|
يۈتكەن ئۇيقۇ
گۈلپىيە ھادى ( لەيلى)
يۈتۈپ كەتتى ئۇيقۇم بۇ كېچە،
كەتكەنمىدۇ كېچىگە سىڭىپ.
يا شامالغا ئېيتقانچە غەزەل ,
يۈرەمدىكىن ئۇداردىن ئېزىپ.
يا ھىلالنىڭ يېرىم تۇرقىنى ,
پۈتۈنلەشكە يۈردىمۇ تۈندە .
يۇلتۇزلار كۆز قىسسا جىلمىيپ ,
كۈيۈپ قېلىپ قوندىمۇ ئۆيدە .
قاپقاراڭغۇ كېچە قوينىدا ,
يا ئۈزىنى يۈرەمدۇ ئىزدەپ .
رەڭلىك چۈشلەر ساھىللىرىدا,
ئاپتاپ سۇنۇپ ياتتىمىكىن خەپ،،،،
ئاشىقلارغا ئوت سۇنۇپ ياكى ,
قالدىمىكىن ئۈزى بالادا.
ھىجرانلارغا مەي قىلىپ ساقى ,
قويدىمىكىن ياكى تالادا .
سەۋرىم سۇندى كېچە قوينىغا ,
كىرپىكلەرگە ئۇزات لېۋىڭنى.
گىرە سالاي تاتلىق چۈشلەرگە ,
چىڭ قۇچاقلاپ ئاھ ئۇيقۇ سېنى.
2016-يىل 15-مارت،،،،،،
|
|