ساقلاۋاتقان مېنى، سەن ئەمەس
ئەنۋەرجان ساۋۇت
ياشلىرىنى تۆكۈپ پىنھاندا،
پاك قەلبىنى يىرتىپ پىغاندا،
تولغۇنۇپ ئاھ ئاچچىق ھېجراندا،
ساقلاۋاتقان مېنى، سەن ئەمەس.
پىراقلاردا دىلنى مەي قىلىپ،
كۈتۈشلەردە باغرىنى تىلىپ،
يۈرېكىنى قولىغا ئېلىپ،
ساقلاۋاتقان مېنى، سەن ئەمەس.
ئۇسسۇزلىققا ئاتەشنى ئىچىپ،
سۆيگۈم ئۈچۈن چوغدىن تون پىچىپ،
بىر مېنى دەپ ھەممىدىن كېچىپ،
ساقلاۋاتقان مېنى، سەن ئەمەس.
چاچلىرىنى يېيىپ دېڭىزدەك،
كېچە-كۈندۈز بولۇپ پايپىتەك،
زەر ھۇجرامدا بولۇپ كېلىنچەك،
ساقلاۋاتقان مېنى، سەن ئەمەس.
2016-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى،يەكشەنبە.
|