يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 380|ئىنكاس: 7

كۈلپىتى: سەگۈ تېرەك يىقىلدى(ئىزگۈگە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
«ئىزگۈ تور ئەدەبىياتى مۇكاپاتى»غا تەۋسىيە:

سەگۈ تېرەك يىقىلدى

تۇرسۇن قۇربان كۈلپىتى

غېرىب ئىشىك

غىچىرلاپ ئېچىلدى، يەنە يېپىلدى،
مۇڭ باسقان كۆڭلۈمنىڭ غېرىب ئىشىكى.
ئۇپۇققا كەتكەنچە قايتىپ كەلمىگەن
ئىزىڭغا ئايلاندى گۇگۇم ئېتىكى.

سەن تامان بوي ئەگدى، توزىدى گۈللەر،
باھاردىن نەچچىسى قىشقا ئالماشتى.
بۇلبۇلنىڭ يېشىدا توشتى كۆپ كۆللەر،
ئارزۇ ئۇ... ئارزۇغا ئاستا يانداشتى.

غىچىرلاپ ئېچىلدى، يەنە يېپىلىدى...
سەن ئەمەس كىرگىنى بىراق ئىشىكتىن.
جېنىمغا ئوت يېقىپ كۈتتۈم بوسۇقتا
توڭلايدۇ كەلسە دەپ، كەلمىدىڭ لېكىن...

2016 ـ يىل 17 ـ يانۋار كەچ، ئۈرۈمچى


يېزىۋاتقان شېئىرلىرىمدا...


نېمە قىلسۇن
يېزىۋاتقان شېئىرلىرىمدا
قارلىق كېچىلەرنىڭ نۇر چېچىپ تۇرغان گۈزەللىكى،
دەريالارنىڭ دېڭىزغا قوشۇلۇشى
ۋە
ئاشىقلارنىڭ مۇسىبەتسىز يۈرگەنلىكى؟

نېمە قىلسۇن
تىزلىنىشى تاغلارنىڭ ئاسمانلارغا،
كۈندۈزلەرنىڭ يۇشۇرۇن كۈلۈۋاتقانلىقى،
جاھان ئەركىسى ــ ئەركەك شامالنىڭ
ئىپپەتسىز گۈللەرنىڭ چېچىنى تاراۋاتقانلىقى؟

نېمە قىلسۇن
شاللاق مۇزىكىنىڭ جىنسى ھاياجىنى،
تۈۋرۈكلەرنىڭ بۇلاقلارغا تىكلىنىشى
ھەم
بۆرىلەرنىڭ بېلىقلارغا تاشلانغانلىقى؟...

تاڭ سەھەردە قاناۋاتقان بۇلبۇل،
ئاينى قوغداۋاتقان يۇلتۇز،
كۆڭۈلگە پاناھكار تام،
ئىشىق شارابىغا لىق تولغان جام،
تۇرمۇشقا تەم بېرىۋاتقان تۇز،
ھايات ئۈچۈن چېپىۋاتقان دۇلدۇل،
مېنىڭ شېئىرلىرىمدا كۈيلىنىۋاتقىنى...

2016 ـ يىل 19 ـ يانۋار كەچ، ئۈرۈمچى.


ناخشىدۇرسەن مەن ئېيتالماس بىر ئۆمۈر

ناخشىدۇرسەن مەن ئېيتالماس بىر ئۆمۈر،
پىچىرلاپ ئۆتەرمەن ئىسمىڭنى غەمكىن.
ئىشقىڭنى ئۇلغايتار ئۆتمۈش شامىلى،
ئارىدا قاتمۇ قات توساقلار لېكىن.

نە ئىمكان يۇلتۇزنى تۇتۇشقا يوللۇق،
يۈرمىسەك ئەمدى بىز دەريا بويىدا.
سۆگەتلەر باش سېلىپ تەۋرىنەر مىسكىن،
جۈپ ياپراق سۆيۈشەر ئىدى ئويىدا.

شۇ قەدەر مۇڭلۇقتۇر سەھەر قۇشلىرى،
سايرايتتى سەن باردا تولىمۇ خەندان،
قېپقالدى ھەممىسى چۈشتەك يىراقتا...
باغرىمغا لەپىلدەپ تۆكۈلەر خازان.

2016 ـ يىل 25 ـ يانۋار سەھەر، ئۈرۈمچى.


مەندۇر شۇ...

يۈرەكنى قانىتىپ قانمىدىم تېخى،
داۋاملىق ئىچكىرلەپ بارماقتا كېچە.
نامىڭغا ئاتالغان قەسىدىلەرنى
توقۇپلا ئۆتۈشۈم مۇمكىن ئۆلگۈچە...

ياستۇققا باش قويساڭ، قاراپ تۇرسا ئاي،
خۇش كۈلۈپ ئىگىلسە قۇياش سەھەردە،
ئۇسسۇساڭ ئالدىڭدا پەيدا بولسا چاي...
ئۇ مەندۇر... قالمىغىن گۈزەل ھەيرەتتە.

مەن ئاشۇ چېچىڭدىن سىرغىپ چۈشكەن قار،
ھەسرىتى ئاسمانغا بوي تارتقان دەرەخ.
مەن ئاشۇ قەلبىنى قىلماستىن ئىزھار،
ئۆمرىنى ئۈن – تىنسىز توزۇتقان ئەبلەخ.

مۇھەببەت پۇرقىراپ قاينىغان بۇلاق،
جاڭگالغا ئايلىنىپ بولغان يۇشۇرۇن.
قەلبىمىز يېقىندۇر... ئارىمىز يىراق...
ئارىمىز يېقىندۇر... قەلبىمىز يىراق...
ئىشەنگىن... ئىشەنمە... بۇ شۇنداق ئويۇن...

2016 – يىل 26 – يانۋار، ئۈرۈمچى.


سەگۈ تېرەك يىقىلدى

(ئاسىيا بوكس چېمپيونى ئابدۇرەھمان ئابلىكىمنى ئەسلەپ)

37 ياش...
ئوتتۇز يەتتىنچى ياش...
كۆك كۆزلۈك بۆرىنىڭ يىقىلغان يېشى.
تاغلار تاغلارغا ئاتقىنىدا مۇشت
چاچراپ چىققان خانتەڭرى تېشى.
پەلەككە بوي سوزغان مەغرۇر شەمشادنىڭ
تەكلىماكانغا ئاستا باش قويغان چېغى...

مەن ئاتنى كۆرگەن، ئەمما مىنىپ باقمىغان،
باتۇرنىڭ مىنگىنى قانداق ئاتلاردۇر؟
سامادىن سۈپۈرگەن تالاي يۇلتۇزنى
قوللاردا ئاققىنى قانداق قانلاردۇر؟
زېمىننى تىترىتىپ، ئەلنى كۆتۈرگەن،
قوۋمىغا سەلتەنەت تاجى كىيدۈرگەن،
مېھرىنى قۇياشتەك ھەر جايغا چېچىپ
تۇپراققا پاتقىنى قانداق جانلاردۇر؟

«كەتتى!» دېدى... «كېتىپتۇ!» دېدۇق...
كەتكىنىگە ئىشىنەلمىدۇق.
ماشىنا بۇغۇلۇپ ماڭدى گۈلسايغا،
تارىمنىڭ سۈيىدەك يوللارغا تولدۇق.
«گۈلدەك چېغى ئىدى...
پەزىلەتلىك بىر زات ئىدى...
قەلەمدە، ئەلەمدە يىتىشكەن يىگىت...
دەۋرىمىزنىڭ ئاجايىب بىر قەھرىمانى...
ئۇيغۇرلارنىڭ رىۋايەتلىك پەھلىۋانى...»
ئۈزۈلمىدى ئەسلىمىلەر...
بوغدادەك سۈكۈتتە يەرلىككە قويدۇق...

كىچىكىمدە چۆچەكلەرنى تولا ئوقۇيتتىم،
باتۇرلارغا ھەۋەس قىلاتتىم،
ئۇلار ھەققىدە خىيال سۈرەتتىم،
ئۇلار بىلەن بىرگە يۈرەتتىم،
مەنمۇ باتۇر بولىمەن دەيتتىم...
ژۇرنال مۇقاۋىسىدا ئۇنىڭ سۈرىتىنى كۆرگەندە
ئېغىزىمنى ئېچىپ تۇرۇپلا قالغانىدىم،
«ئەزىمەت دېگەن مۇنداق بولىدىكەن – دە» دېگەنىدىم،
خالتىغا قۇم قاچىلاپ باغقا يۈگۈرگەنىدىم،
كۆپ يىللار ئۆتتى... ئۇنىڭدەك بولالمىدىم...
كۆتۈرۈلمىدى ئاشۇ چىراي ئەمما ئېسىمدىن.
كېيىن ئۇ ژۇرنالغا ئىككىنچى قېتىم چىقتى،
ھەممە ئۇنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمىدى،
نېمە دېيىشنى بىلەلمىدىم...
ئۇ چاغدا ئۇ ئارىمىزدىن كەتكەنتى لېكىن...

سەگۈ تېرەك يىقىلدى،
باشتا چاقماق چېقىلدى.
ئابدۇرەھمان پەھلىۋان
ئوتتۇز يەتتە يېشىدا،
تۇپراقلارغا قېتىلدى.
ياقا يىرتتى چوڭ – كىچىك،
ياش يامغۇردەك چېچىلدى.
ئابدۇرەھمان پەھلىۋان
تۇپراقلارغا قېتىلدى،
سەگۈ تېرەك يىقىلدى...

2016 – يىل 27 – يانۋار سۈبھى، ئۈرۈمچى.

بىلمىدىم

(سونېت)

نەقەدەر سېغىندىم بىلەمسەن سېنى،
تۇمانلىق ئاسمىنىم سەن بىلەن تولغان.
«سۆيىمەن» دېگەن شۇ بىر ئېغىز سۆزنى
يېرىلغان لەۋلىرىم پىچىرلار ئاران.

ئەتراپقا قارايمەن، يوق سەن يېنىمدا،
ئۆتمۈشتىن قالغىنى پەقەت ئەسلىمە.
توپىلار توزۇشقان ۋەيران جېنىمدا
يوقتۇر بىر كۈتۈشتىن باشقا ھېچنېمە.
پايانداز سالاي مەن كەلسەڭ قېنىمدا
ۋەلېكىن يالغاندىن «ئۇنۇتتۇم» دېمە!

سەن تامان غۇرقىراپ ئۇچماقتا شامال،
ساڭا ئۇ ھالىمدىن خەۋەر بېرەرمۇ؟
ھېلىقى جايدىمەن ئەي ساھىبجامال،
بىلمىدىم قەدىمىڭ بۇندا يېتەرمۇ؟

2016 – يىل 29 – يانۋار سەھەر، ئۈرۈمچى.


ئۇزۇتۇش

نە ئىمكان «سېغىندىم سېنى» دېيىشكە،
نە ئىمكان كۈلكەڭنى ئاڭلاشقا ئەمدى.
نە ئىمكان چېچىڭنى پۇراپ ئۆتۈشكە،
جۇدالىق دەملىرى باستۇرۇپ كەلدى...

كۆزۈڭگە قادىلىپ يەنە بىر قېتىم،
مۇمكىنمۇ خىيالدەك پورەكلەپ كېتىش.
قاراڭنى كۆرسەممۇ يايرايتتى جېنىم،
ئەي قۇياش جاۋاب بەر: بۇ قانداق پېتىش!؟

سەن كەتتىڭ، باغرىمدا خەنجىرىڭ قالدى،
مەن تېخى دېيىشكە ئۈلگۈرمىگەنغۇ!
ئىچىمدە بىقوۋۇل بىر كىم نەي چالدى،
تۈنۈگۈن قانغۇدەك كۈلدۈرمىگەنمۇ!؟

مەن قانداق يۈزلىنەي يازدىن بۇ قىشقا،
قەلبىمنىڭ تاملىرى تامام ئۆرۈلدى.
كىشەنلەر سېلىندى خەيرلىك ئىشقا
پەلەكنىڭ چاقىمۇ تەتۈر چۆرۈلدى.

ئىزىڭدا توزىدى گۈللەرنىڭ بەرگى،
ئۈن – تىنسىز خۇشلاشتى چۆلدىكى يۇلغۇن.
بۇلۇتلار ھەسرەتتىن بىشارەت بەردى،
ئۇزاتتىم ئارقاڭدىن چىرايىم سۇلغۇن...

2016 – يىل 30 – يانۋار كەچ، ئۈرۈمچى.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-14 23:21:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  سەگۈ تېرەك يىقىلدى
   بۇ مىسرا خەلق داستانى «ئابدۇراخمان خان غوجا»داستانىدىكى بىر مىسرا بولۇپ، ئابدۇراخمان خان غوجا باسقۇنچىلار تەرىپىدىن قەتىل قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئانىسى ھازا ئېچىپ؛
   « ئۈنچە-مارجان چېچىلدى،
   تىرىپ بۇلالماي كەچ قالدۇق
   بالام   بالام    بالام...
   سەگۈ تېرەك يىقىلدى
   يۆلىۋالالماي كەچ قالدۇق
   بالام   بالام  بالام.....»
  دەپ قان-ياش تۆكىدۇ. بۇ مىسرا يەنە شۇ دەۋردىن نەچچە ئون يىللار كېيىن ئىجاد قىلىنغان خەلق داستانى «ئەبەيدۇللاخان» داستانىدىمۇ كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ۋىجدانلىق يىگىت ئەبەيدۇللاخان تۇڭگان ماخوسەن تەرىپىدىن قەتىل قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئانىسى خوتەن شەھرىنىڭ گۈلباغ دېگەن يېرىدىكى دەڭدە ھازا ئېچىپ دەل مۇشۇ قوشاقنى ھازا قوشىقى قىلىپ ئېيتىدۇ. كۈلپىتى ئىنىمىزنىڭ مەرھۇم ئوغلان ئابدۇراخماننى خاتىرلەپ يازغان بۇ شېئىرىغا بۇ مىسرانىڭ ماۋزۇ قىلىنغانلىقى نەقەدەر چوڭقۇر مەنا ئەھمىيتىگە ئىگە بولغان-ھە؟!

ۋاقتى: 2016-3-14 21:30:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇم كۆزيۇمدى،
بۇزۇلدى ھاۋا.
قىززىدى يەنە،
ئۆي ئۆيدەھازا.

--فونتان

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-15 09:07:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bagyar يوللىغان ۋاقتى  2016-3-14 11:21 PM
سەگۈ تېرەك يىقىلدى
   بۇ مىسرا خەلق داستانى «ئابدۇراخم ...

كىچىكىمدە دادامنىڭ ئېغىزىدىن بۇ قوشاقنى ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك رىۋايەت تۈسىنى ئېلىپ كەتكەن ھېكايەتنى ئاڭلىغان ئىدىم، ھەتتا يۇرتىمىزدا(چەرچەندە) قىزلار «بەشتاش» ئويۇنى ئوينىغاندا مەزكۇر قوشاقنى ئېيتىپ تۇرۇپ ئوينايتتى، ئۇ كەملەردە بۇ قوشاقنىڭ كىم ئۈچۈن توقىلغىنىنى بىلمەيدىكەنمەن، چوڭ بولغاندىن كېيىن بۇ قوشاقنىڭ ئابدۇراھمان خان خوجىغا ئاتالغان قوشاق ئىكەنلىكىنى بىلدىم. ئەبەيدۇللاخان شەرىپىگىمۇ بۇ قوشاقنىڭ ئېيتىلغىنىدىن راستىنلا خەۋرىم يوقكەن، بۇ ئۇچۇردىن خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا رەھمەت بەگياركا. مەرھۇم ئابدۇرەھمان ئابلىكىم نەزىرىمدە ئاجايىپ پەھلىۋان ھەم دانا يىگىت ئىدى، مەن ئۇنىڭ تۈپەيلى ھەتتا بىر مەزگىل بوكىس ھەرىكىتىگە ئاشىق بولۇپ يۈرگەن. ئابدۇرەھماننىڭ ۋاقىتسىز ۋاپاتىدىن تولىمۇ قايغۇرغان، كۆڭلۈم پاراكەندە بولغان ئىدى، مەنچە ئۇنىڭدەك باتۇردىن يەنە چىقمىقى مۈشكۈل... ئۇ تۈگەپ كېتىپ ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەندە بۇ شېئىر تۇيۇقسىز يېزىلىپ قالدى ۋە ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇم...

ۋاقتى: 2016-3-15 09:12:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bagyar يوللىغان ۋاقتى  2016-3-14 11:21 PM
سەگۈ تېرەك يىقىلدى
   بۇ مىسرا خەلق داستانى «ئابدۇراخم ...

ئۇلۇغ مىسرا دە بۇ. ۋەزنى ئېغىر. مەرھۇم پالۋانغىمۇ يەنە لايىق كېلىدىغان سۈپەت. مۇشۇ يەردە كۈلپىتى بۇ كلاسسىك مىسرانى ئوبدان ئىشلىتىپتۇ.

ۋاقتى: 2016-3-15 10:33:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bagyar يوللىغان ۋاقتى  2016-3-14 11:21 PM
سەگۈ تېرەك يىقىلدى
   بۇ مىسرا خەلق داستانى «ئابدۇراخم ...

بەگيار ئاكام ھەقىقەتەن كۆپ كىتاب كۆرىدىكەن، قايىلمەن. يوقىرىقى ئىنكاستىن كەمىنىگە نەپ تەگدى.
كۈلپىتىنىڭ مۇنۇ بىر بۆلۈك شېئىرلىرىدىنمۇ ھوزۇرلاندىم. بەزى كوبلىتلاردىكى شاقىراتمىدەك تېز ۋە راۋان مىسرالاردىن بەك سۆيۈندۈم. سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن قېرىندىشىم.

ۋاقتى: 2016-3-15 11:10:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بەگيارنىڭ ئۇچۇرىدىن يېڭى بىلىمگە ئىگە بولغاندەك بولدۇم رەھمەت سىزگە!
شېئىرلارمۇ بىر-بىردىن يائىشى چىقىپتۇ،سىزگە مۇۋاپىقىيەت تىلەيمەن!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-20 23:04:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىڭلارغا رەھمەت قېرىنداشلار!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش