىلىپ...

قوزام تاقلايدۇ

قوزام تاقلايدۇ،
توخۇ تاتلايدۇ.
قوزام مەرىسە،
توخۇ چىللايدۇ.

تاتلاپ توخۇيام،
سەمىرىپ كەتتى.
تاقلاپ قوزاممۇ،
باھارغا يەتتى...

مەن بىكار يېتىپ،
ئېزىلىپ كەتتىم.
كۈلدەك ئۇچىدۇ،
ئاچچىق ھەسرىتىم...

چاقا

بېشىم مېنىڭ قىچىشىپ،
تاتلىسام چېچىم چۈشتى.
ئاپام مېنىڭ بېشىمغا،
تۈكۈرۈپ سۇف-سۇف دىدى.

شۇندىن بېرى قىچىشماي،
ئۆستى چېچىم قاپقارا.
بار ئىكەنغۇ بىر شىپاھ،
جان ئاپامنىڭ ئاغزىدا!..

ئىگىز پاشىنلىق ئاياق

پۇتۇم مېنىڭ بەكمۇ ئۆچ،
ئىگىز پاشنىلىق ئاياققا.
پۇت ئۇچىدا ماڭىمەن،
ئوخشاپ ئەگرى تاياققا.

ۋاي-ۋاي پۇتۇم، ۋاي پۇتۇم،
قاداق چۈشتى بارماققا.
ماڭا نىمە ئازاپ بۇ،
لاك سۈرمەيمەن تىرناققا.

ئىگىز ئاياق ياراشماس،
مېنىڭ دوغلاڭ بويۇمغا.
ئەشۇ ئىگىز پاشنىلار،
بىگىز بولدى پۇتۇمغا.

ئەمدى ھەرگىز كىيمەيمەن،
بۇنداق ئەسكى ئاياقنى.
دورىماڭلار دوستلۇرۇم،
مەندەك پاكار نايناقنى...

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-16 03:44:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
« كۈچۈك بىلەن مىكىيان» ماڭا  تولىمۇ يېقىشلىق تۇيۇلدى...تەشەككۈر ئەدىھەم...

ۋاقتى: 2016-3-16 15:48:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈچۈك بىلەن مىكىيان

بىر ھويلىدا
كۈچۈك بىلەن مىكىيان،
بىللە ئويناپ ھەر زامان
دوست بولۇشتى بىر ئۇبدان.

مىكىيانغا ئېسىلىپ
ھەم ئەركىلەپ چىش سېلىپ.
ئويناۋېتىپ كۈچۈكجان
چوڭ بوپقالدى بىر پاخلان.

يۈزلىرىنى مىكىيان،
كۈچۈكجانغا يالىتىپ،
ئويناۋېتىپ بىردىنلا
قالدى باشتىن ئايرىلىپ...

قىسقا ھەم مېغىزلىق چوڭقۇر مەناغا ئىگە بوپتۇ.مۇبارەك بولسۇن !!!

ۋاقتى: 2016-3-16 22:55:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىلى تاتلىق چىققان بۇ شېئىرلىرىڭدىن رازى بولدۇم.ئىنىم.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش