يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 643|ئىنكاس: 0

«كروران تارىخ- مەدەنىيىتى» ناملىق كىتاب نەشر قىلىندى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
غالىپ بارات ئەركنىڭ «كروران تارىخ- مەدەنىيىتى» ناملىق كىتابى نەشر قىلىندى
كۆزگە كۆرۈنگەن تارىخ- مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى، كرورانشۇناس غالىپ بارات ئەرك ئەپەندىنىڭ ئۇزۇن يىللىق جاپالىق تىرىشچانلىقىنىڭ مەھسۇلى بولغان كرورانشۇناسلىق تەتقىقاتىدىكى سەمەرىلىك ئەمگىكىنىڭ بىرى «كروران تارىخ- مەدەنىيىتى» ناملىق تەتقىقات كىتابى يېقىندا شىنجاڭ پەن- تېخنىكا نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.
غالىپ بارات ئەرك 1968- يىلى 8- ئايدا چاقىلىق ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. 1989- يىلى 7- ئايدا شىنجاڭ پوچتا- تېلىگىراف مەكتىپىنى پۈتتۈرۈپ، جۇڭگۇ تېلېگىراف شىركىتى چاقىلىق شۆبە شىركىتىگە خىزمەتكە كىرگەن، ھازىرغىچە شۇ ئورۇندا ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇ ئۆزلىكىدىن ئۈگىنىپ، تارىخ، مەدەنىيەت، يەر ناملىرى، ئېكىلوگىيە، ئىجتىمائىي تېمىلاردا مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ھازىرغىچە 150 پارچىدىن ئارتۇق ماقالە ئېلان قىلدى. ھەر قايسى نەشرىياتلار تەرىپىدىن «كروراننىڭ سىرى»، «ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى جەۋھەرلىرى ــ لوپنۇر قىسمى»، «چەرچەننىڭ تارىخىي، مەدەنىيىتى»، «مەھمۇد كاشغەرى ئىزىدىن» قاتارلىق كىتابلىرى نەشر قىلىندى. «تەكلىماكاننىڭ سىرى»، «تارىمنىڭ سىرى»، «لوپنۇرنىڭ سىرى»، «سۆيگۈ ئابىدىسى: تاھىر- زۆھرە»، «ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى جەۋھەرلىرى ــ چاقىلىق قىسمى»، «تۆھپە ئابىدىسى»، «بايىنغولىن يەر ناملىرى»، «قەدىمىي يۇرتتا قەدىمىي مەدەنىيەت» قاتارلىق ئىلمىي كىتابلىرى نەشرگە تاپشۇرۇلدى.
تىرىشچان ئەدىپ غالىپ بارات ئەركنىڭ مول مەزمۇنلۇق تەتقىقاتىدا كرورانشۇناسلىق ئاساسىي سالماقنى ئىگەللەيدۇ. غالىپ باراتنىڭ كروران ھەققىدىكى يۇقۇرى ئىلمىي قىممەتكە ئىگە ماقالىلىرى ۋە مەخسۇس تېمىلىق كىتابلىرى ئۇنى رايونىمىز تەۋەسىدىكى كرورانشۇناسلىق تەتقىقاتىدا بەلگىلىك ئۇتۇق قازانغان نوپۇزلۇق تەتقىقاتچىغا ئايلاندۇردى. «كروران تارىخ- مەدەنىيىتى» ناملىق مەزكۇر ئىلمىي ئەمگەكمۇ سۆزىمىزنىڭ روشەن دەلىلىدۇر. ئىجتىھاتلىق تەتقىقاتچى غالىپ بارات ئەرك ئۈشبۇ كىتابىدا بۈگۈنكى چاقىلىقنى مەركەز قىلىپ، بۇ قەدىمىي يۇرتنىڭ تارىخىي، مەدەنىيىتى ھەققىدىكى سېستىمىلىق تەتقىقات نەتىجىسىنى ئەلگە سۇنغان. كروران دىيارىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئەھۋالى، تارىخىي ئىزلار، تارىختىن ئاۋالقى مەدەنىيەت، كروران ئېلى تارىخى، لوپلۇقلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى، قايتا گۈللەنگەن قەدىمىي ماكان قاتارلىق تېمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ كىتابتا ئاپتور ئۆزى ئىگەللىگەن نۇرغۇن تارىخىي پاكىتلار، ئىلمىي قىممەتكە ئىگە تەتقىقات ئۇچۇرلىرى ئارقىلىق بىر يۇرتنىڭ ئومۇمىي تارىخىي ۋە مەدەنىيىتىنى يۇرۇتۇشتىن ئىبارەت مۈشكۈل مەسئۇلىيەتنى ئوڭۇشلۇق ئورۇنلىغان.
«تارىخ باياۋانلىرىدا كېزىۋاتقان ئادەم» ــ غالىپ بارات ئەركنىڭ ئۈگىنىش ۋە تەتقىقات بىلەن ئۆتكەن ھاياتى بىزگە ھاياتنىڭ قىممىتىنى تېخىمۇ ئېنىق ھېس قىلدۇرىدۇ. بىز ئەرك ئەپەندىنىڭ ئۈشبۇ كىتابىنى سەمىمى مۇبارەكلەيمىز ۋە ئۇنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئىجادىيەت ۋە تەتقىقاتىغا يۈكسەك پەللە تىلەيمىز.


QQ图片20160314195551_副本.jpg
QQ图片20160314195624_副本.jpg
QQ图片20160314195630_副本.jpg
QQ图片20160314195558_副本.jpg
QQ图片20160314195636_副本.jpg
QQ图片20160314195611_副本.jpg
QQ图片20160314195617_副本.jpg
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش