كۆرۈش: 1048|ئىنكاس: 0

ئابدۇغېنى سىيىت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2012-12-24 18:03:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
未标题~1.gif

   ئابدۇغېنى سىيت 1942-يىلى11-ئايداگۇما ناھىيەسىنىڭ  پىيالما يېزا لەڭگەر كۆلبىشى مەھەلىسىدە دېھقان، قول ھۈنەرۋەن (ياغاچچى)ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.
دەسلەپتە ئۆز يېزىسىدا دىننى مەكتەپتە ئوقۇپ، خەت ساۋادىنى چىقارغان. 1952-يىلدىن 1955-يىلى 7-ئايغىچە پىيالما يېزا باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغان. 1955-يىلى 9-ئايدىن 1961-يىلى 7-ئايغىچە خوتەن ۋىلايەتلىك دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1961-يىلى 8-ئايدىن 1975-يىلى 12-ئايغىچە گۇما ناھىيىسىنىڭ قوشتاغ، سانجۇ، پىيالما، زاڭگۇي يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپلىرى ھەم گۇما بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. 1976-يىلى 1-ئايدىن 1983-يىلى 7-ئايغىچە گۇما ناھىيىلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ كەسپى يازغۇچىسى ھەم ئارتىس بولۇپ ئىشلىگەن. بۇ جەرياندا ئۇ 1978-يىلدىن 1982-يىلغىچە گۇما ناھىيىلىك سەنئەت ئۆمىكى ئورۇندىغان «غېرىپ-سەنەم» ئوپىراسىدا شاۋاز ۋەزىر رولىنى،  شۇ ئۆمەك ئۆزلەشتۈرۈپ سەھنىلەشتۈرگەن «ئۆچمەس ئۇچقۇن» دىراممىسىدا ۋەتەنپەرۋەر شائىر لوتىپۇللا مۇتەللىپ ئاقسۇدا قۇرغان «ياش ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى، ئىنقىلابى قۇربان ئابدۇللا رۇزى رولىنى، كىيىنكى كۈرۈنۈشلەردە گومىنداڭنىڭ ئاقسۇدا تۇرۇشلۇق ئارمىيسى 5-تۈۋەننىڭ تۈۋەنجاڭى جاڭ خەيچىڭنىڭ رولىنى تەلەپكەلايىق ئورۇنداپ، كەڭ تاماششىبىنلارئالقىشىغا سازاۋەر بولغان. 1980-يىلى سىنتەبىردە ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر 3-قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ، ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى ھەر مىللەت ئەدەبىيات سەنئەت پىشىۋالىرى بىلەن تۇنۇشۇش، ئۈگىنىش، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان. 1980-يىلدىن 1983-يىلىغىچە شىنجاڭ رادىئو سىفەن داشۆسىنىڭ ئەدەبىيات كەسپى بويىچە ئوقۇپ بىلىم ئاشۇرغان.
1983-يىلى 8-ئايدىن 1985-يىلى 9-ئايغىچە خوتەن ۋىلايەتلىك «يېڭى قاشتېشى ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىكى»نىڭ كەسپى يازغۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. 1985-يىلى 10-ئايدىن 2000-يىلى 9-ئايغىچە خوتەن ۋىلايەتلىك دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىدە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەپ، شۇ يىلى 10-ئايدا پىنسىيىگە چىققان. ھازىر ئەدەبىيات ئىجادىيەت ۋە ئەدەبىيات-سەنئەت تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كىلىۋاتىدۇ. 2006-يىللاردىن ئىتىبارەن «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى» تەتقىقاتى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، 3 يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىپ، «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى  تېكىستىلىرى» ناملىق كىتابنى تۈزۈپ تەييارلىغان.
ئابدۇغېنى سىيىت 1958-يىلى 23-مارتتا «خوتەن گېزىتى»دە ئېلان قىلنغان «ياڭرىتىپ ئېيتسام قوشاق»ناملىق شېئىرى بىلەن ئەدەبى ئىجادىيەت گۈلزارىغا كىرگەن. ئۇ ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان يېرىم ئەسىرلىك ھاياتىدا شىنجاڭ تەۋەسىدىكى ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا 1200 پارچىدىن ئارتۇق شىېئىر،  ناخشا تېكىسىتى، باللادا، داستان، ئەدەبى ئاخبارات، ئەسلىمە، ئىلمىي تەتقىقات ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان. بىر قىسىم كومىدىيە، دىراممىلىرى سەھنىلەشتۈرۈلگەن. بىر نەچچە تېكىستلىرى ئاھاڭغا سېلىنىپ شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىدا ئاڭلىتىلغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى «ياشىسۇن باشيول» (1960-يىلى شىنجاڭ ياشلار نەشىرىياتى)، «ياشىسۇن خەلق كوممۇنىسى»(1960-يىلى شىنجاڭ ياشلار نەشىرىياتى)، «ۋىسال كۈيلىرى» (1983-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى)، «توي تەنتەنىسى»(1985-يىلى مىللەتلەر نەشىرىياتى)، «يۇرۇڭقاش ناخشىلىرى»(1983-يىلى خوتەندە چىقىرىلغان)، «سەھەردىكى ناخشا»(ناخشىلار توپلىمى)، «خوتەندە راۋان يوللار» (1995-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى)، «خوتەن يولىدا پايانداز»، «مەيىن سابا»(1995-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى) قاتارلىق (بىرلەشمە) توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن.
1982-يىلى «باشقىغا»، 1983-يىلى «قۇشلار بىلەن سۆھبەت»،  1995-يىلى«راۋان يوللار»، 1997-يىلى «ئۆمۈر ساۋاقلىرى»،  2000-يىلى «مېۋىلەرنىڭ نەزمە بايانى»، 2002-يىلى «مەندىن بۆلەك» ناملىق شېئىرلىرى خوتەن ۋىلايىتى بويىچە مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر مۇكاپاتىغا ئېرشىكەن.
2000-يىلى سىنتەبىردە «زەپەر ناخشىسى»ناملىق شېئىرى قەشقەردە ئېچىلغان 10-قېتىملىق «خانتەڭرى ئەدەبىياتى مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن.
1993-يىلى ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە سەنئەت يىتەكچىلىكى جەھەتتىكى تۆھپىلىرى «گۇما ناھىيىسىنىڭ مەدەنىيەت تەزكىرىسى»گە كىرگۈزۈلگەن.
1994-يىلى 2-سان، 2004-يىلى 5-سان «يېڭى قاشتېشى»ژورنىلىدا ئەدەبىي ئىجادىيەت نەتىجىلىرى تۇنۇشتۇرۇلغان. 1995-يىلى 23-ئۆكتەبىردە «جامائەتچىلىكنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر تۆھپىكار ئەدىپ» قاتارىدا تون كىيگۈزۈلگەن. «دوستلۇق قەدىرى» ناملىق بۇ شېئىرلار توپلىمىغا شائىر يىللاردىن بۇيان شىنجاڭ تەۋەسىدىكى ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان  ۋە يېڭىدىن يېزىلغان، باشقا توپلاملارغا كىرگۈزۈلمىگەن بىر قىسىم شېئىرلىرى تاللاپ كىرگۈزۈلدى.
ئابدۇغېنى سىيىت ھازىر جۇڭگۇ تىياتىرچىلار جەمئىيتى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، خوتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى.



(ئاپتور سۈرىتى مەسئۇل مۇھەررىر تەرىپىدىن تولۇقلاندى)


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش