كۆرۈش: 175|ئىنكاس: 4

بەگئالپ: ئ اداققى باھار(ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                                      ئاداققى باھار         
                        
                                                          (ھېكايە)
                                     مۇھەممەتتۇرسۇن ئابلېكىم بەگئالپ  


   بۇ مەكتەپكە كەلگىنىمگە ئۈچ يىل بولۇپ قالغان بولسىمۇ  ئۆزىنى پىسخىكاشۇناس دەپ ئاتىۋالغان بىر  سولتەكتىن  باشقا ھېچكىم  ئىسمىمنى بىلمەيتتى. بەلكىم ئۆزۈممۇ ئۇنتۇپ قالغان بولۇشۇم مۇمكىن ئىدى، چۈنكى مېنى ھېچكىم چاقىرىپ باقمايتتى ھەم چاقىرىشقا ئېھتىياجىمۇ چۈشمەيتتى. ئۈچ يىلدىن بۇيان بىزگە ئىزچىل دەرس بېرىپ كېلىۋاتقان مۇئەللىم مەندىن ھەر سائەتتە دېگۈدەك سوئال سورايتتى .ھەر قېتىم سورىغاندا «بۇ ئوقۇغۇچىنى بۇرۇن ئەجەب كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن، يېڭىدىن يۆتكىلىپ كەلدىمۇ ؟» دەپ قۇياتتى  .بۇ  سوئال سىنىپتىكىلەرنىڭ  تالاش تارتىشىغا سەۋەب بۇلاتتى :
- شۇنداق بولۇشى مۇمكىن ،مەنمۇ تېخى ھازىر كۆردۈم ،- دەيتتى بۈگۈن مەن بىلەن بىر ياتاقتىن چىققان بالا.  
-ياق ،مەن مەكتەپكە تۇنجى كەلگەن كۈنى ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغاندەك قىلغان ،- دەيتتى ئالدىمدا ئولتۇرغان قىز.
-ئەمسە بىزگە سىنىپ مۇدىرى بولۇپ كېلىۋاتقان مۇئەللىمدىن سوراپ باقايلى،- دەيتتى ، ئۆزىنى سىنىپ باشلىقى دەپ ئاتىۋالغان بىرى .
لېكىن سىنىپ مۇدىرىمۇ بۇ مەسىلىگە ئېنىق جاۋاب بېرەلمەيتتى.
بىر كۈنى ئاشخانىغا تاماق كارتامنى ئېلىپ چىقىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ، ماڭا ئۈچ يىلدىن بۇيان ئىزچىل تاماق سېتىپ بېرىۋاتقان ئاشپەزگە كارتىنى كەچتە سۈركىۋەتسەم بۇلامدۇ دېدىم، لېكىن ئۇ مېنىڭ ناتونۇشلۇقۇمنى باھانە قىلىپ قوشۇلماي قويدى.
   ھەر كۈنى ئورنۇمدىن تۇرغىنىمدا يات بىر كىشىلەر بىلەن بىر ياتاقتا تۇرغىنىمنى  ۋە ناتونۇش بالىلار بىلەن بىر سىنىپتا ئولتۇرغىنىمنى كۆرەتتىم . لېكىن سىنىپتىكى بالىلارنىڭ تىزىملىكى ئۈچ يىلدىن بۇيان بىر قېتىممۇ ئۆزگىرىپ باقمىغان ئىدى. ئاشۇ ئاتالمىش پىسخىكاشۇناس دەپ ئاتىۋالغان مېنى بەكلا ئانىي تاپقان ئىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە مېنىڭ پىسخىكام نورمال ئەمەسكەن. .
-سەن نېمە ئۈچۈن باشقىلار بىلەن ئارىلىشىپ ئۆتمەيسەن؟ -دېدى ئۇ.
بۇ سوئال ماڭا خۇددى نېمە ئۈچۈن تاماق يەيسەن دېگەنگە ئوخشاش بىمەنە تۇيۇلدى.
ئۇدۇللا جاۋاب بەردىم:
- باشلانغۇچتىن تارتىپ تۇلۇق ئوتتۇرىغىچە مېنى ھېچكىم كۆزگە ئىلىپ باقمىدى  ، مەن ئۇلار ئۈچۈن پۈتۈنلەي ئارتۇقچە.  
- بۇ ئايرىم ئەھۋال....
-ساڭا دېسەم ،-دېدىم مەن قاتتىق تەلەپپۇزدا ،- ھەممىسى شۇنداق، مەن ئۇلار بىلەن دوست بۇلۇش ئۈچۈن مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار مۇكاپات سەھنىسىگە بىرگە چىقتىم، قىمارخانىغا بىللە كىردىم، بىللە ھاراق ئىچتىم ، تېخى ھەممىنى ئۇلاردىن ياخشى قىلدىم...لېكىن ئۇلار ئىزچىل تۈردە مېنىڭ مەۋجۇتلۇقۇمنى ئېتىراپ قىلمىدى.  
-بۇ سېنىڭدىكى مەسىلە ، سەندە چوقۇم پىسخىكا بىنورماللىقى بار . دېگىنە ، سېنىڭ ئاتا -ئاناڭ ئاجرىشىپ كەتكەنمۇ، قىز دوستۇڭ تاشلىۋەتكەنمۇ؟ ....
- ساڭا ھەممىنى دەپ بېرىشىم كېرەكمۇ ؟ مەن تۇغۇلۇشتىن توققۇز ئاي بۇرۇنلا ئانام دادامنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ تۈرمىگە كىرىپ قاپتىكەن....قىز دوستۇمغا كەلسەك ئۇ ئەزەلدىن مەۋجۇت بولۇپ باقمىغان ،ھەم مەۋجۇت بولمايدۇ .
-مانا مەسىلە مۇشۇ يەردە...  
ئۇنىڭ بېقىنىغا بىر مۇش قۇيۇپ پۈكلىۋەتتىم .  
- سەنمۇ مېنى قاتىلنىڭ بالىسى ،ھارامدىن بولغان دېمەكچى، شۇنداقمۇ؟! بىلىپ قوي ،مېنىڭ بۇ دۇنيادىكى ھېچ قانداق بىر كىشى قىلچىلىك ئالاقەم يوق . ئۇلار قاتىل بۇلامدۇ ياكى پەرىشتە بۇلامدۇ مەن ئۈچۈن ھېچ قانداق ئەھمىيىتى يوق.
شۇنىڭدىن كېيىن مەن بۇيەردىكى ھېچكىم بىلەن تونۇشمىدىم ، ھەم تۇنۇشىشنىمۇ خالىمايتتىم . چۈشلىرىممۇ  قۇپ - قۇرۇق دېگۈدەك ئىدى . لېكىن ئاشۇ قۇرۇقلۇق ئىچىدە بىر مەنزىرە ھەر ھەپتە ئوخشاش بىر كۈندە ،ئوپمۇ- ئوخشاش ھالەتتە تەكرارلىناتتى    ....
سانسىزلىغان كېسەك پارچىلىرى زەي  ھەم سوغۇق يەردە تۈگۈلگىنىچە نەچچە زىخ كاۋاپنى چىڭ سىقىملىۋالغان  بىر ياداڭغۇ ، ئۇرۇق بالىنىڭ جىسمىغا ئۇرۇلاتتى.
-ھارامدىن بولغان!
ـ ئوغرى !!!
دەل شۇ چاغدا ، كىيىملىرى يىرتىلىپ ،چاچلىرى چۇۋۇلۇپ كۆزىگە چۈشىۋالغان ؛ كىشەن سېلىنغان قوللىرى قانغا بويالغان بىر ئايال ئۇچۇپ كېلىۋاتقان كېسەك پارچىلىرىغا پەرۋا قىلماستىن يۈگۈرۈپ كېلىپ ئۇ بالىنى باغرىغا بېسىۋالدى...
  چۈشنىڭ دەل شۇ يېرىگە كەلگەندە چۆچۈپ ئويغىناتتىم  . سوغۇق نۇر چاقناپ تۇرىدىغان ئەينەككە سىنچىلاپ قارىغىنىمدا چۈشۈمدە كۆرگەن ھېلىقى ياداڭغۇ بالىنىڭ سىيماسى كۆز ئالدىمدا تۇرغان بۇلاتتى . ئاندىن يەنە راست بولغان ۋەقە ياكى ئۆزۈمنىڭ خىيالىم ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئايرىيالمايدىغان، ( مەن دائىم خىيالىم بىلەن راست ئىشلارنى ئارىلاشتۇرۇپ قوياتتىم) نەچچە يىل ئاۋۋال يۈز بەرگەن بولۇشى مۇمكىن بولغان ئىشلار ۋەھىمىلىك فىلىمدەك كۆز ئالدىمدا زاھىر بولۇشقا باشلايتتى . ....
مەن سىنىپتا ئادەم يوقلىقىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن ئاق كۆڭلەكلىك قىزنىڭ تارتمىسىغا بىر پارچە خەت سېلىپ قويدۇم ، ئەتىسى سىنىپقا كىرىشىم بىلەن، بىر توپ بالىلار مېنى ئورۇۋېلىشتى، ئۇلارنىڭ كۆزىدىن  ئايال جادۇگەردەك  مەسخىرىلىك ھەم رەزىل نۇر چاقنايتتى. ئاخشام تارتمىغا سېلىپ قويۇلغان خەتنى بىر ئېگىز بوي زەڭگى غەلىتە بىر ئاھاڭدا  ئوقۇۋاتاتتى. مەن ئېتىلىپ بېرىپ ھېلىقى زەڭگىنى كاللا قۇيۇپ يىقىتتىم، ئاندىن خەتنى ئېلىۋېلىپ پارە -پارە قىلىۋەتتىم. ئەتراپىدىكى بالىلار مېنى ئۇرۇپ- دەسسەشكە باشلىدى:
-ھارامدىن بولغان !
-ئۆزۈڭنى كىم چاغلاپ قالدىڭ؟!
  تىل-تاياقلار يامغۇردەك يېغىۋاتقان شۇ ئەسنادا ئاق كۆڭلەكلىك قىز توپنى يېرىپ كېلىپ مېنى تېپىكلەر ئارىسىدىن قۇتقۇزۇپ سىرتقا ئېلىپ ماڭدى.  
-مېنى كەچۈرگىن ، دېدى ئۇ. لېكىن مەن بەزگەكتەك تىترەپ تۇرغان قوللىرىمنى چىڭ سىقىپ تۇرغان ئاق كۆڭلەكلىك قىزنى كۈچەپ سىلكىۋېتىپ يۈگۈرگىنىچە كېتىپ قالدىم .....بەلكىم بۇ ۋەقە بۇنداق ئەمەس بولۇشى،  ئەسلىدىكى غۇۋا ھەم باش ئاخىرى يوق ۋەقە مېنىڭ خىياللىرىمدا ئۆزگىرىپ مۇشۇنداق مۇكەممەل ھالەتكە كېلىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن ئىدى .   
  مەن ئالىي مەكتەپكە كېلىپ ئىككى يىل بولغاندا ئاق كۆڭلەكلىك قىزنى   يېڭى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا قايتىدىن  ئۇچراتتىم .ئۇ كۈنى بىز يېڭى كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنى كۈتۈۋالغان ئىدۇق .  چۈشكە يېقىن سىنىپتىكىلەرنىڭ ھەممىسى چۈشلۈك ئۇيقۇسىنى ئۇخلاش ئۈچۈن كىرىپ كېتىشتى. چىڭقى چۈشنىڭ  قىزىق شامىلى   يۈزۈمنى كۆيدۈرەتتى.دەل شۇ چاغدا  ئاق كۆڭلەكلىك  قىز يوغان يەشىكلەرنى كۆتۈرگىنىچە دەرۋازا ئالدىدا پەيدا بولدى .ئۇنىڭ غۇنچە بەستى  بوي تارتىپ زىلۋا ئاق يۈزلۈك مەلىكىگە ئايلانغان ، كىچىك ۋاقتىدىكى بېلىگە پۈرمە چىقىرىۋالغان كۆڭلىكىنىڭ ئورنىغا ،پۈرمىسى يوق ئەمما ئېتىكىگە  گۈل كەشتىلەنگەن  ئاق كۆڭلەك ئالماشقان ئىدى. ئۇ مېنى ياردەمگە چاقىردى . ئۇنىڭ يەشىكى بىلەن چامدىنىنى تاكى ياتاق بىناسى ئالدىغىچە ئاپىرىپ بەردىم  .ئۇ ئىشىكتىن كىرىپ كېتىۋېتىپ  ماڭا  «رەھمەت ئاكا »دېدى .ئۇنىڭ «رەھمەت » دېگەندىكى   تەلەپپۇزىدا  يول سورىغاندا ياردەم قىلغان ناتونۇش ئادەمگە تەشەككۈر بىلدۈرگەندەك سۇسلۇق بار ئىدى ..
