يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: تۆرىبەگ قىزى

تۆرىبەگ قىزى: خۇرجۇنىمنىڭ ئىككى تەرىپىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2016-3-16 16:00:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەننى جانغا ئۇلىدۇق،
تۈننى تاڭغا ئۇلىدۇق.
چوڭقۇر ئىزدىنىشىڭىزگە قايىل بولدۇم.

ۋاقتى: 2016-3-16 17:58:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بىز ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان تىل ئىستىمالى نوقتىسىدىن ئېيتقاندا «خۇرجۇننىڭ ئىككى تەرىپىدە» دېمەي، «خۇرجۇننىڭ ئىككى كۆزىدە» دەپ ئېلىش توغرىمۇ قانداق؟ مەسىلەن: ئۇ تەكچىدىكى نەرسىلەرنى خۇرجۇننىڭ ئىككى كۆزىگە لىققىدە قىلىپ قاچىلىدى-دە، ئېشىكىگە ئارتىپ ئالدىراپ يولغا چىقتى.

ۋاقتى: 2016-3-16 23:04:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرتېكىن يوللىغان ۋاقتى  2016-3-16 05:58 PM
بىز ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان تىل ئىستىمالى نوقتىسىدىن ئېي ...

ئەسسالام ئىنىم ئەنۋەرجان ، سىڭلىم پاتىگۈل !  خىزمەت ئورنۇمدا  بولمىغاچ  ئۇزۇن بولدى مۇنبەرگە چىقالمىدىم،  بۈگۈن چىقىپلا  سىڭلىمنىڭ ئۆزىدەكلا  تاتلىق يېزىلغان شېئىرىدىن  ھوزۇرلاندىم ،  ھارماڭ سىڭلىم،  مېنىڭچە خۇرجۇننىڭ  ئىككى بېشى دېسەك  بەكرەك توغرا بولارمىكىن ؟.....

باھا سۆز

تىل ئىستىمالىمىزدا ئاللىقاچان «ئىككى كۆزى» دەپ ئومۇملاشقان ئاچا. ئېنىق مې.....  ۋاقتى: 2016-3-17 10:44 AM
ۋاقتى: 2016-3-17 00:46:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرتېكىن يوللىغان ۋاقتى  2016-3-16 05:58 PM
بىز ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان تىل ئىستىمالى نوقتىسىدىن ئېي ...

راست، خۇرجۇننىڭ كۆزى دېيىلىدۇ بۇرادەرلەر.

ۋاقتى: 2016-3-17 06:45:43 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل شېئىر بوپتۇ ، تۇيغۇلىرىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن !

ۋاقتى: 2016-3-17 18:24:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
100 نومۇر بىلەن مۇكاپاتلاپ قوياي دېسەم ، نومۇر بېرىشكە دەرىجەم توشمايدىكەن، مەن ئويلىغاننى باشقىلار دەپ بوپتۇ ، قۇرۇق ماختىغۇم كەلمىدى . قەلىمىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن .

ۋاقتى: 2016-3-18 14:48:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارقامدا دەرد-غەم،
ئالدىمدا غايە.

بۇ پىكرىڭىز ناھايىتى جايىدا ھەم مەنىلىك چۈشۈپتۇ.

مەن  غۇرجۇننىڭ ئىككى بېشى دېگەننى كۆپرەك ئاڭلاپتىكەنمەن. ...

باھا سۆز

نەرسىلەر قاچىلانغان جۇرجۇن ئەمەس،پىكىرقاتناشتۇرغىنىڭلارغاتەشەككۈر!  ۋاقتى: 2016-3-20 07:20 PM
پىروزىداھەقىقەتەن شۇنداق قوللىنىمىز،بىراق بۇ شېئىردىكى خۇرجۇن ماددى  ۋاقتى: 2016-3-20 07:19 PM
ئەسلىدىمۇ خۇرجۇننىڭ ئىككى كۆزى، دىيىلەتتى.  ۋاقتى: 2016-3-18 11:05 PM
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-20 19:17:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرتېكىن يوللىغان ۋاقتى  2016-3-16 05:58 PM
بىز ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان تىل ئىستىمالى نوقتىسىدىن ئېي ...

ئادىل0998:
ئاۋۇ شېئىرلىرىنىڭ ماۋزۇسى ـــ «خۇرجۇنۇمنىڭ ئىككى
تەرىپىدە»دىكى «تەرىپىدە»نى «كۆزىدە»گە ئۆزگەرتىلسە تېخىمۇ ياخشىمۇ نېمە؟ «تەرەپ» بىر ئابىستراكىت سۆز، ئۇنىڭغا قارىغاندا «كۆز» ھەم كونكىرت مەنىگە ئىگە ھەم ئوبرازچانلىققا ئىگە سۆز. شۇڭا مۇشۇنداقراق ئويغا كېلىۋېدىم، ئەلبەتتە، قەلەم ئىگىسى ئۆزلىرى، نېمىنى قانداق قىلىش ئىختىيارلىقىمۇ سىلىدە.
5 كۈن بۇرۇن .تىزىملىك

  تۆرىبەگ قىزى:   
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام  قەلەمدىشىم ، مەنمۇ سىلى دېگەندەك "كۆز"نى ئىشلىتەي دەپمۇ ئويلىغان، بىراق ھەرتەرەپتىن ئويلاپ كۆرسەم شېئىردا ، بولۇپمۇ مۇشۇ شېئىردا بۇ سۆز ئورنىنى تاپالماي قالدىغاندەك  بىلىندى، شۇڭا "تەرەپ"سۆزىنى ئىشلەتتىم. شېئىردا ئۇنىڭ كۆچمە مەناسىنى تېخىمۇ يارقىن ئىپادە ھاسىل قىلسۇن، دەپ ئويلىدىم. چۈنكى ھايات خۇددى خۇرجۇندەك رەڭگارەڭ ۋە ئۇنىڭ كەينى ئازابلىق ئۆتمۈش، ئالدى- كەلگۈسى سىرلىق نىشان، گۈزەل غايىگە تولغان بولىدۇ. مەن مۇشۇنداق ئويلىدىم. سىلىچە بۇ خىل تۇيغۇ شېئىردا ئۆز ئىپادىسىنى تاپالىغانمىدۇ؟

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-20 19:41:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرىمنى ياقتۇرغان، كۆرگەن بارلىق ئەزىزلەردىن چەكسىز مىننەتدارمەن. يوقىرىدا ئادىل0998 قېرىندىشىمىزنىڭ سۇئالىغا قارىتا يېزىلغان جاۋابىمنى سۇئالنىڭ ئاستىغا چاپلاپ قويدۇم. ھەقىقەتەن بەزى قېرىنداشلىرىمىز ئېيىتقاندەك خۇرجۇننىڭ «كۆز»ى  ياكى «بېشى »دەپ ئېلىنىدىغان بايانلارمۇ بار، ئەمما بۇلار ئاساسەن پىروزا ئەسەرلىرىمىزدە كۆپرەك ئۇچرايدۇ. كەمىنە بۇ يەردە تىلغا ئالغان خۇرجۇن نان، سۇ، لاۋازىمەتلىك قاچىلانغان خۇرجۇن ئەمەس، بەلكى ئىنساننىڭ ھاياتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «خۇرجۇن»دۇر.
ئەرتېكىن قاتارلىق قېرىنداشلىرىمىز تېلىفۇن ۋە قىسقا ئۇچۇرلار ئارقىلىق مۇشۇ جەھەتتىكى كۆز قارىشىمنى ئوتتۇرغا قويۇپ بېقىشىمنى تەۋىسىيە قىلغاچقا، يەنە كېلىپ شائىرلاردىن ھىچكىم بۇ بىر سۆزنىڭ ئۆز ئورنىنى تاپقان، تاپمىغانلىقى توغرىسىدا ئۆزىنىڭ پىكرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ باقمىغاچقا ئويلىغانلىرىمنى قىسقىچە بايان قىلىپ باقتىم. يۈرەكداشلىرىم، يۈلەكداشلىرىمنىڭ «شۆپۈك ئېغىز»لىقىمنى ئەيىبكە بۇيرىماستىن ئەپۇ ئېتەكلىرى بىلەن سەھۋەنلىكىمنى يېپىپ ئەبيىمنى ئۆزۈمگە ئېچىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

باھا سۆز

مەن يەنىلا باھانە كۆرسەتمەستىن توغرا ئىشلىتىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.  ۋاقتى: 2016-3-21 10:33 AM
ۋاقتى: 2016-3-21 10:53:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىلىپتۇ، بۇندىن كېيىن مۇشۇنداق شېئىرلارغا تەشنا بىز

ۋاقتى: 2016-3-21 10:57:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىر  ماڭا شاھ مەشرەپنى ئەسلەتتى

ۋاقتى: 2016-3-21 11:06:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆرىبەگ قىزى يوللىغان ۋاقتى  2016-3-20 07:41 PM
شېئىرىمنى ياقتۇرغان، كۆرگەن بارلىق ئەزىزلەردىن چەكسى ...


  پاتىگۈل، دېگىنىڭىزدەك سىز شېئىردا تىلغا ئالغان خۇرجۇننىڭ نان، سۇ، لاۋازىمەتلىك قاچىلانغان خۇرجۇن ئەمەس، بەلكى ئىنساننىڭ ھاياتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «خۇرجۇن» ئىكەنلىكىنى شېئىرىڭىزنى ئوقۇغان ھەربىر ئادەم بىر قاراپلا چۈشىنەلەيدۇ. چۈنكى، شېئىرنىمۇ بەلگىلىك ئوقۇرمەنلىك سەۋىيەسى بار كىشىلەر ئوقۇيدۇ. تەكلىپىم، ئۇزاق ئەسىرلەردىن بېرى تىل ئادىتىمىزگە ئايلىنىپ كەتكەن سۆزلەرنى ئېمكانىيەتنىڭ بارىچە توغرا ئىشلىتىشىمىز كېرەك. ئۇ سۆزنى ئىشلىتىشىمىزنى  پىروزىدا مۇنداق، شېئىرىيەتتە مۇنداق دەپ ئۆز خاھىشىمىز بويىچە تۈرگە ئايرىۋالساق بولمايدۇ.
  ئاخىرقى سۆز: مەن ھىچقاچان سىزگە كۆز قارىشىڭىزنى ئوتتۇرغا قويۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلمىدىم، بەلكى "ئاقىلغا ئىشارەت» دەپ سىپايىلىك بىلەن خاتالىقىڭىزنى ئەسكەرتىپ قويدۇم. مەيلى نېمىلا دەڭ، كىم نېمىلا دەپ ئاقلىسۇن، ئىشقىلىپ "خورجۇننىڭ ئىككى تەرىپى" دېيىش مۇۋاپىق ئەمەس. بەك "كۆچمە مەنىدە ئىشلەتتىم" دەپ تۇرىۋالسىڭىز "خورجۇننىڭ ئىككى كۆزى" مۇ بۇ شېئىرىڭىزدا كۆچمە مەنىلىك فونكىسيەنى ئۈستىگە ئالالايدۇ. شۇتاپتا ئېنكاسىمنى ئوقۇپ خاپا بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىڭىزنى بىلگۈچىلىكىم بار، ئەمما، پايدا قىلدىغان دورا ئاچچىق بولىدۇ، بەزى ئىشقا باھانە كەتمەيدۇ. تىل مەسلىسىگە كەلگەندە جاھىللىق ياراشمايدۇ.  سۆزۈم تامام!

ۋاقتى: 2016-3-22 00:07:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاددىي ئوقۇرمەن بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەنمۇ باشتا خۇرجۇننىڭ كۆزى دېمەي نېمىشقا تەرىپى دېگەندۇ دەپ ئويلىغان، ئەمما شائىر ئۆزى ئوتتۇرىغا چىقىپ چۈشەندۈرمىسىمۇ چۈشىنىشىم كېرەك بولغان مۇھىم بىر ھەقىقەتنى ئاخىرى تونۇپ يەتتىم.بىر ئادەمنىڭ يۈدۈپ مېڭىۋاتقىنى قارىماققا خۇرجۇن، ئەمما ئادەمنىڭ ئۆتمۇشى بىلەن كەلگۈسى خۇرجۇننىڭ كۆزىگە سىغمايدۇ. ئۇنىڭسىزمۇ چوقۇم خۇرجۇننىڭ كۆزى دەپ ئېلىش كېرەك دەيدىغان بەلگىلىمە يوق. مەلۇم نەرسىنى خۇرجۇننىڭ كۆزىگەــ ئىچىگە ئەمەس يېنىغا، خالىغان بىر تەرىپىگە قويۇشمۇ تامامەن مۇمكىن. ھېچ بولمىسا مەزكۇر شىئېرنىڭ ئاىىرقى ئىككى مىسراسى بىزگە نۇرغۇن تەپەككۇر بوشلۇقى قالدۇرۇپتۇ. بۇنى شائىرنىڭ ئۆزى ئوتتۇرىغا چىقىشتىن ئىلگىرى چۈشىنىپ يىتەلمىگىنىمدىن كۆپ خىجىلمەن.

ۋاقتى: 2016-3-22 10:15:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇرجۇننىڭ كۆزى بولسۇن ياكى تەرىپى بولسۇن خۇرخۇن بىز تونىمايدىغان نەرسە ئەمەس (بىز تەرەپتە خۇرجۇننىڭ ئىككى پىيى دەيدۇ،  خۇرجۇننىڭ بىر پىيىغا نان سالدىم، بىر پىيىغا سۇ دېگەندەك). بۇ شېئىردىكى خۇرجۇن ھەقىقەتەن ياخشى ئىپادە قىلىنىپتۇ.  شېئىر ئوقۇغان ئادەمنىڭ يۈرىكىنى تىترىتىپ ئۆتىدىكەن.

باھا سۆز

دەرۋەقە مۇشۇنداقمۇ دېيىلىدۇ.  ۋاقتى: 2016-3-22 10:18 AM
ۋاقتى: 2016-4-12 16:37:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچىمۇ شېئىرنىڭ تېمىسىدا چاتاق يوق. بىزدە «ھەممە ئادەم خۇرجۇننىڭ ئالدى پېشىنى كۆرىدۇ»دەيدىغان تەمسىل بار. مانا پاتىگۇل سىڭلىمىز خۇرجۇننىڭ ئىككىلا پېشىنى كۆرۈپتۇ، شېئىرمۇ شۇنداق تېتىملىق چىقىپتۇ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش