ئەسلەش
تۇرسۇنگۈل ئەمەت
ئەسلەش بىلەن سىنى مۇشۇتاپ،
كونا يارىلار تاتلىنىپ كەتتى.
تۈمەن بويىدىكى غېرىپ مەشۇقنىڭ،
دەردلىك نىداسى پەلەككە يەتتى.
ئەسلىمەسلىككە يوقتۇر باھانە،
ئۇنتۇشقىمۇ ھەم ئۇنماس يۈرەك.
ئەسلەش بىلەن ئەسلەنمەسلىكتە،
ئۆتمەكتە ھايات توزىغان گۈلدەك.
يىراقتىكى تەنھا بىر گۈلنىڭ،
قاناپ كەتتى يۈرىكى يىغلاپ.
بەخت كۈتكەن بەختسىز قىزچاق،
پاك سۆيگۈنى ئۆتمەكتە ساقلاپ.
تاش ئادەم
ھەيران قالما ئوماق پەرىشتەم،
تاشتىن قاتتىق تاش ئادەملەرگە.
ئادەم تۇرساق ھەممىز ئوخشاش،
ئۇلاردىمۇ يۈرەك بار دېمە.
يۈرىگى بار راست ئۇلارنىڭمۇ،
كۆرسەڭ تۇرقى بىزلەردىن بەردەم.
يوق ئۇلاردا مۇھەببەت –نەپرەت،
شۇڭا ئۇلار تاشتۇر پەرىشتەم.
سەن بار شەھەر
كەلدىم بۈگۈن سەن بار شەھەرگە،
نەپەس ئالدىم ئوخشاش ھاۋادىن.
بىلىپ-بىلمەي ماڭدىم مۇشۇ تاپ،
ئىزىڭ قالغان غەمكىن يوللاردىن.
سەن بارغان جايلارنى كەزدىم ئېھتىمال،
ئېچىلغان گۈللەرنىڭ باغرىدا يارا.
ماڭمايمىز بىلىمەن بىللە يانمۇ –يان،
سېنىڭسىز ھاياتنىڭ يىرىمى چالا.
ناتونۇش شەھەردە يالغۇز ئايلىنىپ،
غېرىپلىق شۈنچىلىك جېنىمغا پاتتى.
ئازاپنىڭ گۈللىرى يەنە چېچەكلەپ،
سېغىنىش خەنجەردەك باغرىمغا پاتتى.
ئەسلىشمنىڭ نېمە ھاجىتى
كىملەر مىنى ئۇنۇتتى دەيدۇ؟
يۈرىگىمدە تۇرساڭ سەن سۇلتان.
كىملەر مىنى يىگانە دەيدۇ؟
يۈرگىمىدە تۇرساڭ سەن پىنھان.
كىملەر مىنى باغرى تاش دەيدۇ؟
مەن سۆيگۈگە چۈمۈلگەن ئىنسان.
كىملەر مىنى مۇز يۈرەك دەيدۇ،
بۇ يۈرىگىم تۇرسا ئوت گۇلخان.
ئىشەنمىگىن ئۇنتۇش دىگەنگە.
ئۇ سۆيگۈنىڭ يەنە بىر شەكلى.
مەن ئەزەلدىن ئۇنتۇپ باقمىسام،
ئەسلىشىمنىڭ نېمە ھاجىتى؟