ئۆزۈمچە
مۇختار يۈسۈپ
يەنە تەنھا ئولتۇرۇپ ئەسلەپ قالدىم ئۆزۈمچە،
ئويلاپ گۈزەل چاغلارنى غەشلەپ قالدىم ئۆزۈمچە.
كۆرىشىمىز دىگەنتىڭ ئايرىلغاندا قايتا دەپ
كۆرىشەلمەي ئۇزاق يىل دەردلەپ قالدىم ئۆزۈمچە.
ئىزدەپ باردىم مەللەڭگە دېدارىڭنى كۆرەي دەپ
دان قالمىغان ساماننى چەشلەپ قالدىم ئۆزۈمچە.
گەپ ئەۋەتتىم خوشناڭدىن ساقلدىم گۈل باغدا دەپ
يوللىرىڭغا تەلمۈرۈپ كەچلەپ قالدىم ئۆزۈمچە.
گۈللەر ئۈزۈپ ئايانماي ئەقىدەمدە جەم قىلىپ
سىنىڭ ئۈچۈن گۈلدەستە رەتلەپ قالدىم ئۆزۈمچە.
ئەمما بىر رەت كۆرمىدىم دېدارىڭىنى ۋاي، ئېسىت!
كۆكتە ئۇچقان قۇش ئىدىم پەسلەپ قالدىم ئۆزۈمچە.
شائىر بولدى مۇختەرى ئاشىقلىقىنىڭ دەردىدە
شېئىر يېزىپ ھەر كۈنى ھەجىلەپ قالدىم ئۆزۈمچە.
بۇ شېئىرىنى بۇ يولدىن ئۈتۈپ قالسا كۆرسۇن دەپ
قوۋزىقىغا دەرەخنىڭ خەتلەپ قالدىم ئۆزۈمچە.
2016- يىلى 11- مارت.ئاقيار.
سىنى دەپ
شۇنچە ئۇزاق يوللارنى بېسىپ كەلدىم سىنى دەپ،
نەچچە قىردىن، داۋاندىن ئېشىپ كەلدىم سىنى دەپ
تارتقان كۆڭۈل كۆڭۈلنى كۆرسە كۆككە ئۆسمەمدۇ
ئەقىدەمنى قەلبىمىگە يېقىپ كەلدىم سىنى دەپ.
بىر چاغلاردا «خوش» دېگەن ئەھدە قىلىپ ئىككىمىز
يوللىرىڭغا ھەر كۈنى بېقىپ كەلدىم سىنى دەپ.
سەن كەلمىدىڭ ۋەلېكىن ئۆتتى شۇنچە ئۇزاق يىل
جۇدالىقىنىڭ چېيىنى تېتىپ كەلدىم سىنى دەپ.
سالام يازسام جاۋاپ يوق ھالىڭ نىچۈك؟ بىلمىدىم،
شۇڭا بۈگۈن سەل بۇلۇپ ئېقىپ كەلدىم سىنى دەپ.
ياراسىنى قەلبمىنىڭ مىڭ يىل ئېيىتسام تۈگىمەس
ھەممىسىنى شېئىرغا قېتىپ كەلدىم سىنى دەپ.
مۇختەرىنىڭ سۆزىگە ئىشەنمىسەڭ دەرد بۇلۇر
يۈرەكىمىنى بازغاندا چېقىپ كەلدىم سىنى دەپ.
2016- يىلى 11- مارت.ئاقيار.
|