كەچتە
شىرزات ئادىلجان ھۈكەر
كېلەر شۇنداق يىراقلاردىن مۇھەببەت دىلبىرى كەچتە،
مىنىپ دۇلدۇل شامال بويلاپ سۇغاردى شەمشىرى كەچتە.
تېنىمدىن سىرغىدى قان-قان، يۈرەك تىترەيدۇ ھېچ يوق جان،
تىرەلدى گالغا لېۋەننىڭ ۋىسالسىز خەنجىرى كەچتە.
بېغىمدىن ياڭرىدى غەۋغا، گۈلى- رەيھانمۇ تىترەيدۇ،
سوزۇپ بوينۇڭنى ئۆرگەلسەڭ تارار خۇش ئەنبىرى كەچتە.
چىقىپ كۈرمىڭ يىگىت-ئەركەك، چالار دۇتتارىنى قولدا،
ئوقۇپ ناخشا مۇھەببەتلىك قىلار ئىزھارىنى كەچتە.
تىنىق كۆكتە ئۈزەر يالغۇز بۇلۇپ سەۋداغا شاھ-خانىش،
لېكىن سەۋدا قۇلى يىغلاپ كۈتەر ھىجرانىنى كەچتە.
2016-يىل 14-مارت، ئۈرۈمچى
|