يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 261|ئىنكاس: 2

سەپەرۇپ بەندۇك: چالا يېزىلغان مۇھەببەت ناخشىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
چالا يېزىلغان مۇھەببەت ناخشىسى

( فىليەتۇن)

سەپەرۇپ بەندۇك


مەن خېلى كۆپ ناخشىلارنى ئىجاد قىلغان بولساممۇ ، لېكىن ناخشىلىرىمنىڭ بەزىلەرنىڭ تېكىستى چوۋۇلچاق يېزىلغان بولسا، بەزىلەرنىڭ ئاڭغا سېلىنىشى يۈزەكى ۋە يېقىمسىز ، شۇنداقلا تېكىستى ۋە مۇزىكىسى ياخشى چىققان ناخشىلىرىمنى نەدىكى يېڭىدىن يېتىشىپ چىقىۋاتقان ناخشىچىلار ئۆزلىرنىڭ خاھىشى بويىچە توۋلىغانلىقى ئۈچۈن ئاۋام- خەلقنىڭ ئاڭلىشىغا مۇيەسەر بولالماي قىلغان ئەجرىلىرىم سۇغا چىلاشتى.
گۈزەللىككە ئىنتىلمەيدىغان ئىنسانلار بولمىسا كېرەك، مەن تۈنجى ناخشامنى گۈزەللىكنى مەدىھيەلەشتىن باشلاشنى مۇئاپىق دەپ بىلىپ، گۈزەللىك ھەققىدە قەلەم تەۋرەتتىم .
گۈزەللىكنى سۆيۈش ۋە گۈزەللىككە ئىنتىلىش قىزلارنىڭ تۈپكى خاراكتېرى بولسا كېرەك ، گۈزەللىكنى يەنىلا قىزلاردىن ئىزدەشكە باشلىدىم. بىراق، مەن گۈزەللىك ئىزدىگەنسېرى گۈزەللىك مەندىن ياتلىشىشقا باشلىدى.
تەبئىيلىك – گۈزەللىكنىڭ جېنى . لېكىن مەن شۇنچە كۆپ ئىزدىگەن بولساممۇ بىرەر تەبئىي گۈزەللىكنى كۆرۈش ئۇياققا تۇرسۇن، ھەقىقىي گۈزەللىككە ئىنتىلۋاتقانلارنىمۇ كۆرەلمىدىم .
گۈزەللىك نەدىدۇ؟ دېگەن مەقسەتتە يەنىلا ئىزدىدىم.ئەنە ئاۋۇ كېتىۋاتقان قىزچاق شۇنچىلىك قاملاشقان ۋە نازۈك بولسىمۇ، چىرايىدىن بىر خىل سۈنئىيلىك چىقىپ ھەقىقىي گۈزەللىكنى يوشۇرغىنىدەك كۆرۈنەتتى.
مەن ئۇنى كۆزىتىشكە باشلىدىم . كۆز – گۈزەللىكنىڭ روشەن بەلگۈسى . بىراق ئۇ ئەسلىدىكى قاپقارا كۆزىنىڭ ئىچىگە سۈنئىي كۆز قارچۇق سېلىنغان بولۇپ ،ئۇنىڭدىن بىر خىل غۇۋا نۇر چىقىپ ،ئۆزگىچە غارايىب پۇسۇن چىقىرۋالغان كىرپىكلەرگە چاڭ- توزان سەپكىنىدەك كۆرۈنەتتى.
قاش – گۈزەللىكنىڭ گۈل تاجىسى .ئۇنىڭ قىشىغا قارىغانسېرى ئادەمگە ساراڭلارنىڭ ئىڭىكنىڭ تۆۋەن تەرەپكە ھالقا قىلىپ قويىۋالغان ئۆزگىچە بورۇتىنى نامايان قىلاتتى.
لەۋ – گۈزەللىكنىڭ شەربەت بۇلىقى  .ئۇنىڭ لېۋى شۇنچىلىك چىرايلىق بولسىمۇ ،ئەمما قانداقتۇر بىر رەڭدە بويىغان لەۋسۆرۇخنىڭ تەسىرىدىنمۇ ، ئىيتاۋۇۇر ئادەمگە سەلبىي تەسىر بېرەتتى.
چاچ- گۈزەللىكنىڭ پەردىسى . بىراق ئۇنىڭ قىسقا قىلىپ كەسكەن بوستان چېچىنى ئاز بىلگىنىدەك ، ئۇنى يەتمىش ئىككى خىل رەڭدە بويىغىنى بىر قاراش بىلەن ئادەمنىڭ كۆز ئالدىغا قالايماقان رەڭ بىرىلگەن كۆرۇمسىز بىر پارچە ئەرزىمەس دېكراتسىيىسىنى ئەسلىتەتتى.
مەن ئۇنىڭ كىيىنىشنى تەپسىلىي كۆزەتتىم . توۋا ئۇنىڭ كىيىنىشى تولىمۇ غەلىتە بولۇپ ،ئەر ياكى ئايال ئىكەنلىكىنى بىر قاراشتا جەزىملەشتۈرگىلى بولمايتتى. تۆۋەن قىسمى تۆگە قۇشىنىڭ پۇتىدەك ، ساغرىسى تۆگىنىڭ لوكىسىدەك ، بەدەننىڭ ئۇتتۇرا قىسمى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بەدىنىدەك ئاپئاق كۆرۈنەتتى.
نېمىمۇ دەيمەن؟ گۈزەللىك ھەققىدە يازغان ناخشام تولۇق ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا يەنىلا مەن قەلب گۈزەللىكنىڭ گۆھەرى بولغان ۋىجدان ھەققىدە ناخشا يېزىشقا باشلىدىم .
ۋىجدان- ئىنساننىڭ قىممەتلىك بايلىقى . لېكىن يېقىندىن بېرى ۋىجداننىڭمۇ تەنەرخى سەل چۈشۈپ كەتكەندەك تۇرىدۇ.ھازىر تېخى بەزىلەر ‹‹ قۇرۇق ۋىجدانغا ھازىر ھېچنېمە كەلمەس بولۇپ قالدى. ۋىجدان ھەققىدە گەپ سېتىش ھازىر ئەخمۇقانىلىق، نادانلىق›› دەپ قارايدىغان بولدى. تېخى بۇنىمۇ ئاز دېگىنىدەك ئۆزىنى ۋىجدانلىق دەۋاتقانلارنى مەسخىرە قىلىدىغان ئىشلارمۇ ئاز ئەمەس.
ۋىجدان –ھەقىقەتەنمۇ ئىنساننىڭ قەلب گۆھىرى. بۇنىڭ تەنەرخىنى ئۆستۈرۋاتقانلارمۇ ،چۆشۈرۋاتقانلارمۇ دەل ئىنسانلار. ۋىجدانى بىلەن ئىش قىلىش چىن ئىنسانلارنىڭ پارلاق يولى بولسا، ۋىجدانغا خىلاپ ئىشلارنى قىلىش نادانلارنىڭ قارىغۇلارچە ياشاش مېزانى .
مەيلى بىر شىر يۈرەك ئەزىمەت ياكى بولمىسا جاھاندا ئۆزىنى تەڭداشسىز ساھىبجامال ھېسابلايدىغان نازىنىن بولسۇن ئۇ ھەرۋاقىت ئۆزىنى ۋىجدان تارازىسىدا ئۆلچىگەندىلا ئاندىن ئۆزىنىڭ ھەقىقىي قەدىر قىممىتىنى ھېس قىلىش بىلەن بىرگە ئۆزىدىكى كەمچىلىكلەرنى تۈزىتىپ ، ئۆزىنى مۇھكەممەللەشتۇرىدۇ.
مەن ھەقىقىي ۋىجداننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىش مەقسىتىدە نازىنىنلارنىڭ بازارىغا قەدەم قويدۇم . توۋا- توۋا چىراي دېسە چىراي، پۇل بار دېسە پۇل بار تۇرۇقلۇق يەنىلا ئۇلار ئاچكۈزلۈك ئىلكىدە بىر نېمىلەرنى ئىزدەۋاتقاندەك ، ھەدەپ ھەر تەرەپكە قاتراش بىلەن ئاۋارە ئىدى.
ئەنە ئاۋۇ تەڭداشسىز ساھىبجامال بىر مىليۇنېرنى تارتىۋېلىش مەخسىتىدە ئۇنىڭغا قانداقتۇر بىر خىل ھىيلە ئىشلىتىۋاتقاندەك ،ئۇنىڭ پىيىغا  چۈشىۋاتقاندەك قىلاتتى.
مەن بۇلارنىڭ تاماشىسىنى كۆرۈشكە ئۆلگۈرەلمەيلا دىققىتىم يىراقتىن كېلىۋاتقان ، تولىمۇ سالاپەتلىك بىر ئەر كىشىگە چۈشتى. كىشى ئۇنىڭغا بىر قاراشتىلا ئۇنىڭ تولىمۇ ئوقۇمۇشلۇق بىر زات ئىكەنلىكى مەنلا دەپ چىقىپ تۇراتتى. ئۇ تولىمۇ ئالدىراشلىق ئىچىدە داڭلىق بىر ماگېزىنغا كىرىپ كەتكەچ ئاغىينىسى بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكىلى تۇردى:
‹‹ جېنىم ئاداش! مەن سەن دېگەن ماگىزىنغا كىرىپ بولدۇم ، باشلىققا زادى نېمە ئالسام بولار؟ بۇ يەردە ساپلا قىممەت باھالىق ھاراق- تاماكا بىلەن قىممەت باھاللىق خاتىرە بۇيۇملىرى باركەن. پۇلنىڭ كارايىتى چاغلىق ، ئالسام باشلىق بۇ نەرسىلەرنىڭ قىممىتىنى بىلىپ يېتەرمۇ ياكى بولمىسا قىزىل بۇلاق قىلايمۇ؟›› دەپ تېلېفوندا ئوچۇقتىنلا- ئوچۇق يۇقىرى ئاۋازىدا سۆزلەپ،يۇقىرىغا يامىشىش ئۈچۈن ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن يانمايدىغاندەك ئەلپازى مېنى گاڭگىرتىپلا قويدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ۋىجدان ھەقىدە يازغان تېكىستىمنى تولۇق ئاخىرلاشتۇرمايلا ئىنسانلارنىڭ مەدەنىيىتى كۆيلەش مەقسىتىدا ‹‹ مەدەنىيەت ››ھەقىدە ناخشا يېزىشقا باشلىدىم .
مەدەنىيەت- بىر مىللەتنىڭ مەۋجۈت بولۇپ تۇرۇشتىكى جېنى. مەدەنيىتىنى ئىلمىي يوسۇندە تەرىققىي قىلدۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئەقىللىقلارنىڭ داغدام يولى بولغىنىدەك ،ئۆزىنىڭ مەدەنيىتىنى قەدىرلىمەي، ئەكسىچە قارىغۇلارچە مەدەنىيەت قوغلىشىش بولسا نادانلارنىڭ ئەرزىمەس چاكىنا قىلىقى .
مەن مىللىي مەدەنىيىتى بىلەن ھازىرقى مودا مەدەنىيەتنى سېلىشتۇردۇم . مەن بۇ ئىككى خىل مەدەنىيىتىنى سېلىشتۇرغانسېرى ئۆزۈمنى قانداقتۇر بىر مەھۋۇم دۇنيا ئىچىگە كىرىپ كېتىۋاتقىنىدەك سىزىشكە باشلىدىم.
مەن يەنىلا بۇنى مەدىنىيلىشۋاتقانلاردىن ئىزدەشكە باشلىدىم . قاراڭ ئاۋۇ ياش ئەزىمەتنىڭ چېچىنى بۈدرە قىلىپ شىلەپە كىيىۋالغانلىقى ، قولىغا ئالتۇن، كۈمۈش بىلەرزۇك سېلىش بىلەن بىرگە، بارماقلىرىغا نەچە دانىدىن خىلمۇخىل ئۈزۈك سېلىپ ،ئاجايىب مېڭىشلىرىدىن ئۆزىنى دۇنيادىكى بىرىنچى دەرىجىلىك مەدەنىيلىشۋاتقانلىقىنى كۆز- كۆز قىلۋاتقانلىقى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇراتتى.
قاراڭ ئاۋۇ بالاغەتكە ئەمدىلىكتە يەتكەن قىزچاقنى! ئۇ مەجنۇنتالدەك تال – تال چېچىنى پۈتۈنلەي كېسىپ ،چېچىنى خىلمۇ خىل رەڭدە بويىغىنى ئاز دەپ بىلگىنىدەك ،تېخى مەيدىسىنى ئوچۇق قويۇپ ،كىندىكىگە ئالتۇندىن ياسىۋالغان ھالقىنى ئۆتكۈزۈپ،كالتا ئىشتان كىيىپ دىسكوغا چۈشكەندەك مېڭىشلاردىن ئۇنىڭ ئەر ياكى ئايال ،نېگىر ياكى ئاق تەنلىك ئىكەنلىكىنى پەرق ئېتىش تولىمۇ مۈشكۈل ئىدى.
مەن بۇ زامانىۋىلاشقان مەدەنىيىتىنى ئەجداتلىرىمىز ياراتقان مەدەنىيەتلىرىنى بىلەن سېلىشتۇردۇم . توۋا- توۋا بۇرۇنقى مەدەنىيىتىمىز بىلەن ھازىرقى مەدەنىيىتىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئاسمان- زېمىن پەرق بار ئىكەن.بۇرۇنقى مەدەنىيەتنى ئالتۇن بۆشۈك دېسەك ، ھازىرقى مودىلىشۋاتقان مەدەنىيەتنى نېمە دېيىشنى بىلەلمەي تۇرۇپلا يەنە ‹‹ مۇھەببەت ›› ھەققىدە ناخشا يىزىشنى نىيەت قىلدىم .
مۇھەببەت- قەلب ئىزھارى ،گۈزەللىك تاجىسى . ساپ ، ھەقىقىي مۇھەببەت ئىنسان ھاياتىنىڭ بەخت بۆشىكى!
مۇھەببەتنى كۈيلەش ۋە ئۇنى قەدىرلەش چىن ئىنسانلارنىڭ جەننەت ماكانى بولغىنىدەك ، ساختىلىىق ،ئالدامچىلىق ، مال-دۇنيا ئۆستىگە قۇرۇلغان مۇھەببەت نادانلارنىڭ ئاخرىقى دوزاخ ماكاننى!
مەن مۇھەببەت ھەققىدە ناخشا يىزىش مەقسىتىدە مۇھەببەتلىشۋاتقانلارنى مۇھەببەتلىك كۆز بىلەن كۆزىتىشكە باشلىدىم.
ئەنە ئاۋو بالاغەتكە يەتكەن يىگىتكە قارا! ئۇ تۈنۈگۈن ھېلىقى مەسۇم قىز بىلەن باغچىلاردا خۇشال- خۇرام ئۆزئارا مۇھەببەت ئىزھار قىلىش بىلەن بەند ئىدى.
بۈگۈنچۇ؟ بۈگۈن ھېلىقى مەسۇم قىزنىڭ ئورنىدا ئۇنىڭغا قىز كەبى چىرايلىق ياسانغان بىر چوكان ھەمراھ بولماقتا ئىدى.
ئۇ تۈنۈگۈن ھېلىقى مەسۇم قىزغا مۇھەببەتلىك سوۋغاتلارنى تەقتىم قىلىش بىلەن ئالدىراش ئىدى.
بۈگۈنچۇ؟ بۈگۈن ھېلىقى چوكانغا ھەدەپ گىرىم بۇيۇملېرىنى ئېلىشى بىلەن ئاۋارە ئىدى.
ئۇ تۈنۈگۈن ھېلىقى قىزغا ئۇنى مەڭگۈلۈك بەختىلىك قىلىش ھەققىدە قەسەم ئىچىۋاتاتتى .
بۈگۈنچۇ؟ بۈگۈن ھېلىقى چوكاندىن ئايرىلماسلىققا قارىتا توختىماي لاپ ئوراتتى.
ئۇ تۈنۈگۈن ھېلىقى مەسۇم قىزدىن ۋاپا ئىزدىگەنئىدى.
بۈگۈنچۇ؟بۈگۈن ئۇ ھېلىقى چوكاندىن ئۆزىدىن ئايرىلماسلىقىنى ئۆتۈنۈۋاتاتتى.
تۈنۈگۈن لەيلى كەبى ئۇ چىرايلىق قىز ئاشىقى بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىسال تاپقىنىدەك تولىمۇ خۇشال كۆرىنەتتى.
بۈگۈنچۇ؟ بۈگۈن لەيلى كەبى ئۇ قىزنىڭ خۇشاللىقى قاياققىدۇر غايىب بولۇپ چىرايىدىن قانداقتۇر بىر خىل مەيۈسلۈك چىقىپ تۇراتتى.
تۈنۈگۈن لەيلى كەبى ئۇ قىز بەخت ئىلكىدە بەخت پەيزىنى سۈرمەكتە ئىدى.
بۈگنچۇ؟ بۈگۈن ئۇ قىز باشقىلارنىڭ مۇھەببىتىگە يەنە بىر قېتىم ئېرىشىشكە ئىنتىلۋاتاتتى.
تۈنۈگۈن لەيلى كەبى ئۇ قىز ئاشىقىغا ھەدەپ ‹‹ ۋىجدان ،پاكلىق ›› ھەققىدە قەسەم ئىچىشۋاتاتتى.
بۈگۈنچۇ؟  بۈگۈن لەيلى كەبى ئۇ قىز ناتۇنۇش بىرسى بىلەن ‹‹ پۇل ، بايلىق ›› ئۈستىدە توختىماستىن سەپسەتە ساتماقتا ئىدى.
تۈنۈگۈن لەيلى كەبى ئۇ قىزنىڭ تىلى بىلەن دىلى بىر ئىدى.
بۈگۈنچۇ؟ بۈگۈن لەيلى كەبى ئۇ قىزنىڭ تىلى بىلەن دىلى بىر- بىرىگە دۈشمەن چىقتى.
تۈنۈگۈن لەيلى كەبى ئۇ قىز ۋىجدان ئالدىدا شېرىن جېنىدىن ئايرىلىشقا رازى ئىدى.
بۈگۈنچۇ؟ بۈگۈن لەيلى كەبى ئۇ قىز ‹‹ مال- دۇنيا›› ئالدىدا ھەممە نېمىسىدىن ئايرىلىشقا رازى ئىدى .
تۈنۈگۈن لەيلى كەبى ئۇ قىز مۇھەببەت ئۈچۈنلا ياشىغانىدى.
بۈگۈنچۇ؟ لەيلى  كەبى ئۇ قىز ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپىئەتى ۋە كۆڭۈل خوشلۇقى ئۈچۈنلا ياشايدىغان بولدى.
مۇھەببەت ، ھەي مۇھەببەت!
مېنىڭ مۇھەببەت ھەققىدىكى لىرىكاممۇ ئاخىر تولۇق يېزىلماي چالا بولۇپ قالدى.
ئاھ، چالا يېزىلغان مۇھەببەت ناخشىسى!


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-17 14:57:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئاپىرىن، بۇ فىليەتۇن خىلى ئەمەليەتتىن ئىلىنىپتۇ، سالامەت بولۇڭ، قوللىڭىزغا دەرد كەلمىسۇن!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-6-7 20:49:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەپەرۇپ بەندۇك
                            رەڭۋاز دۇنيا
                          (فىليەتۇن)

قايسى بىر كىتابدىن ‹‹ كۆز ئۆزىنىڭ كۆرۈش قوۋۋەتىدىن ئەمەس، بەلكى كۆزئەينىكىدىن پەخىرلىنىدۇ››دېگەن ھېكمەتلىك سۆزنى ئوقۇپ ،بۇ سۆزنىڭ بىز ياشىۋاتقان بۈگۈنكى دەۋرىگە تۇلىمۇ ماس كېلىدىغانلىقىنى ئويلاپ قالدىم .
شۇنداق ، ھازىر ئەسلىدىكى ھەممە نەرسىلەرگە ئۆز رەڭىدىن بۈلەك باشقا رەڭ بەرمىسە ئۇنىڭ قىلچىلىك قىممىتى يوقلىقىدىن دېرەك بېرىدىغان بولۇپ قالدى .
ئىش قىلىشتىكى رەڭۋازلىق- ئىشنى ھاپلا –شاپلا پوختا ئەمەس، بەلكى،  ،تىز تۈگىتىپ ،قايتىدىن ئىش تېپىشتىن دېرەك بېرىدۇ.
ھۆنەردىكى رەڭۋازلىق-كۆرەرمەنلەرنىڭ كۆزىنى قىسقا دەملەردە ئالاچەكمەن قىلىۋىتىش نەتىجىسىدە ھۆنەرنى تىز سۈرەتتە پۇل قىلۋېتىشتىن دېرەك بېرىدۇ.
يەرگە ئىشلەشتىكى رەڭۋازلىق – ساختا ئوغوت ،قول ئۈچىدىكى تەرسىز ئەمگەك بىلەن گۇلاش بەدىلىگە ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ۋاقىتسىز نابۇت قىلۋېتىشتىن دېرەك بېرىدۇ.
خىزمەتتىكى رەڭۋازلىق –ئۈنۈم تارازىسىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ ،نەتىجىسىز خىزمىتىنى ساختا سۈپەت بىلەن پەردازلاپ ،يوقىردىكىلاردىن كەلگەنلەرنىڭ كۆزىنى تۈمەن مىڭ خىل رەڭدە  بوياش ئارقىلىق ئۆز-ئۆزىنى قەستەن كۆز-كۆز قىلۋېتىشتىن دېرەك بېرىدۇ.
ھوقۇق يۈرگۈزۈشتىكى رەڭۋازلىق- يۈرەكتىكى راست سۆزنى تىل بىلەن بىرلىشىپ گالدىن ئىبارەت يالغانچىلىق ئۆڭكۈردا قايتىدىن پىشىقلاپ ئىشلەپ ،تەپەككۇرنىڭ ياردىمىدا جاراڭلىق ،سۈرلۈك ،ھەيۋەتلىك سۆزلەش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ شىكەردەك مەنپەئەتتى ئۈچۈن باشقىلارنى سەزدۈرمەستىن قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئۆزىنىڭ تەسىر كۈچىنى زورايتىپ ،ئەسلىدىكى بالداقتىن يەنىمۇ بىر بالداققا ئۆرلەشتىن دېرەك بېرىدۇ.
سۆزدىكى رەڭۋازلىق-ساختا، پاساھەتلىك سۆزلىرى بىلەن باشقىلارنى تەسىرلاندۇرۇپ ،ئۆزىگە ئىشىندۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سۆزمەنلىكىنى باشقىلارغا قەستەن بىلدۇرۇشتى دېرەك بېرىدۇ.
دوستلۇقتىكى رەڭۋازلىق-قولىدىن ئىش كېلىش –كەلمەسلىككە ،پايدا يەتكۈزۈش-يەتكۈزمەسلىككە ،پايدىلىنىش قىممىتىنىڭ بار –يوقلىقىغا قاراشتىن دېرەك بېرىدۇ.
مۇھەببەتتىكى رەڭۋازلىق –ساختا گۈزەللىكنى دەسمايە سېلىپ ،يالغان قەسىمى بىلەن باشقىلارنىڭ يۈرىكىنى ئۆز ئېلكىگە ئېلىش بەدىلىگە ئۆزىنىڭ قەدىر –قىممىتىنى قەستەن ئالتۇن، ئالماس، كۈمۈش ،ياقۇت ...لارىدىن ئاشۇرۇشىنى مەقسەت قىلىنغان قىسقا دەملەردىكى بىردەملىك شۆھرەتپەرەسلىك بازاردا نەرخى چۈشۈپ كەتكەن ئويۇنچۇقتىن دېرەك بېرىدۇ.
تۇرمۇشتىكى رەڭۋازلىق-ئۆز-ئۆزىنى قەستەن تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيۈشتەك قىياپىتىگە كىرىۋالغان بىردەملىك مەنىسىز ھاياتنىڭ تىز سۈرئەتتە ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
دېمەك،رەڭۋازلىق-بىر دوۋا قۇم ئۈستىگە سېلىنغان ئۈلسىز قورۇلۇش ،ئۆز- ئۆزىنى ۋاقتىنچە خوش قىلىش بەدىلىگە كەلگەن سۈلەتۋاز ساھىبجامالنىڭ ساختا ئوتىدا ئورۇنسىز كۆيگەن ساختا يۈرەكتىن دېرەك بېتىدۇ.
ھەي،رەڭۋاز دۇنيا!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش