يازغۇچى سەمەت دۇگايلى ۋاپات بولدى
; Q+ H: \0 p* l7 H2 d2 c+ P' B3 u
- c0 N" T; t* l4 H9 W9 U/ g بۈگۈنكى دەۋىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن، تالانتلىق يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان ۋە ژۇرنالست سەمەت دۇگايلى 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى سەھەر سەئەت 3:30 لار ئەتراپىدا ئۈرۈمچىدە كېسەللىك سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى.( |% G; A( Y, q& w- J
سەمەت دۇگايلى، 1947-يىلى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. 1961-يىلى قەشقەردە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقىغان. 1980-يىلى قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ چوڭلار مائارىپ كەسپىنىڭ تولۇق كۇرسىنى پۈتتۈرگەن. سەمەت دۇگايلى 1961-يىلى ھەربىي سەپكە قاتنىشىپ، قىسىمدىن كەسپ ئالماشقاندىن كېيىن، قەشقەر شەھەرلىك ئۆي-مۈلۈك باشقۇرۇش ئىدارىسى، قەشقەر شەھەرلىك ماشىنا رېمونت زاۋۇتى قاتارلىق ئورۇنلاردا تەرجىمان، قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئەدەبىيات فاكلۇتىتىدا ئوقۇتقۇچى، لېكتور، بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرياتىدا مۇھەررىر، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتىتى كاتىۋات ئىدارىسىدا كاتىپ، «شىنجاڭ خەلق قۇرۇلتىيى» ژۇرنىلىدا تەھرىر بۆلۈم مۇدىرى، مۇئاۋىن باش مۇھەررىر، باش مۇھەررىر قاتارلىق قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. 5 O- n1 O! n. ^) U6 ~0 f' H
مەرھۇم سەمەت دۇگايلىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى 1958- باشلانغان بولۇپ، ھازىرغىچە «نۇرلۇق قەلبلەر»، «گۈلئايىم»، «ھايات شاماللىرى»(3 قىسىم) قاتارلىق رومانلىرى،«قاچقۇن كارۋان»، «ئېقىن»، «روزا ھېيتنىڭ تۇنجى كۈنى» قاتارلىق ھېكايە-پوۋېستلار توپلاملىرى نەشر قىلىنغان. «رابىيە-سەئىدىن»، «ئامماننىسا»،«شائىر ئۆلمەيدۇ» قاتارلىق دىراممىلىرى ساھنىلەردە ئوينالغان.«ئەدەبىيات نەزەرىيەسى»، «دولقۇنلار يېرىپ»، «ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى لۇغىتى» قاتارلىق تەرجىمە ئەسەرلىرى كىتاپخانلار بىلەن يۈز كۆرۈشكەن. ئۇنىڭ «كىچىك لەقۋا»، «قومۇش پۆپىكى»، «پاسىل» قاتارلىق پوۋېستلىرى ئەينى چاغدا «تارىم» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنىشى بىلەنلا ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا كەڭ تەسىرلەرنى قوزغىغان ۋە ئەدەبىيات ساھەسىنىڭ ياخشى باھالىرىغا ئېرىشكەن.
+ M% V/ d8 y2 e1 p0 W: m مەرھۇم سەمەت دۇگايلىنىڭ ئەسەرلىرى كۆپ قېتىم قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە مۇنەۋۋەر ئەسەر، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرلەش مۇناسىۋېتى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئەسەر باھالاش پائالىيىتىدە 3- دەرىجىلىك مۇكاپات، «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەسەر ۋە «تۆھپىكار ئاپتور» مۇكاپاتى، «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» قاتارلىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.; E. d9 h& b5 Q( o; H. Q9 K
مەرھۇم سەمەت دۇگايلى، ھايات چېغىدا جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ئىدى.
$ z% }, B! |4 b/ _7 `3 I& z مەرھۇم سەمەت دۇگايلىنىڭ ۋاقىتسىز ۋاپاتى، ئاپتونوم رايۇنىمىزنىڭ كۆپ مىللەتلىك سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر يوقىتىش بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. مەرھۇم بىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىلغان بولسىمۇ، ئۇ قالدۇرغان قىممەتلىك ئەسەرلىرى بىلەن قەلبىمىزدە مەڭگۈ ياشايدۇ. بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمىز. مەرھۇمنىڭ ئائىلە تاۋابىئات، ئۇرۇق-تۇققان ۋە دوست –بۇرادەرلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمىز.# v! f# M) H, I- z
, t# s" `( v! h9 D# l9 G
; W/ X( I" W- E6 y( ?
2 t5 C& _8 k' P2 v( T* U2 D: nشىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى
& \1 L( ^# x3 ^; e* R4 f
2016-يىل 3-ئاينىڭ 15-كۈنى