رۇبائىيلار
روزى گۈلباي(تاجىك)
1
ياشلىق گويائوخچۇپ تۇرغان قايناق بۇلاق،
تامچىسىدىن ھايات ياشنار ھەم خۇش پۇراق.
ياشلىق شۇنداق پۇرسىتى كۆپ سۈرئىتى تېز،
تۇتالمىساڭ ئالالمايسەن بىرتال باشاق .
2
دەشتۇ چۆلگە چۈشسە تامچە بولار گۈلزار،
ئەل-ئاۋامغا چۈشسە رىشتە بولار بازار.
ئىنسان بىلەن ئاۋات دۇنيا،ھايات گۈزەل،
ئارزۇ-ئارمان چېچەكلەيدۇ گويا باھار.
3
باشقىلارنى ئاغرىتىپ كۆڭلۈڭ بولسا خۇش،
نەپرەتتىن بىر ئۆمۈر كىيىسەن سەرپۇش،
ئاۋامنى قاقشىتىپ قاھ-قاقلاپ كۈلمە،
ھەر ئىشنىڭ ئۇتنىسى بولمايدۇ ئۆتمۈش.
4
گۈل ھېدى خۇش پۇراق شەيدا ئاڭا جان،
كۆز كۆرۇپ قانمايدۇ ئۇتسىمۇ زامان .
كۆڭۈلدا ھەممىسى ئايرىلار ئېنىق ،
ئازابلىق كەچمىشنىڭ مەنبەسى ھېجران.
5
ئۇچرىدى بىر قىزچاق ھۆسنى تولۇن ئاي،
يوقسۇزلۇق دەردىدىن ياش تۆكۈپ تىنماي،
كەينىدىن يۇرسىمۇ تالاي ئەركەكلەر ،
بولمىدى بىرسىمۇ ئۇنىڭغا خاك پاي .
6
ھاياتنى سۆيسەڭلا ئىشلىرىڭ ئاسان،
ئۈمىد نى ئىپ ماڭساڭ ئاشىسەن داۋان.
تۇرمۇشنىڭ مېغىزى ئەجىر تېگىدا،
تەر تۇكسەڭ چۆلدىمۇ ئاينايدۇ رەيھان .
7
چىن ئىخلاس يۈرەكتىن بولسا ئېتىقاد،
ئىرادە تاۋلىنار گويا بوپ پولات .
ئەقىدە ۋىجداننى پايمال ئەتكەنلار ،
ئامەتتىن يىراقلاپ بولىدۇ بەربات .
|