سۆيۈملۈكۈم سېنى كۆتىمەن
روزىگۈل ئابدۇرېشىت تۈركناز
سۆيۈلمەكتىمەن
سۆيۈلۈشنىڭ شىرىنلىكىنى ھىس قىلدىم
سۆيۈشلىرىڭىدىن ماڭا بولغان تەشنالىقىڭنى كۆردۈم.
يۈرىكىڭنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا سىڭىپ كەتكىنىمنى
تىنىقلىرىمىزنىڭ بىر بىرىگە ئاڭلىنىۋاتقىننى بىلدىم.
گۈزەل نازىمنى
ھىجرانلاردا كۆيۈۋاتقان قەلبىمنى
كۆڭلۈمنىڭ چەكسىز ئىزھارىنى
تەنھالىقتا قالغان بارلىقىمنى
ساڭا بەردىم.
مەن سەندە سۆيۈلدۈم ھەم سۆيدۈم
ئۆزۈمنىڭ سۆيۈلۈپ تۇرۇپ سۆيۈلگۈچى ھەم سۆيگۈچىگە ئايلانغىنىمنى بىلدىم.
سىنى سۆيدۈم
كۆزۈم قۇياش نۇرىدەك يورۇپ
يۈرىكىم مۇھەببەتلىك كۈيلىرىڭگە قوشۇلۇپ
غېرىپلىقىم باغرىڭدا نۇرلانماقتا
سەن ماڭا ئاشىق ئىدىڭ مەن ساڭا
مىنى سۆيگەنلىكىڭنى چوڭقۇر ھىس قىلاتتىم
يۈرىكىم ساڭا تەلپۈنەتتى
ئاۋازلىرىڭدا نەپەسلىرىم قىيىنلىشاتتى .
ساڭا زار بولدۇم...
2016-3-15
|