بۇ يەردە مەن ۋە ئۇنىڭدىن بۆلەك جۈپسىز يۈرىيدىغانلار  يوق ئىدى . سىنىپتا ھەممىسى بىر جۈپ بولۇپ ئولتۇراتتى . پەقەت مەنلا سىنىپنىڭ ئەڭ ئاخىرىدىكى ئورۇندا يالغۇز ئولتۇراتتىم. يولدىمۇ ئىككىمىزدىن بۆلەك يالغۇز ماڭىدىغانلار يوق ئىدى .ئاشخانىدىمۇ  پەقەت مېنىڭ بىلەن ئۇنىڭلا قارشى تەرىپىمىزدىكى ئورۇن بوش ئىدى . ئۇنىڭ ئالدىمغا كېلىپ ئولتۇرۇپ تاماق يېيىشىنى بەكلا ئۈمىد قىلاتتىم. لېكىن  ئۇ دائىم يالغۇز ئولتۇرىدىغان ئورۇنىغا كېتەتتى . بىر قېتىم مەن قەستەن ئۇنىڭ تاماق يەيدىغان جايىغا كېلىپ ئولتۇرۇۋالدىم، ئۇنىڭ قارشى تەرىپىمدە ئولتۇرۇپ تاماق يېيىشىنى كۈتكەنىدىم، بىراق ئۇ  ئورنىغا لاپپىدە قارىدىيۇ، كەينىگە يېنىپ مېنىڭ بوش تۇرغان ئورنۇمغا كېلىپ ئولتۇردى .   
مەندە ئېسىل بىر تېلېفون بار ئىدى ، بىراق تېلېفونۇمدا ھېچكىمنىڭ نومۇرى يوق ئىدى ، ھېچكىمگە تېلېفون ئۇرمايتتىم ھەم ھېچكىمدىن تېلېفون كەلمەيتتى.
مەن كۈندە كەچ ئۇ دائىم ئۆتىدىغان يولنىڭ بويىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ كاللامغا كەلگەن نومۇرغا تېلېفون قىلاتتىم،ئاشۇ سانسىزلىغان نومۇرلار ئىچىدە ئۇنىڭ تېلېفونىغا ئۇلىنىپ قېلىشنى ئۈمىد قىلاتتىم ، لېكىن ئۇلانغان نومۇرلارنىڭ ھەممىسى ناتونۇش بولۇپ چىقاتتى . ئالدىمدىن جۈپ - جۈپ قىز يىگىتلەر ئۆتۈپ كېتىۋاتقان چاغدا ئۇ يالغۇز ھالدا تېلېفوننىڭ يۇقىرى ئاۋازىنى ئېچىۋېتىپ بىر ئەر بىلەن پاراڭلىشىۋاتقان پېتى ئالدىمدىن ئۆتەتتى. تېلېفوندا سۆزلىشىۋاتقاندا ئۇنىڭ  چىرايلىق كۆزلىرى دائىم كۈلۈپ تۇراتتى. ئۇنىڭ كۈلكىسىنىڭ مەن بىلەن قىلچە ئالاقىسى بولسىمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئىختىيارسىز كۈلۈپ قوياتتىم . ئۇنىڭ كەينىدىن ھەر زامان  ئەرۋاھتەك ئەگىشىپلا يۈرەتتىم . قاچان ،قايسى سىنىپتا دەرس ئوقۇيدىغانلىقى، قايسى يولدىن ماڭىدىغىنى ماڭا بەش قولدەك ئايان ئىدى . پەقەت كۈندۈز بولسىلا مەن ئۇنى قىلچە كۈچىمەيلا تېپىۋالالايتتىم .  
كېيىن مەن ئۇنىڭ سىنىپىغا كىرىپ دەرس ئوقۇيدىغان بولدۇم . گەرچە مەندىن ئىككى يىل تۆۋەن ئوقۇسىمۇ پەرۋاسىز ھالدا سىنىپىغا كىرىۋەردىم. چۈنكى قايسى سىنىپتا كىرسەم ماڭا بەرىبىر ئىدى ، بۇرۇنمۇ ئاغرىپ قېلىپ نەچچە ھەپتە سىنىپقا چىقالمىساممۇ ھېچكىم ئىزدېرىكىمنى قىلىپ قويمىغان ئىدى. بۇ سىنىپقا كىرگىنىمگە ھېچكىم ھەيران قالمىدى، مېنىڭ بۇرۇنقى سىنىپ مۇدىرىم مۇشۇ  سىنىپقا دەرس بېرىپ تۇرۇپمۇ سەزمىدى . مېنىڭ بۇ سىنىپقا كىرىۋاتقىنىمغا بىر ئايدىن ئاشقان بولسىمۇ ،ئۇ  باشقىلارغا ئوخشاشلا   ماڭا دىققەت قىلمىغاندەك قىلاتتى . بىر كۈنى مۇئەللىم يوقلىما قىلىۋاتقاندا مەن تۇنجى قېتىم باشقا بىراۋنىڭ ئىسمىغا دىققەت قىلدىم ؛ مۇئەللىم «دىلرەبا بارمۇ؟» دېۋىدى ئۇ« بار»  دېدى . دېمەك ئۇنىڭ ئىسمى دىلرەبا ئىدى . مەن بۇ ئىسىمنى نەۋائىينىڭ غەزەللىرىدە كۆپ قېتىم ئۇچراتقان ئىدىم. ئەلۋەتتە، خۇددى نەۋائىينىڭ غەزەللىرىدە تەسۋىرلەنگەندەك ئۇنىڭ ئىسمىمۇ ،ھۆسنىمۇ ، ئاۋازىمۇ چىرايلىق ئىدى.
ئۇ سىنىپنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئورۇندا ئۆزى يالغۇز ئولتۇراتتى. مەن بولسام ئۇنىڭ ئۇدۇل تەرىپىدە ئولتۇراتتىم . بىر كۈنى  ئۇنىڭ ئولتۇرىدىغان پارتىسىنى ئوغرىلىقچە باشقا سىنىپقا يۆتكىۋەتتىم. ئەمدى ئۇنىڭغا يېنىمدىكى بوش ئورۇندا ئولتۇرۇپ دەرس ئاڭلاشتىن باشقا يول يوق ئىدى ، لېكىن ئۇ يېنىمغا كەلمىدى . يېنىمدا تۇرغان بوش ئورۇنغا لاپپىدە قارىدىيۇ، سىنىپنىڭ بىر بۇرجىكىدە تۇرغان يۈلەنچۈكىمۇ يوق كىچىك ئورۇندۇقنى ئېلىپ ئۆزىنىڭ دائىم ئولتۇرىدىغان ئورنىدا  ئولتۇردى .  
   يامغۇر يېغىۋاتقان بىر  كۈنى مەن ئۇ بار بولۇشى مۇمكىن بولغان ھەممە يەرنى قېزىۋەتكەن بولساممۇ ئۇنى ئۇچرىتالمىدىم . تەنتەربىيە زالىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈۋاتقاندا ماڭا  بىردىن بىر تونۇش ھەم يېقىملىق ئاڭلىنىدىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالدىم. ئۇ زال ئىچىدە تىكتاك توپ ئويناۋاتاتتى ، چېكىسىدىن چىققان تەر چىرايلىق يۈزلىرىنى بويلاپ بوينىغا چۈشۈپ قالاي دەپ قالغان ئىدى . ئۇ دائىم  كىيىۋالىدىغان قىزىل رەڭلىك  چاپىنىنىڭ يېنىغا قۇيۇپ قويغان قول ياغلىقىنى ئېلىپ ئۇنىڭغا سۇندۇم.   
كېيىن تىكتاك توپ دەرسىگە ئۇنىڭ بىلەن بىللە كىردىم . بۇ يەردە ئىككىمىزدىن باشقا ھەممىسى چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئىدى، شۇڭا توپنى ئىككىمىز ئويناشقا توغرا كەلدى .ئۇ تىكتاك توپقا ناھايىتى ئۇستا ئىدى ، ھەر قېتىم ئۇنىڭ ھۇجۇم قىلغان توپىنى قايتۇرۇلمىغىنىمدا جاراڭلىق كۈلكىسى بىلەن غەلىبىسىنى ئالقىشلايتتى.
تىكتاك توپ دەرسى ھەپتىدە بىر قېتىملا بار ئىدى، مەن مۇشۇ ۋاقىتىنىڭ كېلىشىنى تەگسىز ئېچىرقاش ئىچىدە كۈتەتتىم ، ماڭا نىسبەتەن پەقەت مۇشۇ ئىككى سائەتلا مەۋجۇت ،ھەم مەن مۇشۇ ئىككى سائەت ئىچىدىلا مەۋجۇت ئىدىم .
ئۇ كۈنى توپنى ئويناۋېرىپ ۋاقىتىنىڭ ئۆتۈپ كەتكىنىنى تۇيمايلا قاپتىمىز.
-قورسىقىڭىز كوركىراۋاتىدۇ ، تاماق يەپ ئاندىن ئوينايلى .
ئۇ پالاقنى قويدىيۇ ، ھەييار كۈلكىسى بىلەن سورىدى :
ـ كىم كىمنى مېھمان قىلىدۇ؟
-ئەلۋەتتە ئوغۇل بالا بولغاندىن مەن  مېھمان قىلىمەن.
-ياق بۇنداق بولسا ئادىللىق بولمايدۇ. بەسلىشەيلى ،كىم يېڭىۋالسا شۇ مېھمان قىلسۇن.
شەرت غەلىتە تۇيۇلدىيۇ  ، ئۈندىمىدىم. بۇ قېتىم توپنى ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن ئوينىدىم . ئۇنىڭ ھۇجۇملىرىنى ئوڭۇشلۇق قايتۇردۇم . ئاخىرى كىچىككىنە پەرق بىلەن يېڭىۋالدىم. ئاشخانىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك بۆلۈنمىسىدىن  ئىككى ھەپتىلىك تۇرمۇش خىراجىتىمگە ئېسىل يېمەكلىكلەرنى سېتىۋالدىم. ئاز تېپىلىدىغان توق قىزىل رەڭگە كىرگەن  بۆلجۈرگەن ئېلىۋېتىپ   ئۇنىڭ بۆلجۈرگەن بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ كەتكەن قىپقىزىل لېۋىنى تەسەۋۋۇر قىلدىم . ئاشۇ قېتىم ئۇنىڭ بىلەن ھاياتىمدىكى تۇنجى ۋە ئاخىرقى قېتىم ئەڭ مەززىلىك تاماق يېدىم.
-،كېلەر ھەپتە ئاتا- ئانام كېلىدىكەن ،مەن توپ ئوينىغىلى چىقالمايمەن ،- دېدى ئۇ.
«ئاتا -ئانام» دېگەن سۆز ماڭا خۇددى يات بىر تىلدىكى ئاتالغۇدەك چۈشۈنۈكسىز بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى خۇشال بولغىنىغا قاراپ «ئاتا -ئانا » دېگەن ئۇقۇمنىڭ ئۇ ماڭا ئەمدىلا ئۆگەتكەن « بەخت» دېگەن ئۇقۇم بىلەن يېقىن ئىكەنلىكنى ھېس قىلغاندەك بولدۇم.  
  دەرۋازىۋەن بەكلا ئاكتىپ ئىدى ، مەن بۇ ئۈچ يىلدىن بۇيان كۈندە دېگۈدەك دەرۋازىدىن كىرىپ -چىقمىساممۇ، دائىم ئالدىمنى توسۇپ ئوقۇغۇچىلىق كىنىشكامنى تەكشۈرۈپ ئاندىن كىرگۈزەتتى. تېخى ناھايىتى ئەستايىدىل ئىدى، بىردە ئىسمىمغا بىردە سۈرىتىمگە قاراپ مېنى ئېسىدە تۇتۇۋالماقچى بۇلاتتى، لېكىن كېيىن قېتىم دەرۋازىدىن كىرگىنىمدە ناتونۇشلۇقۇمنى باھانە قىلىپ يەنە قايتا تەكشۈرەتتى. بۈگۈنمۇ شۇنداق قىلدى ، ئالدىمدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان، تېخى مۇشۇ يىللا كەلگەن بولۇشى مۇمكىن بولغان  ئوقۇغۇچىنى تەكشۈرمەيلا ئۆتكۈزۈۋېتىپ مېنىڭ ئالدىمنى توستى. دەل شۇ چاغدا ماڭا بۇ مەكتەپتە بىردىن بىر تونۇش بولغان ئاشۇ سېما كۆز ئالدىمدا پەيدا بولدى ، مەن ئۇنىڭغا يالتتىدە قارىدىم . كۆزلىرىمىز ئۇچرىشىپ قالدى . ئۇ ماڭا قاراپ يېقىملىققىنا  كۈلۈپ قويدى. ئۇنىڭ بۇ كۈلكىسى ناھايىتى ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان قېلىن قارلار ئاستىدا كۆمۈلۈپ ياتقان ئەرۋاھلارمۇ يوق تىمتاس قەبرىستانلىققا ئوخشايدىغان يۈرىكىمگە باھارنى باشلاپ كەلدى. دەل مۇشۇ ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىۋاتقان ۋاقىتتا ئۈستەل ئۈستىدىكى جەدۋەلگە بىر نەرسە يېزىۋاتقان يىگىت بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭ قولىنى كاپپىدە تۇتتى-دە ، ئۇنى ۋە ئەمدىلا كەلگەن باھارىمنى ئېلىپ كېتىپ قالدى .(ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ كېتىۋاتقان يىگىتنىڭ كۆزى ۋە قېشى ماڭا بەكلا ئوخشايتتىيۇ، بوي- بەستى ئوخشىمايتتى).
مەن تۇرغان جايىمدا لاسسىدە ئولتۇرۇپ قالدىم، يۈرىكىمدە  ئېچىلغان گۈللەر تۇيۇقسىزلا توزۇپ ، ئۇنىڭ ئورنىنى قېلىن قار، قاپقاراڭغۇ ھاڭ ۋە ئادەم يەيدىغان تىمتاسلىق قايتىدىن ئىگەللىدى.
ئۇنىڭ ئاشۇ كۆزلىرىمگە تىكىلىپ تۇرۇپ سوۋغا قىلغان كۈلكىسى مېنىڭ قەلبىمگە تۇنجى ۋە ئاداققى  باھارنى ئېلىپ كەلدى .
بۇ يەردە ئەمدى مەڭگۈ باھار بولمايتتى.
ئاپتور: سانجى ئىنستىتۇتى فىزىكا فاكولتېتى 2012 –يىللىق 1-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى .


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-16 23:24:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
.(ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ كېتىۋاتقان يىگىتنىڭ كۆزى ۋە قېشى ماڭا بەكلا ئوخشايتتىيۇ، بوي- بەستى ئوخشىمايتتى).

تىرناقنى ئېلىۋېتەيلى، تىرناق ئىچىگە كىر كىرىۋالمىسۇن!

ۋاقتى: 2016-3-17 06:16:49 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز ،يەنىمۇ تىرىشىپ كاتتا ئەسەرلەردىن ھوزۇرلاندۇرۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن

ۋاقتى: 2016-3-17 06:21:40 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھېكايە ياخشى چىقىپتۇ ،ئاپتورىنىڭ كەلگۈسىدىن بىر نۇرنى كۆرگەندەك بولدۇم

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-18 13:26:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جارۇپ3 يوللىغان ۋاقتى  2016-3-17 06:21 AM
بۇ ھېكايە ياخشى چىقىپتۇ ،ئاپتورىنىڭ كەلگۈسىدىن بىر نۇ ...

ئىلھام بەرگىنىڭىزگە رەھمەت

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش