سەن كەتسەڭ
ئابدۇخالىق ئوبۇل
سەن كەتسەڭ
ئايلىنىپ قالارمەن كونا سۈرەتكە
سەن كەتسەڭ
ئايلىنىپ قالارمەن كونا كەچمىشكە
سەن كەتسەڭ
ئايلىنىپ قالارمەن قۇرۇق بوتۇلكىغا
سەن كەتسەڭ
ئايلىنىپ قالارمەن كونا كىتابقا.
سەن كەتسەڭ
قەلبىم ئايلىنار
ئۆتمۈشكە تولغان ئەخلەت ساندۇقىغا
سەن كەتسەڭ
كۆزۈم ئايلىنار
سۈيى قۇرىغان نامسىز بۇلاققا
سەن كەتسەڭ
تېنىم ئايلىنار
پەيلىرى چۈشكەن قىرى قاغىغا.
سەن كەتسەڭ
ئۆلمەسمەن لېكىن بولىمەن ھەممە...
2016-يىل 15-مارت
|