يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 321|ئىنكاس: 7

ئە.م.خاقان : خاننىڭ نەسلىدىن ( ھېكايە ) ـــ ئىزگۈگە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
  
     « ئىزگۈ  » مۇسابىقىسىگە يوللانغان ئەسەر ــــ

                                                خاننىڭ نەسلىدىن

                                                                        
                                                    (  ساتىرىك ھېكايە)


                                   ئەركىن مۇھەممەت خاقان

                                                                   1
         
     لۈكچۈن شەھىرى قاينايتتى، تەقدىر قىسمەت تاۋكاسىدا ئوينايتتى، ئىنسان ۋاقىت دەرياسىدا لەيلەيتتى، زامان زورلىقىنى كۆرسىتىپ، ئادەملەرنى قىينايتتى، كىشىلەر تۇغۇلاتتى، ئۆلەتتى، بىرلىرى ياش تۆكسە، بىرلىرى كۈلەتتى. ئەمما، شېرىن جان، خار-زەبۇن تەنلەر ھايات رىيازەتلىرىگە قانمايتتى.
    ۋاقىت شۇ تەقلىدتە ئۆتۈپ، قەدىرسىز تەنلەرگە، بىغۇبار قەلىبلەرگە ئۆچمەس داغلارنى قالدۇرۇپ، بارسا كەلمەس مەۋھۇملۇققا مەھكۇم بۇلاتتى. ئەمما شەھەردىكى ئالامان، ئېلىپ–ساتارلار، دەڭ-سارايلار، يەنىلا ئۆز جاھاندارچىلىقى بىلەن ئالدىراش ئىدى.
    شۇ كۈنلەردە موللازەيدىننىڭ ئىېشىكىنىڭ خان ئەۋلادى ئىكەنلىكى توغۇرسىدىكى پاراڭ تىزلا پۈتۈن يۇرتقا پۇر كەتتى. ھەتتا بىرگە يۈز قوشۇلۇپ ئېشەكنىڭ كارامەتلىرى بارغانچە كۆپىيىشكە باشلىدى. كىشىلەر نە-نەلەردىن ئېشەكنى كۆرۈپ باققىلى كىلەتتى. كوچا-كويلاردا، بازار-رەستىلەردە ئۈچ-تۆت ئادەم بىر يەرگە باش تىقىشسىلا شۇ ئېشەكنىڭ غەيۋىتىنى قىلىشاتتى.  
ــ ئوردىدىكى تۆتنىڭ بىرى بولغان مەئىن تەيجىنى ئەدەپلەپ قويغان قانداق ئېشەكتۇ ئۇ؟
ــ ئېشەكنىڭ كارامىتى بارلىقىمۇ تاڭ-تاڭ. ئەمما ئۇ دېگەن موللازەيدىننىڭ ئېشىكىدە.
ــ ھەرقانچە بولسىمۇ موللازەيدىن ئېشەكنى ئۇسۇلغا سالغىدەك كارامىتى بار ئەۋلىيا ئەمەستۇ؟
ــ ئۇنىمۇ دەيسىلە، خان-تەيجىلەر « خۇدا» غا ئايلانغان مۇشۇ تەتۈر زاماندا، ئۇلارنىڭ ئەدىپىنى بەرگۈدەك بىر ئەركەكنىڭ چىققىنىمۇ بىر مۆجىزە. شۇنداق ئىكەن، ئۇ ئەۋلىيا بولمىسىمۇ ئەۋلىيا قىلىۋىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ جۇمۇ!
  ــ شۇ، شۇ، ھەق گەپ.
ــ ئۇنى دېسىغۇ راس!
  ئارىنى بىر دەقىقە سۈكۈت باستى.
  ــ ئاللاكارامەت، قىيامەت دېگەن مانا شۇ!  قاراڭلا، كىمنىڭ گېپىنى قىلسا شۇ كېلىۋاتىدۇ.
راستىنلا موللازەيدىن كېلىۋاتاتتى. ئۇ ئىلگىرىكىدەكلا كونا يەكتىكىنى كىيگەن، بېلىنى پوتا بىلەن باغلىغان، بېشىغا قىزىل گۈللۈك لۈكچۈن دوپپىسى كىيىۋالغان ئىدى. تۇرۇپ-تۇرۇپ ئالدىرىغاندەك ئېشىكىنى بېقىنداپ قۇياتتى. بىر قەدەم كەينىدە، ئىككى يېنىدا ئىككى چىرىك ئەگىشىپ كېلىۋاتاتتى. بازاردىكى كىشىلەر ئۇلارغا سىنچى كۆزلىرى بىلەن قارىشىپ قۇياتتى.
   ــ موللازەيدىن نەگە ماڭغاندۇ؟
ــ كەينىدە ئىككى چىرىك تۇرىدۇ، يەنە جازاغا تارتىلماس؟
ــ ھەي، ھەي، ئاغزىڭلانى ئۈششۈتمەڭلا، قارىغاندا ئۇ بىرەر مەرىكىگە ماڭغان چېغى.
ــ شۇنداق بولغاي ئىلاھىم.
     موللازەيدىن ئۇچرىغان كىشىلەر بىلەن سالاملىشىپ، ھېچيەردە توختىماي، ئۇدۇل ئوردا تەرەپكە كېتىپ قالدى. كىشىلەر ئەنسىرەش، پەرەز ۋە ئارزۇ- ئۈمىدلەر بىلەن ئۇنى ئۇزىتىپ قالدى.
ــ ئەممازە... ئاشۇ ئېشەكنى خان ئەۋلادى دېسە، ئادەمنىڭ پەقەت ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ، بۇ قانداقسىگە...
ــ بۇ ئەسلى مۇنداق گەپ،ـ دېدى شاپ بۇرۇت كىشى بۇرۇتىنى تولغاپ،ــ ھىلىقى چاغدا ــ ئوردىدا موللازەيدىننىڭ ئېشىكى مەئىن تەيجىنىڭ ئەدىپىنى بەرگەندە، مەن ئۈستىدە بار ئىدىم. شۇ چاغدا موللازەيدىن  ئېشەكنىڭ ھېكايىسىنى ۋاڭ غۇجامغا سۆزلەپ بەردى:
ــ مېنىڭ بۇ ئېشىگىم راستىنلا ئەقىللىق ئېشەك. مەن ئۇنى كىچىكىدىن ئۆزەم بىر قوللۇق تەربىيلىگەن. بۇ ئېشەك توغۇلۇپلا ئاپىسى ئۆلۈپ قالدى، شۇڭا ئۇنى ئۆزەم بېقىشقا تۇغرا كەلدى. لىكىن بۇ جاھىلغا كالا سۈتى بەرسەم ئىچمىدى. باشقا مادىنى ئەكىلىپ بەرسەم، ئۇنىمۇ ئەممىدى. شۇنىڭ بىلەن  ئامالسىز ئۆزەم نېمە يىسەم ئۇنىڭغىمۇ شۇنى بەردىم. لېكىن ئۇ ماڭا تەتۈر قاراپ يېتىۋىلىپ، سەت ھاڭراپ، پەقەت بىر نېمە يىگىلى ئۇنىمىدى. بىر كۈنى مەھەللىدىكى چىرايلىق بىر ياش جۇگان ئىككى ئايلىق بولغان بالىسىنى كۆتۈرۈپ ھويلىغا كىرىۋىدى، تەخەي خېنىمنى كۆرۈپلا كۆزلىرى چەكچىيىپ، نۇرلىنىپ كەتتى. قۇيرىقىنى دىڭڭىدە قىلىپ، ھاڭرىغان پېتى چاچراپ ئورنىدىن تۇردى. ئايال بۇنى كۆرۈپ گاڭگىراپ تۇرۇپ قالدى. ئاڭغىچە، تەخەي كۆزلىرىنى ئوينىتىپ، قۇيرىقىنى شىپاڭلىتىپ، چىرايلىق چىشلىرىنى كۆرسىتىپ ئايالغا قاراپ ھىجىيىپ، چالا بۇغۇزلىغان كالىدەك سەت ھاڭراپ ئايالغا ئۆزىنى ئاتتى. دەل شۇ چاغدا مەن چاققانلىق قىلىپ ئايالنى سىرتقا چىقىرىۋېتىپ، ئىشىكنى يېپىۋالمىغان بولسام، ئىشنىڭ چۇڭى چىقاتتى. بۇ ئەمدى نېمە ئىش بولۇپ كەتتى؟ دەپ ھەيران بولدۇم. ئاخشىمى غەلىتە چۈش كۆرۈپتىمەن. چۈشۈمدە تەخەي ماڭا ھەيۋە كۆرسىتىپ بازغاندەك تۇياقلىرىنى ماخىرىمغا تەڭلەپ « سەن مېنى ئەمدۈرمىدىڭ، مەن ھېلىقى ئايالنى ئىمەتتىم. ماڭا ئۇنىڭ سۈتىنى سېغىپ ئەكىرىپ بەر، بولمىسا ئەدىپىڭنى يەيسەن›› دەپ، ئالدى پۇتى بىلەن بېقىنىمغا بىرنى تەپتى، ئاچچىقىمدا چىيقىراپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم. قارىسام، تەخەي پەشتاق بېشىدىكى مەزىندىنمۇ بەكرەك ھاڭراپ «ئەزان» توۋلىغىلى تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ ئاۋازى مەزىننىڭ ئۈنىنىمۇ بېسىپ چۈشۈپ، يىراق- يىراقلارغا تاراۋېتىپتۇ. چۈشۈمدە تەخەينىڭ مەقسىتى ئايان بولغاندىن كىيىن، مەھەللىدىكى يېڭى كۆز يورىغان ئاياللارنىڭ سۈتىنى سېغىپ تەخەيگە ئەكىلىپ بېرىدىغان بولدۇم...
ۋاڭ موللازەيدىننىڭ گەپلىرىگە بىر ئىشىنىپ بىر ئىشەنمەي، ھەيرانلىق ۋە تېڭىرقاش ئىلكىدە ئۇنىڭ ئاغزىغا قاراپ ئولتۇراتتى. « ھە، ھە، ئاندىنچۇ؟ ›› دەيتتى ئۇ گەپنىڭ ئاخىرىغا قىزىقىپ.
  ــ كۈندە بىر ئايالنىڭ سۈتىنى سېغىپ ئەكىلىپ، ئىمىزگىنى تەخەينىڭ ئالدىغا قويۇپ بەرسەم، ئۇ ئالدى ئىككى پۇتى بىلەن ئىمىزگىنى كۆتۈرۈپ غۇرتۇلدىتىپ ھوزۇرلۇنۇپ ئىچىپ كېتەتتى. ئاياللارنىڭ سۈتىدىن باشقا ھېچقانداق نەرسىنى ئىچكىلى ئۇنىمايتتى.
    ئۇ مەھەللىدىكى يېڭى توغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ھەممىسىنى نۆۋەت بىلەن ئىمىپ چوڭ بولدى. شۇڭا ۋاڭ بېگىم بۇ ئېشەكنىڭ ئەقلىنى سەل چاغلاشقا بولمايدۇ. مەن قېيىن ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن چاغلاردا ئۇ تېخى ماڭا ئەقىل ئۆگىتىدۇ. ئۆتكەن قېتىم ۋاڭ غۇجام قۇمۇلغا بارغاندا، ئالىيلىرىنىڭ ئاقخان چىڭۋاڭنىڭ نەۋرە سىڭلىسىغا كۆڭۈللىرى چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئۇ ئاللىبۇرۇن سەزگەن. شۇ چاغدا ئۇ مېنىڭ قۇلۇقۇمغا پىچىرلاپ « ئۇ قىزنىڭ ھۆسنى – جامالى گۈزەل، ساھىبجامال بولغان بىلەن تېنىدە كېسەل جىق. يۈرەك كېسىلى بار. يەنە كېلىپ ئۇ قىز تۇغماس چىقىپ قالىدۇ. ئەڭ يامىنى ئۇنىڭ شەھۋەت كېسىلى ئېغىر بولۇپ، لاۋۇلداپ كۆيىۋاتقان بىر پارچە ئوتنىڭ ئۆزى. ياخشىسى ۋاڭ بېگىم ئۇ قىزدىن مېھرىنى ئۈزسۇن›› دەپ ماڭا ئەقىل ئۆگەتكەنمۇ شۇ ئېشەك. شۇڭا مەن شۇ چاغدا ۋاڭ جاناپلىرىغا دانا مەسلىھەت بېرىپ، ئۇ نىيەتلىرىدىن ياندۇرغان.
ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئېشەك خان نەسلىدىن بۇلىدۇ.
-   نېمە دېدىڭ...؟!
  ۋاڭنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ، ھەيرانلىقىنى باسالمىدى. قوشۇمىسى تۈرۈلۈپ غەزەپلەنگەنلىكىمۇ يۈزىگە تېپىپ چىقتى.
  ــ بۇنداق دېسەم ئالىيلىرى ئەجەپلەنمىگەيلا، ئاتامنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، بۇرۇن پەرغانە شاھىنىڭ شاھزادىسى شەرق مەملىكىتى پادىشاھىنىڭ قىزىغا كۆڭلى چۈشۈپ قېلىپ، ئىككىسى داغدۇغىلىق توي قىپتۇ. كىيىن مەلىكە ھامىلدار بولۇپ، ئويلىمىغاندا ئېشەككە سىزىك بولۇپ قاپتۇ. كۈندە ئېشەك بىلەن بىللە ئوينىمىسا پەقەت چىدىمايدىكەن. مەلىكە يىغلاپ، تەتۈرلۈك قىلىپ تۇرىۋالغاچقا، شاھزادە ئامالسىز ئوردىغا ئايرىم بىر ئۆي تەييارلاپ، ئۆينى ئېسىل تاۋار- دۇردۇنلار بىلەن بېزەپ، ئاق تەخەيدىن بىرنى ئەكىلىپ بېرىپتۇ. مەلىكە ھەر كۈنى نېمە تاماق يېسە، تەخەيگىمۇ شۇنى بېرىدىكەن، بىللە سەيلە قىلىدىكەن. زېرىكىپ قالسا تەخەي جېنىنىڭ بارىچە ۋارقىراپ، مەلىكىگە ناخشا ئېيتىپ بېرىدىكەن. تەخەي چارچاپ يېتىۋالسا، مەلىكە ئۇنىڭ دۈمبىلىرىنى سىيلاپ قۇيىدىكەن. ئۇلار بىللە چاھار باغدا قوغلۇشۇپ ئويناپ ھېرىپ كەتكەندە، سۈپسۈزۈك سۇلار يالتىراپ تۇرغان كۆل بۇيىدا سوزۇلۇپ يىتىپ ئارام ئالىدىكەن. ئارقىدىن ئىككىسى كۆلگە چۈشۈپ سۇغا چۈمىلىدىكەن...
    مەلىكە ھامىلدارلىق كۈنلىرىنى ئەنە شۇنداق خۇشال ئۆتكۈزۈپتۇ. كېيىن مەلىكىنىڭ ئاي- كۈنى توشۇپ كۆز يورۇپتۇ. ئەييۇھەنناس! شۇنداق بىر مۆجىزە يۈز بېرىپتۇكى: قارىغىدەك بولسا توغۇلغان بوۋاقنىڭ سىياقى ئىنسان ئەمەس، تۆت پۇتلۇق ئۇزۇن تۇمشۇق، سالپاڭ قۇلاق بىر تەخەي ئىكەن. تەخەي ئانىسىنىڭ قۇرسىقىدىن ھاڭرىماي، «ئىڭڭەلەپ» يىغلىغان پېتى چۈشۈپتۇ. مەلىكە تۆت پۇتلۇق تەخەينى توغۇپ بولغىچە قانسىراپ ۋە ھالسىراپ بەختكە قارشى ئۇ دۇنياغا كېتىپتۇ. نى ئات، نى نومۇس! پادىشاھ دەرغەزەپكە كېلىپ، ھامىلدار ۋاقتىدا مەلىكىگە ھەمراھ بولغان تەخەينى خەلقى ئالەمنىڭ ئالدىدا دارغا ئېسىپتۇ. لېكىن يېڭى توغۇلغان تەخەي تېخى كىچىك، نارسىدىدە نېمە گۇناھ؟ تۇغۇلۇش ۋە ئۆلۈش قىسمىتى بەندىنىڭ ئىلكىدە ئەمەس. ئەمما ئوردىدا نائېنىق توغۇلغان بۇنداق مەخلۇق مەملىكىتىمىزدە ھايات تۇرسا ئوردىنىڭ، شاھنىڭ ۋە شاھزادىنىڭ شەنىگە داغ چۈشىدۇ، دەپ ئويلاپ يېڭى توغۇلغان تەخەينى كارۋانلارغا قۇشۇپ قەشقەرگە پالاپتۇ. كارۋانلار ئۇنى خان ئەۋلادى دەپ ئەتىۋارلاپ، ئېسىل نازۇ- نېمەتلەر بىلەن ياخشى بېقىپتۇ. قەشقەرگە كەلگەندىن كېيىن، تەخەينى يۇقىرى باھادا سېتىپ نۇرغۇن پايدا ئەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن تەخەي قەشقەردە يەرلىشىپ، چوڭ بوپتۇ ۋە ئەۋلاد قالدۇرۇپ كۆپىيىپتۇ. كىيىن ئاتام قەشقەردىن كەلگەن سودىگەرلەرنىڭ قولىدىن بۇ ئېشەكنىڭ ئاپىسىنى سېتىۋالغان ئىكەن. كېيىن بىزنىڭ ئۆيدە بۇ ئېشەك توغۇلدى. باشقا ھايۋانلارنىڭ سۈتىنى ئىچمەي، ئاياللارنىڭ سۈتىنى ئىچىشىنىڭ سەۋەبىمۇ شۇنىڭدىن بولسا كېرەك. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، بۇ ئېشەك ھېلىقى ئېشەكنىڭ يەتتىنچى ئەۋلادىمىش...
ئېشەكنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلاپ، كىشىلەر ئاغزى-بۇرنىنى تۇتۇشۇپ، ھاڭ-تاڭ قېلىشتى.
ــ ئاللا-توۋا، مۇنداقمۇ كارامەتلەر بۇلىدىكەن-دە؟
ــ جاھاندا ئىنساننىڭ ئەقلىدىن ھالقىغان، سىر-ھېكمەتلەر ئاز ئەمەس.
ــ سىلەر «ئېشەك مازار» دېگەننى ئاڭلىغانمۇ؟
ــ ھە، ھە...
ــ ھە، نەق شۇ ئېشەك مازارغا دەپنە قىلىنغان ئېشەكمۇ دەل مۇشۇ خان نەسلىدىن بولغان ئېشەكلەرنىڭ جەمەتىدىنمىش.
ــ «ئېشەك مازار» دېگىنىڭ نېمە گەپ ئەمدى؟
ــ ھوي! ھوي! يولنى بوشات!
   دەل شۇ چاغدا بىر توپ ئاتلىق چېرىكلەر كوچىنى بېشىغا كىيىپ،  بىر كىشىنى ئالدىغا سېلىپ، ھەيدەپ كەلدى. ئەتراپتىكى ئالامان دەرھال جانلىرىنى دالدىغا ئالدى. گۇناھكار ئوتتۇرا ياش، تەمبەل كىشى ئىدى. ئۇچىسىدا ئاق كۆينەك، بېلى پوتا بىلەن باغلانغان، مەيدىسىدە قاپقارا تۈكلەر جۇلالىناتتى. باش-كۆزىدە قامچا ئىزى، دۈمبىسىدە قاننىڭ ئىزى تۇراتتى.
  كىشىلەر دۇكان-رەستىلەرگە يۇشۇرۇنۇپ، ئىشىك-دېرىزىلەرنىڭ يۇچۇقلىرىدىن مارىشاتتى. قىيامەت جانلارنى تىترىتىپ، بىردەمدىلا ئۆتۈپ كەتتى. كىشىلەر كۈننىڭ سېرىقىغا قاراپ «ئۇھ» دېيىشتى.
ــ بۇ بىچارىنى نېمە پالاكەت باسقاندۇ ئەمدى؟
ــ ئوردىنىڭ قەرزىنى قايتۇرماپتۇ دەيدىغۇ.
ــ نېمە قەرزكەن ئۇ؟
ــ يەنە نېمە قەرز بۇلاتتى...
ــ قىز قەرزى.
ــ قىز قەرزى؟
ــ  خۇدا ساڭا ساھىبجامال قىز پەرزەنتتىن بىرنى بەردى. شۇڭا سەن ئۇنى شەرىم-ھايالىق، ئەخلاق-پەزىلەتلىك قىلىپ تەربىيلىسەڭ، بۇ خۇدانىڭ ئالدىدىكى قەرزىڭنى ئادا قىلغىنىڭ. ئەمما مۇشۇنداق ئېسىل قىزنى سەن ئوردىغا دېدەكلىككە تۇتۇپ بەرمىسەڭ، بۇ ۋاڭنىڭ ئالدىدىكى قەرزىڭنى ئادا قىلمىغىنىڭ بۇلىدىكەن.
   كىشىلەر چوڭقۇر ھەسرەت ئىلكىدە باشلىرىنى چايقاشتى. ھېچكىم زۇۋان سۈرمىدى. خۇددى ماتەم تۇتىۋاتقاندەك. كۈن غەرب تامان قىڭغايغان ئىدى.  تۇيۇقسىز بىرسىنىڭ جاراڭلىق ئاۋازى ئاڭلاندى.
ــ كۆرە مانى...
ــ بۇ نېمە كارامەت ئەمدى؟
    ھەممەيلەن يول تەرەپكە قارىدى. موللازەيدىن ئوردا تەرەپتىن كېلىۋاتاتتى. ئاستىدا كۆرەڭ قاشقىلىق چىلانتورۇق مەغرۇر قەدەم ئالاتتى. موللازەيدىن ئاتنىڭ ئۈستىدە مەغرۇر ئولتۇراتتى. ئۇچىسىغا ئېسىل تون، پۇتىغا قونچىلىق پارقىراق ئۆتۈك كىيگەن ئىدى.
ــ ئاڭلىشىمچە، موللازەيدىننى تارتۇقلاپ، مەنسىپىنى ئۆستۈرۈپتۇ دەيدۇ..
ــ نېمىشقا ئەمدى؟
ــ ئىشقىلىپ، ۋاڭ غۇجامنى تىللاشتىكى تۆھپىسى ئۈچۈن دەمدۇ...
ــ ھە شۇ، شۇڭا پوزۇر كىيىنىپ، ئوردىنىڭ ئېتىنى مىنىۋەپتۇ ـ دە.
ــ بۇ قانداق گەپ ئەمدى، ۋاڭ غۇجام ئۆزىنى تىللىغانلارنى مۇكاپاتلامدىكەن؟
ــ  ھەممە خەق خۇشامەت قىلىپ ماختاۋېرىپ، ماختاشلار قۇلاققا مۇش ئۇرغاندەك ئاڭلىنىدىغان بولۇپ قالغان گەپ.
ــ بۇمۇ يىراق گەپ ئەمەس.
ــ ھا،ھا،ھا، «دەشنام بەرگەنگە بەش نان بەردى» دېگەن شۇدە.
موللازەيدىن ئۇچرىغان كىشىلەر بىلەن سالاملىشىپ ماڭاتتى. ئۇ رەستىلەردىن ئۆتكەندە، يەنە شۇنىڭ پارىڭى باشلاندى. ئۇ ئات ئۈستىدە مەغرور ئولتۇرۇپ، كۆزىنى سىڭايان قىلىپ ئاسمانغا تىكىپ، قولىنىڭ بارماقلىرىنى پۈكۈپ، بىرەر نەرسىنى ھېسابلىغان قىياپەتتە كېلىۋاتاتتى.
ــ ۋوي، ۋوي، نىم بولدىلا پاراڭچى؟ ئوردىنىڭ ئىسسىقى ئۆتۈپ كەتمىگەندۇ؟
  موللازەيدىن « سەككىزىنچى يىلى...» دەپ توختاپ قالدى. ئاتنىڭ نوقتىسىنى تارتىپ، چىرايىنى غەلىتە تۈسكە كىرگۈزۈپ، گەپ قىلغان كىشىگە قارىدى.
ــ ئەستا، ئەمدى سەككىزىنچى يىلىغا كەلگەن...
ــ ھوي گەپچى، ئېشەك قېنى؟
ــ ۋاڭ غۇجام ئېشەكنىڭ خان ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئوردىنىڭ ئېتىغا تېگىشىۋەپتۇ-دە.
ــ ئۈستەك بەردىمۇ يە؟
  ئەتراپتىن گۈررىدە كۈلكە ئاۋازى ياڭرىدى. موللازەيدىن كىشىلەرنىڭ كۈلكە-چاقچاقلىرى ئىچىدە يولىغا راۋان بولدى.

                                                     2
    بۈگۈن جۈمە، دېھقانلارنىڭ بازار كۈنى ئىدى. شەھەردە ئادەم مىغىلدايتتى. يىراق-يىقىندىن، ئەتراپتىكى يۇرتلاردىن كەلگەن ئالارمەن- ساتارمەنلەر، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن، قەشقەر، ئاتۇشتىن، پەرغانە، ئەندىجانلاردىن كەلگەن سودا كارۋانلىرى شەھەر كوچىلىرىدا لەيلەيتتى. ئاشخانا، چايخانىلارنىڭ تۇرخۇنلىرىدىن دولقۇنسىمان كۆكۈچ ئىسلار تەندىن جۇدا بولغان ئەرۋاھلاردەك ئاسمانغا كۆتۈرۈلەتتى.
   بازاردىن توخۇ سۈتىدىن باشقا ھەممە نەرسە تېپىلاتتى. تىرىك مال بازىرى، ئۆلۈك ماللار كوچىسى، يىمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك دۇكانلىرى، مېۋە-چىۋە يايمىلىرى، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ زىلچا-گىلەملىرى، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ فارفۇر بويۇملىرى،  دېھقانچىلىق سايمانلىرى، لۈكچۈننىڭ يەرلىك مەھسۇلاتلىرىدىن كېگىز-كاناب، يولۋاس تېرىسى، بۆرە ئوشۇقى، يانتاق شېكىرى، ئۈزۈم، قوغۇن-تاۋۇز، يەل-يىمىش دۇكانلىرى خاس تۈرى بۇيىچە كوچا-كوچىلارغا، رەستە-رەستىلەرگە ئورۇنلاشقان ئىدى.
    ئاغزى ئىتتىك ئاشپەزلەر، يوغان قۇرساق، يۈزلىرى مايلىشاڭغۇ، شاپ بۇرۇت قاسساپلار خېرىدار چاقىرىپ توۋلىشاتتى. ئېگىز ئوردا ئالدىدىكى كەڭرى مەيداندا ئويۇنچىلار، دارۋازلار ئويۇن كۆرسىتەتتى. بىكارچىلار، سەيلىچىلەر، گۇپپاڭچىلار، سۇخەنچىلەر، تىلەمچىلەر، تىلەكچىلەر، تىڭ-تىڭچىلار، ئوردا مەھرەملىرى، دوغا، مىرابلار، نازارەتچىلەر... ھەرخىل دەرىجە، ھەرخىل تەبىقە، ھەرياڭزا، ھەرقىسما ئادەملەر ئارلىشىپ كەتكەن ئىدى. ئەمما، يۇرتنىڭ ئومۇمى ئەھۋالىدىن قارىغاندا، يەنىلا  بايلار باي، نامراتلار نامرات ئىدى. بىكارچىلار، پاراڭچىلار بەش -ئالتىدىن، سەككىز-ئوندىن بىر يەرگە كېلىۋىلىپ، دۇنيانىڭ ئىشلىرىدىن پاراڭ سوقىشاتتى.
   ــ ئاخشام ئاجايىپ بىر چۈش كۆرۈپتىمەن دىسە.
  ــ ھە، ھە؟
  ــ   كېچە ياتقىچە ئوردىنىڭ قەرزىنى قايتۇرىدىغان مۆھلەت توشۇپ قالدى، ئەمما ياندا ياماقنىڭ پۇچۇقىمۇ يوق، قانداق قىلارمەن؟! ئوردىنىڭ ئەزرائىللىرى كەلسە، قىزىمنى تۇتۇپ بېرەيمۇ ياكى ئىسسىق جېنىمنى... دەپ غەم بىلەن يىتىپ، قاچانلاردا كۆزۈم ئۇيقۇغا ئېلىنغىنىنى بىلمەي قاپتىمەن. بىر چاغدا ئۆزەمنى ئېتىزلىقتا كۆردۈم. قارىسام ئېتىزغا قىغ توشۇۋېتىپتىمەن. ئۆينىڭ كەينىدىكى گەندىلەرنى ھارۋىغا بېسىپ، ئېتىزلىققا ئېلىپ باردىم. ھارۋىنى ئېتىزنىڭ ئوتتۇرىغا ئەكىرىپ، گەندىنى كەتمەن بىلەن يەرگە سېيرىشقا باشلىدىم. دەل شۇ دەقىقىدە ئاجايىپ بىر مۆجىزە يۈز بەردى. قارىسام گەندىلەر يەرگە ئىشەك تېزىكى چوڭلۇقىدا يامبۇ بولۇپ توروكلاپ چۈشكىلى تۇرۇپتۇ. بۇ كارامەتنى كۆرۈپ يۈرۈكۈم ھاياجاندىن ئەنسىز سوقۇپ كەتتى. ھەيران  بۇلاتتىم، بىر تۇرۇپ قورقاتتىم. جىددىچىلىكتە بېشىم قېيىپ،  نېمە قىلىشىمنى بىلمەي گاڭگىراپ قالدىم. قانداق قىلاي؟ ئەتراپقا ئەنسىز قارايتتىم. يامبۇلارنى دەرھال بىر تەرەپ قىلىۋەتمىسەم، ئوردىنىڭ ئادەملىرىدىن بىرەرسى كۆرۈپ قالسا، ئوردا خەزىنىسىدىن ئوغۇرلاپسەن  دەپ بەتنامدىن بىرنى چاپلىسا، بېشىمغا بالا تېپىۋالىمەن. ئۇنىڭدىن كۆرە، مۇشۇ ئېتىزغا كۆمۈپلىۋەتسەم، ئەتە-ئۆگۈن بىرى ئون بولۇپ ئۈنۈپ چىقامدۇ تېخى.
    شۇ خىيال بىلەن ھارۋىدىكى گەندىلەرنى يەرگە سېيرىغىلى تۇردۇم. قارىسام كەتمەننىڭ بىسىدىكى گەندىلەر پار-پۇر نۇر چاقناپ، يەرگە يامبۇ بولۇپ چۈشەتتى. يۈرۈكۈم ھاياجاندىن سۇقاتتى. كۆزۈمدىن ياشلار تاراملايتتى. ئۆمرۈمدە، ئۆزەمنىڭ ئۆمرىدىلا ئەمەس، يەتتە ئەجدادىمغىچە سۈرۈشتۈرسىمۇ بۇنداق كۆپ يامبۇنى كۆرۈش تۇرماق، خىيال قىلىپمۇ باقمىغان... شۇ دەقىقىلەردە ئويلىمىغان ئويۇم، قىلمىغان گۇمان، پەرەزلىرىم قالمىدى. قارىغاندا ئۆزەم بىلىپ-بىلمەي خۇدانىڭ نەزىرىگە چۈشكىدەك بىرەر ئىش قىلىپ سالغان ئوخشايمەن... دەل شۇ چاغدا قاياقتىندۇر بىر زەھەرلىك پاشا كىلىپ، يۈزۈمنى چېقىۋالدى. ئاچچىق ئاغرىقتىن بوغۇزلانغان توشقاندەك سەت چىيقىرىۋەتتىم.
   سۆزلەۋاتقان كىشى ئېغىر پۇشۇلداپ، جىمجىت ئولتۇرۇپ كەتتى. ئۇنىڭ ئاغزىغا قاراپ، جىمجىت ئولتۇرغانلارنىڭ ئىچى پۇشۇپ كەتتى.
ــ ھە ئاندىنچۇ؟
زوۋان يوق.
ــ گەپ قىلسىنا ھېي بۇرادەر، تىلىڭنى مۈشۈك ئەپقاچمىغاندۇ؟
ــ ھەي... ئاندىن نېمە بۇلاتتى، قارىسام يېنىمدا ئايالىم پەيدا بولۇپ قالدى. ئەسلىدە يۈزۈمنى شۇ چىمدىغانىكەن. سىرتقا قۇلاق سالسام، موللازەيدىننىڭ ئېشىكى بار ئاۋازىنى قويىۋېتىپ، بولۇشىچە ھاڭرىغىلى تۇرۇپتۇ.
ئەتراپ بىر پەس جىمىپ كەتتى.
ــ ئاڭلىسام مۇشۇ تاھىر بايغىمۇ غايىپ خەزىنە ئۇچراپ بېيىپ كەتكەن دەيدىغۇ؟
ــ ياقەي، مېنىڭ ئاڭلىشىمچە، ئۇ بوۋىسىدىن قالغان بىر ئەسكى چاپاننى بىر ئەجنەبىيگە سېتىپ بېيىپ كېتىپتىمىش.
ــ شۇنداق قىلسىمۇ قىلغاندۇ، ئەمما ئۇنىڭ بايلىقىنىڭ بىر قىسمى  ئاتىسىدىن مىراس قالغان.
ــ ئاتىسى شۇنداق باي كىشىمىدى؟
ــ ئەسلىدىغۇ ئۇنچىۋالا بايمۇ ئەمەستى. بىر يىلى ئۇ ئات سودىسى قىلىپ تۇيۇقسىزلا بېيىپ كەتتى.
ــ ئات سودىسى قىلىپمۇ باي بولغىلى بۇلامدىكەن؟
ــ ئۇ ئەسلى مال بازىرىدا بېدىكلىك قىلاتتى. بىر قېتىم تۈركىيەدىن ئەكەلگەن، خان نەسلىدىن بولغان بىر تۈرك ئېتى قولىغا چۈشۈپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ شۇ ئاتنى نەسىللەندۈرۈپ سېتىپ، تىزلا بېيىپ كەتتى.
ــ توۋا خۇدايىم، ماۋۇ گەپنى ئاڭلاڭ ئەمدى.
ــ موللازەيدىننىڭ ئېشىكىنى خان نەسلىدىنكەن دەپ ھەيران بۇپ تۇرساق، ئەمدى خان نەسلىدىن بولغان ئات  پەيدا بولدىمۇ؟
  ئەتراپتىن گۈررىدە كۈلكە كۆتۈرۈلدى.  
  ــ ئەتە-ئۆگۈن يەنە خان نەسلىدىن بولغان قوي، خان نەسلىدىن بولغان كالا، خان نەسلىدىن بولغان توخۇ-توشقانلارمۇ پەيدا بۇلامدۇ تېخى.
ــ ئۇلا ئەمەس، يەنە خان نەسلىدىن بولغان كىيىم -كېچەك، خان نەسلىدىن بولغان يېمەك-ئىچمەك، خان نەسلىدىن بولغان كەتمەن-گۈرجەكلەرمۇ دۇنياغا كېلىشى كېرەك.
  ئەتراپتىن كىشىلەرنىڭ كۈلكە سادالىرى ياڭرايتتى. قىزىقچىلار يەنە بىرمۇنچىلىغان « خان نەسلىدىن» لەرنى شېپى كەلتۈردى. ئەتراپ گۈرۈلدەيتتى، بازار قاينايتتى. ئالاماننىڭ ئاغزىدا « خان نەسلىدىن»  دېگەن سۆز ھەممە نەرسىگە قوشۇپ ئېيتىلىدىغان لەتىپىگە ئايلاندى.
چۇقان- سۈرەنلەرنى تۇيۇقسىز توۋلىغان بىرەيلەننىڭ ئاۋازى بېسىپ كەتتى:
ــ ھەي، ھەي، قاراڭلا! خان نەسلىدىن بولغان موللازەيدىن كېلىۋاتىدۇ!
« ۋە...» قىلغان مەسىخىرىلىك كۈلكىلەر ئەۋجىگە چىققاندىن كېيىن، ئەتراپ دەرھال تىمتاسلىققا چۆمدى. جۈپ-جۈپ كۆزلەر يول تامان ئاغدى. موللازەيدىن ۋاڭ ئىنئام قىلغان زەرباب تون بىلەن، ۋاڭ ئىنئام قىلغان، قەشقەر ئۇستىلىرىنىڭ قولىدىن چىققان پارقىراق ئۆتۈكىنى كىيىپ، ۋاڭ ئىنئام قىلغان چىلان تورۇقنى مىنىپ كېلىۋاتاتتى.  
   ئۇ ئۇچرىغان ھەربىر كىشى بىلەن سالاملىشىپ ماڭاتتى، ئەمما  توختاپ  پاراڭلىشىشقا ھەپسىلىسى يوق ئىدى. كىشىلەر ئۇنىڭغا چاقچاق قىلىپ، ئەتەي توختىتىپ، گەپكە سالماقچى بولدى. ئەمما موللازەيدىن ئات ئۈستىدىلا چاقچاققا چاقچاق قايتۇرۋېتىپ، ئۆز يولىغا كېتىۋەردى.
ــ توختىغىنا ھەي گەپچى، سەندىن سورايدىغان گەپ بار!
ــ خاپا بولما بۇرادەر، كېيىن بولسۇن، ھازىر مۇھىم ۋەزىپە بار.
ــ خان نەسلىدىن بولغان ۋەزىپە دېگىن؟
  ئەتراپتىن يەنە كۈلكە ياڭرىدى.
ــ نەق تاپتىڭ! مېنى تۇتىۋىلىپ، ئىشنى ئاخساتساڭ، سەنمۇ بىكارلا خەلقنىڭ نەسلىدىن خاننىڭ نەسلىگە ئۆزگىرىپ كېتىسەن.
   ئەتراپتا يەنە كۈلكە.
  ــ ئۇ چاغدا خاندەك ياشىمايمەنمۇ، موللازەيدىن ؟
ــ شۇنداق ياشالىساڭغۇ ئامدان بۇلاتتى. ئەمما ۋاڭ بېگىمنىڭ ئالدىغا بارساڭ ئېتىراپ قىلمىسا، خەلقنىڭ ئارىسىغا قايتساڭ، خان نەسلىدىن دەپ ئارىغا ئالمىسا، ئۇ چاغدا كېلىش مەنبەيىڭ ئېنىقسىز بولۇپ، خارلىقنىڭ نەسلىگە ئايلىنىپ قالۇرسەنمىكىن!
ــ ئەمىسە سېنىڭ نەسلىڭگە ئۆزگەرسەمچۇ؟
ــ ئەستا، شۇنداق قىلساڭغۇ بۇلۇردى، ئەمما ئايالىم سەندىن كىچىك تۇرسا، قايسى نەسلىمدىن بولساڭ بۇلۇر؟
  ئەتراپتا ئاۋازلار يەنە دېڭىزدەك دولقۇنلىدى. موللازەيدىن ئاتنى بېقىنداپ، ئوردا دەرۋازىسى تەرەپكە كېتىپ قالدى.
  كىشىلەر ئۇنىڭ كەينىدىن قاراپ، يەنە بىرمۇنچە غەيۋىتىنى قىلىشتى. ئۇنىڭ ئۈچۈن كۈلۈشتى، كۆڭۈللىرىدە ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىشتى.
    موللازەيدىننىڭ قارىسى يۈتۈپ تۇرۇشىغا، ئوردىدىن چىققان، ئىككى ئات قوشۇلغان، ئۈستى ئوچۇق بىر مەپىنىڭ قارىسى كۆرۈندى. مەپە يىقىنلىشىۋىدى، كىشىلەر كۆردىكى: مەپىدىكى كىشى ئالدىنقى كۈنى ئاتلىق چىرىكلەر ئالدىغا سېلىپ ئېلىپ كەتكەن، ئاتالمىش « قىز قەرزى» نى تۆلىمىگەن گۇناھكار ئىدى. ئۇ ئەمدى  پوزۇر كىيىنىپ، ئوردىنىڭ مەپىسىدە ئولتۇرۇپ، ئۆيى تەرەپكە كېتىۋاتاتتى. ئەمما ئۇنىڭ بېشى تۈۋەن ساڭگىلىغان، چىرايى كۈز غازىڭىدەك سارغايغان، تاتىراڭغۇ كۆرۈنەتتى.  
ــ ھوي، قانداق زامان بولۇپ كەتتى ماۋۇ؟ ئادەمنىڭ پەقەتلا ئەقلى يەتمەيدىغان ئىشلار بولغىلى تۇردىغۇ!
ــ شۇ ئەمەسمۇ، قاراڭلا، تېخى ئۈلۈشكۈنلا قامچىنى بۇلىشىچە يەپ، گۇناھكار بولغان رېھىم ئاخۇن ئەمدى ۋاڭنىڭ مەپىسىگە چىقىپ قاپتۇ دېسە؟
ــ ئۇمۇ خاننىڭ نەسلىگە ئۆزگەردىمۇ- يە؟
  ئەتراپتا كۈلكە ئاۋازى ياڭرىدى. ئەمما بۇ كۈلكىلەرنىڭ ئىچىگە ھەسرەتمۇ يۇشۇرۇنغاندەك قىلاتتى.
ــ ئاڭلىسام ئۇنى قەرزىنى قايتۇرۇپتۇ دەيدىغۇ.
ــ قىز قەرزىنىما؟
ــ ھەئە.
ــ بەلكىم مەجبورى قايتۇرغاندۇ؟
ــ قىزىنى بەك پەزىلەتلىك، ئەقىللىق قىز بولدى، دەيدۇ. قارىغاندا، شۇ قىز ئاتىسىنى قويۇپ بېرىش بەدىلىگە ئۆز رازىلىقى بىلەن ئوردىغا  كىرىپ، دېدەك بۇلۇشنى تاللىغان ئۇخشايدۇ.
ــ ھە شۇ، شۇنداقراق گەپ بار.
ــ تۆۋە، ماۋۇ ئىشنى كۆرۈڭ.
ــ ھەي، يۇرتنىڭ ئاتىسى تۇرۇپ، خەلقنى شۇنداقمۇ بوزەك قىلغان بارمۇ؟
     كىشىلەر ھەسرەت بىلەن باشلىرىنى چايقىشىپ، يىراقلاپ كەتكەن مەپىنىڭ كەينىدىن قاراپ قېلىشتى...
     يەنە بازار، قوچقار شۇرپىسىدەك قايناۋاتقان بازار، شورپىنىڭ يۈزىدەك ياغلىق بازار، شورپىنىڭ تەمىدەك تەملىك بازار. زاغرا ناندەك شورلۇق بازار، يىيىشلەر، ئىچىشلەر، خەجلەشلەر، يالغانچىلىق، ئالدامچىلىقلار قاپلىغان كاززاپ بازار، تىلەمچىلەر، يوقسۇللار، جۇل-جۇل كىيىملىك يىتىم-يېسىرلار تويىدىغان بەركەتلىك بازار. يەنە شۇ بازار...
   بازاردىكى ھەممە ئۆز جاھاندارچىلىقىغا ئالدىرايتتى، ئۆز سودىسىغا ئالدىرايتتى، كۆپرەك پۇل تېپىشقا ئالدىرايتتى،  ھەركىم ئۆز جانلىرى ئۈچۈن ئالدىرايتتى.
   چۈشتىن كېيىن ياكى كەچقۇرۇندىمۇ ھېچكىم موللازەيدىننىڭ ئوردىدىن قايتىپ چىققىنىنى كۆرمىدى.
   ئارىدىن ئۈچ كۈن ئۆتۈپ كەتتى. لۈكچۈن شەھىرى يەنە شۇ بۇرۇنقى سۆلكىتىنى نامايەن قىلىپ تۇراتتى. ئېگىز ئوردا يەنە شۇ ھەيۋەتلىك گەۋدىسىنى تىك تۇتۇپ، سۈكۈتكە پاتقان ئىدى. خەلق يەنىلا ئويغاق ھالدىكى قارا چۈشلىرىنى داۋام قىلاتتى. يىغلىغانلار يىغلايتتى، كۈلگەنلەر كۈلەتتى. زامان ئەسلى سەنەمدىكى ئۆز ئوقىدا چۆرگىلەيتتى.
   كۈن تىكلىشىپ قالغان چاغ، ئاشپۇزۇللاردا كىشىلەر تاماق يىگەچ، ئىسسىنىۋاتاتتى. ھاۋا بەك سوغۇق بولغاچقا، بىكارچىلارنىڭمۇ كەيپى ئۇچۇپ، پاراڭمۇ خۇشياقمايتتى. يىلىڭ كېيىملەرنى يېپىنچاقلاپ، ئوتنىڭ ئەتراپىغا دۈگدىيىشەتتى. دەل شۇ چاغدا ئوردا تەرەپتىن ئىشەك مىنگەن بىرسىنىڭ قارىسى كۆرۈندى. يولۇچى يىقىنلاپ كىلىۋىدى، كىشىلەر تېخىمۇ ھەيران بولۇشتى.
ــ ھوي، قاراڭلا، ئاۋۇ ئېشەك مېنىپ كەۋاتقان موللازەيدىنمۇ نېمە؟- دېدى بىرى ئوڭ قولىنى پىشانىسىگە تۇتۇپ، كۆزىگە سايىۋەن قىلپ.
   ئولتۇرۇشقان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى دەرھال شۇ تەرەپكە قارىدى. يولۇچى تېخىمۇ يىقىنلاپ كەلدى.
ــ راس شۇكەن.
ــ بۇ نېمە بولغىنى ئەمدى؟ موللازەيدىننىڭ ئۈلۈشكۈنكى سالاپىتىدىن ئەسەرمۇ يوققۇ؟
ــ شۇنى دەيمە، ئاستىدا يەنە شۇ بۇرۇنقى ئېشەك، ئۈستىدە جۇل-جۇل چاپان؟
ــ چىرايىمۇ بىرقىسما تۇرامدۇ نېمە؟
ــ ھوي! سەن موللازەيدىن شۇمۇ ئەمەسمۇ؟
ــ ئېنىقلا شۇ تۇرمامدۇ.
  كىشىلەر دۈررىدە ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، يول بويىغا چىقىشتى. ئىككەيلەن يۈگۈرۈپ بېرىپ ئېشەكنىڭ ئالدىنى توستى.
ــ موللازەيدىن، بۇ راسلا سەن ئىكەنسەنغۇ! نېمە ئىش بولدى؟
ــ ...
ــ زۇۋانىڭ چىقمايدىغۇ، گەپ قىلسىنا، موللازەيدىن؟
ــ ۋاڭ يەنە جازالىمىغاندۇ؟
ــ ئات بىلەن ئېسىل تونلار قېنى؟
ــ تۈنۈگۈنكى سالاپىتىڭ نەگە كەتتى؟
   كىشىلەر ئۇنى ئورىۋىلىپ سوئال ئۈستىگە سوئال ياغدۇراتتى. ئەمما موللازەيدىن سىنچى كۆزلىرىنى خەلققە تىكىپ، بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمايتتى.
ــ گەپ قىلسىنا، ھېي گەپچى! تىلىڭنى قاغا چۇقىۋالمىغاندۇ؟
ــ ئەپرىدۇن ۋاڭ يەنە يولۋاس تېرىسىنى كىيىپتۇ-دە؟
  موللازەيدىن گەپ قىلماي، ئۈنسىز ھالدا ئوڭ قولىنىڭ كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى چىقىرىپ، ئاغزىغا تەگكۈزۈپ، گەپ قىلماڭلار دېگەن مەنىدە ئىشارەت قىلدى. ئاندىن ئېشەكتە تۇرۇپلا پەسكە ئېڭىشىپ، پەس ئاۋازدا پىچىرلىدى:
ــ مەن ئەسلىمگە قايتتىم. مەن دېگەن « موللازەيدىن» ،ـ دېدى. ئۇ «موللازەيدىن» دېگەن سۆزنى ئالاھىدە ئۇرغۇلۇق ئېيتتى. ئاندىن يەنە بايىقى ھەركىتىنى تەكرارلاپ، بېگىز بارمىقىنى ئاغزىغا تەگكۈزۈپ، گەپ قىلماڭلار دېگەن مەنىدە ئىشارەت قىلدى. ئاندىن يەنە تۆۋەن ئاۋازدا،- مۇھىم ۋەزىپە بار...- دېدى-دە، يولىغا راۋان بولدى.
ــ خاننىڭ نەسلىدىن بولغان مۇھىم ۋەزىپە...

                                                         
                                                 3

     نەچچە كۈن ئۆتۈپ كەتتى. كىشىلەر  ئەنسىرەش، گاڭگىراش ئىلكىدە مۇلاھىزە قىلىشاتتى. ئەمما موللازەيدىن توغۇرلۇق ئېنىق بىر جاۋاب چىقمىدى. قۇياش تىكلەشكەن چاغ. رەستىلەر ئادەمسىز ئىدى. ئاندا-ساندا ئىتلارنىڭ قاۋاشلىرى ئاڭلىنىپ قالاتتى. سوغۇق جاندىن ئۆتەتتى. قورۇت-قۇڭغۇزلار ئۆچەكتە، ئادەملەر تۆشەكتە، ئەسلى غەمسىز بىنا قىلىنغان جاھاندا، شەكىلسىز، كۆرۈنمەس، مۇدھىش غەملەر ئىسكەنجىسىدە ئەتىكى تۇمانلىق كۈنلەرنى كۈتەتتى.
   دوقمۇشتىكى ئاشپۇزۇلدا، ئوچاقنىڭ ئەتراپىدا بىرنەچچە كىشى ئولتۇراتتى.
ــ ھەي، مۇشۇ موللازەيدىن «مۇھىم ۋەزىپە بار» دەپ سىرلىق ھالدا بىر ئۆتۈپ كېتىپلا قارىسىنى كۆرسەتمەيدا؟
ــ شۇنى دەيمىنا؟
ــ ۋوي سىلە ئاڭلىمىدىڭلامۇ تېخى؟
ــ نېمىنى ؟
ــ ھېلىقى كۈنى موللازەيدىن تۈزۈك بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى. قارىساق، چىراي-تۇرقىمۇ بىرقىسمىلا بۇپ قاپتىغۇ.
ــ ھە، ھە.
ــ شۇ چاغدا ئۇ ئوردىدا گەپدانلىق قىلىمەن دەپ، ئۆزىنىڭ بېشىغا بالا تېرىۋالغانىكەن.
ــ قانداقسىگە ئەمدى؟
ــ قانداقسىگە بۇلاتتى، شۇ كۈنى ۋاڭ بېگىمنىڭ چىشى بەك ئاغرىپ كېتىپتىكەن، موللازەيدىننى چاقىرتىپ، ماڭا بىر دورا ياساپ بەر،  دەپتۇ. ( بىلىسىلەر موللازەيدىننىڭ تېۋىپلىقتىنمۇ خەۋىرى بار. ) شۇنىڭ بىلەن ئۇ قانداق قىپتۇ دەڭلا؟
ــ ھە، ھە، قانداق قىپتۇ؟
ــ ۋاڭ بېگىمنىڭ سۈيدۈكىدىن دورا ياساپ، ئۆزىگە ئىچۈرۋېتىپتۇ.
ــ ئالە شەرىڭنى!
ــ شۇنىڭ بىلەن ۋاڭ بېگىم ئۇ قاڭسىق « دورا» دىن سەسكىنىپ كېتىپ، « موللازەيدىن، بۇ دورا نېمانداق سېسىق پۇرايدۇ، بۇنى نېمىدىن ياسىدىڭ؟» دەپ سوراپتىكەن، موللازەيدىن قىزىقچىلىقتا « دورا» نىڭ رىتسىپىنى ئاشكارلاپ قويۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ۋاڭ ئاچچىقىدا ئۇنى ئون دەررە ئۇرۇپ، زىندانغا تاشلاپتۇ. ھېلىقى موللازەيدىننىڭ سىرلىق قىياپەتكە كىرىۋالغان چېغى، دەل ئۇنىڭ زىنداندىن چىققان  ۋاقتىكەن.
ــ مۇنداقمۇ ئىشلار بار دەڭلا ؟
ــ بىچارە موللازەيدىن. ئۇستاتلىق قىلىمەن دەپ، ئۆزىگە ئىش تېپىپلا يۈرگەن.
   قورساق سالغان، ئوتتۇرا ياش مۇلازىم چاي كۆتۈرۈپ كەلدى. ئۇ بېشىغا ئاق شاپاق دوپپا، ئۇچىسىغا ئاق يەكتەك كىيىۋالغان، بېلىنى پوتا بىلەن باغلاپ، مۈرىسىگە بىر قولياغلىقنى ئارتىۋالغان ئىدى.
ــ « غەيۋەت يۇقۇدۇ» دېگەن راس گەپ ئوخشايدۇ. كوچا پاراڭلىرى شامالدىنمۇ تىز تارقىلىدىكەن دېسە. مانا، موللازەيدىننىڭ گەپلىرىمۇ نەچچە كۈننىڭ ئىچىدە ھەرخىل -ھەرياڭزا ئۆزگىرىپ، پۈتۈن لۈكچۈنگە بىر كەلدى. بايا مېھمانلار دېيىشىۋاتقان گەپنى تېخى ئەتىگەندىلا نەق مۇشۇ يەردە ئولتۇرغان بىرنەچچەيلەن باشقىچە دېيىشكەن ئىدى.
ــ شۇنداقمۇ، ئۇلار نېمە دېگەن؟
ــ ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، ۋاڭ بېگىم موللازەيدىننى بىر زىياپەتكە چاقىرىپتۇ. زىياپەت تازا ئەۋجىگە چىققاندا، ۋاڭ موللازەيدىننى مات قىلىش ئۈچۈن « بوۋاق بالىنى دوراپ بەر. ياخشى دورىساڭ ئىنئام بېرىمەن، ناۋادا بىزنى كۈلدۈرەلمىسەڭ، جازاغا تارتىلىسەن» دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن موللازەيدىن «ماقۇل» دەپ، ئېسىل تون، سەللە-پېرىجە بىلەنلا يەردە دۇمىلاپ، ئۇيان-بۇيانغا چۆگىلەپتۇ. « ئىڭڭە» لەپ يىغلاپ، سەللە-پېرىجىنى سېلىۋىتىپ، تۆت پۇتچىلاپ ئۆمىلەپ، يىنىدىكى ئوردا بېگىنىڭ پۇتلىرىنى چىشلەپتۇ. بەگ بولسا قىچىغى كېلىپ، دەرھال ئۆزىنى چەتكە ئەپتۇ. ۋاڭ بېگىم بۇ قىزىقچىلىقتىن ئۆزىنى تۇتىۋالالماي، قۇرسىنى تۇتۇپ كۈلگىدەك. ۋاڭنىڭ يىنىدا ئاپىسى، ئاغچا خېنىم ۋە بىرنەچچە مەلىكىلەرمۇ ئولتۇرغان ئىكەن. ئۇلارمۇ ئاغزىنى ئېتىۋىلىپ تازا كۈلگىلى تۇرۇپتۇ. « بوۋاق» نىڭ قورسىقىنى توقلايدىغان ئاپىسى كەلمىگەچكە، جەھلى بىلەن قىقىراپ، «ئىڭڭە» لەپ يىغلاپتۇ. ئۇيان دومىلاپ، بۇيان چۆرگىلەپ، ئاپىسىنى ئىزدەپ، تۆت پۇتلاپ ئۆمۈلەپ بېرىپ ئاغچا خېنىمنىڭ ئېتىكىگە چىقىۋەپتۇ-دە، مەيدىسىگە ئېسىلىپتۇ. ئۆزىنى تۇتىۋالالماي كۆلۈۋاتقان  ئاغىچا خېنىم تويۇقسىز يۈز بەرگەن بۇ ئىشتىن قورقۇپ كېتىپ، سەت چىيقىرىۋېتىپتۇ. باشقا خېنىملارمۇ ئاللا-توۋا كۆتۈرۈپ قاچقىلى تۇرۇپتۇ. چۆچۈپ ئېسىگە كەلگەن ۋاڭ بېگىم گاڭگىرىغان ھالدا، ئاغزى يوغان ئېچىلغان پېتى، بىرھازا تۇرۇپ كېتىپتۇ. ئاندىن غەزەپ بىلەن ۋارقىراپ، موللازەيدىننى جازاغا بۇيرۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن موللازەيدىن دەررىنى تويغىچە يەپ، ئۈچ كۈن زىنداندا يېتىپ، قايتىپ چىقىپتۇ.
ــ ماۋۇ گەپنى كۆرۈڭ؟
ــ بۇ قانداق گەپ بولۇپ كەتتى ئەمدى؟
ــ زادى قايسىسى راس بۇ گەپلەرنىڭ؟
ــ ھەي تاڭەي، بۇنى بەلكىم موللازەيدىننىڭ ئۆزىمۇ بىلمەسلىكى مۇمكىن.
ــ ئەمىسە كىم بىلىدۇ؟
ــ بۇنى... بۇنى... خەلق بىلىدۇ.
ــ خەلق؟
ــ شۇنداق، خەلق !
ــ خەلق دېگىنىڭ كىم ئەمدى؟
ــ خەلق دېگەن... ئەنە كېلىۋاتىدۇ.
    ھەممەيلەن تەڭلا ئىشىك تەرەپكە قارىدى. يولدىن توپ-توپ كىشىلەر ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. ئولتۇرغانلار ئورنىدىن تۇرۇپ، مەسلىھەتلىشىۋالغاندەك تەڭلا ئىشىك تەرەپكە سىلجىدى.
ــ جامائەت پېشىندىن يانغان ئوخشايدۇ.
ــ ھوي، قاراڭلا ئاۋۇ كىشىلەرنىڭ مۈرىسىدىكى تاۋۇتنى كۆرمەيۋاتامسىلە؟
ــ بىر ئەمەس، ئىككىكەن تېخى.
ــ ۋاي خۇدايىم، بۇ نېمە ئىش ئەمدى؟
ــ نېمە كەلگۈلۈكتۇ بۇ ؟
   يوللار ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان. جامائەتنىڭ ئالدى تەرەپ، ئوتتۇرىدا بېشىغا ئاق سەللە ئوراپ، بېلىنى ئاق لاتا بىلەن باغلىغان كىشىلەر ئالدى-كەينى قىلىپ ئىككى  تاۋۇتنى كۆتۈرۈپ كېتىۋاتاتتى. تاۋۇت كۆتۈرگۈچىلەرنىڭ باشلىرى ساڭگىلىغان، چىرايلىرىدا مۇسىبەت، قوشۇمىلىرى تۈرۈك، كۆزلىرىدە ياشلار ئەگىيتتى.
     ئاشپۇزۇلدىكى كىشىلەر ھاڭۋاققان ھالدا تۇرۇپ قېلىشتى. ئاڭغىچە تاۋۇتنى كۆتۈرگەنلەر ئاشپۇزۇلنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كەتتى. ئۇلارنىڭ كەينىدە يەنە بىر-ئىككى يۈز مېتىرغىچە تىخما-تىخما ئادەملەر يوللارغا پېتىشماي كېلىۋاتاتتى. بۇ ھالنى كۆرۈپ، ئاشپۇزۇلدىكىلەرمۇ ئاستىلا چىقىپ، جامائەتنىڭ ئارىسىغا قوشۇلدى...
     ئىككى ئاش پىشىمدىن كېيىن، ئاشپۇزۇل يەنە قايناپ كەتتى. ئەمما بۇ يەرگە كەلگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى تاماق يېگىلى ئەمەس، پاراڭ تىڭشىغىلى، پاراڭ سوقۇشقىلى، ئىچ پۇشۇغىنى چىقارغىلى كەلگەندەك قىلاتتى. ئەلۋەتتە پاراڭلارنى، پاراڭچىلارنى ۋە پاراڭلارنى ئاڭلىغۇچىلارنى تىڭتىڭلىغىلى كەلگەنلەرمۇ يوق ئەمەس ئىدى. گەپنىڭ تېمىسى ئايلىنىپ-ئايلىنىپ يەنە شۇ بۈگۈنكى مۈسىبەتكە بېرىپ تاقىلاتتى.
ــ  ئۇنى بەك پەزىلەتلىك قىزكەن دەپ ئاڭلىۋېدىم... ھەجەپ بىر ئىش قىپتا.
ــ شۇنى دەيمە.
ــ ھەي بىچارە...
ــ نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇ بىر ئاجىزە ئەمەسمۇ.
ــ شۇنداقتىمۇ، قانداق بولۇپ ۋاڭنى قەسلەش خىيالىغا كەپ قالغاندۇ دەيمە؟
ــ شەرم-ھايالىق قىزلارغا نىسبەتەن غۇرۇرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى، ئۆلۈمدىنمۇ يامان.
ــ ھەق گەپ...
ــ ئۇنىڭ ۋاڭنى قەسلىگەنلىكىنى كىم كۆرۈپتۇ؟
  كىشىلەر ئۈنسىز ھالدا بىر-بىرىگە قاراشتى.
ــ كىم بىلىپتۇ. بۇ خەۋەر يەنىلا شۇ ئېگىز سېپىللىق ئېگىز ئوردىدىن تارالغان تۇرسا.
ــ ئەسلىدە قىزنىڭ ئوردىغا دېدەك بۇلۇشقا مەيلى يوق، پەقەت شۇ ئاتىسىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈنلا شۇنىڭغا مەجبۇر بولغان گەپ.
ــ شۇڭا ئوردىغا كىرگىچىلا شۇ پىلاننى تۈزۈپ كىردىمۇ تېخى؟
ــ  زەھەرنىمۇ ئۆزى ئىچىۋالدىمۇ ياكى باشقىلار مەجبورى ئۆچۈرۋەتتىمۇ كىم بېلىدۇ؟
ــ ۋاڭغا ئۆچۈرۈش ئۈچۈن تەييارلاپتىكەن، پىلانى پاش بوپ قېلىپ، ئۆزى ئىچىۋەپتۇ، دەيدۇ.
ــ گەپ شۇنداق كېلىدۇ...
ــ ...................
ــ ئاتىسىمۇ مەپىدە ئولتۇرۇپ ساپساقلا كېتىۋاتاتتى.
ــ ئەمدى « ئەزرائىل » كەلسە، جان بېرىش دېگەن بىردەمچىلىك ئىشقۇ.
ــ مۇشۇ كۈندە ئەزرائىلمۇ ئوردىغا كەلمەي، خەلقنىڭ ئارىسىغىلا كېلىدىغان بۇكەتتى دېسە؟
ــ ئەزرائىلمۇ ئاجىزلارغا ئامراق.
ــ بۇ قانداق گەپ ئەمدى؟
ــ پانىي دۇنيا ئەسلىدىلا بىر رىيازەت ئالىمى. ئاجىزلار بەك ئوزۇن ياشاپ كەتسە، زۇلۇمنى كۆپ تارتىپ كەتمىسۇن دەپ بالدۇرراق ئەكىتىدىغان گەپكەن.
ــ ئەمدى، بۇ دېگىنىڭلامۇ ھەق. ئەمما ھازىرقى ئەزرائىللار ئادەم سىياقىدا كىلىدىكەن ئەمەسمۇ؟
  كىشىلەر ئۈنسىز ھالدا بىر-بىرىگە قاراشتى. ئەتراپتىن ھەسرەتلىك تىنغان ئاۋاز ئاڭلىناتتى... تۇيۇقسىز بىرەيلەن ۋارقىراپ ئېغىر سۈكۈتنى بۇزىۋەتتى.
ــ ھوي، ھوي قاراڭلا ! موللازەيدىننىڭ مېنىۋالغىنى نېمە ئەمدى؟!
    ھەممەيلەن بويۇنلىرىنى سوزۇشتى. ئاشپۇزۇلنىڭ تۆر تەرىپىدىكىلەر دۈررىدە ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، ئىشىك تەرەپكە سىلجىدى. راستىنلا موللازەيدىن كېلىۋاتاتتى. ئۇ ئۇچىسىغا ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى ئاددى-ساددا كىيىمىنى كىيىۋالغان بولۇپ، ئاستىغا ئات دېسە، ئاتقىمۇ ئوخشىمايدىغان، ئېشەكمىكىن دېسە، ئېشەكمۇ ئەمەس بىر ھايۋاننى مېنىۋالغان ئىدى.
  ــ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، موللازەيدىن!
  ــ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،- موللازەيدى ئىلگىركىدەكلا روھلۇق، كەيپىياتى كۆتۈرەڭگۈ ئىدى. كۆزلىرىدىن ئوت چاقنايتتى.
  ــ يول قاياققا؟
  ــ ئوردىغا.
  ــ يەنە شۇ مۇھىم ۋەزىپە؟
ــ نەق تاپتىڭلا.
ــ خاننىڭ نەسلىدىن بولغان...
   قارىشىپ تۇرغان كىشىلەر پاراققىدە كۈلۈۋېتىشتى.
ــ مېنىۋالغىنىڭلا نېمە ئۇ ئەمدى؟
ــ خېچىر.
ــ خېچىر؟
ــ بۇ خېچىرمۇ خاننىڭ نەسلىدىنمۇ قانداق؟
ــ ئەلۋەتتىدە، پېقىر موللازەيدىنگە ئۇنداق پەس نەسىللىك نەرسىلەرنى مېنىش ياراشمايدۇ.
   ئەتراپتىن يەنە گۈررىدە كۈلكە ياڭرىدى. شۇ پۇرسەتتە موللازەيدىن خېچىرنى بىقىنداپ يولىغا راۋان بولدى.
ــ بۇنى نەدىن تاپقاندۇ ئەمدى؟
ــ سىلى ئاڭلىماپسىلىدە؟ بۇنىڭ ئۆزىمۇ بىر قىزىقارلىق لەتىپە.
ــ ھە، ھە...
ــ ۋاڭ موللازەيدىننى جازالاپ زىندانغا تاشلىغاندىن كېيىن، ئۇنى بىر شەرت بىلەن قۇيىۋىتىپتىكەن .
ــ قانداق شەرتكەن ئۇ؟
ــ ئەسلىدە ۋاڭ بېگىم خېلىدىن بېرى موللازەيدىننىڭ ئايالىغا كۆز تاشلاپ يۈرۈپتىكەن. مۇشۇ پۇرسەتتە ئۇ مۇرادىغا يېتىشنى ئويلىغانىكەن.
ــ ماۋۇ پەسكەشلىكنى كۆرۈڭ.
ــ شۇڭا موللازەيدىننى زىنداندىن بۇشىتىشتا شۇنى شەرت قىپتۇ.
ــ موللازەيدىن ماقۇل بۇپتىما؟
ــ ماقۇل بۇپتۇ.
ــ ئۇنداق ئەمەستۇ؟ موللازەيدىن ئۇنداق غۇرۇرى يوق ئەركەكلەردىن ئەمەس جۇمۇ!
ــ ھېي، ھېي،  نېمىگە ئالدىرايسەن، ئۇمۇ بىرنەرسىنى ئويلاپ ماقۇل بولغاندۇ. گەپنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلاپ بىرنەرسە دەيلى.
ــ ھە، ھە.
ــ شۇنىڭ بىلەن موللازەيدىن زىنداندىن چىقىپ، ئۆيىگە قايتىپ تەييارلىق قىپتۇ. ئەتىسى كەچقۇرۇن جامائەت خۇپتەندىن يانغاندا، ۋاڭ بېگىم ئۆزى يالغۇز موللازەيدىننىڭ ئۆيىگە بېرىپتۇ. موللازەيدىن ۋاڭغا ئايرىم بىر ئۆينى مەخسۇس ھازىرلاپ قويۇپتىكەن. ئۇنى شۇ ئۆيگە باشلاپ قۇيۇپ چىقىپ كېتىپتۇ...
  سۆزلىگۈچى جىمىپ كەتتى. ئەتراپ تىمتاس ئىدى.
ــ ھە، ئاندىنچۇ؟
ــ جىمىپ كەتتىڭلاغۇ؟
ــ ھا، ھا، ھا. ..
ــ ۋاي نېمىگە كۈلۈسىلە؟
ــ ئەسلىدە موللازەيدىن ئۇ ئۆيگە بىر تەخەينى ئەكىرىپ قويغانىكەن. ۋاڭنى ئۆيگە باشلاپ قويۇپ، چىقىپ كەتكىچە ۋاڭغا تۇيدۇرمايلا ئىشىكنى سىرتىدىن قۇلۇپلاپ قۇيۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ۋاڭ بېگىم گۆردەك قاراڭغۇ ئۆيدە تەخەي بىلەن بىر كېچە ھەپىلىشىپ چىقىپتۇ. ئەتىسى موللازەيدىن ئىشىكنى ئېچىپ قارىسا، ۋاڭ بېگىمنىڭ پىشانىسى تۇخۇمدەك ھۇررەك، كىيىم-كېچىكى ۋەيرانە بۇلۇپ، خۇددى گۆردىن چىققان ئەرۋاھقىلا ئوخشاپ قالغانىكەن. ئۆيدىن چىقىپ، نۇمۇس ھەم ئاچچىقتىن دىر-دىر تىترەپ، موللازەيدىنگە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي كېتىپ قاپتۇ. شۇ ئىشتىن كېيىن ۋاڭ بېگىم موللازەيدىننىڭ ئېشەك مېنىشىنى چەكلەپ، خېچىرنى مېنىشكە بۇيرۇپتۇ.
   كىشىلەر ھېكايىنى ئاڭلاپ ئېچىلىپ-يىيىلىپ، قانغىچە كۈلىۋالدى. ئاندىن پەخىرلىنىش ھەم غۇرۇر ئىلكىدە موللازەيدىن كەتكەن تەرەپكە قارىدى.
   موللازەيدىن كۆز يەتكۈسىز يىراقتا ئالۋۇندەك پىلدىرلاپ، ھەيۋەتلىك ئوردىغا كىرىپ كېتىۋاتاتتى.




           تېلېفۇن : 18040867114

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-15 00:27:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
موللا زەيدىن  ھەققىدە خېلى كۆپ مەزمۇندىكى ھېكايەتلەر يېزىلدى. ئەينى ۋاقىتتا ئىشلەنگەن كىنوسىمۇ شۇنداق زىل-زىلە قوزغىغان ئىدى.
بىزنىڭ ھاياتىمىزدا،ئەل ئىچى بايانلىرىدىمۇ موللا زەيدىن بولسا نەسىردىن ئەپەندىدىن قالسا تەسىرى ئەڭ چۇڭقۇر خەلقنىڭ دىلكىشى ھېسابلىنىدۇ.
موللا زەيدىن بىلەن مايسەمنىڭ مۇھەببتىنى قايتدىن فېلىم قىلىپ ئىشلىسىمۇ تەسىر قىلغۇدەك چىقاتتى ئادەمگە...

ۋاقتى: 2016-3-15 11:18:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزغۇچ تەنلىك، كۆرەڭ قاشقىلىق ئات مەغرۇر قەدەم ئالاتتى.
مۇشۇ جۈملىنى مەن كۆرەڭ قاشقىلىق چىلانتۇرۇق مەغرۇر قەدەم ئالاتتى دەپ ئالساق راۋان بولامدىكىن دەپ ئويلىدىم.


يەنە: ئۇ ئەسلى مال بازىرىدا كىشىلەرنىڭ سودىسىنى كېلىشتۈرۈپ قۇيۇپ، ئوتتۇردىن نان تېپىپ يەيدىغان بىر ھايانكەش                ئىدى.
ئۇ ئەسلى مال بازىرىدا بېدىكلىك قىلاتتى.

تۈرك ئىتى --- تۈرك ئېتى

يەنە: ئالاماننىڭ ئاغزىدا « خان نەسلىدىن»  دېگەن سۆز ھەممە نەرسىگە قوشۇپ ئېيتىلىدىغان قارا يۇمۇرغا ئايلاندى.
تارىخى نوقتىئىنەزەر بىلەن قارىغاندا، بۇ جۈملىدىكى قارا يۇمۇر دېگەن ئېيتىلما تازا جايىغا چۈشمىگەندەك. چۈنكى بۇ يېقىندا پەيدا بولغان سۆز بىرىكمىسى.

ئاستىغا ئات دېسە ئاتقا ئوخشىمايدىغان، ئىشەكمىكىن دېسە، ئىشەكمۇ ئەمەس بىر ھايۋاننى مىنىۋالغان ئىدى---خېچىر؟!
ئەجىبا، شۇ زاماندىكى ئاۋام پۇخرانىڭ خېچىردىن ئىبارەت بۇ ھايۋاننى بىلمەسلىكى مۇمكىنمۇ؟ بىلىدىغانلىقى كېيىنكى دېئالوگلاردىنمۇ ئايان بولۇپ تۇرمامدۇ؟

خۇلاسە كالام، ھېكايە ئايرىم نوقسانلارنى ھېساپقا ئالمىغاندا (ئەلۋەتتە ئىملا خاتالىقىمۇ خېلىلا بار) ياخشى يېزىلغان. مەن خاقان ئەپەندىنىڭ بۇ ئەسىرىگە قايتا بىر قېتىم قاراپ چىقىشىنى ۋە مۇكاپاتقا ئېرىشىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.




 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-16 19:45:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرتېكىن ئەپەندىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن بىر قىسىم جايلارنى تۈزىتىۋالدىم.
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەرتېكىن ئەپەندىگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-16 19:56:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئەمدى :
  ئاستىغا ئات دېسە ئاتقا ئوخشىمايدىغان، ئىشەكمىكىن دېسە، ئىشەكمۇ ئەمەس بىر ھايۋاننى مىنىۋالغان ئىدى---خېچىر؟
  دېگەن مەزمۇنغا كەلسەك، ئۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ خېچىرنى بىلىدىغانلىقى ئېنىق. ئەسلىدە ئۇ كىشىلەر ھەيران بولۇپ سوراۋاتقان مەسىلە: ئۇلار خېچىرنى سوراۋاتقاندەك قىلغان بىلەن، ئەمەلىيەتتە گەپنىڭ ئورانىدىن ئەزەلدىن ئېشەكنىڭ ئورنىدا خېچىر مېنىپ باقمىغان موللازەيدىننىڭ نېمە ئۈچۈن خېچىر مېنىۋالغانلىقىنى سورىغان. بۇ خۇددى ئائىلىدە بىرى يېڭى ئالغان كىيىمىنى كىيىپ ئالدىمىزغا چىقسا، « ۋوي، كىم بۇ ئەمدى ؟ » دەپ سورىغاندەك بىر گەپ.

ۋاقتى: 2016-3-22 10:05:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزدىنىش روھىغا باي ئىنىمىز ئەركىن مۇھەممەتنىڭ بۇ ھېكايىسىدىن ناھايىتى سۆيۈندۈم.
ئۇلار خېچىرنى سوراۋاتقاندەك قىلغان بىلەن، ئەمەلىيەتتە گەپنىڭ ئورانىدىن ئەزەلدىن ئېشەكنىڭ ئورنىدا خېچىر مېنىپ باقمىغان موللازەيدىننىڭ نېمە ئۈچۈن خېچىر مېنىۋالغانلىقىنى سورىغان. بۇ خۇددى ئائىلىدە بىرى يېڭى ئالغان كىيىمىنى كىيىپ ئالدىمىزغا چىقسا، « ۋوي، كىم بۇ ئەمدى ؟ » دەپ سورىغاندەك بىر گەپ.بۇ يەردىكى مەسىلە،ھەرقايسى يۇرتلارنىڭ بىرقىسىم ئادەتلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىدىن بولىۋاتقان بولۇشى مۈمكىن.شۇڭا چۈشەنچە بەرگەندە، تۇرپان-لۈكچۈن تەرەپلەردە ....دەپ چۈشەنچە بەرسىمۇ بولاتتىكەن، دەپ ئويلاپ قالدىم ئۆزەمچە.گېپىم خاتا كەتكەن بولسا ئۆزرىلىكمەن.

باھا سۆز

ئەجرىڭىزدىن سۆيۈندۈم  ۋاقتى: 2016-3-22 10:06 AM
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-25 10:58:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قورۇلچى ئاكامنىڭ ئىلھاملاندۇرغىنىغا كۆپ رەھمەت.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش