تۇرسۇن مەخمۇتنىڭ «ئىزدەش پەسلى» رومانى نەشر قىلىندى
يېقىندا، مەركىزى مىللەتلەر نەشرىياتى مول مەھسۇلاتلىق يازغۇچى تۇرسۇن مەخمۇتنىڭ «ئىزدەش پەسلى» ناملىق رومانىنى نەشر قىلدى.
تىرىشچان يازغۇچى تۇرسۇن مەخمۇت 1968-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى چەرچەن ناھىيەسىنىڭ باغئېرىق يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1990- يىلى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى تاماملىغان. بىر مۇددەت ئوقۇتقۇچى بولغان، كېيىن چەرچەن ناھىيەلىك ئۇرۇقچىلىق پونكىتىدا ئىشلىگەن، ھازىر چەرچەن ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتىدا ئىشلەيدۇ. 1989- يىلى «يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «داۋامى قالغان چۈش» ناملىق تۇنجى ھېكايىسىدىن باشلانغان ئىجادىيەت ھاياتىدا ھەرقايسى گېزىت- ژورناللاردا ئىلگىرى–كېيىن بولۇپ 150 پارچىغا يېقىن ھېكايە، ماقالە ۋە ئون نەچچە پارچە پوۋېست ئېلان قىلغان. ھەرقايسى نەشرىياتلار تەرىپىدىن «گۇگۇم»، «يامغۇرلۇق يەكشەنبە»، «جاراھەت گۈلى» قاتارلىق رومانلىرى، «تاغامنىڭ شاپتۇللىرى»، «پەرىشتە يامغۇرى»، «يولۋاس ئۆلتۈرگەن ئەزىمەت ۋە كىر يۇيۇۋاتقان ئەر»، «ئۈچىنچى سۆيگۈ»، «ئۇزاق يول»، «شەھەر قۇشلىرى» قاتارلىق ھېكايىلەر توپلاملىرى، «قوڭۇر ئاتلىق مەپە» ناملىق پوۋېستلار توپلىمى، «چەرچەننىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى» (غالىپ بارات ئەرك بىلەن بىللە)، «چەرچەننىڭ ناخشا- ئۇسۇل سەنئىتى» (ياقۇپجان كېرەم بىلەن بىللە)، «كروران ھەققىدە يېڭى داستان» قاتارلىق كىتابلىرى نەشر قىلىنغان. 6-15-16-قېتىملىق «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن.
ئۇزۇن مەزگىللىك ئىجادىيەت ھاياتىدا ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب ياراتقان يازغۇچى تۇرسۇن مەخمۇت بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ دىققەت مەركىزىدىكى يازغۇچىلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئەسەرلىرىدىكى بايان ئۆزگىچىلىكى، تۇرمۇشنى كۈزىتىش نوقتىسىنىڭ غەيرى، ئەمما جەلپ قىلارلىق بولۇشى، تۇرمۇش ھېكمىتى ۋە پەلسەپىۋىي پۇراققا تويۇنغان ئاددى تۇرمۇش، باشقىچە تەرىزدە كىتابخانلارغا سۇنۇلغان پېرسۇناژلار تۇرسۇن مەخمۇتنىڭ ئىجادىيىتىدىكى يارقىن نوقتىلاردۇر. بىز يازغۇچىنى يېڭى رومانى بىلەن قۇتلۇقلايمىز ۋە تېنىگە ساقلىق، ئىجادىيىتىگە يېڭى ئۇتۇق تىلەيمىز.