كۆرۈش: 930|ئىنكاس: 38

تۆرىبەگ قىزى: خۇرجۇنىمنىڭ ئىككى تەرىپىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
خۇرجۇنىمنىڭ ئىككى تەرىپىدە


پاتىگۈل قاسىم تۆرىبەگ

جاھان غەۋغالىرىنى تەرىك ئېتىپ،
كېتەي ئىشىق باياۋىنىغا.
ئىسكىلىتلار ئارىسىدا ياشىغاندىن
تۇپراق ئاستىدا كۆكلىگەن ئەلا.
چۈنكى
جاھاندىن داۋاسى تېپىلمايدىغان
ئاشىقلىق دەردىگە بولدۇم مۇپتىلا.
جاناندىلا بار،سېتىلمايدىغان
ۋىسال لەززىتىگە بوپقالدىم خۇمار.
ھافىزلارنىڭ غەزەللىرىدە
يارىمنىڭ ئىسمى شاھۇ ئەنبەر.
چالدىم ساپايەمنى،مېنى چالدى يار،
ھەلقىگە چۈشتۇق بولۇپ بىرچەمبەر.
تەننى جانغا ئۇلىدۇق،
تۈننى تاڭغا ئۇلىدۇق.
بىر سەۋدايى شائىرەدۇرمەن
ياردىن باشقا ھېچنىمىسى يوق.
يۈرۈپ شامۇ-سەھەر
كېزىپ سەھرا-شەھەر
يىرتىلدى كۆڭلۈم
يارىمغا قەدەر.

ھايات دەپتىرىدە
ئاشىقلىق دېگەن ئاچچىق ھېكايە.
ئۇچامدا جەندە،
ئۆشنەمدە خۇرجۇن،
چالدىم ساپايە.
ئارقامدا دەرد-غەم،
ئالدىمدا غايە.

باھا سۆز

تەرىك---تەرك  ۋاقتى: 2016-3-15 12:00 PM
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-15 11:53:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان ئەسەر  .كۆڭلۈمدىكى  گەپلەر دىيىلگەندەك ھېس قىلدىم.

ۋاقتى: 2016-3-15 12:19:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىدە-كۆك چېقىپتۇ دە

ۋاقتى: 2016-3-15 12:21:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرسەۋدايى شائىرەدۇرمەن.      ھا.ھا.ھا.ھا.مەنمۇئىتراپ قىلدىم.باشقىلارنېمەدەركىن.....

ۋاقتى: 2016-3-15 12:27:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

شىمالدا كۆك چىقمىغان بىلەن جەنۇپ ئىسسىق .

ۋاقتى: 2016-3-15 13:41:22 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساپايىڭىزنىڭ جاراڭلاپ تۇرغىنىنى ئاڭلىدىم.

ۋاقتى: 2016-3-15 14:02:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئىسىل چىقىپتۇ، بەك ياقتۇردۇم.

ۋاقتى: 2016-3-15 14:12:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بۆلىكى:
« ھايات دەپتىرىدە
ئاشىقلىق دېگەن ئاچچىق ھېكايە.
ئۇچامدا جەندە،
ئۆشنەمدە خۇرجۇن،
چالدىم ساپايە.
ئارقامدا دەرد-غەم،
ئالدىمدا غايە.»
شۇنداق بەرنا، يېقىشلىق، تېتىملىقكەن...

باھا سۆز

شۇ.......  ۋاقتى: 2016-3-15 11:33 PM
ۋاقتى: 2016-3-15 15:04:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

جاھاندىن داۋاسى تېپىلمايدىغان

ئاشىقلىق دەردىگە بولدۇم مۇپتىلا...


بىر سەۋدايى شائىرەدۇرمەن

ياردىن باشقا ھېچنىمىسى يوق.

ئاجايىپ ياقتۇردۇم قولىڭىزغا دەرد كەلمىسۇن جېنىم.


ۋاقتى: 2016-3-15 16:03:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىئېر دېگەننى مۇنداق يازسا ئەجەپ تېتىملىق بولىدىكەن دېسە.

ۋاقتى: 2016-3-15 22:43:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرىڭىز ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ.مېنىڭ قارىشىمچە ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ بەدىئىي سەۋىيىسى  سىز ۋە سىلەردەك قەلىمى ئۆتكۈر شائىرلار ئارقىلىق يۇقىرى پەللىگە قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقان ،ئەمما پروزىچىلىقنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسى  كونا ئىزىدا توختاپ قالغاندەك  بىر ھالەت شەكىللىنىپ قاپتا.چوڭقۇر مەنىلەرگە تويۇنغان ياخشى  شېئىر يازىدىغانلارغا ھەۋىسىم كېلىدۇ.

ۋاقتى: 2016-3-15 23:32:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  قېرىندىشىم [دوستۇم ]  تۆرىبەگ قىزىنىڭ ‹‹  خورجۇنى ›› نىڭ ئىككىلا بېشىدا مەن باردۇرمەن،  چۈنكى، بىز ئوقۇپ تۈگىتەلمەيدىغان كىتابدۇرمىز ، ‹‹ خورجۇن ›› ئىچىدىكى ........

باھا سۆز

خۇرجۇننىڭ ئىككى كۆزى- توغرا ئىدى، ئەسلىدە.  ۋاقتى: 2016-3-18 11:08 PM
ۋاقتى: 2016-3-16 00:40:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇتاپتا قۇلاق تۈۋۇمدە جاراڭلىق بىر سادا ، گويا بوۋام چالغان ساپايىنىڭ ئ‍اۋازىدەك ....

ۋاقتى: 2016-3-16 01:50:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
.
ئىسكىلىتلار ئارىسىدا ياشىغاندىن
تۇپراق ئاستىدا كۆكلىگەن ئەلا.................

ۋاقتى: 2016-3-16 01:57:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاتىگۈل قاسىم تۆرەبەگ يازمىنىڭزدىن شۇنداق سۆيۈندۈم .سىز بىلەن كۆرۈشكىنىمدىن ھەم خۇشالمەن .ئاللاھ ئىگەم قوللىرىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش